يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 596|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى نادىر شېئىرلار 95 . جان ئارا جانان ياتۇر ئايەت ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:36:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جـان ئـارا جـانـان يـاتۇر ئـايەت ئـوقـۇپ


غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت


(1)

كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم،

ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم.

ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا،

قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم.

ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى،

جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم.

تۇرپاندا قەبرە، بولدۇم ھازىدار،

شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم.

كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ،

ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم.


(2)

ئالمىخاننىڭ ئالمىسى بار، باغى يوق.

لەيلىخاننىڭ گۈلى بار، گۈلزارى يوق.

سايرىماڭلار غۇنچىخانغا تەلمۈرۈپ،

ئېچىلىشقا بەھرى ئاپتاپ يازى يوق.

تاڭغا يىغلاپ ئولتۇرىدۇ نۇرىخان،

تۈندە كەلمەڭلار ئۇنىڭ چىراغى يوق.

چىللىماڭلار ھۆرىخاننى بەزمىگە،

ئاڭا ئاشىق يىگىتى - سەردارى يوق.

تىڭشىماڭلار كۈيلىسە ئازادىخان،

جان غېمىدىن كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق.


(3)

يارىم كېلىپتۇ كۆرۈپ كەتكىلى.

ساچىنى چۇۋۇپ، ئۆرۇپ كەتكىلى.

جېنىمنى ئويناپ بارماقلىرىدا،

بارماقلىرىمدا ئۆلۈپ كەتكىلى.

دوزاق ئوتىدىن ئالغاچ كېلىپتۇ،

ئۆچكەن قېنىمغا كۆمۈپ كەتكىلى.

لەۋلىرى سەرسان، كۆكسىدە ئىسيان،

يىغلاپ كېلىپتۇ، كۈلۈپ كەتكىلى.

سۇندۇر قەدەھنى، جىسمىم شاراپتۇر،

يارىم كېلىپتۇ چۈمۈپ كەتكىلى.


(4)

گۈل ئېچىلدى، تاڭدا ئۇخلار بۇلبۇلى.

تال يېشىندى، سۇدا ئوينار سۇمبۇلى.

چۆل مۇقام چالۇر بوران پەنجى ئىلە،

شەمۇ - شە ياڭرار مۇساپىر مەرغۇلى.

ئەر بالاغەت دەشتىدە پىيادىدۇر،

ئىنتىزار ، باغلاقتا كىشنەر دۇلدۇلى.

جان ئارا جانان ياتۇر ئايەت ئوقۇپ،

نۇر چاچار كۆزىدە ئىشرەت يۇلتۇزى.

ئەي خۇدا سەن كىمنى يار قىلدىڭ ماڭا،

جىسمى خار، قەلبى مۇھەببەتنىڭ قۇلى؟!

(5)

تەرسالىقىمدا ئىتائەت ئۆلمەس.

رەسۋالىقىمدا مۇھەببەت ئۆلمەس.

ئۆلۇم دەشتىگە سالمىسام ئاتنى،

ھايات باغچامدا ھالاكەت ئۆلمەس.

مىڭ بىر كېچىگە ياقمىسام چىراغ،

جىنلارنىڭ سۈرى - قاباھەت ئۆلمەس.

رەقىپ ياشلىرىدا يۇيۇنمىسام گەر

يۈرىكىمدىكى جاراھەت ئۆلمەس.

قۇتۇلمىغىچە جان ھىجرانىدىن،

روھىمدىكى جىنايەت ئۆلمەس.


(6)

ئۆزۈمگە بىر ئۆزۇم ھەقدا قەلەندەر مەن.

ساپايەم زارىدىن سەۋدا قەلەندەرمەن.

كېچىپ نىگاردىن كىم يەتتى ھىجرانغا،

ئۇنىڭ ھۆر قان ۋە ياشىدا قەلەندەرمەن.

ۋىسال ئارغامچىسىدا كىم باغلىنىپ يىغلار؟

بەخت ئىچرە جۇداسىدا قەلەندەرمەن.

بىراۋنىڭ تاجى كۈلپەتتۇر بۇ باشىمغا،

شەھانە قۇل ئاراسىدا قەلەندەرمەن.

بىھۇشلۇق چۆلىنى ئىستەيدۇ بۇ كۆڭلۈم،

يېشىلسەم گۈل بازارىدا قەلەندەرمەن.


(7)

كۆنسە كۆرۈمگە كۈلپەت نائىلاج.

كۆنسە ئۆلۈمگە قىسمەت نائىلاج.

ۋەھىمە بىرلەن مەھكەم تاقالغان

قەبرەئى دىلغا رىغبەت نائىلاج.

ھەقىقەت - قىلىچ، نۇرى - قىزىل قان،

بىلمىگەن ئەرگە ھېكمەت نائىلاج.

ئۇنتۇپ ياشىغان ئۆلەر سېغىنىپ،

سېغىنمىغۇچە ئىبرەت نائىلاج.

جان تەندە ئامان - قۇلۇڭدا جاھان،

بىلمىسەڭ مەڭگۈ پۇرسەت نائىلاج.


(8)

سېغىن باش ئۇرغىلى خۇدا ياخشى.

ئاڭا يەتكىلى ھەم گۇنا ياخشى.

ۋەتەنسىز قالمايدۇ ئىتمۇ ئاخىرى ھەرگىز،

تىللىما زىكرىگە ھەمدۇ - سانا ياخشى.

گادايلىق تونىنى سال ، دېدىڭ كىمگە؟

بىراۋنىڭ تاجىدىن ئەسكى كۇلا ياخشى.

قۇياشقا تەلمۈرۈپ ياتقان كېچەلەردىن،

سەپەردە بولغىنىڭ جاندىن جۇدا ياخشى.

غوجى جان ئايۋانىدىن چىق قىلىپ ئىسيان،

سايدىكى قارا تاشقىمۇ سادا ياخشى.


(9)

نەۋائىي ھەزرىتىم ياققان چىراغمەن.

شاھ مەشرەپ چۆلىدە يالاڭ ئاياغمەن.

جاھاننى تەلمۈرتۈپ مەيسىز، بادەسىز،

ھەييامنىڭ قولىدا سۇنغان ئاياقمەن.

كۆيىمەن دوزاخ مەندە بولغىچە ۋەيران،

زېمىننىڭ قەلبىدە يانغان پىراقمەن.

ئىسمىمدىن قان ئاقىدۇ، جىسمىمدىن جان،

تۇلپار ئىزىغا قايتقان تۇپراقمەن.

كەچۈر ئەي تەڭرىم ئازسا قەلىمىم،

قۇياشقا يېقىن تاڭدىن يىراقمەن.


(10)

بىر دېسەڭ مىڭ بولۇپ چېچىلغايمەن.

مىڭ دېسەڭ بىر بولۇپ يىغىلغايمەن.

سىر دېسەڭ كۆز يېشىمنى چۈشەنمەستىن،

قىپ - قىزىل قان بۇلۇپ ئېچىلغايمەن.

ئۆلدى دەپ سۈرەن سالساڭ ئالىمىڭگە،

قايتىدىن دارلىرىڭغا ئېسىلغايمەن .

تۈن دىسەڭ ھاياتىمنى، تۈن كۆكسىگە

نۇر دېگەن ئەشار بولۇپ يىزىلغايمەن.

مەن بار مەن سېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭدا،

تاكى سەن ئۆلمىگىچە ياشىغايمەن.


(11)

ئېگىلگەن باشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

ئېزىلگەن تاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

ئەڭ چوڭ دۈشمىنىم بىچارىلىكتۇر،

تۆكۇلگەن ياشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

رەقىبىم بولسا ئامان قويمىسۇن،

ئۇ بەرگەن ئاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

ئۆتتى پۇشايماندا ھەر بىر كېچەم،

ئارسىز قۇياشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

قەبىھ قەيسەرلىكىمدە مەۋجۇتمەن،

تىترەپ ياشاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.


(12)

ئۇھسىنىپ دەم - دەم دەرىزەمنى قاقار بىر كىم.

پەرىشان كۆڭلۈمنى يەنە سۇندۇرۇپ چاقار بىر كىم.

مۇھەببەت تۇندىكى بىر تال يۇلتۇزدا ئويغاق،

خىيالىمنى ئېغىر ساپانغا قاتار بىر كىم.

جېنىم سەرسان ، ئۆلۈم دەرۋازىسىنى ئەتمەپتۇ،

يۈرىكىمدىكى پىراق داۋانىدىن ئاشار بىر كىم.


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
395

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:56:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما يېزىش ۋەزىپىسى چۈشكەندەك يېزىۋىرىدىكەن بىر خىل تىمىنى

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:30:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rohqin تېنچلىقتۇ ؟ سىز بىلەن كومپىيوتىر تالىشىپ قالمىغاندىمەن .......
ياكى بۇ تېمىنى ئوقۇڭ  ئوقۇمىسىڭىز بولمايدۇ دەپ سىزگىمۇ بىر يەردىن ۋەھى كەلمىگەندۇ ؟ ئوقۇش خوشياقمىغان بولسا كىرمەيلا قويۇڭ .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:00:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلاق ژورنىلىغا بېرىلگەن قوشاقلاردەك كىشىگە يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلايدىغان مىسرالارنى كۆردۈم.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:26:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rohqin يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:56
تىما يېزىش ۋەزىپىسى چۈشكەندەك يېزىۋىرىدىكەن بىر خىل ت ...

سالام روھچىن، راست دەيسىز، ئايقىز ھەدەمگە مۇشۇ نادىر شېئىرنى توپلاش  ۋەزىپىسىنى بەرگەن، سەۋەبىنى ماۋۇ تېمىدىكى ئىنكاستىن كۆرۋېلىڭ!
بۇ يەردىن كۆرۈڭ

ئايقىز ھەدەم مۇنبەردىكى يېشى چوڭلار قاتارىدىكى ھەممىمىزگە ھەدە يوللۇق كىشى، شۇڭا بەزى جەھەتلەردە گەپنى ياشلارغا قىلغاندەك تۈزلا قىلىپ، بۇ ھەدىمىزنىڭ دىلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنايلى!

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
395

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 08:41:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ayqiz يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:30
rohqin تېنچلىقتۇ ؟ سىز بىلەن كومپىيوتىر تالىشىپ قالمىغان ...

كەچۈرۈڭ ! سىزنى خاتا تۇنۇپ قالغاندەك قىلىمەن .
ئىلگىرى ئايتۇران ھەدەم بىلەن مۇشۇنداق چاقچاق لىشىپ قۇياتتىم.
سىزنى شۇ ھەدەم دەپ چاقچاق قىلىپ قۇيۇپتىمەن .
راستىنلا كەچۈرۈڭ

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
395

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 08:42:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:26
سالام روھچىن، راست دەيسىز، ئايقىز ھەدەمگە مۇشۇ نادىر  ...

راس دەيسىز . ھەدىللىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىش ھەددىم ئەمەس .
خاتا تۇنۇپ قېلىپ چاقچاق قىلىپ قۇيۇپتىمەن. ئايتۇران ھەدەم شۇ بولغان بولسا چۈشۈنەتتى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 09:28:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلاردىن خېلى زوقلاندىم. بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆز قولۇپ بىلەن كۆچۈرۈپ چىققانمەن ھېكمەت خاتىرەمگە....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:21:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rohqin يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 08:41
كەچۈرۈڭ ! سىزنى خاتا تۇنۇپ قالغاندەك قىلىمەن .
ئىلگىرى ...

مۇشۇ ئايتۇران مەندىن ئون بەش كۈنلۈك رۇخسەتنى ئېلىپ يوقاپلا كەتتى دىسە، چ چ دىمۇ يوق ، مېنى تېپىپلا چىقىرۋەتكەن ئوخشايدۇ، روھچىن كەچۈرسەممۇ كەچۈرۋېتەيسىزدە  ئاشۇ ئايتۇراننىڭ چ چ سى بولسا بىر ئۇچۇر يوللىۋېتىڭە، مۇنبەردىكىلەر ئۇنى سېغىندۇق.

Rank: 1

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:05:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجىمەممەتنىڭ مۇشۇنداق تاتلىق شىئرلىرىنى ئۇقۇغانسىرى ئۇقۇغۇسى كىلىدۇ ئادەمنىڭ،بولسا ئۇنىڭ يىڭى شئىرلىرىنىمۇ پات-پات يوللاپ تۇرساڭلار بەك ياخشى بۇلاتتى.   ھىجرانىستان باغرىدىن چىقتى مەشرەپ باغرى قان،
يەتمەككە يارنىڭ ۋەسلىگە ئىستىگەنچە بەردى جان'
چىچەكلىدى كىچىلەر ئۇ قايتتى دار ئالدىدىن،
ئالدى ئۇنى ئۆز باغرىغا ئايەت ئۇقۇپ بىر جانان ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 04:39 , Processed in 0.053630 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش