بىز تەبرىكلەيدىغان بايرام ئەتە
ئەتىكى بايرام ئۆزىمىزنىڭ بايرىمى، تەبرىكلەشكە تېگىشلىك بايرام. يەنە كېلىپ تۇنجى قېتىملىق دوپپا بايرىمى. بىر ئىشنىڭ بېشى خەيرلىك بولسا كېيىنمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.ھەممەيلەن مودا قوغلىشىپ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىز سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزىلىشى نەقەدەر زور ئەھمىيەتكە ئىگە ھە. بۇدۇنيا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن گۈزەلدۇر. ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ پسىخىك خاراكتىرىگە خاس مەدەنىيەت يارىتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ خاس مەدەنىيىتى شۇ مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھەر مىللەتنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى دۇنيانىڭ يارىشىقى ھەم دۇنيا مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ خۇشپۇراق بىر گۈلىدۇر. بۇ گۈلنىڭ پۇراقلىق ياكى پۇراقسىز بولۇشى شۇمىللەتنىڭ ئۆزىنى تونۇشى، قەدىرلىشى ۋە ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش-سۆيمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.سۆيگۈسىز دۇنيا، سۆيگۈسىز گۈللىنىش ۋە سۆيگۈسىز مىللەتمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر بىر مىللەت ئۆز مىللىتىنى سۆيمىسە، ئۆزىنى ئۆزى قەدىرلىمىسە، ئۇ مىللەتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۆزىنى تونۇش، ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ۋە قوغداش شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، رەڭدار دۇنيا مەدەنىيەت باغچىسىنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. شۇڭا ھەر بىر پۇقرا ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ۋە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى دەپ بىلىشى لازىمدۇر.
ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ ئەتىكى بايرىمىنى ئالدىن قۇتلۇقلايمەن. ئۆزىمىزنىڭ بايرىمىنى ئۆزىمىز تەبرىكلىگىنىمىز ھەممىدىن ئەۋزەل.
مەنبە : http://siraj.blogbus.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:08