يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى باش بەت ئۇچۇرلار بىر كوي ئاز ئەمەس، يۈز كوي جى ...
كۆرۈش: 199|ئىنكاس: 5
go

بىر كوي ئاز ئەمەس، يۈز كوي جىق ئەمەس

Rank: 4

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 
نادىر
يازما
145 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يېققىندا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىدىكى بىر ياخشى نىيەتلىك قېرىندىشىمىزنىڭ ئەلكۈيى تورىغا تېلېفۇن قىلىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ئاق قان راكى كېسەللىكى سەۋەبلىك داۋالىنىۋاتقان بىر سەبىي قىزنىڭ خەۋىرىنى بەردى ھەمدە بۇ قىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە بىزگە قىسقىچە بايانلارنى سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن شىركىتىمىز دەرھال ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ  كېسەللىك ئازابىنى تارتىۋاتقان كىچىك سىڭلىمىز ئايگۈزەل ياسىننى يوقلاپ باردۇق ھەمدە ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى.

ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرىپ «ئاق قان راكى»غا گىرىپتار بولغان سىڭلىمىز ئايگۈزەل ياسىن

ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن، بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق خۇشاللىقىنى كۆرمىگەن كىچىك سىڭلىمىز ئايگۈزەل كېسەللىك ئازابىدا ئىڭراۋاتاتتى.ئۇ ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن بولۇپ ئايگۈزەلگە قارىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلماي قالمايدۇ.ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلەشكە تېگىشلىك بۇ سەبىي سىڭلىمىز ئۆزىگە كەلگەن كېسەللىك ئازابى سەۋەبىدىن ئانا قۇچىقىدا ئەمەس،كېسەل كارۋىتىدا ئوكۇل ۋە داۋالاش قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.ئەپسۇس ئانا قۇچىقىدا ئەللەيلىيەلمىگەن بۇ سىڭلىمىز داۋالاشتىمۇ ئۆزىگە كەلگەن قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ نېمە ئىشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي ئانسىغا قاراپ ياتىدۇ... سۆزلىسەك بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز،كۆز ئالدىڭىزغا ئىككى ياشقا كىرگەن بىر سەبىي قىزنىڭ داۋالاشقا پۇلى يەتمەي قالغان ھالىتىنى كەلتۈرسىڭىز ھەممىنى ھېس قىلالايسىز،سىز بىلەن بىزنىڭمۇ يۈرىكىمىز گۆشقۇ؟ سىز بىلەن بىزنىڭمۇ بالىلىرىمىز ،ئىنى - سىڭىللىرىمىز بارغۇ؟
ئىگىلىنىشچە،ئايگۈزەل ياسىن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى كورلا شەھەر لوپنۇر ناھىيىسى ئاقسۇپا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرە- كىرمەي قىزىنىڭ مىجەزىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىغان ئاتا-ئانىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا تەكشۈرگىلى ئاپارغاندا سەبىي قىزىنىڭ «ئاق قان راكى»غا گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقاپ ئۆزىنىڭ جىمى بىساتىنى ئېلىپ قىزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بىناسى 7-قەۋەت 35-كارۋاتقا ئورۇنلاشقان.دوختۇرلارنىڭ جىددىي دىئاگنوز قويۇشى ۋە ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرىشىچە،ئايگۈزەل ياسىن «ئاق قان راكى»سەۋەبىدىن ئىچكى ئەزالىرى چوڭىيىپ كېتىش،قۇرساققا سۇ چۈشۈش ۋە يىلىكى سۇيۇقلاپ كېتىش قاتارلىق بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەرگىمۇ دۇچار بولغان.


دوختۇرلارنىڭ ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، سىڭلىمىز ئايگۈزەلنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن جىددىي قىزىل ۋە سېرىق قان لازىم بولغاندىن سىرت زور مىقداردا داۋالىنىش چىقىمى كېتىدىكەن.ئەپسۇس بۇ سىڭلىمىزنىڭ داۋالىنىشقا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قۇربى يەتمىگەچكە، نۆۋەتتە پەقەت يۈرەك تەكشۈرۈشتىن باشقا داۋالىنىش توختاپ قالغان،باشقا تۈردىكى داۋالاشلارنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا قەرز ھېسابىدا داۋالانغان بولسىمۇ ئۇمۇ داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.داۋاملىق ئۈزۈلدۈرمەي داۋالىمىسا ئىككى ياشلىق بۇ سىڭلىمىزنىڭ ھاياتى ئېغىر خەۋپ ئىچىدە ئىكەن.دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرىشى ۋە بالىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشى، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەمممىسى بىرلىشىپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياشلارنى ئېلىپ كەلدى.ئۇلۇغ ئاللادىن سىڭلىمىزغا ئامانلىق ۋە ياخشىلىق تىلەش بىلەن بىرگە بۇ ئىشنى  ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق بۇ كىچىك سىڭلىمىزنىڭ كېسەللىك ئازابىدىن بارلىق ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئاتىغىنىنى ئايىماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمىز.

ئايگۈزەل نۆۋەتتە پەقەت مۇشۇ يۈرەك تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن باشقا داۋالىنىشقا پۇلى يەتمەي داۋالاش توختاپ قالغان.

دوختۇرخانىنىڭ ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىغا چىقىرىپ بەرگەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتى






بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى توغرىلىق جىق سۆزلىگىمىز،تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ سىڭلىمىزغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ئارۇيىمىز بولسىمۇ مۇشۇنچىلىك سۆزلىيەلىدۇق،جىق سۆزلىگەنسىرى ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدىكەن،بىز بالىنىڭ ئاتا- ئانىسىغا تەسەللىي ۋە كۈچ - قۇۋۋەت تىلەپ بۇ ئىشلارنى ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق كەڭ جەمىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ بالىنىڭ ياتىقىنىڭ تېلېفۇن نومۇرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك كارتا نۇمۇرىنى يېزىۋېلىپ يېنىپ كەلدۇق.كەڭ تورداشلارنىڭ خەيرى-ساخاۋەتلىك قوللىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە رەھىم شەپقەتلىك رەببىمىزنىڭ كىچىك سىڭلىمىزنىڭ كېسىلىنىڭ تېزراق ساقىيىپ كېتىشىگە ئاسانلىق بىرىشىنى تىلەيمىز!

ئايگۈزەل ياسىن تۇرۇشلۇق ياتاق بىناسى ئادرېسى:
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بىناسى 7-قەۋەت 35-كارۋات
ياتاقنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرى: 8521864-0991
ئايگۈزەل ياسىننىڭ ئانىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسى كارتا نومۇرى:
6228482500140184612



كارتا ئىسمى:阿瓦汗衣不拉音



Rank: 1

توردا
17 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى 
نادىر
يازما
130 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي ئىسىت  

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 4

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 
نادىر
يازما
145 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دوستۇم بىلەن بۇ قىزنى يوقلاپ كەلدۇق.بىز بارغاندا، بۇ كىسەللىرى ئاز كەلگەندەك،  ئالدى پەرىجىسى ياللۇغلىنىپ قاپتىكەن، بىز بارساق شۇنداق ئېچىنىشلىق يىغلاپ كەتتى، تېۋىپ دوستۇمغا تېلفۇن  قىلىپ، مەسلىھەت سوراپ، ئۇنىڭدىن دورا ئەكىلىپ بەردۇق، تېۋىپ دوستىمىز دورىنى ھەقسىز بەردى.  دوستۇم 1000 يۈئەن بەردى. دوستۇم ئۆزىنىڭ نەچچە پۇل بەرگەنلىكىنى دىگىلى ئۇنمىغانتى، رىيا بوپ قالىدۇ دەپ ،ئاخىرى، ئۇنى دەپ بۇنى دەپ سوراپ بىلىۋالدىم.
    بۇ قىز ۋە باشقا بارلىق بىمارلارنىڭ كىسىلىنىڭ شىپالىق تېپىشىغا تىلەكداشمىز.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
411 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1450 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەتتىراپىمىزدا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر يەنىلا كۆپ، ئاللاھ خالىسا بۇ بالىنىمۇ كۆرۈپ كېلىمىز. مەن ھېلىلا رۇفىنەنىڭ دادىسى بىلەن تېلىفۇندا پاراڭلىشىپ بالىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى، چىرايلىرىنىڭ تۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، باش ئاغرىقىنىڭ توختىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدۇم، ئاللاھ بۇ ئوماق بالىلىرىمىزنىڭ كېسىلىنىڭ شىپالىق تېپىپ دوستلىرى قاتارىدا خۇشال ئويناپ كۈلىشىنى، بۇ دۇنيانىڭ نىممەتلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن!

Rank: 3Rank: 3

توردا
80 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
277 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاغزىدىن تېخى  ئانا  سۇتى كەتمىگەن  بۇ  نارىسىدىگە نىمە  كەلگۈلۈك  ئەمدى كۆڭلۈم  بەك  يېرىم  بولدى ، راستىنى  ئېيىتقاندا رۇفىنەگە قارىغاندا  بۇ  قىزغا  ئىچىم  بەك  سېرىلدى ، ئازغىنە  ياردىمىمىزدىن باشقا  ئاللاغا  تىۋىنماقتىن باشقا  ئامالىمىز  يوقكەن ، خۇدايىم  بۇ  ئوماققىمۇ  شىپالىق بىرەر ~

توردا
5 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
24 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى 01:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي ئاللا...بۇ نېمە تارتقۇلۇق، تەغدىر قىسمەت ئالدىدا بەندىلەر راسلام ئاجىزلىق قىلىمىزكەن، ئەسلىدىمۇ ئۇخلىيالماي تورغا چىققان ئىدىم، بۇ ئىچى ئاغرىقىدا تېىخىمۇ ئۇىخىيالمايدىغان بولدۇم، يېقىندىن سالامەتلىكىمدە ئازاراق ئكزگۈرۈش بولۇپ مۇشۇنداق ئىشلارغا تازا يېتىشىپ بولالمىدىم...ئېسەنلىك ئۇكام سىزمۇ ماڭا خەۋەر قىلماپسىز...بەلكىم مېنى ئاسىرىغانسىز.....ئاللا خالىسا مەنمۇ ياردەم قولۇمنى سۇنىمەن!!!!
ئاتا- ئانىلارغا تەۋىسىيە قىلىدىغىنىم، چوقۇم پەرزەنتىڭلارغا سۇغۇرتىنىڭ ئاساسىي بولغان ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسىنى سېتىۋېلىڭلار، خۇدايىم ساقلىسۇن، بالا-قازا پۇت قولىنى ساڭگىللتىپ بىزگە سگنال بېرىپ كەلمەيدۇ، توساتتىم مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىپ قالغاندا مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز، بىزدە پۇل يوق ئەمەس، ئوچۇغراق ئېيتسام ئاڭ كامچىل، مۇشۇ بىچارە بالىغىمۇ 0 ياش ياكى بىر ياش ۋاقتىدىلا 2000 سوملۇق 29 خىل ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغان بولسا، پەقەت ئىككى قېتىمدا 4000 سوم تولىكەن، بولار ئىدى . مانا بۇ قېتىم 100 مىڭ سوملۇق تۆلەمگە ئېرىشەتتى، بۇندىن كېيىن تۆلەشكە تېگىشلىك 18 يىل كەچۈرمە قىلىنىپ توختام ئاخىرلىشاتتى.ھېچ كىم ئەتە بولىدىغان ئىشنى بىلمەيدۇ، كىمنى قانداق قىسمەتلەر ساقلاۋاتىدۇ ئۇنىمۇ بىلمەيمىز، مانا بۇ ھاياتنىڭ سىرى، شۇڭا مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر كەلگۈسىمىز ئۈچۈن مەبلەق سالايلى!!!!ئەگەر بەزى ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈشنى خالىساڭلار، مەن تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ سۆزلەپ بېرىمەن!!!!بۇ ئوماق قىزىمىزغا چوقۇملا ياردەم قىلايلى، مەندە مېھرى مۇھەببەت ئۈچۈن يىغىلغان ئازاراق پۇل بار، بىراق ئۇ پۇلنىڭ ئورنى بار، يەنى 65- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى كىتاپ پۇلى تۆلىيەلمەيۋاتقان سەبىي بالىلارغا ياردەم قىلىشنى بېكىتىپ قويغان. بىراق بۇ ئوماق قىزىمىزغا ئۆز نامىم ىىلەن ياردەم قىلىمەن، كارتا نومېرىنى خاتىرلىۋالدىم.
ئاللا ھەمىمىمىزنى سالامەت قىلسۇن!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawriza تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى 01:47  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى 03:07 , Processed in 0.040391 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.