يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 705|ئىنكاس: 11

ئىي ئىنسان! نېمە قىلساڭ قىل، ئىنسانلىققا داغ چۈشۈرمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
723 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:02:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىي ئىنسان! نېمە قىلساڭ قىل، ئىنسانلىققا، ئىنسانىي كامىللىققا داغ چۈشۈرمە



     ئىي ئىنسان، ئاۋال تۆۋەندىكى سىننى تولۇق، ئىنسانىي سىياقىڭدا كۆرۈپ چىققىن، ئاندىن يەنە ئىنسانلىقىڭدا تۇرۇپ، يۈرەك سۆزۈڭنى بايان ئەتكىن.




     ئىي ھايۋان، توپان قايتىپ زەيتۇن شېخىنى چىشلىگەن كەپتەر قايتىپ كەلگەندە، نۇھ ئەلەيھىسسالام «شۈكرى، ھاياتلىق قايتا باشلىنىپتۇ» دەپ دۇئا قىلغاندا، بۇ كۈنگە قېلىشنى ئويلىغان بولغىيمىدىڭ؟
     ئىي ھايۋان، ئىككىنچى ھاياتلىق باشلانغاندا، نۇھ كېمىسىدىن ئادەم زاتى بىلەن بىللە زېمىنغا چۈشكەندە، بۇ كۈنگە قېلىشنى ئويلىغان بولغىيمىدىڭ؟
     ياق، ئويلىمىغان ئىدىڭ، زاتى ئىنسان تېگىدىن ئېسىل، رەھىمدىل كېلىدۇ دەپ، رەببىڭگە ئىشەنگەندەك ئىشەنگەنىدىڭ، دوست دەپ بىلگەن ئىدىڭ!
     ئەپسۇس، «ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمىدى»، سەن ئىشەنگەن ئىنسان تېرەڭنى تەتۈر سويغاندا، بەكمۇ كېچىكتىڭ، سەن ئىنساننى ئۆزەڭگە ئوخشاش دەپ بىلەتتىڭ، ھىيلە-مىكىر قىلمايدۇ، قىلسىمۇ ماڭا قىلمايدۇ دەپ ئويلىغان بولغىيدىڭ ھەقاچان؟!
     ئىنسان تىرىك توختىتىپ تېرەڭنى تەتۈر سويغاندا، سېنى تاكى بۈگۈنگە قەدەر تاقلىتىپ يۈرگەن مەزمۇت پاچاقلىرىڭغا پالتا ئۇرغاندا يىغلاپ سالدىڭ، جان ئاغرىقىغا يىغلىغانسەنمۇ؟ ياق، ئىنسانغا بەرگەن مۇھەببىتىڭ، ئەقىدەڭگە يىغلىدىڭ. توغرا، ئاقىللار «ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن، ئەقىدەمگە يىغلايمەن» دېيىشىدۇ.
     ئىي ھايۋان، يىغلىما، ئەجەبلەنمە. ئىنسان سېنىڭلا ئەمەس ئۆز زاتى-قېرىنداشلىرىنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان، ئەسلى-ۋەسلىنى قۇرۇتۇۋاتقان ئۇشبۇ كۈنلەردە، سېنىڭ بۇ كۈنلەرگە قېلىشىڭ ئاللابۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان ئىدى.
     ئىي ھايۋان، قادىر ئاللاھ سېنى ئىنسان خىزمىتى ئۈچۈن ئاپىرىدە قىلغان ئىكەن. لېكىن ھەربىر ئىنساننى پەقەت ئاللاھقا قۇل، ئەمما ئۆز-ئۆزىگە خوجا قىلىپ ياراتقان ئىدىغۇ؟ ئىنسان ئىنساننى ئېزىش، قېرىندىشىنىڭ ئازابى ھېسابىغا خۇشھاللىق تېپىش ئىنسان زاتىغا ماس خۇلق ئەمەس ئىدىغۇ! ئەپسۇس، جاھان ئاجىزلىرى كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن قۇل قىلىنىۋاتىدۇ، ئاللاھ بەرگەن ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى-ياشاش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىۋاتىدۇ...
     ئىي ئىنسان! ئۆزۈڭنى بىل، سورىقى بار جاھان بۇ! يېدىم، ياشىدىم، ئوينىدىم دەپ كېرىلمە. بىر كۈنلەردە ئەنە شۇ پالتاڭنىڭ ئاستىدا جان بەرگەن تىلسىز ھايۋان زۇۋانغا كېلىپ، رەزىللىكلىرىڭنى پاش قىلغىلى تۇرغاندا، پۇشايمانغا كېچىكىسەن، خۇددى سەن تېرىسىنى تەتۈر سويغان ھايۋاندەك!
     ئىي ئىنسان! نېمە قىلساڭ قىل، ئىنسانلىققا، ئىنسانىي كامىللىققا داغ چۈشۈرمە!!!

     مەنبە: قىسمەت بلوگى
     يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/insan.html



«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:37:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سىننى كۆرۈپ بولغۇچە ئاۋۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىپلاسلارنىڭ رەھىمسىزلىكىگە مىڭلارچە لەنەت ئوقۇدۇم، يۈرەكلىرىمدىن ئاچچىق بىر ئۇف چىقىپ كەتتى.........  نۇرغۇن.. نۇرغۇن سۆزلەرنى دىمەكچى ئىدىم، ئەمما تېما ئىگىسىنىڭ ماۋۇ بىر جۈملە سۆزى مېنى ئويغا سېلىپ قويدى، ئىي ئىنسان! ئۆزۈڭنى بىل، سورىقى بار جاھان بۇ! يېدىم، ياشىدىم، ئوينىدىم دەپ كېرىلمە.  ئارتۇچە گەپ قىلغۇم كەلمىدى.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:24:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرەلمىدىم ....بېشىنى كۆرۈپلا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم ، ئۇنداق رەھىمسزلارچە قىلمىشلارغا پەقەت چىداپ تۇرالمايمەن ، بۇرۇنمۇ بىر ساياھەت رايونىدا بۇرۇنلىرىدىن تۆمۈر ھالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ زەنجىرلاپ قويغان ئىككى ئېيىقنىڭ  ساياھەتچىلەر بەرگەن بىرتال پىرەنىكنى تالىشىپ ، چوڭى كىچىكىنى ئۇرۇپ ئېلىۋالغىنىدا كىچىك ئېيىق ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەن ...شۇ چاغدا نەچچە ئايلارغىچە ئىچىم ئېچىشىپ ئېسىمگە كەلسىلا ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ بىئارام يۈرگەنىدىم ، بۇنى كۆرمەي تۇرۇپلا قىسمەت يازمىسىدىن چۈشىنىپ يەتتىم ...ئۇھ ، ئاللاھ ، بەندىلىرىڭگە ئىنساپ بەرگەيسەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:09:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئالەم ھىساپ كىتاۋى ئىنىق ئالەم ،ھامان بىر كۇنى ھىساۋىنى بەرمەي قۇتۇلالمايدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 01:42:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىچارىنىڭ كۆزلىرىدە قېتىپ قالغان ياشقا قاراپ يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى....تېخى چىرايىنى ئېنىق كۆرسەتمەي توسۇپ كېتىشلىرىچۇ بۇ ئىپلاسلارنىڭ، مۇشۇنداقلارنىڭ گۆشلىرىنى بىر چىشلەم- بىر چىشلەمدىن قىلىپ توغراپ ئىتقا تاشلاپ بەرسە بولىدۇ زادى


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
143

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 03:07:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ بېشىدىكى بۇلغۇن شۇمۇ ئەمەسمۇ ؟
دۇنيادا ئادەمدەك ئەسكى نىمۇ يوق جۇمۇ.بۇلار بۇ قىلىقلىرى ئۈچۈن ئېنىق بەدەل تۆلەيدۇ.ھەممە ئىشنىڭ ھىسابى بار دۇنيا بۇ.قىلىۋالدىم-ئېتىۋالدىم دىگەن بىلەن زىقى توشقان كۈنى ئۇ ئادەمنىڭ قىينىلىشلىرى ئالدىدا ، ئۇ جانىۋارنىڭ قىينىلىشلىرى ھېچنىمە ئەمەس.
ھېچبولمىغاندا جېنىنى چىقىرۋىتىپ ئاندىن بىر ئىش قىلسا بولمامدىغاندۇ دەيمەن.نىم كەپتۇ ئۇنداق قىيناپ ئۇلارنى.
*********
قايسى كۈنى بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئۆيىدە تاماق يىمەكچى بوپ لازىمەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋاپلا كىركىتىلى دەپ.Carrefour دىن بېلىق ئالماقچى بوپ.بېلىق كىچىك كۆلىدىن يوغونراق بېلىقتىن بىرنى كۆرسىتىپ شۇنى تۇتۇپ بېرىشنى بۇيرۇپ تازلىتىپ ئەكەتمچى بولدۇق.يېلىقى بېلىق سېتىش ئورنىغا مەسئۇل بالا شۇ بېلىقنى چويلا بىلەن سۈزۈپلا خۇددى بىرىنجى سۈرەتتىكى بۇلغۇننى يەرگە ئۇرغاندەك . چويلاپ بىلەن بېلىقنى يەرگە كۈچەپ بىرنى ئۇرىۋىدى،ھېلىقى بېلىق جىممىدەلا بولدى.كەينىدىنلا تازلاپ بىردەمدە ئوڭشاپ قويدى ..
2001 - يىللىرى ۋاقىتلىرىدا غۇلجىغا ئويناپ بارغان ئىدۇق.شۇ مەزگىلدە بىر كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ قالغان.مەن ئىتنى ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشنى شۇ كۈنى كۆرۈشۈم ئىدى.ھېلىقى ئىتنى باغلاپ قويۇپ ھەر يوغان تاشلارنى ئېتىپ باش-كۆزىنى بىردەمدە قانغا بويىۋەتتى.لېكىن ئىت تېخى جان-ئۈزمىگەن بولغاچقا ئاخىرى شۇنداق تەستە ئۇنى باغلاپ دەرەختىن بىرگە ئېسىپ بېشىنى تۆۋەنگە پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ،بىر كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
102
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 07:24:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
27
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:52:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدايىم نىمانداق رەھىمسىز خەقلەر بۇ ؟تىنىم شۈركىنىپلا كەتتى دىسە......ۋىيەييييييييييي،،،،،ۋىيەييييييييييييي قانداقمۇ قۇلى بارغاندۇ.

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:37:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 01:42
بىچارىنىڭ كۆزلىرىدە قېتىپ قالغان ياشقا قاراپ يۈرەكلىر ...

بۇنداق ئىپلاسلارنىڭ گوشىنى ئىتمۇ يىمەس مەرۋەرى خانىم

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان قىلىپىدىن چىقىپ كەتكەن مانا، مۇ شۇنداق.....ئادىمى ئىبلىسلارنى.........دۇنيا سەھنىسىدىن قوغلاپ چىقىرىپ،يەرشارى يۈزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاپ،تارخ بىتىدىن ئۆچۈرۈۋىتىشىمىز كېرەك!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 06:46 , Processed in 0.049947 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش