يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى باش بەت ئۇچۇرلار بۇ مەكتەپمۇ نەزىرىڭىزدە بول ...
كۆرۈش: 214|ئىنكاس: 9
go

بۇ مەكتەپمۇ نەزىرىڭىزدە بولسۇن

Rank: 4

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 
نادىر
يازما
145 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستلار!!
   ئۇنى دەپ بۇنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىمۇ ساناقلىقلا كۈنلەر قالدى. بۇرۇن بىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىمىزدا 7-ئايدا ئېلىنىدىغان ئىمتىھان، ھازىر بەزى سەۋەبلەر يەنى 7-ئايدا ھاۋا بەكمۇ ئىسسىق بۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ھەم ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بەكمۇ ئارقىغا سۈرۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دىگەندەك بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھازىر 6-ئايغا سۈرۈلدى، يەنى دەل بىر ئاي بۇرۇن ئالدىغا سۈرۈلدى،  ئالدى بىلەن بۇ يىلقى  شۇ ئىمتىھان بىرىدىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا كۈڭۈلدىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشگە تىلەكداشمىز.  
     ئەلۋەتتە، ئالىي مەكتەپ بىر ئالىي بىلىم يۇرتى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرىنى ھەتتا جەميەتتىكى كىشىلەرنى ئۆز قوينىغا تارتىدۇ. ئاجايىپ بىر سېھرى كۈچكە، ئۆزىنى ماگنىتتەك تارتىدىغان بۇ جايغا، ھەر قانداق كىشىنىڭ كىرەلىشى ناتايىن، چۈنكى، نۇمۇر سىزىقى، يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قارىتا تاللاش ، ئارزۇ ماس كەلمەسلىك، ئارزۇ بىلەن نۇمۇرى تەتۈر تاناسىپلىق بۇلۇپ قېىلىش، باشقا ساۋاقداشلار بىلەن بىر ئوقۇرنى تالىشىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ،  لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن مەيۈسلىنىپ، ئۈمىدىنى يۈتتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى، ھەممىمىزگە پۇرسەت بار، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، بەلكى، تىرىشقانلارغا مەنسۈپ.
      ھەر قانداق مەكتەپ بىر ياخشى بىلىم ئېلىش سورۇنى بولالايدۇ، پەقەت، سىزدە بىلىمگە بولغان ئىنتىلىش، تىرىشچانلىق، توغرا كۆز قاراش، مەسئۇليەتچانلىق، جەمئىيەت تەرەپتىن  شاللىنىپ كەتمەي دەيدىغان ئىدىيە بولسىلا. مەكتەپ پەقەت سىزگە بىلىم ئېلىش سورۇنى بولالايدۇ، ھەقىقى بىلىمنى يەنىلا ئۆزىڭىز  ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىنى شۇ بىلىم ئشىلىرىغا سەرپ قىلىش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئالىسىز، ھەرگىزمۇ، ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دىگەن ئىش يوق.  
      بېيجىڭ، مەملىكىتىمىزنىڭ  پايتەختى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ،مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى، خەنزۇتىلى ئاساسى بولغان ھەر قانداق كىشى بۇ جايدا تىلدىن قىينالمىغان ئاساستا، ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدۇ، شۇنداقلا، بېيجىڭ نۇرغۇن جەھەتتىن ئارتۇقچىلىققا ئىگە، شىنجاڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدە بولمىغان نۇرغۇن ئەۋزەل شارائىتلارغا ئىگە، شۇڭا، بەزى كەسپلەرنى ياقتۇرغانلار ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن  بېيجىڭدىكى بۇ ئالىي مەكتەپنى تاللاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بىلىم ئارزۇسىنى قاندۇرسىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ، بۇ بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى  بولغاچقا،  ئىشىنىمىزكى نەزەر دائىرىڭىز، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئېچىلىپ، كۆز قاراشلىرىڭىز يېڭىلىنىپ، يېڭىچە روھ ۋە قىياپەت بىلەن كەلگۈسىگە ئاساس سېلىشىڭىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە، سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ۋە تاللىشىڭىز ھەممىدىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.  ئەمدى مەكتەپ ۋە كەسپلەر بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.



1. مەكتەپ ئەھۋالى
بېيجىڭ مىللەتلەر ئونۋىرىستىتى بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن، دۆلەت مائارىپ ئىدارىسى ئەنگە ئالغان، مەدەنىيەت، قانۇن، سانائەت زىچ بىرلەشتۈرگەن، تىل، گۈزەل – سەنئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تولۇق كۇرىس، مەخسۇس كۇرىس ئاساس قىلىنغان پۈتۈن كۈنلۈك ئۇنۋېرسال خاراكتېرىدىكى خۇسۇسىي ئىگلىكتىكى ئونۋىرىستىت. مەكتەپ 1984 – يىلى دۆلەتنىڭ تەستىقى بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش دىپلومى بېرىش سىناق نۇقتىسى قىلىنغان، كومپىيۇتېر، ئۈنچە – مەرۋايىت، تېلىۋىزىيە – فىلىم، ساياھەتچىلىك، ئىقتىساد، باشقۇرۇش، قانۇن، چەتئەل تىلى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، تىل – ئەدەبىيات، شەرەپ مائارىپى، ھاياتلىق پەن – تېخنىكىسى، ماشىنا قۇرۇلۇش، ئاۋىئاتسىيە، دېڭىز ئىشلىرى، ھەربىيلەر سەنئىتى، خەلقئارا كەسپى تەربىيلەش قاتارلىق 21 ئىنىستىتۇت، 110 دىن ئارتۇق كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىگىلىگەن يېرى 420 مو بولۇپ، 5000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار. مەكتەپ قۇرۇلغان 27 يىلدىن بۇيان «ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ، ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇش» نى باشتىن – ئاخىر ئۆز نىشانى قىلىپ، «پۇختا ئاساس، كەڭ ئىقتىدار، مۇھىم ئەخلاقىي تەربىيە، كۈچلۈك ساپا» بولۇشنى ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش مىزانى قىلغان ۋە جەمئىيەتكە ئۈچ تۈمەندىن ئارتۇق ئىقتىساس ئىگىسىنى تەربىيلەپ قوشقان. ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ جۇڭگو چوڭلار مائارىپ بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «خەلق ئىگىلىكىدىكى ئىلغار ئورۇن»، «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئىشەنچىلىك ئورۇن» دەپ باھالانغان. 2004 – يىلى جۇڭگو مائارىپ تېلۋىزىيە ئىستانىسى تەرىپىدىن «بېيجىڭ خەلقنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن خەلق ئىگىلىكىدىكى ئونۋىرىستىت» دەپ باھالانغان. شۇ يىلى يەنە جۇڭگو چوڭلار مائارىپ بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئىشەنچىلىك ئوقۇتۇش ئۈلگىلىك مەكتىپى» دەپ باھالانغان. 2005 – يىلى مەركىزىي مائارىپ ئوقۇتۇش بۆلۈمى تەرىپىدىن «خەلق رازىلىقىغا ئېرىشكەن خەلق ئىگىلىكىدىكى ئونۋىرستىت» دەپ باھالانغان. «مائارىپ ئارقىلىق جۇڭگونى ئۆزگەرتىش» ھەركىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەكىلى ئورنى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورگانلار تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى 10 مۇنەۋۋەر خەلق ئىگىلىكىدىكى ئونۋىرسىتت»، «جۇڭگو ئىشەنچىلىك ئوقۇتۇشتىكى ئۈلگىلىك خەلق ئىگىلىگىدىكى ئونۋىرسىتت »،«جۇڭگو ئوقۇتۇش سۇپىتى ئۈلگىلىك خەلق ئىگىلىكىدىكى ئونۋىرىستىت» دەپ باھالانغان.2007-يىلى جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش ،ئىچىش بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «يىللىق نامراتلارنى يۆلەش ،ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مەكتىپى» دەپ باھالىنىپ ،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نورغۇن شان-شەرەپلەرگە ئىرىشكەن.
شۇ مۇناسىۋەتلەر بىلەن مەكتىپىمىز شىنجاڭ رايۇنىدىن تۈۋەندىكى ھەرخىل كەسىپلەر گە ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ.

ئالاقىلىشىش مەسلىھەت سوراش تېلىفۇن نومۇرى :  18709001850
ئالاقىلىشىش QQ نۇمۇرى : 1064021880
   
نازارەت قىلىش تېلىفۇنى :  18601047903

مەكتىپىمىزنىڭ2011-يىللىق ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان كەسىپلىرى :

كومپيۇتېر
كومپيۇتېر قوللىنىش ،كومپيۇتېر تورى ،يۇمشاق دېتال تەجرىبىسى،ئۇچۇر بىخەتەرلىك،كومپيۇتېر ئۇچۇر باشقۇرۇش،ئۇيۇنچۇق يۇمشاق دېتالى ئېچىش ۋە ھەركەتلەندۈرۈش،يېڭى ۋاستىلەر تېخنىكىسى ئېلىكتىرۇنلۇق سودا،توردا سېتىش.ماشىنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى.

سۈپەت تەكشۈرۈش
ئۈنچە-مەرۋايىت باھالاش ۋە سېتىش
ئۈنچە-مەرۋايىت باھالاش ۋە سېتىش،جىنشىفەن مەدەنىيىتى،مەۋايىت كارخانا پىلانى،سەنئەت بۇيۇملىرىىنى يىغىپ ساقلاش مەبلەغ سېلىش،مەرۋايىت زىننەت بويۇملىرىنى لايىھىلەش،مەرۋايىت قول ھۈنەر سەنئىتى ئىشلەپچىقىرىش،خەلقئارالىق پەرۋىش ئىلمى
ئىنگىلىزتىلى مائارىپى،بالىلار مائارىپى،بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە.

ئەدەبىيات - سەنئەت
بېزەكچىلىك سەنئىتى لايىھىسى،ئېلان لايىھىسى سەنئىتى،رەقەملىك سەنئەت لايىھىسى،مۇھىت سەنئىتى لايىھىسى،كۆرگەزمە سەنئىتى لايىھىسى،تېلۋىزىيە-فىلىم كارتون لايىھىسى،كىيىم-كېچەك سەنئىتى لايىھىسى،كىيىم-كېچەك لايىھىسى ۋە قۇرۇلۇش
مىللىي كىيىم-كېچەك ۋە تالا سەنئىتى،كىيىم-كېچەك مودېلى ماھارىتى،جۇڭگو خەتتاتلىقى رەسساملىقى.

مۇزىكا مائارىپى
مۇزىكا ماھارىتى،مۇزىكا ئىشلەش،ئۇسسۇل مائارىپى،ئۇسسۇل ماھارىتى،مۇزىكا تەربىيلەش
ئۇسسۇل تەربىيلەش،تېلۋىزىيە-فىلىم تەربىيلەش،تېلۋىزىيە-فىلىم ماھارىتى تەربىيلەش،ئاڭلىتىش رىياسەتچىلىكى.

پۇل مۇئامىلە
پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش،بوغالتىرلىق ۋە سىتاستىكىلىق ھېساپلاش،مالىيە بېجى،مالىيە بوغالتىرلىقى،سودا-سانائەت كارخانا باشقۇرۇش،ماددىي ئەشيا باشقۇرۇش،سېتۋىلىش ۋە تەمىنات باشقۇرۇش،تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش.

قانۇن
خەلقئارلىق ئقتىسادىي قانۇن،قانۇنىي كاتىپ،قانۇن مۇلازىمەت ئىشلىرى،ئامانلىق ساقلاش،خېرىدار چاقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە باشقۇرۇش،خېرىدار چاقىرىشنى باشقۇرۇش،خەلىقئارلىق خېرىدار چاقىرىش مائارىپى.

چەتئەل تىلى
سودا ئىنگىلىزتىلى،ئوقۇتۇش ئىنگىلىزتىلى،ساياھەت ئىنگىلىزتىلى،ياپۇن تىلى،كورىيە تىلى، ئەرەپ تېلى

يەسلى مائارىپى
(مەكتەپكە كېلىپ يۈزتۇرانە ئېمتىھانغا قاتنىشىدۇ!)

جانلىقلار خېمىيە سانائىتى
يېمەكلىك قۇرۇلۇش،مەھەللە ساقلىقىنى ساقلاش ۋە باشقۇرۇش،ئېكلوگىيلىك مۇھىت ۋە باشقۇرۇش

خەنزۇتىلى ئەدەبىيات
كىنو-دىرامىچىلىقى ،ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇتىلى سىنىپى.

ئاخبارات
رادىئو-تېلۋىزىيە رېژىسورلىقى،كاتىپلىق ئىلمىي،تارىخ ۋە ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى،
مېخانىكىلىق ياساش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش.

ماشىنلاشتۇرۇش
سانلىق كونترول قىلىش قوللنىشى قوللىنىشچانلىق ئېلىكتىرونلوق تېخنىكا،مېخانىكىلىق ياساش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش،ماشىنا ئىشلىتىش تېخنىكىسى ۋە بازار تىجارىتى،قاتناش ۋاستىلىرى قۇرۇلۇشى،ماشنا تەكشۈرۈش ۋە ياساش تېخنىكىسى،ماشنا سۇغۇرتىسى ۋە تۆلەم.

ئاۋىئاتسىيە خىزمىتى
بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش،خەلق ئاۋىئاتسىيىسى يۈك توشۇش ۋە باشقۇرۇش، ئايرۇپىلان كۈتكۈچىسى

ئۆي-جاي بىناكارلىق قۇرۇلۇشى
بىناكارلىق قۇرۇلۇش، ئۆي-جاي باشقۇرۇش ۋا باھالاش، باغۋەنچىلىك ۋە مەنزىرە مۇھىتى لايىھىلەش،بىناكارلىق بېزەكچىلىك قۇرۇلۇشى

ساياھەت باشقۇرۇش
مېھمانخانا باشقۇرۇش،ساياھەتچىلىك،يېمەك-ئېچمەك باشقۇرۇش،دىپلوماتىيىگە ئالاقىدار ساياھەت،كۆرگەزمە ساياھىتى
ساياھەت باشقۇرۇش ۋە خەلقئارالىق ساياھەت



                                                                  دىققەت قىلشقا تېگشلىك ئىشلار:

1 . مەكتىپىمزگە پەقەت بىرلا قېتىم، بىرلا يەردە تىزىملىتڭ!

2. چاقىرىق قەغەزنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كيىن پويىز بېلىتى سىتۋىلشقا ئالدىراڭ! بىلەتنى ئېلىپ بولغاندىن كىين پەرھات مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلشىپ ،قايسى كۈنى ،قايسى ۋاقىتتا ،قانچىنچى قېتىملىق پويزدا بىيجىڭغا قاراپ يولغا چىىققنىڭلارنى خەۋەر قىلىپ قويۇشنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ!مەكتىپمز بىيجىڭدىكى ھەرقايسى پۇيىز بىكەتلىرىگە 24سائەتلىك يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋىلىش نوقتىسى تەسسى قىلغان بولۇپ ،پۇيىز دىن چۈشسىڭزلا مەكتىپىمز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلىرى سىزلەرنى مەكتەپكە يەتكۈزۈشكە كاپالەت قىلىدۇ!

ئالاقىلىشىش مەسلىھەت سوراش تېلىفۇن نومۇرى : 18709001850
ئالاقىلىشىش QQ نۇمۇرى : 1064021880
ئالاقىلاشقۇچى : پەرھات مۇئەللىم
نازارەت قىلىش تېلىفۇنى : 18601047903


ئەسكەرتىش: باشقۇرغۇچىلار ، بۇ تېمىنى تەستىقلاپ قويساڭلار، چۈنكى، ھەممە ئادەم شىنجاڭ داشۆ .....ئۈتۈپ بولالمايدۇ، شۇنداقلا، ئۆزى خالايدىغان، قىزىقىدىغان بەزىبىر كەسپلەرنى ئۇ مەكتەپلەردىن تاپالىشى ناتايىن، شۇڭا، مۇشۇنداق مەكتەپلەرنى تاللاش ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۈڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، ئەمما ، ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغان ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلارغا ياردەم قىلىپ قويساق، شۇنداقلا، شۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بالىلارغا ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.




Rank: 1

توردا
17 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى 
نادىر
يازما
130 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك  ياخشى تىما  بۇپتۇ  

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 1

توردا
0 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
3 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ مەكتەپ ھەر ھالدا بۇپ قالىدۇ! ئوقۇمىغاندىن كۆپ ياخشى!  

Rank: 1

توردا
3 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 
نادىر
يازما
27 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 08:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنچە مەكتەپ تاللاشتا بىرىنچى بولۇپ ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى ئاساس قىلىشى ئاندىن بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالايمەنمۇ دىگەننى ئويلاشقان ئاساستا مەكتەپ تاللىشى كېرەك.

Rank: 1

توردا
0 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
3 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 10:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنچە مەكتەپ تاللاشتا بىرىنچى بولۇپ ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى ئاساس قىلىشى ئاندىن بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالايمەنمۇ دىگەننى ئويلاشقان ئاساستا مەكتەپ تاللىشى كېرەك.《《

Rank: 1

توردا
0 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
3 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 10:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇگەپ بەكمۇ توغرا ئېيتلىپتۇ!

Rank: 1

توردا
12 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 
نادىر
يازما
52 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسسسسسست ، بىر قانچە يىل بۇرۇن بولغان بولسا ئاۋىئاتسىيە خىزمىتىدە ئوقارمەنكەن ،ھېلىقى كۈتكۈچى كىيمىنى كىيىپ چاي توشۇپ كەتسەم  ماڭا قالتىس يارىشاتتى

Rank: 1

توردا
7 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 
نادىر
يازما
37 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ سىنىپلاردا ئوقۇغۇچىلارغا ھىساب ئىشلەپ بەرسىڭىزمۇ قالتىس يارىشىدۇ سىزگە .

Rank: 4

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 
نادىر
يازما
145 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ مەكتەپنىڭ بەزى سۈرەتلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرگەيسىز. http://blog.sina.com.cn/bjmzdxzsw
  

Rank: 4

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 
نادىر
يازما
145 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسكەرتىش:  بۇ مەكتەپنىڭ ئىشىنى پەرھات دىگەن ئىنىمىز،  ماڭا ھاۋالە قىلغان ئىدى،ھەم  مەكتەپ چۈشەندۇرلىشىنى يوللاپ بەردى، مەن شۇ ئۇكىمىزغا يەنى ئالاقىلاشقۇچى پەرھات دىگەن بالىغا ياردەملىشىپ، بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم. كۆپچىلىك توغرا چۈشەنگەيسىلەر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى 03:01 , Processed in 0.037606 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.