قەلەمگە
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
بەس ، قەلەم كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ،
بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .
نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ،
ساپلىقىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك .
مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا،
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت ئىقبالىغا نېگىز ياسا .
كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ تاغۇ تاشلار تىتىرىسۇن ،
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن .
قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ،
خوش - خوش ئېيىتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ .
مەن سېنى ماۋزۇر قىلىپپ ، چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم،
بىركېچە گويا خىيالىدا ياۋ كۆزىگە قادالدىم.
جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە «لەۋھە » بولۇپ ياتماقچىسەن ،
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن.
قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ،
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى .
مەنبە : ئا . ئۆتكۈر شېئىرلار توپلامىدىن ئېلىندى