يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ayqiz

بىز تەبرىكلەيدىغان بايرام ئەتە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:13:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ چاچ قويماي پات-پات قىردۇرۇپ يۈرىدىغان بېشىدىن دوپپىسىنى ئايرىمايدىغان بىر يۇرتلۇق ساۋاقدىشىم بار ئىدى، ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ تەقدىر ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ھايات قوينىغا پىرقىرىتىپ چۆرىۋەتتى، تۇرمۇشلۇق بولۇش قىرانىغا يەتكەن كۈنلەردە ئۇ ياخشى كۆرۈپ قالغان بىر قىز ئۇنى چاچ قويۇشقا، دوپپىنى تاشلاشقا قىستىۋىدى، ئۇ بۇنىڭغا كۆندى، تويدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولغاندا چاچنى چۈشۈرۈپ يەنە دوپپىدىن بىرنى ئېلىپ كىيدى. ئاخىرى نېمە بولدى دېمەمسىلەر؟ بىر ئوغلى ئانىسىز قالدى، ئۇ قايتا ئۆيلەنمىدى. بالدۇرلا خىزمەتتىن چېكىنىپ كىچىككىنە بىر ئاشخانا ئېچىپ، ياغلىق چېگىدىغان قىزدىن بىرنى ئەمرىگە ئېلىپ تۇرمۇشىنى سېرىقتالراق ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
دېمەكچىمەنكى، دوپپىلىق يىگىتنىڭ كۆڭلى چۈشكەن قايسى بىر قىز شۇ يىگىتكە ماقۇل بولىدىغاندۇ؟ مۇشۇ مۇنبەردە ياتلىق بولمىغان قىز بولساڭلار  دوپپىنى بېشىدىن ئالمايدىغان يىگىتكە ياتلىق بولامدىغانسىلەر؟
بىز ھەقىقەتەن ھاياجانلىنىشقا ئۇستا كېلىمىز. شۇنداق چىرايلىق قىزلىرىمىز دوپپا كىيگەن يىگىتلەرنى نەزەرىگە ئىلمايدۇ. شەھەردە ياشىغانلار سەھرادىن كەلگەن يىگىتلەرنى ياراتمايدۇ. دۇنيادا بىزدەك ھاكاۋۇر، گىدەيگەك، لاپچى ئادەملەر بولمىسا كېرەك.  گېپىمگە قوشۇلمىساڭلار مېنى تىللىساڭلار بولىدۇ، بىز ھازىر ئەژدادلىرىمىزغا ئوخشىمايۋاتىمىز. تۈنۈگۈن ، بۈگۈن ئىدارىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، يوغان باشلىقىمىز ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى دوپپا، كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ كېلىڭلار، مەركەزدىن كەلگەن باشلىقلار ۋە ئاپتونوم رايون باشلىقلىرى كېلىپ بىرگە سۈرەتكە چۈشىدۇ، دېۋىدى، مەن دوپپامنى كىيىپ كەلدىم، ياپما قاپاق، سېرىق تەنلىكلەرگە خاس تۇرقۇمغا دوپپا تازا يارىشىپ كەتمىسىمۇ كىيىۋالدىم. ئەمما باشقىلار ھەرگىز دوپپا كىيمىدى. پىنسىيەگە چىققان ئىلگىرىكى باشلىقلىرىمىزدىن ئىككىسىلا دوپپا كىيىپ كەپتۇ.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 03:27 , Processed in 0.045194 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش