يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 747 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1364|ئىنكاس: 15

بىر ئانىنىڭ 3-شەخسكە بۇزۇلغان ئوغلىغا يازغان خېتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر ئانىنىڭ 3-شەخسكە بۇزۇلغان ئوغلىغا يازغان خېتى


ئالدىمغا كەلگەن بۇ ئايال نام-شەرىپىنى تولۇق ئېيتىپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇردى، بىراق، بۇ ۋەقە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ نامىنى ئاشكارىلىماسلىقنى ئىلتىماس قىلدى. ئايال نامى بار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە دوتسېنت ئىكەن، دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيسى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا قىزىنى ياتلىق قىلىشقا توغرا كەپتۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي نەۋرىلىك بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دوكتۇرلۇق ئىشى تاشلىنىپ قاپتۇ.

__ مەن سىلەرگە بىر مەكتۇپ ئېلىپ كەلدىم، شۇنى گېزىتىڭلاردا ئېلان قىلساڭلار دەپ ئىلتىماس قىلماقچىمەن، ئالتە قۇدام بار، بۇ شۇلارنىڭ بىرى--تۆتىنچى قۇدام يازغان مەكتۇپ، سىلەرگە ئۇلارنىڭ نامىنى ئېيتىشىم مۇمكىن، لېكىن ئۇرۇق_ تۇققانلار ، مەھەللىدىكىلەر بىلمەيلا قالسۇن، ساقايغان يارىنى قايتا ئەسلىتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما بۇ ۋەقەلەرنىڭ باشقىلارغا ئىبرەت بولىدىغان تەرەپلىرى كۆپ.
....قىزلار تەربىيىسى مەسىلىسىدە كۆپلەر ھەممە مەسئۇلىيەتنى قىزنىڭ ئانىسىغا يۈكلەيدۇ، نېمە دىسىڭىز دەڭ، ئەمما ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى كۆپ جەھەتتىن ئوغۇل تۇغقان ئانىلارغا باغلىق ئىكەن. ئائىلىنىڭ مۇھىتىنى شۇ ئانىلار يارىتىدىكەن، قۇلۇمدىكى مەكتۈپنى ئوقۇپ چىقىپ، بۇنىڭغا يەنىمۇ ئىشەنچ ھاسىل قىلدىم، مەندىن خېلى ياش بولسىمۇ، قۇدام ماڭا تۇرمۇشتىن ياخشى ساۋاق بەردى، بۇ مەكتۇپ باشقا قېينانىلارغىمۇ ئۆرنەك بولىدۇ، چۈنكى ئوغۇل تۇغۇپ ، گىدىيىپ يۇرىدىغان ئانىلارمۇ ئارىمىزد ئاز ئەمەس.

دەسلىپىدە ئارقا ئارقىدىن 4 قىز پەرزەنتلىك بولدۇق، كېيىن ، ئىككى ئوغۇللۇق بولدۇق، قىزلارنى زامانىمىزغا يارىشا ياتلىق قىلىشتا خېلى تەمتىرىدۇق، تۆت قىزنىڭ تولغىقى قەلبىمىزنى ئۆرتىگەن ۋاقىتلارمۇ كۆپ بولدى."قىز تۇغقان شۇنچە گۇناھمۇ " دەپ پىغانمۇ چەكتۇق. قىزلارنى ياتلىق قىلىپ بولغۇچە، قىزلارنىڭ ئانىسى نەچچە قېتىم ئورۇقلاپ، نەچچە قېتىم سەمىرىشكە توغرا كېلىدىكەن.

تۆت قىزىمنىڭ ئۈچۈنچىسى ئاجرىشىپ يېنىپ كەلگەن ، ھازىر بىز بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، ئىككى ئوغلىمۇ بار، بىز ئىككى ئوغلىمىزنى خۇدا تۆت قىلدى دەپ ئولتۇرۇپتىمىز ، مەيلى، شۇنىڭغىمۇ شۇكۈر، ئەمما تۆتىنچى قىزىمنىڭ ۋەقەسىدىن بىلدىمكى ئۈچۈنچى قىزىمنىڭ بەختىنىڭ تەتۈر بۇلۇشىغا ئايال قۇدام سەۋەبچى بولغان ئىكەن.

كۇيئوغلۇم ئۆزى كېلىشكەن ، مۇلايىم، تەبەسسۇملۇق، كۆزلىرى تىنىق يىگىت، ئۇ گەرچە كاتتا ئالىمنىڭ بالىسى بولسىمۇ، خۇددى قۇامغا ئوخشاشلا كەمتەر ئىدى.

يولدىن چىققار ئاياللار ئالدى بىلەن ئەنە شۇنداقلارغا قارماق تاشلايدۇ، ئىش ئورنىدىمۇ ياكى باشقا يەردىمۇ بىلمىدىم، يېشى كۈيئوغلۇمدىن چوڭ بىر ئايال ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرمەكچى بۇلۇپتۇ، مەلۇم دەرىجىدە كۆزلىگەن مەقسىتىگىمۇ يېتىپتۇ، كۈيئوغلىمىز ئۆيدىن سەل سوۋۇشقا باشلاپتۇ، قىزىمىز ئېرىگە ئىشەنگەن بولغاچقا بۇ ئىشنى ئويلاپمۇ يەتمەپتۇ، كۈيئوغلىمىز ئۆيگە كەم كېلىشكە باشلىغاندا بۇنى بىرىنچى بۇلۇپ قۇدام ھېس قىلىپتۇ.

راستىنى دېسەم، بۇ ھەقتە قىزىمدىن بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغىنىمدا مەنمۇ ئىشەنمەي قالدىم، ئويلاپ كۈرۈپ كاللامدىن ئۆتمىدى. قۇدام بىلەن ئوچۇق بىر نېمە دېيىشىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭكىگە باردىم، قۇدام ئەمدىلا ئىشتىن كېلىپ تۇرغان ئىكەن، گويا ھېچنەرسە بولمىغاندەك، مېنى ھەر قېتىمقىدەك ئىللىق چىراي قارشى ئالدى، ئالدىمغا داستىخان راسلىدى، ئەمما مېنىڭ كۆزۈمگە ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتى، تاماقمۇ تارتىلدى، لېكىن گەپ- گەپكە قولاشمايتتى، ئاخىر قۇدام ئۆزى ئېغىز ئاچتى.
______ بىئارام بولغىنىڭىزنى سېزىپ تۇرۇۋاتىمەن، قانچە ئاچچىق گەپ قىلماڭ، بەرىبىر سىز ھەقلىق قۇدام، ئەمما بىزگە بىر ئاز مۆھلەت بىرىڭ، بۇ بۇلۇتلار ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەنمۇ، دادىسىمۇ بالىمىزنى ئاقلىماقچى ئەمەسمىز، پەقەت بىر نەرسىنى بىلىمىز___ ئۇ ئاداشتى، ئۇنى باشقىلار ئاداشتۇرىۋاتىدۇ، سىز مەندىن ئۈچ تۆت كۆينەكنى كۆپرەك كىيگەنسىز ، دۇنيادا ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆپ بۇلۇشىغا قارىماي، يامانلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى مەندىن ياخشى بىلىسىز. قىزىمىزنىڭ يەنى كېلىنىمنىڭ ئېرىدىن ، ئۆيىدىن سوۋىشىغا سەۋەب بولىدىغان گەپلەرنى قىلماي تۇرايلى. قىزلارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك بولىدۇ، ھاياتتىن زېرىكىپ قالمىسۇن، ئۇلار ئىككىسىنىڭ ھەقىقى بەختى ھەقىقى بەخت، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل. ئۇلارنىڭ بۇ كۈنلەرنى يېڭىپ ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەيلى.

بۇ گەپلەرنى قىلغاندا قۇدام يىغلاپ تاشلىسا كېرەك ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇ كۆز يېشىسىز ، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆزلىدىكى كەلگەنلىكىمدىن ئۆزۈم ئويۇلۇپ كەتتىم. ئۇ بىكارغا ئالىم بولمىغان ئىكەن.

ئەگەر شۇ بارغىنىمدا ئايرىم ئوغۇل تۇغقان ئانىلارغا ئوخشاش " بۇ دىگەن يىگىتچىلىكتە بولىدىغان ئىش، قىزىڭىزنىڭ ئۈستىۋېشى كەم ئەمەس، نەۋرىمىزمۇ يالىڭاچ ئەمەس، يەنە شىكايەت قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى " دىگەن بولسا ، مەنمۇ ئىچىمدىن تۈكۈلۈپ كېتەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئىش تېرىلاتتى. لېكىن ئىش ئۇنداق بولمىدى.

قۇدام بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئورنىغا قىزىمغا ئېغىرراق بۇلۇشنى، سەۋر قىلىشنى جېكىلەپ قايتىپ كەتتىم، كۈيئوغلۇم بىزنىڭكىگە كەلگەندىمۇ خۇددى ھىچنەرسىدىن خەۋىرىم يوقتەك ياخشى كۈتۈپ يولغا سېلىپ قوياتتىم، شۇنداقتىمۇ قىزىمنىڭ ۋە قۇدامنىڭ ئىچ- ئىچىدىن ئۆرتىنىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم.

ھازىر شۇ قىزىمنىڭ تۆت پەرزەنتى بار، خۇدايىم يامان كۆزدىن ئاسرىسۇن، قۇدام ئېيتقاندەك بۇلۇتلۇق كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنتۇلۇپمۇ كەتتى. ھازىر بۇ ئائىلىگە ھەممىسى ھەۋەس قىلىدۇ. ئەمما شۇ كۈنگە يەتكۈچە ئانىنىڭ كۆڭلىدىن نېمىلەر كېچىپ، يۈرەكلىرىنىڭ قانچىلىك ئۆرتەنگەنلىكىنى مانا شۇ خەتتىن بىلسە بولىدۇ. بۇ خەتنى قۇدام ئاشۇ بۇلۇتلۇق كۈنلەردە ئوغۇللىرىغا يازغان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئوغلىنىڭمۇ كۆزى ئېچىلىپ قالغان، ئائىلىنىمۇ ساقلاپ قالغان ، كېلىنىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك مېھرىگە نائىل بولغان ئىكەن.

«بالام، بىر چاغلاردا بىر مەسىلە توغرىلىق موماڭلارنىڭ ئالدىغا مەسلىھەت سوراپ بارغىنىمدا،موماڭ " ئەگەر باشقىلارغا ئېيتىدىغان گېپىڭ ئېغىر بولسا ، ئۇنى ئېيتىشقا ئالدىرىما، بىر پەس ئايلىنىپ كەل، ئەگەر گېىپىڭ ھەقىقەتەن ھەم ئېيتىلىشى شەرت بولسا، شۇنىڭدىن كېيىن ئېيتساڭمۇ كېچىكمەيسەن، ئەگەر ئېيتىلىشى شەرت بولمىسا، ئاچچىقىڭ كېلىپ تۇرغان بولسا، بۇ ئاچچىق ئاشۇ ئايلىنىش جەريانىدا تىلىڭدىنمۇ، دىلىڭدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىراۋنىڭ دىلىنى ئاغرىتىش گۇناھىدىن قۇتۇلۇپ قالىسەن"»، دىگەن ئىدى.

ساڭا ئېيتماقچى بولغان گەپلەرنى دىلىمدا تەكرارلاپ تەييارلىغىمچە خېلى كۈنلەر بېرى شۇنداق ئايلىنىپ ئۆزۈمنى بېسىپ يۈرۈۋاتىمەن، ئەمما بۇ گەپلەر تىلىمدىنمۇ، دىلىمدىنمۇ كۈتۈرۈلمىدى. دىمەك بۇ گەپلەرنى ساڭا ئەلۋەتتە ئېيتىشىم كېرەك. ئىلاجى بولسا، ئۆزەڭنى تۇتۇۋېلىپ، توغرا چۈشىنىپ، توغرا ھەزىم قىل. ئىنساننىڭ بىلىكىدىن ، ۋۇجۇدىدىن ، بارلىقىدىن كۈچ-غەيرەت، ساپ قان ئاقىدىغان دەۋر بەكمۇ قىسقىدۇر، ئۇ بەكلا تىز ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئاشۇ كۈچ-غەيرەتنى بىلىپ يېتىپ، جايىدا ئىشلىتىشى، بۇ دەۋرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشى، ئۆزىدىن پاك نام، پاك سۈپەت قالدۇرۇشى كېرەك. بۇ مىليۇن يىللاردىن بېرى ئىنسان ئۈچۈن چىن ئىنسانىيلىقنىڭ بەلگىسى بۇلۇپ كەلگەن. بۇ مىزانلار ئۆزگەرمەس مىزان بالام.

مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشەنمەي قالغانسەن، بەلكى يەنە ئىلگىرى دىگەندەك، ئانام كىتاپ بىلەن ياشايدۇ، كىتابىي سۆز قىلىدۇ. دېيىشىڭ مۇمكىن. ئەقلىڭنى تاپقاندا (شۇنداق بۇلۇشىغا ئىشىنىمەن ئەلۋەتتە ) ئاندىن بۇ ئىپلاس دۇنيادا يىرگىنىشلەر ئارىسىدا ياشاپ، ھاياتتىن زېرىكمەي، باللىرىمىزنى گۈلدەك ئاسراپ قالغانلىقىمىزغا ،پەقەت ھالال تاپقىنىمىزنى يېدۈرۈپ_ ئىچۈرگىنىمىزگە ، (كىتابىي ياشاشنى بىلگىنىمىزگە ) قايىل بولساڭ ئەجەپ ئەمەس.

بۇمۇ ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. ئەتراپىڭغا قاراپ باق، ۋەيران بولغانلار، يامان يولغا كىرىپ قايتىپ چىقالماي بالا مېھرىدىن جۇدا بولغانلار، كېپەنلىككە زار بۇلۇپ، ئاقىۋىتى ئېچىنىشلىق بولغانلار ئاز ئەمەس،شۇلارغا قاراپ باق، شۇ ھەقتە ئويلاپ باق، شۇلارنى بىر مۇلاھىزە باق. باش__ ئادەمگە پىكىر قىلىش، ئەدەب- قائىدىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاتا قىلىنغان ئوغلۇم.

ئاناڭغا، ھەممىمىزگە بولغان مېھرىڭنىڭ چىن،سەمىمى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچ ساڭا بۇ مەكتۈپنى يېزىشىمغا مەدەت بەردى. بەلكىم، بىر ئاتا، بىر ئانا قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلدۇق، بەرگەن تەربىيىمىزنىڭ بېشىمۇ، ئاخىرىمۇ پاكلىق توغرىلىق ھەققىدە بولدى. دەپ ئېتىراپ قىلىش بىلەن چەكلىنىپ بولمايدىكەن. پەرزەنت چوڭ بولسىمۇ، ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئۇ بەرىبىر پەرزەنت، بۇ نۇقتىنى ئوغۇل-قىزلىرىڭ چوڭ بولغاندا ئۆزەڭ بىلىپ يېتىسەن ئەلۋەتتە. مەن ساڭا ئۆمرۈڭدە دۈچ كەلمىگەن يالغانغا دۈچ كەلگەنلىكىڭنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن. كەل، بىز بۇ يالغانلارنى پاش قىلايلى، ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭ تەكشۈرۈپ كۆر، بۇنىڭ باشقا مۇرەككەپ يېرى يوق.

ساڭا "مەن ئالىي دەرىجىلىك ۋىراچمەن، پالانى دوختۇرخانىدا ئىشلەيمەن " دەپ سېنى ئىشەندۈرگەن شۇ مەخلۇقنىڭ ھېچقانداق مەلۇماتى يوق ئىكەن، ئۇ ئەسلىدە ۋىراچ ئەمەس، ئادەتتىكى بىر سېستىرا ئىكەن، شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان باش ۋىراچ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى.

ئۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئافغانىستاندا ھالەك بولغىنىمۇ يالغان ئىكەن، چوڭلا بولۇپ قالغان ئىككى قىزىنىڭ ئاتىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن، ئۇنىڭ تۇقۇغان يالغانلىرى ساڭا ئوخشاش ساددا يىگىتلەرنى توزاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن. بۇنى ماڭا ھەدىسىنىڭ ئىشلىرىدىن نومۇسقا قالغان، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ھەممە نەرسىسىنى ئاشۇ بىنومۇس ھەدىسىگە تاشلاپ بېرىپ قۇتۇلغان سىڭلىسى ئېيتىپ بەردى. لازىم بولسا ئادرىسىنى ساڭا بېرىمەن، بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاپ كۆر.

سەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان مۇھىت باشقىچە مۇھىت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئىشىنىپ قېلىپسەن، ئۇنداقلارنى كۆرمىگىنىڭ ئۈچۈن(كۆرمىگىنىڭگە شۈكۈر ) ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ قېلىپسەن، نەتىقىدە پەرىشتىدەك كېلىنىم سېنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ ئالدىدا چېنىشقا باشلاپتۇ.

ئوغلۇم، تەقدىر بۇيرۇغان ئائىلەڭنى مۇقەددەس بىل، ئۇنىڭغا قالقان بول. ئۇنى بالا-قازادىن، ھەسەت-پىتنىلەردىن ئاسرا، ھىمايە قىل، بۇ ھەقىقى يىگىتنىڭ بۇرچى، ئەگەر بىلسەڭ ئائىلەڭ ھازىر يارنىڭ ياقىسىغا بېرىپ قالدى. كېلەچىكىڭنى، نەسلىڭنى،نەسەبىڭنى ئويلاپ ئىش قىل. ئاناڭنىڭ،ئايالىڭنىڭ، قېينى ئاناڭنىڭ كۆزىدىن ناھەق ئاققان ياشلار سېنى ئۇرمىسۇن.

يېگىنىڭ ھالال بولسۇن، جۇپتى ھالالىڭ ئۆزۈڭنىڭكى، ئۆزۈڭنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىڭ، ۋۇجۇدۇڭنىڭ پارچىسى بولسۇن، سەن ھازىر كۆزۈڭ تورلىشىپ، بىر گۈلگە ئۆيلەنگىنىڭنى، خۇتۇنۇڭنىڭ ، سېنىڭ ، مېنىڭ ھىمايىمىزگە ، مېھرى-مۇھەببىتىمىزگە مۇھتاجلىقىنى بىلمەيۋاتىسەن. ئۇ ھازىر چۈشۈپ قالغان ۋەزىيەتنى ئويلاپ كۆر. ئىلاھىم، ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئوخشايدۇ دىگەن خۇلاسىگە كېلىپ قالمىسۇن. ئۇنىڭدىمۇ ئويغىنىش بولىدۇ. قىزلىقى، ئاياللىقى، ئانىلىقىنى تۇنۇش جەريانى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنى تونىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مېھرىنى، مۇھەببىتىنى ، پىدائى ساداقىتىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈش قىيىن بولىدۇ. ئىنسان بۇلارسىز ياشىيالمايدۇ. ئاياللاردىمۇ كۆڭۈل بار، ئۇنى ئەزىزلىسەك ئەزىز، خارلىساڭ ئۆزۈڭمۇ خار بولىسەن، شۇ نۇقتىغا دىققەت قىل.

ئاناڭنىڭ بىر ئۆمۈر دۇئاسى "پەرۋەردىگار، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بېشىمىزنى تۆۋەن قىلما" دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. سەندىن شۇنى ئىلتىجا قىلىمەن. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنىڭ ھەم بىزنىڭ بېشىمىزنى تۆۋەن قىلما. ساڭا ئېيتماقچى بولغان گەپلىرىم مۇشۇ. قالغان خۇلاسىنى ئۆزۈڭ چىقىرىۋالىسەن دەپ ساڭا ئىشىنىپ، ئاناڭ »

مەنبە:"روھ پاكلىقى_____________ دىل جىلۋىسى"دىگەن كىتاپنىڭ"ئانىلاردا گەپ جىق"دىگەن بۆلىكى.

ئاپتورى : رەھىمە شامانسۇروۋا (ئۆزبېكېستان )

مۇنبەرگە يوللىغۇچى: بارماقلىرىم...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:36  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
714 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2164

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:47:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئېسىل يازمىنى يوللىغان ئاشۇ بارماقلىرىڭىزغا تەشەككۈر!
شۇنچىلىك ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم، كەلگۈسىدە بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ تاسادىبىي مۇشۇنداق كۈنلەر كېلىپ قالسا مانا مۇشۇنداق سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلالارمىزىمۇ؟- دېگەننى ئويلاپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.
ئىلاھىم، ھالال جۈپتىمىز بولمىش ئەرلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە چەكسىز ئىنساپلار ئاتا قىلغاي!

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:04:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ........ھەممە قېينى ئانىلار شۇنداق بولسا نىمە دىگەن ياخشى-ھە؟

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 14:54:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزەمنى قاراڭغۇلۇققا سۆرەپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ،بۇ تېما ماڭا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلدى ،بۇ تېمىنى ئۇقۇغاندىن كىين ئىچىمنى ئېچىشتۇرۋاتقان ئازاپنىڭ بارغانسىرى يىنىكلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن ،يۈرەك سېلىشىممۇ ئاستا - ئاستا نورماللاشتى ،ئەمدى ئۆزەمنى قاتتىق بېسېۋىېلىپ ،ئۆز - ئۆزەمگە سەۋىر ،يەنە سەۋىر تىلەي ! باشقىلارنىڭ بەخىتسىزلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان تۇرمۇشنىڭ ئۇنچىۋىلا بەخىتلىك بۇلۇپ كىتىشىگە ئىشەنمەيمەن .بارلىق ئەرلىرىمىزنىڭ كۆڭلى ئىمان - ئىنساب بىلەن تولغاي !

Rank: 2

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:31:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك ئاقىلانىلىق بوپتۇ ،ئانىلارنىڭ ئالىي مەلۇماتلىق بۇلۇشىنى تەۋسىيە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى بوپتۇ ... بىزدە ئاياللار ئويدە ئەرنىڭ كىرىنى يۇيۇپ ،تامىقىنى ئىتىپ ،بالىنى ياخشى كىيندۇرسە ،يىگۈزسە بولدى دەيدىغان ناچار قاراش بار ،بۇ تېمىدىن ئانىلارنىڭ يۇقۇرى  ساپالىق بۇلۇشىنىڭ قانچىلىك زۆرۇرلىكىنى ھىس قىلىشقا بولدۇ .

Rank: 2

توردا
109 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
271
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچىلىك تەسىرلىنىپ كەتتىم ، ئەنە شۇنداق ئانىلارنىڭ ئەنە شۇنداق قېينانىلارنىڭ ئۆمرىنى ئەجرىنى بەرسۇن خۇدايىم ......  شۇنداق قېينانىنى ماڭا بەرسە .....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
714 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2164

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش hilal نىڭ يازمىسى

ياخشى نىيەتلىرىڭىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئېسىل قىينىئانىلارنى ئۇچراتقاي، ھىلال

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1834

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابنى تېخى ئۈلۈشكۈن سېتىۋېلىپ شۇنداق زوقمەنلىك بىلەن ئوقۇپ كېتىپتىمەن. بۈگۈنمۇ تېخى مۇنۇ يازمىدىكى يەرنى ئوقۇغان ئىدىم. ھەمدە بۇ قېيىنئانىغا ئاپرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم ھەمدە جاھاندا مۇنداقمۇ ئېسىل،پەزىلەتلىك،بىلىملىك قېيىنئانىلار بولىدىكەن دەپ قالدىم.
رەھىمە خانىمنىڭ بۇ كىتاۋىنى توي قىلىپ بىر ئائىلىگە ئىگە بولغان خانىم-قىزلارنىڭ چوقۇم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ كىتاب چىن تۇرمۇشقا يېقىن پۈتۈنلەي ۋەقەلىكلەر ئەمەلىي تۇرمۇش مىساللىرى بولغاچ خانىملارغا نۇرغۇن پايدىلىق بىلىملەرنى ئۈگۈتىدىكەن ئېغىر-بېسىق بولۇشنى، بىز خانىم-قىزلارنىڭ ھەر ۋاقىت بىلىمدىن ئايرىلىپ قالساق بولمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىكەن.
شۇ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ئاياللارمۇ ھەر ۋاقىت بىلىم ئېلىشنى توختىتىپ قويماسلىقى لازىم.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
109 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
271
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 23:41:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت مەرۋەرى ھەدە ......  دىگەنلىرىڭىز كەلگەي .....
مۇشۇخىل كىتاپلارنى قىز - ئاياللار قىق ئوقۇپ بەرگىنى ياخشى ، مەنمۇ خاتىرلىۋالدىم بىر نەچچە تەۋسىيە قىلىنغان ۋە ئىسىل پارچىلار چىققان كىتاپلارنى .... بارغاندا ئىزدەپ تېپىپ ئېلىپ كىلىپ ئوقۇيمەن زادى .....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1298

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:08:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ ئاياللار بەك سەۋىرچان ھەم كەمتەر جۇمۇ
ئەرلەر تالاغا قاراپ قالسىمۇ ھەر ۋاقىت پىچاقنى ئۆزىمىزگە سېلىپ ئوپراتسىيە قىلىپ ئۆزىمىزدىن ئىزدەيمىز مەسىلىنى ...خۇددى ئەر خەقتە بار كۆڭۈل ئايال كىشىدە يوقتەك ، ئايال كىشى تارتىشقان كالام - بالام ئەر كىشىنىڭ ئەمەستەك ...سەۋرلەرنى تىلەيمىز ئاللاھتىن ئىشقىلىپ ئايال كىشىنىڭ جېنى بەك چىڭ ھەم بەك سەۋرچان

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:34 , Processed in 0.058270 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش