يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 625|ئىنكاس: 6

بايرىمىڭغا مۇبارەك، ئانا! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:41:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ساڭا ئانا!
ۋاقىت نىمانچە تېز ئۆتكەن،  كۈنلەر- كۈنلەرنى قوغلاپ، ئايلار- ئايلارنى قوغلاپ، يەنە بىر يىل ئۆتۈپ، سېنىڭ بايرىمىڭ، يەنى<<ئانىلار بايرىمى>>مۇ كېلىپ قاپتۇ. مەن يەنە مۇشۇ ئاددى يازمام، قۇرۇق تەبرىكلىرىم بىلەن ئەتتىكى بايرىمىڭنى تەبرىكلىمەكچىمەن! رۇخسەت قىلغىن!

ئانا، مانا مەنمۇ ئىككى بالىغا ئانا بولدۇم، مەن ھەر قېتىم بۇ بەڭۋاشلار گەپ ئاڭلىماي مېنى ئارتۇقچە قاقشاتقان چاغلاردا سېنىڭ قەدىرىڭگە شۇنچىلىك يېتىمەن.
جېنىم ئانا، مەن ئىككى بالىنى باشقۇرالماي شۇنچىلىك ھېرىپ- چارچاپ كېتىمەن، ئەمما، سېنىڭ  شۇ چاغلاردا بىر تەرەپتىن ئاغىرىق ئاكامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن بىز ئۈچ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ يەنە تېخى دادام ۋە ئۇنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەس مېھمانلىرىنى كۈتۈپمۇ، بىرەر قېتىم ۋايسىغىنىڭنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.
ئانا، سېنىڭ پېشانەڭگە خۇددى ئاغىرىق بېقىش پۈتۈلگەندەك، مانا ئەمدى بەش يىلدىن بۇيان يېرىم جان بولۇپ قالغان شۇ دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىسەن، سېنىڭ سەبرىڭگە ھەيران قالىمەن، بۇ بەش يىلدىن بېرى سەن نە توي- تۆكۈن، نە نەزىر- چىراق، نە دوستلار يىغىلىشى، نە تۇغقانلار يىغىلىشى، نە قاتار چايغا بېرىپ باقمىدىڭ. لېكىن سەن بىرەر قېتىم ۋايساپ باقمىدىڭ، دادامغا دوق قىلىپمۇ باقمىدىڭ.
ھەتتا، دادامنىڭ ئاغرىقىنى دەپ قېرىندىشىڭنىڭ نامىزىغىمۇ بارالمىدىڭ، بىزنى ياق ، دادامنى ئاياپ باشتا ئۆزۈڭنى شۇنچىلىك تۇتىۋالدىڭ، ئەمما يەنىلا يىغلىدىڭ.
شۇ كۈنى مەن مۇشۇ ياشقا كىرىپ سېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈن سېلىپ يىغلىغانلىقىڭنى ئاڭلاپتىمەن.
قېرىندىشىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقانلىقىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئەمما ساڭا ھېچنەرسە قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىمدىن ھازىرغىچە ئۆكۈنىمەن.

ئاپا، دەپ كەلسەم گېپىم بەك جىق، سېنىڭ ۋاقىتسىز ئاقارغان چاچلىرىڭغا قاراپ شۇنچىلىك ئازاپلىنىمەن، يۈزلىرىڭدىكى ئاشۇ سانسىز قورۇقلارنى كۆرسەم يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ، كۆز چاناقلىرىم نەمدىلىدۇ، ئەمما سېنىڭ مەندىن ئەنسىرەپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەپ ياشلىرىمنى بوغۇزۇمغا يۈتىمەن.
- بالام، چۈشكە تاماق قىلغان بىللە يەيلىمىكىن دەپ تېلىفۇن قىلدىم.
ھەر قېتىم مۇشۇنداق مېھرىبانلىق بىلەن ئېيتىلغان سۆزلىرىڭنى ئاڭلىغىنىمدا، ئانىلارنىڭ يۈرىكىنىڭ مەڭگۈ پەرزەنت ئۈچۈن سوقۇدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن ۋە سېنىڭ مانا مۇشۇنداق كۆيۈمچانلىقىڭنىڭ، جۈپتىڭگە بولغان ۋاپادارلىقىڭنىڭ ماڭا ئۇدۇم بولۇپ قېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن!
ئانا، بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن!
ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن!
مۇبارەك تېنىڭ سالامەت بولسۇن!



  




Rank: 4

توردا
208 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
724
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 01:30:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا ھەممىگە چىدايدۇ ھە  شۇنداق چىدامچانلىقى يۇقىرى ئىكەنكى شۇنداق ھەيران قالىمەن ئانامغا ۋە ئانىلارغا قاراپ
كونىلار ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە  پاخما باش ئاناڭ بىلەن قال دەپ بىكار ئىيتماپتىكەن

مەن 6 بالا  8 كەنمۇز ئەسلى  2 ئاكىمىز 1-2 ياشلاردا تۈگەپ كىتىپتىكەن

6 بالىنى بىقىپ ئوقۇتۇپ يەنە  نەۋرىلەرنىمۇ بىقىپ  `````

ھازىرقى ياش ئانىلار بالىنى باقالماي ھە دىسىە ئانىسىغا تاشلاپ بىرىپ

ئانىلار بايرىمىڭغا  ۋە بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !! ھاياتلارنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ! كەتكەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن ياتقان جايىنى ئاللاھ كەڭرى قىلسۇن !


مۇنبەردىكى ئانىلار سىلەرنىمۇ بايرىمىڭلارغا مۇبارەك

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 01:31:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپامنى يوقلىمىغىلى بىر ھەپتە بوپتۇ ....ئەتە خۇدايىم بۇيرىسا بايرىمنى تەبرىكلەپ چىقاي
بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك !

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 09:34:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەي ئاپامما !
_ ھە مەن ، نىم بولدى ئەتىگەندە تېلفون قىلىپ قاپسەڭغۇ ؟
_ ھىچ ئىش بولغىنى يوق ،شۇ ‹‹ ئانىلار بايرىمىنى ››مۇبارەكلەپ تېلفون قىلغان ئىدىم .
_ رەخمەت !سەنلا تېنچ بولساڭ ماڭا كۈندە بايرام ، چۇشلۇك تاماققا كېلەمسىلەر ؟!
_ ھەممىمىز بارىمىز .
_ ئۇنداق بولسا مەن تاماققا تەيارلىق قىلىپ تۇرسام ،سەن ئىشلىرىڭنى تۈگۈتۈپ بالىلىرىڭنى ئېلىپ كەلگىن .
_ بولىدۇ ، خوش!
(بۇ دۇنياغا ئاپامنى ئەنسىرتىش ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندىمەنمۇ دەپ قالىمەن بەزىدە )

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 4

توردا
208 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
724
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:46:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ayqiz يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 09:34
ۋەي ئاپامما !
_ ھە مەن ، نىم بولدى ئەتىگەندە تېلفون ق ...

مۇندا دېگەن بولسىڭىز بەلكىم نىم بولدى ئەتىگەندە تېلېفون قىلىپ قاپسەنغۇ دىمەستى بەلكىم

ئەسسالام ئەلەيكۇم ئاپا  بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن  

ۋەلەيكۇم ئەسسالام  رەھمەت بالام !

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:24:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئاپامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي، قىسمەت ئىككەيلەن ئىككى قولىدىن يېتىلەپ ئاددى بولسىمۇ بىر ۋاق تاماققا مېھمان قىلۋالدۇق، شۇنداق خۇش بوپ كەتتى .
ئاپامنى ئالغىلى دوختۇخانىدىن چىقىپ يولدا گۈللەرنى كۆتۈرۈشۈپ كېتىۋاتقانلارغا  قاراپ كېلىۋېتىپ،  قارىسام يول بويىدا توختىغانلا ماشىنىغا قاراپ بىر ئايال تۇرىدۇ، بۈگۈن ئازراقلا ياسىنىپتىكەن تونىمايلا قاپتىمەن ، تازا سەپسېلىپ قارىسام ئاپام ئىكەن، مېنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتى.ئويلاپ باقسام ئانىلارنىڭ كۆڭلى مانا مۇشۇنچىلىك كىچىككىنە نەرسىلەردىلا خۇش بولىدىكەن، ئەمەسمۇ؟

باھا سۆز

dilroh  ئاپامنى مىھمان قىلدىم دەيسىز تونۇماي قاپتىمەن دەيسىز بىردەم قايسى راست ھى ھى  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:36:48

Rank: 4

توردا
208 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
724
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:38:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:24
بۈگۈن ئاپامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي، قىسمەت ئىككەيلەن  ...

شۇنىڭ دەڭە مېنىڭ ئاناممۇ ئۇنماي  تاماق يەپ كېرەيلى دىسەك كىچىك ئاچام مەن بىر مېھمان قىلۋالاي ئاز بولسىمۇ دىسە سىلە بىرىپ كېلىڭلار دەپ قەتئىي ئۇنىمىغان  ئاكام ھەممىڭ كتىشسەڭ ئانام قانداق قىلىدۇ ئانام بارمىسا مەنمۇ بارمايمەن دەپ بىر ۋاقىرغان   ئانام ئاكاڭ مەن بارسام بارامدىكەن دەپ ھە ئە  سېنى بارمىسا بارمايمەن دەپ ئولتۇردۇ دېسەم ماڭدى ھى ھى ئاكام ياماندە

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 08:18 , Processed in 0.053672 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش