يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 514|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى نادىر شېئىرلار 52. سۇ تالىشىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۇ تالىشىش

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم


شۇنچە مەرغۇر، شۇنچە لىۋەنسەن،

شۇنچە شېرىن، نازۇك بەدەنسەن.

ئويناقشىشىڭ دۇلدۇلدۇر گويا،

كۈيلەشلىرىڭ بۇلبۇلدۇر گويا.

خىيالىمدا بىر ئۆستەڭ لىق سۇ

ئېقىپ كېرەر ئېتىزلىقىمغا...

تالاشقاندەك ئىككى قەبىلە،

ئون تۆت ياشلىق رەسىدە قىزنى.

بىر توپ تەلۋە، زوراۋانلاردىن،

تالىشىمەن بىر ئېچىق سۇنى.

ئۇلار سۇنى سۆيگىنى بىلەن،

كۆرەلمەيدۇ سۇدىن چىنلىقنى.

بىر - بىرىگە كۆتۈرۈپ گۈرجەك،

كۆرسىتىدۇ قەھرىمانلىقنى...

ئېرىق بويلاپ بارىمەن تەنھا،

يۈرىكىمدە ئاقىدۇ دەريا.

ئاشىق بولدۇم بىر ئېچىق سۇغا...

قىچقىرىدۇ توپ - توپ ئاياللار،

تەۋەززۇلۇق سۆزلەر ئىقىنلار.

ئاياللارغا ئامراق كىشىلەر

ياش يىگىتتىن سۇنى تالىشار.

شۇنچە ۋەھشى، شۇنچە تەننازسەن،

شۇنچە بۈيۈك ۋە شۇنچە ئازسەن.

سەن زېمىننىڭ ئەمەس مېنىڭكى،

دەريا ئەمەس بىر تامچىدۇرسەن،

ئوردىسىدا سۇ شاھىنىڭكى.

ئىككى ئىرىق - ئىككى قەبىلە،

بىر - بىرىنى قىلىدۇ قەتلە.

ئىرىقتىكى قىزنى دېمىسە،

ئەپ ئۆتەتتى مەڭگۈ - مەڭگۈگە.

ئېرىق بويلاپ بارىمەن تەنھا،

ئاشىق بولدۇم بىر يۇتۇم سۇغا.

سۇ مۇلايىم، رايىش شۇقەدەر،

راھەتلىنەر، شاتلىنار تەنلەر.

بىر - بىرىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن،

جان بېرىدۇ ئەركەك بەدەنلەر.

سۇ كىرگەندە ئېتىزلىقىمغا،

شادلىق ئۆرلەپ ئاقتى قېنىمغا.

سۇ ئاقماقتا،

ئاقماقتا ناخشا،

سۇ ئاقماقتا،

ئاقماقتا ئاقچا.
باشلىرىمدا سايرايدۇ قۇشلار،

ئېچىقلاردا تاتلىق كۈلكىلەر،

جىرىڭلايدۇ ئالتۇن تەڭگىلەر.

سۇ چاچىدۇ،

چېچىشىدۇ گۈل،

مەن ئالماقچى بولغان گۈزەللەر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:28  


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:57 , Processed in 0.045318 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش