ئىلاۋە: بۇ ماقالىنى ئەسلىدە ئورخۇن تورىدىن كۆلبىلگە ئىسىملىك توردىشىمىز تەييارلىغان بولۇپ، پايدىلىنىش قىممىتى زور بولغىنى ئۈچۈن سوۋغا سۈپىتىدە بۇ مۇنبەرگە يوللىدىم.
19-ئەسىرلەردە غەرپلىكلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تىخى ئېچىلمىغان ئوتتۇرا ۋە شىمالى ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلىقىغا بولغان كۇچلۇك قىزىقىشى، شۇنداقلا تۈرلۈك سىياسى-ئىقتىسادى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن كۆپلىگەن چەتئەللىك ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ تۇرلۇك تەكشۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارغان. بۇ جەرياندا ئۇلار مەزكۇر رايوندىن كۆپلەپ تارىخى-مەدەنى يادىكارلىقلارنى بايقىغان ۋە ئۇلارنى ئۆز مەملىكەتلىرىگە ئىلىپ كەتكەن. مانا مۇشۇ «ئولجىلار»نىڭ تۇرتكىسىدە ئوتتورا ۋە شىمالى ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى غەرپ ئەللىرىدە ناھايىتى ئەۋج ئىلىپ كەتكەن. كۆپلىگەن شەرقشۇناسلار، ئالتاي-ئورالشۇناسلار، تۈركشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار يىتىشىپ چىقىپ، ئاز بولمىغان ئىجادى ئەمگەكلەرنى قىلىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ۋە شىمالى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخى مەدەنىيىتىنى پۇتۇن دۇنياغا نامايەن قىلغان. تۆۋەندە مۇشۇنۇڭغا ئائىت بىر قىسىم مۇھىم ئەسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ مۇندەرىجىسى بىرىلدى.
روسىيە
1. چوقان ۋەلىخانوۋ(1837-1865): «چوقان ۋەلىخانوۋ ماقالىلەر توپلىمى» (چوقان ۋەلىخانوۋ ھازىرقى روسىيەگە قاراشلىق سىبىرىيىدىكى ئومىب شەھىرىدە توغۇلغان بولۇپ، تۈركى قەۋمدىن(قازاق قىرىنداشلاردىن). ئۇ چار روسىيە ھۆكۇمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ئەينى ۋاقىتىتكى ئۇيغۇر دىيارىغا كىلىپ نۇرغۇن تەكشۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىلىپ بارغان)
2. ن.م. پىرژىۋالىسكى(1839-1888): «ئوسسورىيە» (سىبىرىيەنى تەكشۇرۇش دوكلاتى)، «زەيساندىن يولغا چىقىپ قۇمۇل ئارقىلىق شىزاڭ، خۇاڭخىنىڭ باش ئىقىنىغا بىرىش»(تەكشۇرۇش دوكلاتى) .
3. ۋ. ۋ. بارتولد (1869-1930): «مۇڭغۇل ئىستىلاچىلىرى دەۋرىدىكى تۈركىستان»، «ئوتتورا ئاسىيا تارىخى ھەققىدە ئومومى ئەسەرلەر»، «تۈرك-موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخى ۋە فىلولوگىيىسى – ئوتتورا ئاسىيا، يىراق شەرق»، «شەرقشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەر».
4. ۋ.ۋ.رادلوف (1837-1918): «سىبىرىيە»، «سىبىرىيىدىكى قەدىمقى ئىزلار»، «تۈركى تىللار دىئالىكت لوغىتىنىڭ سىناق نوسخىسى»، «ھەرقايسى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ ئىغىز ئەدىبىيات ئەسەرلىرىدىن تاللانما» .
5. س.ئى.مالوۋ(1880-1957): «قەدىمقى تۈركى ۋەسىقىلەر»، «سىرىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولىگىيىسى ۋە سىنتاكسىس»، «ئالتۇن يارۇغ»، «قۇمۇل شىۋىسى»، «لوپنۇر شىۋىسى».
6. پ.ك. كوزىلوف (1863-1935): «مۇڭغۇلىيە ئامدۇ ۋە ئۇلۇك شەھەر قاراخوتو».
7. ئا. ن. بىرنىشتام (1910-1956): «ھونلار تارىخىنىڭ ئوچىرىكى»، «6-8-ئەسىرلەردىكى ئۇرخۇن-ئىنساي تۈركلىرىنىڭ ئىجتىمائى-ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى»، «يەتتەسۇ ئارخىلوگىيە توپلىمى»، «ئۇغۇزخان رىۋايىتىدىكى تارىخى ھەقىقەت».
8. ئا.ن. كىروپاتكىن : «قەشقەرىيە» .
9. ئى.ي. بايچۇرىن (20-ئەسىر): «قەدىمقى ئوتتورا ئاسىيادا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللار».
10. ئا.م. شىرباك (20-ئەسىر): «تىلشۇناسلىقتا ئالتاي قىياسى»، «شىنجاڭدىن تىپىلغان 10-،13-ئەسىرلەردىكى تۈركچە تىكىستلەرنىڭ گىراماتىكىسىدىن ئوچىرىكلار»، «يىڭىدىن بايقالغان رونىكچە تىكىستلەر».
11. باسكاكوۋ (20-ئەسىر): «ئالتاي تىللىرى»، «تۈركى تىللار».
12. د.ئى.تىخونوۋ (20-ئەسىر): «10-،14- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمىيەت تۇزىمى».
13. س.ۋ. كىلياشتورنى (20-ئەسىر): «قەدىمقى تۈرك يىزىقىدىكى ئابىدىلەر».
14. ئا. گ. مالىيۋكىن(20-ئەسىر): «8-ئەسىردىكى تۇرپان خاندانلىقى»، «9-ئەسىرنىڭ كىينكى يىرىمىدىكى گەنسۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە تاڭغۇتلار»، «840-848-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە جۇڭگو»، «9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى».
15. ۋ.م. ناسىلىۋ (20-ئەسىر): «ئۇرخۇن-ئىنساي يادىكارلىقلىرىنىڭ تىلى»، «ئۇرخۇن يىزىقىدا خاتىرلەنگەن تۈركى تىلدىكى يادىكارلىقلار».
16. ن.ف.كاتانوۋ (خاكاس تۈركلىرىدىن كېلىپ چىققان) : «كۈن چىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى».
ياپونىيە
1. نىشى توكوجىرو(1847-1912) : «ئوتتورا ئاسىيا خاتىرىلىرى» .
2. ئوتانى كوئول (1876-1948): «غەربى يۇرتنىڭ ئارخىلوگىيىلىك رەسىم شەجەرىسى»، «يىڭى غەرپكە ساياھەت».
3. خىنوتسۇ تومۇ (1866-1920): «ئىلى خاتىرىلىرى».
4. ماتسۇدا توشىئو (1903-1983): «كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، «ئوتتورا ئاسىيا تارىخى»، «قەدىمقى تەڭرى تېغىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى».
5. ئومىمورا خىروشى (20-ئەسىر): «قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى تىلخەت ۋە ھۆججەتلەر توپلىمى».
6. نىشىخاما جۇنتارۇ (20-ئەسىر): «قەدىمقى دۇنخۇاڭ پۈتۈكلىرى»، «ئۇيغۇرچە بۇددا كىلاسسىك ئەسەرلىرى»، «غەربى رايون مەدەنىيىتىگە دائىر ماتىرىياللارنىڭ رەتلىنىشى ۋە تەتقىقات».
7. يامادا نوبو (20-ئەسىر): «قەدىمقى ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ شەرھى»، «قەدىمقى ئۇيغۇرچە توختام ۋەسىقىلەر توپلىمى»، «قەدىمقى ئۇيغۇرچە سودا-سىتىق توختامنامىلىرىنىڭ فورماتى»، «ئىستامبۇل ئۇنۋىرسىتىتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان غەربى يۇرتقا ئائىت يادىكارلىقلار»، «ئوتانى ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتى ئىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ مۇندەرىجىسى» .
8. مورى ماسائو(20-ئەسىر): «قەدىمقى ئۇيغۇرچە قانۇن ۋەسىقىلەرگە ئائىت مەسىلىلەر»، «قەدىمقى ئۇيغۇرچە تەكلىك سىتىش توختامنامىسى»، «بۆگۇخان ۋە قۇجۇ»، «ئۇرخۇن يادىكارلىقلىرىنىڭ تونۇلىشى»، «ئەلشىر ناۋايى».
9. ئودا يوتىن (20-ئەسىر): «قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى سەككىز يۇكمەك ھەققىدە ئىزدىنىش».
10. كودارا كوگى (20-ئەسىر): «شىۋىتسىيە مىللى موزىيىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق تىزىملىكى».
11. شۇگايتو ماساخىرو (20-ئەسىر): قەدىمقى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى»، «بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە قوليازمىلار».
12. خامادا ماسامى(20-ئەسىر، چاغاتاي ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتچىسى): «زەپەرنامە»(كۇچا دىھقانلار ئىنقىلابى توغرىسىكى ئەسەر ۋە بۇ توغرىلىق تەتقىقات)، «تارىخى ئەمىنىيە»، «غازات دەرمۈلۈك چىن ھەققىدە»، «ئىلى كىرزىسى ۋە ئۇيغۇرلار»، «خوتەن تارىخى».
13. مانۇ ئىيجى (20-ئەسىر): «بابۇرنامىنىڭ سىھرى كۈچى»، «تارىخى رەشىدى»، «بابۇر ۋە ھىرات».
14. مورىيا سوتاكائو (20-ئەسىر): «دۇنخۇاڭدىن تىپىلغان يۈەن دەۋرىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە بۇددا راھىپلىرى يازمىلىرى».
15. خانىدا تورو(20-ئەسىر): «تاڭ سولالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات»، «تۈركلەر ۋە بۇددا دىنى»، «ئۇيغۇرچە بۇددىزىم كىلاسسىك ئەسەرلىرى»، «غەربى يۇرت مەدىنىيەت تارىخى»، «تۇرپاندىن تىپىلغان مانى مۇخلىسلىرى تىلاۋەتنامە پارچىسى».
گىرمانىيە
1. ئالبىرت فون لىكوك (1860-1930): «شىنجاڭنىڭ مەدىنىيەت خەرىتىسى»، «شەرقى تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى»، «ئىدىقۇت» .
2. ئا. گرونۋىدىل (1856-1935): «قەدىمقى كۇچا»، «گىرىتسىيە، تۈركىستاندىكى قەدىمقى بۇددا ئىبادەتخانىلىرى».
3. فون گابائىن (1901-1993، ئايال): «قەدىمقى تۈرك تىلى گىراماتىكىسى»، «قەدىمقى تۈرك ئەدەبىياتى».
4. ئومىلىيان پرىتساك (20-ئەسىر): «تۈركى ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى»، «قاراخانىلار دۆلىتى»، «ئۇغۇز يابغۇ ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋەيران بولىشى»، «قارلۇقلاردىن قاراخانىلار دۆلىتىگىچە».
5. ج. ماركۋارد (20-ئەسىر): «قەدىمقى تۈركلەردە يىلنامە»، «كومانلار».
6. ئىمىرساك (20-ئەسىر): «ساك تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ئۇستىدە تەتقىقات»، «ئۇدۇن يىزىقىدىكى ئالتۇن يارۇق نومى».
7. ھىرمان ۋامبىرى (20-ئەسىر): «چاغاتاي تىلى ھەققىدە تەتقىقات»، «سەمەرقەنت تارىخى».
8. ۋىللى بانگ (20-ئەسىر): «تۈركچە تۇرپان تىكىستلىرى».
ئامىرىكا ۋە ياۋروپادىكى باشقا ئەللەر(روسىيە ۋە گىرمانىيەدىن باشقا)
1. سىتانسىلاس ژولىن(1797-1873، فىرانسىيە): «شەرقى تۈرك تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللار».
2. ئاۋرىل سىتەيىن (1862-1943 ، ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى ۋىنگىرىيىلىك): «غەربى رايون»، «غەربى رايون ئارخىلوگىيىسى».
3. ۋ.تومسىن (1842-1927، دانىيە): «ئۇرخۇن-ئىنساي يادىكارلىقلىرىنى يىشىپ ئوقۇشتىن دەسلەپكى نەتىجە».
4. سىىۋىن ھىدىن (1865-1952، شىۋىتسارىيە): «ئوتتورا ئاسىيانى كىسىپ ئۇتۇش»، «جوڭگونىڭ غەربى شىمالىنى تەكشۇرۇشتىن دوكلات»، «1899-1902-يىللاردا ئاسىيانى تەكشۈرۈشتىن ئىلمى نەتىجىلەر».
5. گۇننار يارىڭ (1907-؟، شىۋىتسىيە): «ئوتتورا ئاسىيا ھەققىدە چۆچەك رىۋايەتلەر»، «ئۇيغۇرشۇناسلىق»، «ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتىغا ئائىت ماتىرىياللار»، «شىۋىتسىيىدىكى تۈركشۇناسلىق»، «جەنۇبى شىنجاڭدىكى شىۋىتسىيە مىسسىونىرلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە تىلغا ئىلىنغان ئىتنۇگىرافىك مەسىلىلەر»، «ئوتتورا ئاسىيادىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ ئەن-بەلگىلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەر»، «قەشقەرگە قايتا سەپەر».
6. ئىدۋار يۇھاننىس (1865-1918 ،فىرانسىيە): «غەربى تۈرك تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار»، «مانى دىنىنىڭ جوڭگوغا تارقىلىشى».
7. رىبنى گىرائوت (1906-1968 ، فىرانسىيە): «تۈرك خانلىقىنىڭ مەڭگۈ تاشلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە».
8. دابرى دې تىرسانت (1826-1893 ، فىرانسىيە): «جوڭگو يايلاقلىرى ۋە غەربى يۇرتتىكى ئىسلام دىنى».
9. مونىك مائىللارىد (20-ئەسىر،فىرانسيەلىك ئايال تەتقىقاتچى): «كۇچاردىكى قەدىمقى ئىزلار»، «غەربى يۇرتتىكى مىڭ ئۆي ۋە ئىمارەتلەر»، «قەدىمقى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ماددى مەدىنىيىتى».
10. لېگېتى (20-ئەسىر، ۋىنگىرىيە): «ئاتىللانىڭ نەسەپنامىسى ۋە ھونلاردىكى تۇنگۇس نامى»، «تۈرك تىلىنىڭ لوغەت فوند تارىخى».
11. ك.بروكىلمان (20-ئەسىر، ۋىنگىرىيە): «قەدىمقى تۈركىستان ئىنتۇگىرافىيىسى»، «مەھمۇد قەشقىرى بايانىدىكى 11-ئەسىردىكى تۈركى تىللار ۋە قۇۋملار».
12. ۋ. گروسىت (20-ئەسىر، فىرانسىيە): «يايلاق ئىمپىرىيىسى».
13. جامىس ھامىلتون(20-ئەسىر، ئامىرىكا): «بەش دەۋرگە ئائىت ئۇيغۇر تارىخى ماتىرىياللىرى»، «ئىككى تىكىن ھىكايىسى ھەققىدە»، «9-10-ئەسىرلەرگە ئائىت قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى دۇنخۇاڭ تىكىستلىرى»، «9-10- ئەسىرلەرگە ئائىت تۈركچە-سۇغدىچە دۇنخۇاڭ تىكىستلىرى».
14. جىئان پائۇل روكسى(20-ئەسىر، فىرانسىيە): «ئالتاي تىللىرىدىكى مىللەتلەردە سىرلىق ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر»، «ئالتاي تىللىق مىللەتلەردىكى ئۆلۈم-يىتىم»، «تۈرك ۋە مۇڭغۇل تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ دىنلىرى».
15. ج. كىلاۋسىن (20-ئەسىر، ئەنگىلىيە): «تۈرك ۋە مۇڭغۇل تىللىرى تەتقىقاتى»، «13-ئەسىردىن بۇرۇنقى تۈركى تىللارنىڭ ئىتمولوگىيە لوغىتى».
16. خ.ۋ.بىل (20-ئەسىر،ئەنگىلىيە): «ئۇدۇن تىكىستلىرى».
17. ك.سىزىگىلد(20-ئەسىر،ۋىنگىرىيە): «تۈركى تىللىق ئۇرۇق قەبىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىدىكى بۆلۈنۈش»، «كاۋكاز ھونلىرى ۋە ئاۋارلار»، «قارلۇقلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى».
18. د.سىنوز(20-ئەسىر، ۋىنگىرىيە، ئورال-ئالتاي ئىلمى جەمىيىتىنڭ سابىق رەئىسى): «تۈركچە بۇددا ھۆججەتلىرىنىڭ ئومومى مۇندەرىجىسى»، «5-ئەسىردە مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشلىرى»، «ئۇغۇزخان داستانى ھەققىدە»، «تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخى رولى».
19. ن.ئىسىدۇ (20-ئەسىر، ۋىنگىرىيە): «790-791-يىللىرىدىكى بەشبالىقتىكى ئۇيغۇر ۋە تۈبۈتلەر».
20. بازىن (20-ئەسىر، فىرانسىيە): « قەدىمقى تۈركلەردە كالىندارچىلىق».
21. چارلىز بولگىر (فىرانسىيە): «ياقۇپبەكنىڭ تەرجىمىھالى».
تۈركىيە(ئۇيغۇر جەمىيتىگە بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەرلەر بىرىلدى)
1. كازىمبىك ئەلى(19-ئەسىر، تۈركىيەدە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات ئىلىپ بارغان تەتقىقاتچى): «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات».
2. ئەھمەت رىفات: «تۈركى تىللار دىۋانى» (تۇنجى بولۇپ مەزكۇر ئەسەرنىڭ تۈركچە نوسخىىسنى چىقىرىپ، دىۋانشۇناسلىققا ئاساس سالغۇچى)
3. زەكى ۋەلىدى تۇغان(20-ئەسىر): «بىرونىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى شىمالدىكى مىللەتلەر» .
4. رەشىد رەھمەت ئارات (20-ئەسىر): «تۈرك تىلىدىكى تۇرپان يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمقى تۈرك ھوقۇق ۋەسىقىلىرى»، «قەدىمقى تۈرك شىئىرىيىتى».
5. رىشات گەنجى: «قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى».
6. سىناش تىگىن: «ئۇيغۇر يىزىقىدا يىزىلغان قاراخانىلار دەۋرىگە ئائىت يەر ھۆججەتلىرى».
7. ئەھمەت ئاتەش: «فارابى ئەسەرلىرى مۇندەرىجىسى».
8. يۇسۇپ زىيا: «11-،12- ئەسىرلەردىكى قاراخانىلار ۋە ماۋرەئۇننەھىر ئىسلام ھوقۇقچىلىرى».
9. كۇپرۇلزاد مۇھەممەت فۇئاد: «قاراخانىلار ياكى خاقانىيە دۆلىتى»
10. خەلىل ئىنالچىق: «قۇتاتقۇ بىلىكتە تۈركى ۋە ئىران يۇرتدارچىلىق نەزىرىيسى ۋە ئەنئەنىلىرى» .
11. ئىبراھىم كافەس: «قۇتاتقۇبىلىك ۋە ئۇنىڭ مەدىنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى».
قوشۇمچە: خەلقارادىكىئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئالاقىدار بەزى ئورۇنلار
1. ۋىنگىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى كۇتۇپخانىسى
2. گىرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنۋىرسىتىتى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى
3. پارىژ مىللى كۈتۈپخانىسى
4. ئەنگىلىيە بۈيۈك بېرىتانىيە مۇزىيى
5. روسىيە سان پىتىربورگ مۇزىيى
6. ياپۇنىيە توكيو دۆلەتلىك مۇزىيى
7. شىۋىتسىيە مىللى مۇزىيى
8. ئامىرىكا خارۋارد ئۇنۋىرسىتېتى ئوتتورا ئاسىيا ئىلمى جەمىيىتى
9. ئامىرىكا ۋاشىنگىتون ئۇنۋىرسىتېتى ئاسىيا تىل-ئەدىبىيات فاكولتىتى تۈركى تىللار تەتقىقات ئورنى
10. ئامىرىكا ئىندىئانا ئۇنۋىرسىتېتى ئورال-ئالتايشۇناسلىق فاكولتىتى ئوتتورا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى
11. ئىستانبول ئۇنۋىرسىتېتى كۇتۇپخانىسى
12. قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى
13. تاشكەنت شەرقشۇناسىلىق تەتقىقات يۇرتى
14. ئۆزبىكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى «ئەبۇرەيھان بىرونى» شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى
توپلاپ رەتلىگۇچى: سابىق ئورخۇن مۇنبىرىدىن كۆلبىلگە