تەپسىلاتنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ


دەسلەپتە 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى دوۋسى ئاغرىغانلىق سەۋەبى بىلەن دادىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان،دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈچەي تورالغان(سوقۇر ئۈچەي يېرىلغان)دەپ دىئاگنوز قويۇپ ئوپىراتسىيە قىلغان،ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولۇپ رۇفىنە داۋاملىق تۈردە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان.2011-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى قىزىپ قالغانلىق سەۋەبى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان،دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق كانىيىغا سوغۇق تېگىپ قاپتۇ،15كۈن داۋالانسا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ دېگەن ھەمدە 15 كۈن ئادەتتىكى ئۇسۇلدا داۋالاش ئېلىپ بارغان.دادىسى داۋاملىق بىر نەچچە كۈن بالنىسىتتا يېتىپ داۋالىنىشىنىتەلەپ قىلغاندا دوختۇرلار ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ دوختۇرخانىدىن ئايرىلىشقا رۇخسەت قىلغان.
4-ئاينىڭ 2-كۈنى قىز يەنە قىزىپ قالغان دادىسى ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسەتسە ئۆپكە تىبىركىليوز خارەكتىرلىك مېڭە ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويغان،شۇنىڭ بىلەن 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا داۋالانغان،19-چىسلا كەچتىن باشلاپ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا بۇيرۇلغان.شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ دادىسى قىزىنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى(يەنئەن يولىدىكى )غا ئېلىپ كەلگەن.20-چىسلا بۇ دوختۇرخانىدا يۇلۇندىن سويۇقلۇق ئېلىپ تەكشۈرۈلگەن ھەمدە ئۆپكە تىبىركىليوز خارەكتىرلىك مېڭە ياللۇغى كېسەللىكى ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقارغان،ھەمدە شۇ دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلۈمىگە يۆتكىدى.بالىلار بۆلۈمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم يولۇندىن سويۇقلۇق ئېلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۆپكە تىبىركىليوز خارەكتىرلىك مېڭە ياللۇغى كېسەللىكى ئەمەس ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. مۇشۇ تەرىقىدە 5-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قەدەر ئىزچىل ھالدا خېمىيىلىك دورىلار بىلەن داۋالىنىپ كەلگەن نەتىجىدە بالىدا يەنە ئۆزگىرىش بولۇپ جىگەرنىڭ بېسىمى 1600 دىن ئېشىپ كېتىپ جىگەرنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشى كېلىپ چىققان.شۇنىڭ بىلەن بالىنى جىددى
قۇتقۇزۇش ئۆيى (****)بۆلۈمىگە يۆتكەپ چىقىپ جىددى ھالەتتە ئوپىراتسىيە قىلىپ ئۆپكىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ ئېنىق دىئاگنوز
قويالماستىن جىددى خارەكتىرلىك ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويدى. شۇنداق قىلىپ 5-ئاينىڭ 28-كۈنىچە 40كۈندىن ئەتراپىدا
داۋالىغان،28-چىسلا ئەتىگەندە بىر قېتىملىق داۋالاشتا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ،گەپ قىلسا گېىپى چۈشۈپ قالىدىغان ھالەتكە كېلىپ
قالغان. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانا بالىنى شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرسىتىتى تارمىقىدىكى دوختۇرخانىغا جىددى يۆتكەش تەكلىپىنى
بەرگەن.ئاتا ئانىسى قىزىنى داۋالىتىش باشقا بالىلاردەك نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلىشى ئۈچۈن بارلىق مال مۈلۈك،ئالتۇن-جابدۇقلىرىنى
سېتىپ تۈگەتكەن،تەخمىنەن 100مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق داۋالىتىش راسخوتى تۆلەپ قىزىنى داۋالاتقان.زوقلان تورىمىز خىزمەتچى خادىملىرى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قىزنى يوقلاش ھەمدە ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆپچىلىككە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا باردۇق،بىز بارغاندا رۇفىنە ئۇخلاۋاتقان ئىكەن.ئاتا-ئانىسى بىلەن قىزى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەپ قايتىشقا تەمشىلىپ تۇرغاندا رۇفىنە ئويغىنىپ كەتتى ھەمدە،بىئارام بولۇپ ياندۇرۇشقا باشلىدى. دوختۇرخانا خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىش،ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق رۇفىنەنىڭ دەرھال دوختۇرخانا يۆتكەلمىسە قىزنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق.مەسئۇل دوختۇر گەرچە خەنزۇ مىللىتىدىن بولسىمۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ بىزگە يۇقارقى سۆزلەرنى ئېيىتتى ھەمدە رۇفىنەنىڭ ناھايىتىمۇ ئوماق،ياخشى،سۆيۈملۈك بىر قىز ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. كەڭ ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىزنىڭ رۇفىنەگە ئازغىنە بولسىمۇ ياردەم بېرىشىنى ئۈمد قىلىمىز!
رۇفىنەنىڭ دادىسى:ھېبى سەلەي
ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى:13899744799