يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 702|ئىنكاس: 13

ئوغلۇم بولسا مۇنداق تەربىيىلەيتتىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
723 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:05:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوغلۇم بولسا مۇنداق تەربىيىلەيتتىم



     خۇداغا شۈكرى ئوغلۇم، ئاللاھنىڭ شاراپىتى بىلەن يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچتىڭ، ئاناڭ ئىككىمىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى، تېخىمۇ توغرىسى جانابىي ئاللاھنىڭ قەلبىڭگە ھىدايەت نۇرى چېچىشى بىلەن ئېتىقادلىق، غۇرۇرلۇق بولۇپ چوڭ بولۇۋاتىسەن.
     مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئالتە ئايلىق بولدۇڭ. ئۇخلاپ قالغانلىرىڭدا بېشىڭدا تۇرۇپ، ئاللىقانداق خىياللارغا چۆكىمەن، پىلانلارنى تۈزىمەن...
     ئاناڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىلى ۋادىسىدا ئويناپ، مەن پەقەت بىر قېتىم ئۈزۈش نېسىپ بولغان ئىلى دەرياسىدا ئۈزۈپ چوڭ بولۇۋاتىسەن. داداڭ جەنۇبنىڭ قۇرغاق مۇھىتىدا جاپاكەش، ئەمما ئېسىل ئىنسانلار ئارىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئاناڭ ئەركىن مۇھىتلارنىڭ بىرى بولغان ئىلى دىيارىنىڭ قىزى. سەندە مانا مۇشۇ ئىككى ئىنساننىڭ قېنى بار، مۇشۇ ئىككى ئىنساننىڭ گېنى بار. ناھايىتى پەرقلىق ئىككى خىل مۇھىتتىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئوغلىسەن، ئوغلۇم!
     ئاناڭ ئېسىل ئايال، ئۇنىڭ ئېسىللىكى مېنى ياخشى كۈتۈشى، ئاتا-ئانىمىزغا پەرزەنتلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشىدىلا ئەمەس، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى يېتۈكلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.
     ...
     مەكتەپكە كىردىڭ، ئوغلۇم، سېنى مۇشۇ ئەبجەش مۇھىتقا قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئەگەر ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولسىدى، سېنى ئۆزۈم تەربىيىلىسەم، ئاناڭ پەرزەنت ئۈچۈن خىزمەتتىن چېكىنسە، ئانا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خىزمەت ھېسابلىنىدىغان پەرزەنت تەربىيىسى ئۈچۈن جان كۆيدۈرسە تېخىمۇ ئېسىل ئىش بولار ئىدى. ئەپسۇس، ئوغلۇم، نۆۋەتتىكى رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا باش ئېگىشكە مەجبۇر بولدۇم. بۇ دېگىنىم پەرزەنت تەربىيىسىدىن ۋاز كەچتىم دېگەنلىكىم ئەمەس، ئەلۋەتتە.
     ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە «يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك، مەھمۇد كاشغەرىيدەك، ئېينىشتىيىندەك ئادەم بول» دەپ تەربىيە قىلىشىدۇ. ياق، ئوغلۇم، ياق. مەندەك-داداڭدەك ئادەم بول. سېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈلگەڭ مەن. سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن ئۆزۈڭگە ئۈلگە ئىزدىمەكچى بولساڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا) مېنىلا ئۈلگە قىل. پەزىلەتتە، ئادىمىيىلىكتە پەقەت مېنى دورا، چۈنكى سەن مېنىڭ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرىسەن، سەن بولغاچ مېنىڭ نەسەبىم مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ.
     مەن سېنى ئالىم بول، داداڭدەك كومپيۇتېر خادىمى، ئاناڭدەك تېببىي خادىم بول دېمەيمەن. ئۈمىدىم شۇكى، سەن پەقەت ئادەم بولساڭلا مەن شۇنىڭغا رازى. ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئادىمىيلەر كۈنسېرى ئازىيىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، سەندىن تەلىپىم پەقەت بىرلا: ئادەم بول، ئاندىن ئالىم بولىسەن، .... بولىسەن، ئوغلۇم.
     پات ئارىدا يىگىت بولىسەن، ھەدىلىرىڭنى ساڭا تاپشۇرىمەن. نېمە؟ ھەدىلىرىمگە مېنى تاپشۇرماي، ماڭا ھەدىلىرىمنى تاپشۇرامسەن دادا، دېدىڭمۇ؟ شۇنداق ھەدىلىرىڭنى ساڭا تاپشۇرىمەن. سەن دېگەن ئەركەك ئوغلۇم، ئەركەكلەر ھەرقاچان، ھەر زاماندا قىز-ئاياللارنى ھامىيلىقىغا ئېلىشى، ئۇلارنى قوغدىشى كېرەك. بۇ ئەركەك زاتىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى.
     بىلەمسەن ئوغلۇم، كوچىلاردا يېرىم يالىڭاچ قىز-ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى شۇ يالىڭاچ قىز-ئاياللارنىڭلا ئەمەس، ئەركەكلەرنىڭ يارىماسلىقى. مەن سېنىڭ يارىماس ئەركەكلەردىن ئەمەسلىكىڭگە ئىشىنىمەن. چۈنكى ۋۇجۇدۇڭدا مېنىڭ-بىر ئەركەكنىڭ قېنى ئېقىۋاتىدۇ، ئوغلۇم!
     پۇرسەت ئىچىدىن پۇرسەت چىقىرىپ سېنى ئۆز مەسلىكىم بويىچە تەربىيىلەۋاتىمەن، تەربىيىلەيمەن، تاكى سەندىن رازى بولغىچە ...
     قادىر ئاللاھ سېنى كامىللىققا يەتكۈزگەي، مېنى ئۇلۇغ دادا شەرىپىگە ئىگە قىلغاي!


     مەنبە: قىسمەت بلوگى
     يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/oghlum.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:12:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئوقۇپ كۆز ئالدىمغا تېخى تۇغۇلمىغان، بىر يەرلىرى سىزگە ئوخشايدىغان، بىر يەرلىرى ماڭا ئوخشايدىغان بىر ئوماق ئوغۇل كەلدى، ئاللاھ شۇ نىيەتلىرىمىزگە تېزرەك يەتكۈزگەي!

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇل  ھەقىقەتەن ئەگەر  دادىسىغا  ھەۋەس قىلسا ، دوسلىرى ئالدىدا ئىپتىخارلىنىپ تۇرۇپ  مېنىڭ دادام ئانداق مېنىڭ دادام مۇنداق دەپ دادىنىڭ كىچىككىنە  ئىشلىرىنىمۇ تىلىدىن چۈشۈرمەي يۇرسە  ، ئۇنى ئۆزىگە ئورنەك قىلسا  بۇ دادا  تولىمۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغان دادا  بولغۇسى ......

لىكىن ھازىرقى جەمىيىتيىمىزدە  بالىلىرىغا  مۇشۇنداق ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان دادىلاردىن قانچىسى باركىن

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:19:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن قىسمەت ئەپەندى ، مەرۋەرى خانىم ساپ نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پەرزەتلىرى مەيلى قانداق تەربىيە كۆرسۇن ساپ دىللىرىنى يوقاتمايدۇ ، ئاللاھ شۇ گۈزەل تىلەكلىرىڭلارغا تېزرەك يەتكۈزسۇن  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:25:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەزىزلىرىم!
ئاللاھ مۇشۇنداق خوشاللىقلارنى ھەممىمىزگە ئاتا قىلسۇن

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:26:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ مۇھەببەت  جەۋھىرىڭلار بولغان ئەركەكتەك  ئەركەكنىڭ پات  دۇنياغا  كېلىشىنى  ئۇلۇغ ئاللادىن  تىلەيمەن

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:39:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئاتىنىڭ ئارزۇسى...
ئاللاھ ئارزۇيىڭىزغا تېزرەك يەتكۈزسۇن، ئىمانلىق، قەيسەر، ئەركەكتىن بىرىگە ئاتا بولۇشقا نىسىپ قىلغاي!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:10:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ !!!!بىركۈن مۇنبەرگە كىرمىسەم ئۇغولدىن بىرى ئاپىرىدە بولدىما ؟؟؟
مۇبارەك بولسۇن !ئاللاھ شۇنداق بۇدرۇققىنە ئوماقتىن بىرىنى ئاتا قىلسۇن!

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:02:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام قىسمەت ئەپەندىم ،مەۋرەرى خانىم، كەمىنە ئەزىزتارىم دىن سىزلەرگە چوڭقۇر سالام ،بۇگۇن ئوغلۇم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100كۇنلۇك خاتىرە كۇنىدە سىزنىڭ قول يازمىڭىزنى ئۇقۇپ ،ئوزەمنىڭ دادا بولغانلىقىمدىن تۇلىمۇ پەخىرلەندىم ۋە مەسئۇليىتىمنىڭ سالمىقىنى تۇنۇپ يەتتىم .سىزلەرگە چەكسىز بەخىت تىلەيمەن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
128

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:06:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېزىز مەلىم . قانداق تەبرىكلەيمىز

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 08:23 , Processed in 0.053275 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش