كەپتۇ دەپ
مۇھەممەدجان راشىدىن
بىزنى يەنە بىر ئۆمەك گوللىغىلى كەپتۇدەك،
نەلەرگىدۇ «ئىلغار»دەپ يوللىغىلى كەپتۇدەك.
«پىچچىر-پىچچىر»گەپتولا:كۇتىۋالسام كىم ياخشى،
ئەڭ ئاۋۋىلى شۇلارنى قوللىغىلى كەپتۇدەك.
مۇپەتتىشكەن ئاتىقى،مېھمانخانا ياتىقى،
قانمۇغىچە ئويۇنغا ئېچىلمايدۇ قاپىقى.
ئىچىۋالسا ئازئەمەس مۇلازىمغا چاتىقى،
ئۇنىمىسا،ئۇلارنى زورلىغىلى كەپتۇدەك.
كىمدە بولسا ئەمەل-تاج،شۇنىڭ بىلەن گېپى بىر،
ئوينايدىغان مەشرىپى،چالىدىغان دېپى بىر.
تارتىدىغان ئوغلىقى،مىنىدىغان ئېتى بىر،
شۇلار بىلەن يەپ-ئىچىپ،ئوينىغىلى كەپتۇدەك.
بىزنىڭ باشلىق چېچەندۇر،باشلىۋەتتى سەيلىنى،
قوشۇپ بېرىپ قىز-چوكان،تارتىۋالدى مەيلىنى.
ھاڭرالماسكەن ئېشەكمۇ مايلاپ قويسا كەينىنى،
ماراپ يۇرۇپ قىز-چوكان ئوۋلىغىلى كەپتۇدەك.
شەنبە كۇنى يېشىل باغ ئۇلار ئۇچۇن خىزمەتتە،
قېلىشمايدۇ شەنبىدىن يەكشەنبىمۇ ئەلۋەتتە.
قاتارلىشىپ پىكاپتا تاغقا ماڭدى رەت-رەتتە،
ئەسلى ئۇلار بۆرە بوپ قوي يىگىلى كەپتۇدەك.
ساھىپخاننى قىستاركەن،قىشتا قېمىز تاپقىن دەپ،
بايتاللىرىڭ بولمىسا،ئاتلىرىڭنى ساغقىن دەپ.
بۇيرۇق قىلار:ئورماندىن قىرغاۋۇللار ئاتقىن،دەپ،
بىزنى سېلىق-ئالۋانغا بۇيرۇغىلى كەپتۇدەك.
ياساپ قويغان ئۆيلەرنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنچىقماس،
قۇرۇپ كەتكەن ئېتىزنى كۆرۇپ تۇرۇپ ئۇنچىقماس.
ئەگىز سۇدا كۇندە قول يۇيۇپ تۇرۇپ ئۇنچىقماس،
ئۇزگىنىمۇ ئۇزىدەك بۇلغىغىلى كەپتۇدەك.
ئىشتىھاسى ئۇلارنىڭ بۆرىدىنمۇ قالمايمىش،
ئاش ئاغزىغا بارغۇچە كالپۇكلىرى يالمايمىش.
قوي سويمىغان سورونغا سۆرىسىمۇ بارمايمىش ،
ئۇلار شۇنداق بىر مەھەل يايرىغىلى كەپتۇدەك.
كەپكۇردىنمۇ ئۇلارنىڭ قالمايدىكەن ئالقىنى،
ئەسلىتەركەن چىشلىرى بىلەپ قويغان پالتىنى.
ئېلىپ كەپتۇ يانچۇق دەپ بەش-ئالتىدىن خالتىنى،
بىزنى ئەمەس،ئۇزىنى ئويلىغىلى كەپتۇدەك.
تىلى بارۇ،سۆزى يوق پۇقرالارغا ياققۇدەك،
ئۇزى بارۇ،كۆزى يوق نامراتلارغا باققۇدەك.
لازىملىقنى ئۇزىگە ئەمما پۇراپ تاپقۇدەك،
بىزگە ياقماس بىر ناخشا توۋلىغىلى كەپتۇدەك.
قۇلاقلىرى بار ،ئەمما ئەرىز-ئىنكاس تىڭشىماس،
ئون كەلسىمۇ يوقسۇلنىڭ ھال-كۇنىنى ئوڭشىماس.
تاپىنىدا ئۇلارنىڭ ئەسلا خامان يۇمشىماس،
خۇيى تۇتسا پۇقرانى تىللىغىلى كەپتۇدەك.
ياخشىلارنى ماختىماس،يامان بىلەن كارى يوق،
دۇتتار ئىكەن گويا بىر،قۇلىقى يوق،تارى يوق.
تۇگىتىدۇتەكشۇرۇپ،تەدبىرى يوق،چارە يوق،
بىزنى كالۋا-دۆت كۆرۇپ كوملىغىلى كەپتۇدەك.
كۆپكۆرگەنمىز بۇ يەڭلىغ تەكشۇرگۇچى ئۆمەكنى،
تەڭلەپ قويۇپ قايتىشتا،ئاغزىمىزغا جۇمەكنى.
بۆلەپ قويۇپ بۆشۇككە،سېلىپ قويۇپ شۇمەكنى،
چىداملىقنى بىز كەببى خللىغىلى كەپتۇدەك.
قايتىپ بېرىپ ئاشۇلار باشلىىقىغا نېمە دەر،
بۇ يەردىغۇ كۇندە گۆش ئۆيلىرىدە نىمە يەر؟
مىڭ پاتمانلىق خىزمەتنى قىلىپ قويدى .ئالتە سەر،
شەرەپ-شاننى دەيۇزلەر خورلىغىلى كەپتۇدەك.