يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 633|ئىنكاس: 3

تۇل ئايال ۋە بەش مۈشۈك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:23:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇل ئايال ۋە بەش مۈشۈك

قەيسەر مۇھەممەد


ئۆي ئىجارىسىنى  تاپشۇرالمىغان تۇل ئايال بېقىۋاتقان بەش مۈشۈكى بىلەن بىرلىكتە ئۆيدىن قوغلاندى. ئۆي ئىگىسى ئايال ئىككى ئايلىق ئۆي كىراسى ئۈچۈن پۇلغا يارىغۇدەك بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ قىلىشنىڭ كويىدا، بىرىنچى قەۋەتكە جايلاشقان، ئىشىكى كوچىغا قارايدىغان، ئادەتتە دۇكان ياكى ئامبار ئورنىدا كىراغا بېرىلىدىغان، نەچچە يىلدىن بېرى ھىچكىم كىرالىمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ تۇل ئايالغا تۆۋەن ئىجارە بىلەن بېرىلگەن، ئىچىدە بىرقانچە كونا ئۈستەل-ئورۇندۇق، كارىۋات ۋە كىچىك بىر گاز ئوچىقىدىن باشقا بىر نەرسە بولمىغان پەنجىرىسىز يالغۇز ئىشىكلىك بۇ ئۆينى تەكرار-تەكرار تەكشۈرۈپ چىقتى. قولىغا چىققۇدەك بىر نەرسە تاپالمىدى، شۇنداقتىمۇ «ئۆي كىراسىنى بەرمىسەڭ، نەرسىلىرىڭنى بەرمەيمەن» دەپ ئىشىكنى تاقىماقچى بولدى.
تۇل ئايال « ھەممە نەرسە قالسۇن، پەقەت چاي قاينىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كىچىك گاز ئوچىقىمنىلا ئېلىۋالاي.» دەپ يالۋۇردى.بىردىنلا جانلانغان ئۆي ئىگىسى ئايال ئۆي ئىچىدىن كونا ئەشيالارنىڭ ھەممىسىنى سىرىتقا ئېتىشقا باشلىدى. پەقەت شۇ كىچىك گاز ئوچاقىنىلا ئۆيدە قالدۇرۇپ قويدى. ناماز شام ۋاقتى ئىدى، نامىزىنى قازا قىلماسلىق ئۈچۈن ئىشىكنى قۇلۇپلاپ، ئالدىراپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيىگە چىقتى، كوچىدا قالغان ئايالنى ئۇنۇتتى.
تۇل ئايال بەش مۈشۈكى بىلەن كوچىدا قالدى. بىنانىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا مۈشۈكلىرىنى قۇچاقلىغان پىتى ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. قاراڭغۇ چۈشتى، ھەركىم ئۆيلىرىگە بىكىندى، تۇل ئايال بەش مۈشۈكى بىلەن بىللە خوشنىلارنىڭ خىيالىدىن كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ كېتىدىغان ھىچ يېرى يوقتى، نەگىلا كەتسە بەرىبىر ئىدى. ناتونۇش يەرلەرگە كېتىشتىن قورقتى. بۇ مەھەللىدە، ئۇ بىنانىڭ ئالدىدا، 4-5 ئايدىن بېرى ئولتۇرغان ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا مۈشۈكلىرى بىلەن ئۇخلىدى. يازنىڭ تەرلەتكۈچى نەم ئىسسىق ھاۋاسى تۇل ئايالنىڭ خىيالىدىن ئۇزاقتا ئىدى.
سەھەر ئەزان بىلەن تەڭ ھەركىم ئۆيلىرىدىن چىقىپ مەسچىتلەرگە قاراپ كېتىشىۋاتاتتى. ئايالنى كۆرگەنلەرنىڭ بەزىلىرى كۆرمەسكە سالدى، بەزىلىرى بىر نەرسىلەرنى غۇدۇڭشىغان پىتى ئالىيىپ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىشتى، بەزىلىرى ئوھ تارتقىنىچە يولىنى داۋاملاشتۇردى. ئۆي ئىگىسى ئايال بامدات نامىزىدىن كېيىن پەسكە چۈشتى، ئۇزۇن ئورۇندۇقتا مۈشۈكلىرىنى قۇچاقلىغان ھالدا ئۇيقۇغا كەتكەن تۇل ئايالغا قاراپ ۋارقىراپ كەتتى. چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى. مۈشۈكلىرىنى قۇچاقلىغان پىتى شۈمشىيىپ قالدى. ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئاجىز قالدى. ئۆي ئىگىسى ئايال چالۋاقىغىنىچە قولىدىكى سۈپۈركىنى شىلتىغىنىچە تۇل ئايالغا قاراپ يۈگرەپ كەلدى. تۇل ئايال ئورنىدىن چاچراپ تۇردى ۋە قېچىشقا ئۇرۇندى. مۈشۈكىدىن ئىككىسى قولىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مۈشۈكلەرمۇ تاتلىق ئۇيقۇسىدىن چۈچىتىپ ئويغىتىۋەتكەن ئۆي ئىگىسى ئايالغا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ قاراپ قالدى، ئايالنىڭ قورقۇنچلىق ھالىنى ۋە بېشىغا تېگەيلا دەپ قالغان سۈپۈركىدىن قورقۇپ قاچتى، تۇل ئايالنىڭ ئارقىسىغا ئۆتتى ۋە تۇل ئايالنىڭ پۇتلىرى ئارىسىدن بۇرۇتلىرىنى قىمىرلاتماستىن قورقۇنچ بىلەن ئۆي ئىگىسى ئايالغا تىكىلىپ قالدى.
تۇل ئايال چاي ئوچىقىنى ئېلىۋىلىش ئۈچۈن يالۋۇردى. ئۆي ئىگىسى ئايال پەرۋاسىزلىق بىلەن چالۋاقاشنى داۋاملاشتۇردى. چاي ئوچۇقىنى بەرمىگەنلىكىدىن غۇرۇرلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. نامازدىن يانغان كىشىلەر توپلاشتى، تۇل ئايال خىجىللىق بىلەن مۈشۈكلىرىنى قۇچاقلىغان پىتى يىغلىغىنىچە مەھەللىدىن كېتىپ قالدى.
كەچ كىردى، تۇل ئايال مۈشۈكلىرى بىلەن يەنە مەھەللىدە پەيدا بولدى. يەنە شۇ ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى. ئۆزىنى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندەك ھىس قىلدى. ئۆي ئىگىسى ئايال پەسكە چۈشتى، تۇل ئايالنى قوغلىدى، تۇل ئايال چاي ئوچۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىستىدى. بەرمىدى. ئۆمىدسىزلىك بىلەن مەھەللىدىن ئۇزاقلاشتى. ھالسىز كۆرۈنەتتى، قەدەملىرى ئېغىر ئىدى، ئەمما مۈشۈكلىرى ھىچنەرسىدىن خەۋەرسىز ئەركىلىگىنىچە ئايالنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېتىشىۋاتتاتتى.
ھەركىم ئۇيقۇغا كەتكەندە ئايال مەھەللىگە يەنە قايتىپ كەلدى، ئورۇندۇققا سوزۇلدى، مۈشۈكلىرى قوينىدا خاتىرجەم ياتاتتى.
بامداتقا ئەرزان چىقتى، ئايال چۈچۈپ ئويغاندى، مۈشۈكلىرىنى ئېلىپ مەھەللىدىن ئۇزاقلاشتى.
كۈن قىزىرىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆي ئىگىسى ئايال بىنانىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقنى ئىرىگە سۆكتۈردى ۋە بىنانىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى.چۈشكە يېقىن ھەج-تاۋاپ ئۈچۈن يىللاردىن بېرى تەييارلىق قىلىپ ئاخىرى ئارزۇسىغا يەتكەن ئەر-ئايال چامىدانلىرىنى كۆتۈرگىنىچە خوشنىلار بىلەن خوشلىشىپ مەھەللىدىن ئايرىلدى.
قاراڭغۇ چۈشكەندە مەھەللىگە ھالسىز ئېغىر قەدەملىرى بىلەن مۈشۈكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلگەن تۇل ئايال ئۇزۇن ئورۇندۇقنىڭ ئورنىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى، يوق ئىدى. سەھەردىن بېرى سىرىتلاردا ئايلىنىپ ھالىدىن كەتكەن تۇل ئايال ھالسىزلىقتىن تۇرغان ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى. ئورنىدىن تۇردى، 4-5 ئاي ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىشىكىگە يۆلەنگىنىچە خىيالغا پىتىپ ئولتۇرۇپ قالدى. كۆزلىرى ئۇيغۇغا كەتتى. بامداتقا چىققان ئەزان بىلەن تەڭ چۈچۈپ ئويغاندى. مەھەللىدىن تىزلا ئايرىلدى.
كەچ كىردى، قاراڭغۇ چۈشتى. تۇل ئايال كەلمىدى. بامداتقا ئەزان چىققاندىمۇ تۇل ئايال يەنىلا كۆرۈنمىدى. ئەتىسى، ئۆگىنىمۇ تۇل ئايال مەھەللىگە ئاياق باسمىدى.
بىر ھەپتىدىن كېيىن، كەچقۇرۇن تۇل ئايالنىڭ بەش مۈشۈكى بىر –بىرىنى قوغلىشىپ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆينىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۆينىڭ ئالدىدا ئوينىدى. ئەتىسىمۇ تۇل ئايال يوق، مۈشۈكلەر يەنىلا ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئىدى. ئىلگىرى ئۆي ئىگىسى ئايالدىن قورقۇپ تۇل ئايالغا ياردەم قىلالمىغان خوشنىلاردىن بەزىلىرى مۈشۈكلەرگە ئاشقان-تاشقان يىمەكلىكلىرىنى تاشلاپ بەردى. مۈشۈكلەر ئەمدى ھىچبىر يەرگە كەتمەي بۇ يەردە ياشاشقا باشلىدى. تۇل ئايالدىن ھىچقانداق بىر خەۋەر يوق ئىدى.ھىچكىممۇ سۈرۈشتۈرپ باقمىدى.ھەتتا مۈشۈكلەرمۇ ئۆزلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان تۇل ئايالنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.


مەنبە: مەرىپەت تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 09:24  


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 14:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە ئانداق يۈرەكنى ئىزدىغاندۇ؟نىمە ئانداق رەھىمسىز   شۇ ھالەتتە ھەرەمگە بېرىپ نىمە ساۋاپ ئالار ئۆي ئىگىسى؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كۈن قىزىرىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆي ئىگىسى ئايال بىنانىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقنى ئىرىگە سۆكتۈردى ۋە بىنانىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى
:ئىشىكنىمۇ سىمونىت بىلەن سۇۋاپلىۋەتمەپتۇ بۇ خوتۇن
بۇنداقلار بارغانسېرى جىقلاپ مېڭىۋاتىدىغۇ ...جەينامازغا چىقسا ھازىرلا كۆككە ئۆرلەيدىغان پەرىشتىدەك ، چۈشسىلا كۈپكە مىنىۋىلىپ ئۇچۇپ يۈرىدىغان جادىگەردەك ئاياللار كۈرمىڭ ھازىر ...

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە ئايال ئاخىرقى كۈنلەردە نېمىشقا كۆرۈنمىگەندۇ؟
ئەجىبا، ئاچلىقتىن ........
توۋا، ئەمدى بىر ئاجىزەنى قان قاقشىتىپ بارغان ھەجىسى قۇبۇل بولارمۇ؟
ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بوپ قالدى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:46 , Processed in 0.059394 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش