يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 464|ئىنكاس: 10

بەختلىك بول ئەزىزىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:02:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر سەن ياشلىقىڭدا بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭمۇ، ئۇنى قەدىرلە، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بول! ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ھەر-بىر مىنۇتنى قەدىرلە!  شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ ئايرىلىشقا توغرا كەلسە، سەن ئۇنىڭغا دۈشمەنلەرچە قارىمىغىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا <رەھمەت> ئېيتقىن، چۈنكى،ئۇ ساڭا  تولىمۇ شېرىن ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى، ئەمەسمۇ؟!

مەن سېنىڭ بىلەن مەڭگۈ ئەشۇ  يېزىنىڭ توپىلىق يوللىرىدا قول تۇتۇشۇپ  مېڭىشنى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى بىللە ئاڭلاشنى، ساپ ھاۋادىن قانماي نەپەس ئېلىشنى  بەكمۇ، بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، ئەپسۇس.......

تۈنۈگۈنكى سىم- سىم يامغۇردا  يېنىمدىن بىر جۈپ قىز يىگىت كۈنلۈك كۆتۈرگەن ھالدا ئۆتۈپ كەتتى، مەن تاكى ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم،  چۈنكى،  ئۇ كۈنلۈك ئاستىدىكى يىگىت دەل سەن ئىدىڭ ئەزىزىم! كۆز ئالدىمدىن سەن بىلەن ئايلانغان يامغۇرلۇق كۈنلەر كەلدى، سەن قۇلۇقۇمغا ئاستا شىۋىرلاپ: < جېنىم، مەن سەن بىلەن بىر ئۆمۈر مانا مۇشۇنداق يامغۇرلۇق كۈنلەردە بىللە كوچا ئايلانسام نىمدىگەن ياخشى ھە!> دىگەن سۆزلىرىڭ كەلدى، ئەپسۇس ........

مۇھەببەت دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ قانداق، نەدە پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما، مۇھەببەتنىڭ ئىككى يۈرەكنىڭ بىر- بىرىنى سېغىنغان ئەشۇ ئوتلۇق يۈرەكلىرىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، بىر چاغلاردا مەنمۇ بۇ شۇ مۇھەببەت دېڭىزىدا غەرىق بولغان ئىدىم، سېنى سېغىناتتىم، سېنىڭ ھەر- بىر ئېغىز سۆزۈڭنى ئەسلەيتتىم، يادلايتتىم. ھەر كۈن ئاخشىمى ئاسماندىن ئىككىمىزنىڭ بەخت يۇلتۇزىمىزنى ئىزدەيتتىم، تاپالمايتتىم.

ئەزىزىم! بۈگۈنمۇ يەنە يالغۇز ئولتۇرۇپ كونا ئالبومنى ۋاراقلىدىم، سەن بىلەن ئۆتكەن ئەشۇ خوشال كۈنلەرنىڭ يالدامىسى بولغان سۈرەتلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ  ئۆتمۈشىمنى، سەن ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمەن.
يالغۇزلۇقۇمدا  ماڭا ھەمرا بولغۇدەك گۈزەل ئەسلىمە قالدۇرغىنىڭغا رەھمەت! بەختلىك بول ئەزىزىم!

مەنبە: ئۆزۈم

ئۇزۇندىن بېرى زىيارەت قىلىپ كەلگەن بۇ مۇنبەرگە بۈگۈن ئەزا بولۇپ، يالغۇزلۇقۇمدا ئويغانغان ھېسسىلىرىمنى، ئاددى بولسىمۇ ئىلھامىمدىن پۈتۈلگەن يازمىلارنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ كىردىم.



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:06:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاكىلات قىزنىڭ قاتارىمىزغا قوشۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن!
ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:07:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كۈن ئاخشىمى ئاسماندىن ئىككىمىزنىڭ بەخت يۇلتۇزىمىزنى ئىزدەيتتىم، تاپالمايتتىم.
مەنمۇ تولا ئىزدەپ ئاخىرى يۇلتۇزسىز ئاسمانلارغا كۆنۈپ قالدىم

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 08:18:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق تەبىئىي،سەمىمىي تۇيغۇلاركەن بۇ....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:16:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمىلەر بىلەن ئۆتۈشتىنمۇ ئازابلىق ئىش بارمۇ ؟ ئەسلىمىلەردىن بىزارمەن ....

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 08:16:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانارخان ئۇندا دېمەيلى...بەزىدە ئەسلىمىمۇئادەمنىڭ روھىنى تىرەپ تۇرىدۇ جۇمۇ

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
27
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 10:31:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمە ئەڭ شىرىن ھەم ئەڭ ئازاپلىقتۇر ...

ئۆزىگە تەۋە بولمىغان ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇش كېرەك.

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 12:05:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى مۇھەببەت-تۇنجى سۆيگۈ..........قىزلار ئۈچۈن ئابى زەم-زەم كەۋسەردۇر!
ئۇ دۇنيا-بۇ بۇدۇنيا تىگىشكۈسىز قىممەتلىك گۆھەردۇر!

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 12:07:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹قاغىش تەككۈر تۇنجى مۇھەببەت› مۇشۇنداق بىر ھېكايىنى نەدە ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە يوق، راست تۇنجى مۇھەببەتتىكى شېرىن ئەسلىمىلەرنى ئۇنۇتۇش ئۇنچىمۇ ئاسان ئەمەس

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 12:13:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ دەشتە-چۆل،باياۋانلىرىدا قىلىپ كۆل سۇيى ئىچمىگەن كىم بار دەيسىز................!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 08:43 , Processed in 0.052433 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش