يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1156|ئىنكاس: 15

قىزلار قىلىشقا تىگىشلىك 138ئىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:26:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. مۇھەببەتنى تۇرمۇشتىكى ئېسىل بويۇم قاتارىدا كۆرۈڭ،ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىمۇ بولمايدۇ،ئۇ بولمىسىمۇ سىز ياشاۋېرىسىز.
2. ناۋادا خىزمەت پىلانىڭىز بىلەن يىگىتىڭىز بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى دوقۇرۇشۇپ قالسا،ئالدىدىكىسىنى تاللاڭ،چۈنكى ئالدىدىكىسى سىزنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەيدۇ،يەنە كىلىپ سىز قېرىغانسىرى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
3. ھەر قانداق توختامنى تۈزۈپ قول قويۇشتىن ئىلگىرى ئاز دىگەندىمۇ 3 قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ---بۇ توختاملارنىڭ ئىچىدە سىزگە ئەڭ تەسىر قىلالايدىغىنى توي خېتى!
4. بەزى كىچىك قىزلار بەزىدە تاماكا چىكىپ،كىچىسى بىللە سەيلە قىلىپ،ئوغۇل دوستلارنى جىق تۇتۇپ دىگەندەك ئاماللار بىلەن ئۆزىنى ئىش كۆرگەن سالماق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ،ئەمما سىز ھەرگىزمۇ ئۇلارنى دوراپ سالماڭ.
5. تەقدىرىڭىزگە تەن بېرىڭ،ئەمما بۇ سىزنى تىرىشماڭ دىگەنلىك ئەمەس!
6. سومكىڭىزدا دائىم تۆۋەندىكىدەك بۇيۇملار قاچىلاغلىق بولسۇن:
نىپىز پايپاق(كۆينەك كىيگەندە لازىم بولىدۇ.)
كىچىك قولچىراغ (كەچ قالسىڭىز لازىم بولىدۇ)
لۈكچەكتىن قوغدىنىش بۇس چاچقۇسى(يالغۇن قالغاندا يامان نىيەتلىككە ئۇچراپ قالسىڭىز كۆزىگە چېچىشقا لازىم بولىدۇ،ئەمما ئامال بار يالغۇز يۈرمەڭ)
شاكىلات ياكى پىرەنىك(ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ قالسىڭىز لازىم بولىدۇ)
ياخشى سۈپەت ۋە ياخشى ماركىلىق قول ئاسراش مېيى(ھەر قانداق چاغدا بولۇشى كېرەك)
پۇل قاپچۇقى (ئىچىدە ھەر قانداق چاغدا پۇل بولسۇن)
7. سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن بىرەر ئەرمەك ھايۋان بېقىپ قويۇڭ،ئەگەر ھايۋاننىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاشسىڭىز(ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلالمىسىڭىز) ئەڭ ياخشىسى باقماڭ.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھايۋانلارمۇ بەك يالغۇز قالسا خامۇشلۇق كىسىلىگە گىرىپدار بولارمىش.
8. ھەر كۈنى ۋىتامىن تولۇقلاپ بېرىڭ،كالىتىسىي تولۇقلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇڭ،بولمىسا ئاسانلا مۇنچىدا يىقىلىپ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىڭىزنى يارىلاندۇرىۋالىسىز.ئېغىرراق بولسا بىر ياز كۆينەك كىيەلمەي ئۆتۈپ كىتىسىز...
9. ھەر ئايلىق كىرىم-چىقىمىڭىزنى خاتىرىلەڭ.
10. ئادەم قانچە ئاز بولغانسىرى شۇنچە يوغان توڭلاتقۇنى تاللاپ سېتىۋىلىڭ،روھىي يىگانىلىقنى بەزىدە يىمەكلىك تولۇقلايدۇ)يۇقۇرى ئاقسىللىق،كۆپ تالالىق،ماي تەركىبى ئاز،تۆۋەن ئىنىرگىيەلىك يىمەكلىكلەرنى تاللاپ،ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم ئىستىمال قىلىڭ)، شۇنداق بولسا بەزىدە توڭلاتقۇڭىز قۇرۇغدىلىپ قالغىنىنى كۆرسىڭىز،سىزنىڭ خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.
11. ناۋادا داۋاملىق سەھەردە يىغىنلارغا قاتناشماقچى بولسىڭىز،يۇقۇرى چاستۇتىلىق(ئاۋازى ياڭراق) قۇڭغۇراق سائەتتىن بىرنى سېتىۋىلىڭ،ئۇيقۇڭىز بەك ياخشى بولسا 3 نى سېتىۋىلىڭ.
12. قاۋاقخانىدا تونۇشقان ئەركەكلەرگە تېلىفون نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرماڭ.
13. ئەڭ ياخشىسى تۈنجى قېتىم كۆرۈشكەن يات جىنسىقا ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جاينى(ئۆيىڭىزنى،ئىش ئورنىڭىزنى) كۆرسەتمەڭ،ناۋادا قارشى تەرەپ چىڭ تۇرىۋالسا،شۇ ئەتراپقىچىلا ماقۇل بولۇڭ،ئىشنىڭكى بەزى ئەرلەر زەھەرخەندىلىك بىلەن مەقسىدىگە يىتىشكە ئۇرۇنىدۇ.
14. ناۋادا ئۇدا 6 ئاي،ھەر ئايدا قاتلىغان كۆينىكىڭىزنىڭ سانى 10 دىن ئېشىپ كەتسە،ئۆي ئېلىشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ.
15. ماشىنىنى ئۆزىڭىز ھەيدەشنى ئۈگىنىڭ.ماشىنىنىڭ ئەرلەردىن ياخشى يېرى شۇكى،ئۇ ئۆزى قېچىپ كەتمەيدۇ،---ناۋادا ئۇنىڭ ئوغرىلىنىش ئىەۋىپى بولسا،سىز سۇغۇرتىغا قاتناشسىڭىز بولىدۇ،ئەمما ئەرلەرنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرالمايسىز.
16. سۇغۇرتا ئېلىڭ.
17. ناۋادا ماشىنىڭ بولمىسا،ئاق رەڭلىك ئاياق كەيمەڭ.
18. ئىشخانىڭىزدا بىر قېلىن چاپان ۋە كۈنلۈك زاپاس تۇرسۇن.
19. خىزمەتداشلىرىڭىزنى ماختىشى ئەتىرگە ئوخشايدۇ،ئۇنى پۇرىسىڭىز بولىدۇ،ئەمما ھەرگىز ئىچىپ سالماڭ!
20. ناۋادا بەختكە قارشى سىز سۆيگەن ئەرنىڭ باشقا ئايالى بولسا،مەيلى ئۇنىڭ ئايالى بولسۇن،ياكى قىز دوستى بولسۇن،ھەرەىزمۇ چىش يېرىپ ئۇنىڭ بىلەن «كۆرۈشۈپ»بېقىش خىيالىدا بولماڭ،چۈنكى ئۇنداق قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ---- ئۇ چاغدا دەرھال يولىڭىزغا مېڭىڭ.
21. مەڭگۈ «مېنى نىمىشقا سۆيمەيسىز»دىگەندەك سۇئاللارنى سورىغۇچى بولماڭ.
22. پىلانىڭىزنى ئالدىن ئوتتۇرىغا قويماڭ.
23. ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشرەتپەرەسلىكىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئادۋۇكاتنىڭ جىنەيەتچىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە ئوخشايدۇ،يەنى----جىنايىتى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۇنى ئاقلىماقچى بولىدۇ. بۇنى سىز بىلىپ قالسىڭىزلا بولدى.
24. ھە قانداق كىشى،ھەر قانداق ئىش سىزنىڭ كاللىڭىزنى قاتۇرۇپ،يېرىم كىچە سائەت 12 دىن كىيىنمۇ ئۇخلىماسلىقىڭىزغا سەۋەب بولالمايدۇ.
25. ھەر قانچە ھۆر پەرى بوپ كەتسىڭىزمۇ قائىدىلىك بولۇڭ،يول يوسۇنلۇق ئىش كۆرۈڭ.
26. باشقىلار ئۈچۈن نىكا ئۈچۈن كۆرۈشسىڭىز بولىدۇ،ئەمما ئىشتىن ئاۋال چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ ئىسىم شەرىپىنى ئىنىق سوراپ بىلىۋىلىڭ،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا،ئۇدا 3 ھەپتە چىرايلىق ياسىنىپ تارىنىپ،ئوخشىمىغان 3 يەڭگە بىلەن ئوخشاش بىر ئەر كىشىنى كۆرگىلى بېرىپ قالسىڭىز ئالەمدە بىر قىززىق ئىش بولۇپ قالىدۇ...
27. ناۋادا يۇقۇرى باھالىق ھەق بېرىلمىسە،ھېلىقىدەك ئۇ «سەينا»،بۇ «سەينا»دىگەندەك پروگراممىلارغا قاتنىشىپ يۈرمەڭ.
28. ئەڭ ياخشىسى ياراملىق ئاغىنىڭىزدىن بىر نەچچىسى بولسۇن،(قىز بولسا ياخشىراق)، بولمىسا بېشىڭىزغا كۈلپەت كەلگەندە چىقىدىغان شوتا،كىرىدىغان تۆشۈك تاپالماي قالىسىز،ياكى بولمىسا ئۆيىڭىزدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغىنىڭىزغا 7 كۈن بولسىمۇ ھىچكىم بىلمەي قالىدۇ.
29. ھەر قانداق ۋاقىتتا مەست بوپ قالماڭ،ناۋادا قۇسۇقىڭىزنى ئۆزىڭىز تازىلايدىغان ئىش بوپ قالسا يەنە قۇسىدىغان گەپ!
30. تارتمىڭىزدا كېرەكلىك دورىلار تەييار تۇرسۇن.
31. ئۆيىڭىزدىكى ئۇيقۇ دورىسى 10 تالدىن ئېشىپ كەتمىسۇن.
32. گەرچە سىزنىڭ «راستىنلا» يىگىتىڭىز بولمىسىمۇ،ئەمما ھەر ئىشقا تەييارلىقىڭىز بولسۇن.
33. سەمىمى كۈلۈمسىرەپ يۈرۈڭ،قورۇقتىن قورقماڭ.
34. ئەقىلگە ئېرىشىش ئۈچۈن،ياشلىقىڭىزنى دەسمايە قىلىسىز!
35. بايراملاردا قىلىسىدىغان ئىشىڭىز بولمىسا،ئىش قىلىشنى ئاكتىپ تەلەپ قىلىڭ،بومىسا ئۆيدە يالغۇز قالسىڭىز ياكى كوچىدا يالغۇز لاغايلىسڭىز جېنىڭىزدىن ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۇنىڭدىن كۆرە ئىشلىسىڭىز باشلىقىلىڭىزغا ياخشى كۆرۈنىسىز تېخى!
36. تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە ئۆزىڭىزگە گۈل تەييارلاپ ئىشخانىڭىزغا ۋە ئاتا -ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىڭ.
37. ياخشى تاماقلارنى قىلشىنى ئۈگىنىۋىلىڭ.
38. ھەپتە ئاخىرىدا شورپا قاينىتىپ ئىچىڭ.
39. توي قىلىپ بولغان يىگىتىىڭىز سىزگە تېلىفون قىلىپ ئەھۋال سورىسا----ياخشى دەپ جاۋاب بېرىڭ.
40. ئىلگىرى چۆچەكلەر «ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ...»دەپ باشلىناتتى،ھازىرقى چۆچەكلەر «ناۋادا مەن ھازىر توي قىلمىغان بولسام...»دەپ باشلىنىدىغان بولۇپ قالدى،سىز ھەم چۆچەك ئاڭلايدىغان يېشىڭىزدىن ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ بولسىڭىز.
41. ناۋادا راستىنلا لازىملىق بولسا، تورغا چىقىپ ئۆزىڭىزگە چىرايلىق نەرسىلەرنى ئېلىڭ.
42. قارشى تەرەپنىڭ سالامەتلىكىنى بىلىپ تۇرۇڭ.
43. ئويلاپ سۆزلەڭ.
44. خالىمىسڭىز رەت قىلىڭ.
45. خىزمىتىڭىزنى سۆيۈڭ،ئەمما باشلىقىڭىزنى سۆيۈپ قالماڭ.
46. ناۋادا كىلىشەلمىسىڭىز چويلا توپ ئوينىلى بېرىڭ.
47. يالغۇز ئانا بولۇشنى ئويلىغۇچى بولماڭ،---بالىغا دادا لازىم بولماسلىقى مۇمكىن،ئەمما سىزگە بالىغا قاراپ بېرىدىغان ئادەم لازىم بولمىسا بولمايدۇ،سىزگىمۇ قارىمىسا بولمايدۇ.
48. پۇلنى ئامال بار جىقراق تېپىڭ،ئەمما كىم سىزگە تەلەپ قويسا شۇنىڭ غەرىزىدىن گۇمالانغۇدەك دەرىجىدە جىق بوپ كەتمىسۇن.
49. كۆزىڭىز يەتسە تىرىشىڭ،كۆزىڭىز يەتمىسە بولدى قىلىڭ،شۇنداق بولسىلا ئۇتتۇرىۋەتسىڭىزمۇ چىرايلىق كۆرۈنىسىز.
50. ئەمەلىيەتتە ئادەمگە ھەمراسى بولسىمۇ بۇ ئۆمرىدە غېرىپلىق ھىس قىلىدۇ،شۇڭا باشقىچە قىزىقىشلىڭىزنى يىتىلدۈرگەچ تۇرۇڭ،مەسىلەن بېلىق بېقىڭ،گۈل بېقىڭ...
51. بەزىلەر سىزنى ياش دەپ ماختىسا خوش بولۇڭ.
52. مۇھەببەتلىشىش كورت ئويناشقا ئوخشايدۇ،ئەستايىدىل بولمىسىڭىز قىزىقمايسىز،بەك ئەستايىدىل بوپ كەتسىڭىز ئازاپلىنىپ قالىسىز،---شۇڭا ئويۇن ئويناش روھىڭىزنىمۇ يىتىلدۈرۈپ قويۇڭ.
53. يېڭى يىگىتىڭىزگە ئۆتكەندىكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىلا دەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،ناۋادا ئۇنى سۆيسىڭىز تېخىمۇ شۇنداق قىلىڭ.
54. ھەر قانداق كىشى بىلەن ،ھەر قانداق سورۇندا ئىچ پەش تارتىشقان سۆرىتىڭىزنى تارتىپ سالماڭ!
55. بىر نەرسىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنى سېتىۋىلىڭ.
56. يېڭى ئاياقنى كىيىپ سىرتقا چىقىشتىن ئىلگىرى،كۆپرەك سىناپ كىيىپ كۆرۈڭ.
57. ئۆي جاھازىلىرىڭىز يىنىك،ئاددىي،تازىلاشقا قولايلىق،يۆتكەشكە ئەپلىك بولسۇن،ناۋادا قولىڭىز چىۋەر بولمىسا،ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىز قوراشتۇرىۋالىدىغان زامانىۋى نەرسىلەرنى سېتىۋالماڭ!
58. سەۋەپسىز ئاجراشقان ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر تەلەپ قويسا رەت قىلىڭ.
59. ئىلگىرى سىزگە ئاسىيلىق قىلغان ئەر سىزگە يەنە يېلىنسا رەت قىلىڭ.
60. ئىلگىرى سىزگە ئاسىيلىق قىلغان ئەر سىزنىڭ ئكزگىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلسا رەت قىلىڭ.
61. تېخىمۇ يۇقۇرى تەلەپ قويۇشىغا ھەرگىز پۇرسەت بەرمەڭ.
62. ماقۇل بولغاندا كۈلۈپ تۇرۇڭ،رەت قىلغاندا ئېنىق ئىپادىلەڭ.
63. ئەرلەر قابىلىيەتكە ئىگە،ئەمما ئۇنداق ئەرلەر جاھاندا بىرلا ئەمەس.
64. يالغۇز تۇرۇشنىڭ ياخشى تەرىپى شۇكى،سىز سۆيگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان ئەرنىڭ قوينىدا ئويغىنىپ يۈرمەيسىز.
65. ياشلىقنى ساقلاشنىڭ چارىسى شۇكى يۈرىكىڭىز ئويناپ تۇرسۇن.
66. لايىق ئىزدەش ئېلانى تەلەپ خېتى ئەمەس.
67. سىرتقا سەيلىگە چىققاندا پەس پاشنىلىق ئاياق كىيىپ،تېلفونىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
68. ئېسىل روباشكا بولسۇن ياكى ئىىزمەت دوكىلاتى بولسۇن،ئاددىي كۆركەم بولغىنى ئەڭ ياخشى.
69. رومانتىزىم چىرايلىق مۇراسىم كۆينىكىگە ئوخشايدۇ،ئەمما ئۇنى كۈن بويى كىيىپ يۈرسىڭىز قاملاشمايدۇ.
70. پۇلدارغا تىگىش بانكا بۇلىغانغا ئوخشاش بىر ئىش،پايدىسى زور بولىدۇ،ئەمما ئارقىۋىتىمۇ قورقۇنچلۇق بولىدۇ،ئەگەر باشقىچە ئىمكانىيەت بولسا،بۇنى سىنىمايلا قويۇڭ.
71. ئەرلەرنى سىناش---ئەقلى مۇسابىقىگە ئوخشايدۇ،ئۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇنىڭ زادى قانچىلىك دۆتلىكىنى بىلىپ بېقىشتۇر.
72. بىر خاتا ۋەدىگە نىسبەتەن،ئۇنىڭغا قارشى چىققۇدەك جۈرئىتىڭىز بولسۇن.
73. چوڭ ئىشتا پىرىنساپتا چىڭ تۇرۇڭ،كىچىك ئىشتا مايىل بولۇڭ.
74. كىچىككىنە ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈپ قويۇڭ،مەسىلەن: بالدۇر ئۇخلاش،تاماقتىن كىيىن چىش چوتكىلاش،سۇس چاي ئىچىش،ئىش ئارىلىقىدا گىمناستىكا ئويناش....ياخشى ئادەت پارچە پۇل قۇتىسىغا ئوخشاش ئاز-ئازدىن يىغىلىپ،ئاخىرىدا سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
75. ھەر قانداق ئىشقا سالامەتلىكىڭىزنى تىگىشسىڭىز بولمايدۇ.
76. بىر كىشىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە قاراشتا،سىزنىڭ قانداق ۋاستە بىلەن ئۇنى كونترول قىلىشىڭىزغا قاراش كېرەك.
77. ھەر قانداق ئىشقا جىدەللىشىش كەتمەيدۇ،پەقەت نەتىجىسى چىقسىلا بولدى.
78. ئەرلەر دائىم ئۇنى كۆزگە ئىلمىغان ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلىدۇ ---- تەقدىرمۇ شۇنداق.
79. رازى بولىۇشنى ئويلىسىڭىز ئۆزىڭىز قىلىڭ،ئۆزىڭىزنى خار قىلغۇچە كۈچىڭىزنى خار قىلىڭ.
80. پۇل قەرز ئالماڭ،ناۋادا زادىلا قەرز ئېلىشقا توغرا كەلسە بانكىدىن قەرز ئېلىڭ.
81. باشقىلارغا قەرز بەرمەڭ،ناۋادا بېرىدىغان ئىش بولسا،ئۇنىڭ ياندۇرۇشىنى ئۈمىت قىلماڭ.
82. پۇل باشقۇرۇشنى ئۈگىنىڭ،كەسپىڭىز ئارخولوگىيە ياكى ئىسكىرىپكا بولسىمۇ شۇنداق قىلىڭ.
83. يىگىتىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مەخپى نۇمۇر قىلىپ ئىشلەتمەڭ،--- ئۇ كىتىپ قالسا ئالماشتۇرۇپ ئاۋارە بولىسىز...
84. يىگىتىڭىزنى ئالماشتۇرىدىغان بولۇپ قالسىڭىز،قۇلۇپىڭىزنىمۇ قوشۇپ ئالماشتۇرۇڭ.
85. بىر ئەرگە بەك ۋاي دەپ كەتسىڭىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىسىز---- پۇلنىمۇ ھەم شۇنداق.
86. كارۋىتىڭىز چوڭراق بولسۇن،توغرىسىغىمۇ يىتىپ ئۇخلىيالىغۇدەك بولسۇن،ياستۇقنى ئىككى قىلىڭ،بىرىنى قۇچاقلاپ،يەنە بىرىنى بېشىڭىزغا قويۇپ ئۇخلايسىز.
87. كارۋات بېشىغا ئوبدان كىتاپتىن بىرەرنى قويۇپ قويۇڭ.
88. كارۋات بۇيۇملىرىڭىز سۈپەتلىك بولسۇن،ئەرلەرمۇ شۇ بۇيۇملارغا تەۋە.
89. ھەر كۈنى قاقاقلاپ كۈلۈپ بەرسىڭىز سالامەتلىككە ياخشى،ناۋادا سىزگە يۇمۇر سۆزلەيدىغان كىشى چىقىمىسا «مۈشۈك بىلەن چاشقان»نى كۆرۈڭ.
90. قىزىقىدىغان تەنھەرىكەت تۈرىنى تاللاپ،داۋاملاشتۇرۇپ بېرىڭ.سۆيۈشۈش ھىساب ئەمەس.
91. كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا يامغۇردا قالماڭ،ئاستا ناخشىلارنى ئاڭلىماڭ،ناچار كىنولارنى كۆرمەڭ،مۇنچىغا چىلىنىپ ئولتۇرماڭ،ھاراق ئىچمەڭ،دوستىڭىزنى چاقىرىپ تاققا يامىشىڭ.
92. كۈندە زارلاپ قاقشاپ،كوتۇلدايدىغان ۋاقتىڭىز 10 مىنۇتتىن ئاشمىسۇن.
93. دائىم ئېرىشكىنىڭىز بىلەنلا ھىساپلىشىپ يۈرمەڭ،ئۇنداق ئىشنى سۇغۇرتا شېركىتىلا قىلىدۇ.
94. ياخشى ئەرنى ئۇچراتسىڭىز قوغلىشىپ بېقىڭ.
95. قىز دوستىڭىزنىڭ يولدىشى ئادۋۇكات،پۇلدار،كىتاپپۇرۇش ياكى كومپۇتىرچى بولسا----شۇلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۆي،سۇغۇرتا سېتىۋىلىڭ،مەبلەغ سېلىڭ،كىتاپ چىقىرىڭ،كومپۇتىرىڭىزنى ياسىتىڭ----ئەمما ھەر قېتىمدا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى قىز دوستىڭىزمۇ بىللە كەلسۇن.
96.سەمىمىيەتلىك بىر خىل گۈزەل ئەخلاق،ئەمما بۇنىڭلىق بىلەنلا قىزدوستىڭىزنىڭ يولدىشىنى بوزەك قىلىشىپ بەرسىڭىز،ياكى خىزمەتداشلار بىلەن بىرلىشىپ باشلىقىڭىزغا ياخشى كۆرۈنسىڭىز بولمايدۇ.
97. كىيىمنى ئاز ھەم ساز ئېلىڭ،ئۈچ پەسىلدە بىرەر قېتىممۇ كەيمىگەن كىيىمىڭىزنى خەققە بېرىۋىتىڭ.
98.ئىچكى دۇنيا تاشقى كۆرۈنۈشتىن مۇھىم،شۇڭا ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش يىمەكلىكلىرى چوقۇم گىرىمدىن مۇھىم.
99. خىزمەت ئارىلىقلىرىدا ئىمكانقەدەر سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىڭ.
100. ئالاھىدە ناز خۇلقىڭىز ۋە ھۇشيارلىق تالانتىڭىز بولمىسا،باشقىلارغا ئاشنا بولۇپ يۈرمەڭ.
101. سىزنى يىغلىتىشنى خالايدىغان كىشىنىڭ ئالدىدا يىغلىماڭ.
102. ئايال كىشى ھىسياتىغا تايىنىپ ئىش قىلىدۇ،ئەركىشى نەپسىگە تايىنىپ ئىش قىلىدۇ.
103. ئايەتلەرنى يادقا ئېلىپ،مەنىسىنى چۈشىنىڭ،ھەر ۋاقىت ئاللاھنى ئۇنۇتماڭ.
104. يېشىغا باقماي ئەركىلەش بەكمۇ پەسكەشلىك ھىساپلىنىدۇ.
105.ھازىر دەۋىر ئوخشىمايدۇ،ئەرلەر بىلەن ئاياللار باراۋەر سانىلىدۇ،ھاجەتخانىنى ياساش،چاق يۆتكەش،كومپۇتىرغا ۋېرۇسخور قاچىلاش ھەرگىزمۇ بالا تۇغۇشتىنمۇ تەس ئىش ئەمەس.
106.ھەر يىلى ئاياللار بۆلۈمىدە ئۆزىڭىزنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ.
107.ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇرۇڭ.
108.ئاچقۇچتىن بىرنى ھامان ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ياكى دوستلىرىڭىزنىڭ ئۆيىگە بىردىن زاپاس قويۇپ قويۇڭ.
109.ناۋادا ئۆيىڭىز بارغانسىرى چىنىدەك پاكىزە بولۇپ،مىھمىنىڭىز ئازىلىسا،يەردە ئازراق توپا چاڭمۇ بولمىسا،بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىدىن بىزار بولسىڭىز،كۈنىگە 20 قېتىمدىن ئارتۇق قولىڭىزنى يۇيسىڭىز-----دەرھال پىسخولوگىيە دوختۇرىغا كۆرۈنۈڭ.
110. گەرچە كىچىك بالىغا ئامراق بولمىسىڭىزمۇ،ئەمما بۇ گەپنى ھەرگىز ئاغزىڭىزدىن چىقارماڭ.
111.ئەرلەرنى يالغان سۆزلەشكە قىستىماڭ،ھەم ئۇنىڭ سۆزىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىپمۇ كەتمەڭ،بولمىسا ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىپ قالىسىز.
112. ھەسەتخورلۇق جاننى ئالىدۇ---- ناۋادا جاندىن ئايرىلسىڭىز ھەممە يوق بولىدۇ.
113. شەخسى دوستلىرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇچرىشىۋەرمەڭ.
114. باشقىلارنىڭ سىزنى قانداق باھالىشىغا قىزىقماڭ،ئۇلارغا قانداق باھا بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ.
115. قاراڭ،ئەرلەر ئەزەلدىن چىش يېرىپ، باشقىلاردىن قانداق قىلىپ نىكاھ ۋە خىزمەتتە تەڭ مۇۋەپىقىيەت قازىنىشتەك مەسىلىلەرنى سورىمايدۇ.
116. مۇھەببەت ھەرىكەت قوللىنىش ئەمەس، بەلكى شۇ ھەرىكەتنى ئويلاش.
117. ئاتالمىش مۆتىۋەر دىگىنىمىز ،جەينىكى ۋە تىزى بىلەن ئۆز ئېغىرلىقىنى كۆتىرەلەيدىغان كىشىدۇر.
118. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، دائىم سىزنى كۈلدۈرەلەيدىغان ئەر كىشى ياخشى ئەر كىشىدۇر.
119. جىسمانىي يېقىنچىلىق ----- يەنىلا مۇھەببەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر تەرىپىدۇر.
120. ھىسياتنى بىلىپ قالىسىڭىزلا بولدى،ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ،خەقنى دورايمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ.
121. ئۆزىڭىزدە بولمىغان نەرسىنىڭ باھاسىنى يۇقۇرى مۆلچەرلەپ يۈرمەڭ.
122. سىز بىلەن ئەخلاقى مىزانى ئوخشىمىغان كىشى بىلەن يېقىن ئارىلاشماڭ.
123. ناۋادا يەنە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىشنى باشلىمىسىڭىز----- كېچىككەن بولىسىز.
124. قىز دوستلىرىڭىزغا سادىق بولۇڭ.
125. ئىززەت تۇيغۇسى لىپتىككە ئوخشايدۇ،چىرايلىق لىپتىك ئايال كىشىگە لاتاپەتلىك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ،ئەمما قەستەن بىر يېرىنى چىقىرىپ قويۇش كىشىنى چاكىنا كۆرسىتىپ قويىدۇ.
126. ئورۇندۇق بىئارام قىلسا،ئۆرە تۇرۇپ مېڭىپ بېرىڭ.
127. گۈزەل بەدەن تۇرقىنى ساقلاشنىڭ پايدىسى 3 خىل بولىدۇ:
جىق ئورۇننى ئىگەللىمەيدۇ.
تېزراق يۈگىرەلەيسىز.
ئەرلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭىز ياتاق ئۆيىڭىزدىكى تارازىنىڭ شىكالىسى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.
128. قارىماققا قانچىلىك چوڭ كۆرۈنسىڭىز،ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنچىلىك چوڭ بوپ قالىسىز.(شۇڭا چىرايلىق ھەم چاققان ياسىنىپ،تېتىك يۈرۈڭ )
129. ئۇنى سۆيۈش ئۈچۈن،بەدىنىڭىزنى ئۆزگەرتىپ،ھۆسىن تۈزىتىپ يۈرمەڭ.
130. چىرايلىق ئورالغان نەرسىلەرگە ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ،ھوزۇرلىنىپ يۈرمەڭ.
131. مودا كىيىملەر ژورنىلىدىنىڭ ھەر بىر سانىدىكى يېڭى كىيىملەر مودىللار ۋە ئارتىستلار ئۈچۈن بېرىلگەن بولىدۇ.
132. ئۇنى قەھرىمان بولۇشقا قىستىماڭ----- سىزگە ياردەملىشىپ قاچا يۇيۇشۇپ،ئەخىلەت تۆكۈشۈپ بەرسىلا بولدى.
133. پۇرسەت بولسىلا ئوقۇڭ،چوقۇم ئوقۇڭ!!!
134. خۇشال يۈرۈڭ!
135. فىرانسىيەلىك سوفىي تۇكېن مۇنداق دىگەن:«ئايال كىشى تۇغۇلۇپ 18 ياشقىچە ياخشى ئائىلىگە مۇھتاج بولىدۇ،18 ياشتىن 35 ياشقىچە ياخشى چىرايغا مۇھتاج بولىدۇ،35 ياشتىن 55 ياشقىچە ياخشى خۇلىققا مۇھتاج بولىدۇ،55 ياشتىن كىيىن، نۇرغۇن نۇرغۇن پۇلغا مۇھتاج بولىدۇ.......» دىگەن.
136. ئەلۋەتتە سىزنىڭ نەزەرىڭىزدىكى ئاشۇ مەشۇقىڭىزنىڭ پەيدا بولۇشىنى تۆت كۆزىڭىز بىلەن كۈتىشىڭىز كېرەك--- ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنىسىز كۈتۈش جەريانىدا،باشقا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ باقسىڭىزمۇ يامان ئەمەس.
137. بىلىشىڭىز كېرەككى،بىر ئايالنىڭ 25 ياشقىچە «كۈتكەن ئەڭ لايىقى» نى ئۇچرىتالماسلىقى ئەمەلىيەتتە بەكمۇ بەختلىك بىر ئىش.
138. ئىسڭىزدە تۇتۇڭ ---- سىز بىرلا قېتىم ياشىيالايسىز!!!


مەنبە : ساقلىۋالغانلىرىم

رەسىم قۇشاي  دىسەم قۇشقىلى بولمىدىيا  بۇ نىمە  ئىشتۇ ؟




بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللايدىغان يەرگە ياخشىراق قاراڭ رەسىم يوللاش كۆزنىكى بار.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:47:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:27
تېما يوللايدىغان يەرگە ياخشىراق قاراڭ رەسىم يوللاش كۆ ...

شۇ كومپىيوتىر ئىچىدىكى  رەسىمنى يوللاي  دىسەم بولمىدىيا ؟

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:55:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
esil يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:47
شۇ كومپىيوتىر ئىچىدىكى  رەسىمنى يوللاي  دىسەم بولمىدى ...

بۇرۇنقى سېستىمىدىكىدەك قوشۇمچە ھۆججەت چىقىرىش ئىقتىدارى يوقكەن. بۇ ئىقتىدارنى يېڭى سېستىمىغا قوشقىلى بولامدۇ يوق قىسمەت ئاكامدىن سوراپ باقاي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:56:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن تىما ئىگىسىگە رەخمەت.
نەق گەپ..................شۇ نىسى بۇ يازمىنى قىزلار كۆرىۋالسا ،قىزلارنى كەلتۈرمەك تەسكە توختايدىغان بولدىدە؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوكانلار كۆرسەكمۇ بولامتتى يا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:00:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:57
چوكانلار كۆرسەكمۇ بولامتتى يا

چوكانلارغا گەپ يوقكەن بۇ تېمىدا

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:04:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:00
چوكانلارغا گەپ يوقكەن بۇ تېمىدا

خوش ئەمسە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:09:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:04
خوش ئەمسە

باھانە تاپالماي ئاران تۇرۇپتىكەنسىزدە؟
يول بولسۇن قاراپراق ماڭارلا

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسڭىزدە تۇتۇڭ ---- سىز بىرلا قېتىم ياشىيالايسىز!!!


ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 06:18 , Processed in 0.063703 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش