يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 753 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1081|ئىنكاس: 14

جىدەلخورنىڭ يالاڭتۆش ئەسكەرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
4 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
3
يازما
6
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:54:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جىدەلخورنىڭ يالاڭتۆش ئەسكەرلىرى



بىرىنجى باب



دۇنيادىكى بارلىق چىرايلىق قىزلارنى سۆيۈپ يۈرۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،تۇيۇقسىز كونا ئەسكىرىم رومىل پىتىروۋىچ قىز قەلئەسدىكى ساھىپ جاماللار توغۇرلۇق دوكىلات قىلدى.
رومىل:دوكىلات باش قوماندان!
جىدەلخور:ھە نىمە گەپ؟تېلىنىڭنى چاينىماي سۆلە لومودى گۇي.
رومىل:جانابىلىرىغا يىتىپ مەلۇم بولغايكى،ئايغاقچىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە،گازارمىمىز يىنىدىكى تاغدا بىر قىز قەلئەسى پەيدا بولۇپتۇ.پەرىشتىلەر كەبى چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان بىر قانچە قىز شۇ قەلئەدە ياشاۋىتىپتۇ.بۇيرۇق چۈشۈرسىڭىز،شۇ قىزلارنى بۇلاپ سىزگە سوغا قىلساق.
جىدەلخور:دۇربۇننى ئىلىپ كەل.
رومىل:خوپ قوماندان.مانا دۇربۇن.
جىدەلخور:قىنى بىر كۆرەيچۇ بۇ قىزلارنى راستىنلا سەن دىگەندەك سەھىپ جاماللارمۇ؟ئوخخو يې مەنتاڭ چىراي،دىبا تەلەت گوروزا؟مۇشۇ جادىلار دۇنيا گۈزەللىرىمۇ؟ۋۇ ئەقلىگە پىنتوزا يەپ،پىجۇ كىكىرىپ يۈرىدىغان پوق باش!ماڭا بىرىپ گازارما ئوبۇرنىسىنى تازلا! ھە راس بۇندىن كىيىن يىتىپ قوپۇشۇڭ ئوربۇنى،ئاڭلىدىڭما...
رومىل:ئالىلىرى!!!خاپا بولمىغايلا،خاپا بولمىغايلا، تۈمەن مىڭ يىل خاپا بولمىغايلا!!!.ئۆزلە بۇ جادىلارنى تونۇمدىلا؟
جىدەلخور:تونىمامتىكى،مەرەك،ئايدىرەك،ئانىرەك،قەھۋەرەك،باغرەك،جۇلالەك،دىگەن بۇ بىشەم جادىلار تىرە يەڭگۈشلەش ئوپىراستىيەسى قىلىۋالسىمۇ تونۇۋالىمەن.

1.مەرەك- غۇلجىدىكى يولۋاس پەشۋانىڭ بىشەم قىزى،ئۆزىمۇ سۈ چوكاندەك پەشۋا تىپىدۇ،لىياڭشەن قاراقچىلىرى توپىغا قوشۇلۇپ سۈن چوكاندىن گۇمپا تەلىم ئالغان بولۇپ، جۇباجىنى بىر پەشۋا بىلەن تىپىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ ئۈرۈمچىگە قىچىپ كەتكەن،KGBتەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قەبىق چىشى يولۋاس.

2.ئايدارەك- قۇمۇلدىكى ھەسەن گاڭنىڭ بىشەم قىزى،قۇمۇل لوچىڭدا ئوسما سىتىپ يۈرۈپ،قۇمۇل ۋاڭنىڭ كىنىزىكى بىلەن ئوسما سودىسىدا كىلىشەلمەي،ۋاڭنىڭ كىنىزىكىنى تىللاپ ئۆلتۈرۋەتكىنى ئۈچۈن FBI تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.

3.ئانىرەك- بالتىق دېڭىز قاراقچىسىنىڭ كەنجى قىزى،ياۋ پانا دۇنيادا بۇنىڭدەك بشەم جادى يوق.2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە،200مىڭ كىشىلىك گىرمان ئەسكىرىنى،سەت ھۆمۇيۇپلا ئۆلتۈرۋەكىنى ئۈچۈن،گېستاپو تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قەبىھ ئۇرۇش جىنايەتچىسى.

4.باغرەك-قارىمايدىكى تۈرەك موللامنىڭ بىشەم قىزى،دادىسى ئىسىل ئادەم ئىدى رەھمەتلىك بولۇپ كەتتى بىراق بۇ ئالۋاستى،سەلىم بوۋاينى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قىلىپ،سەلىم بوۋاينىڭ مومىيىنى چىۋىن دورىسى بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ،سەلىم بوۋايغا ئۈستەك بىرىپ تىگىۋىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشماي،بىچارە سەلىم بوۋايغا بىنزىننى،ۋوتكا دەپ ئىچۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغىنى ئۈچۈن،مايتاغ رايۇنلۇق ساقچىخانا تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋەھشى قاتىل.

5.قەھۋەرەك-بىرازىلىيەدىكى قەھۋە ئىكىنزارلقىنىڭ خوجايىنى ياسىن پۇچۇقنىڭ بىشەم قىزى.دېدەك قىز ئىروزا بىلەن لىئونسىيو بەگەزادىنىڭ پاك سۆيگۈسىگە دۈشمەنلىك قىلىپ،ئىزورانى بىر ئىستىكان قەھۋە بىلەن ئالداپ،لىئونسىيو بەگزادىغا بىر مىلىيۇن مۇنبەر پۇلى ئۈستەك بىرىپ تىگىۋالغان.لىئونسىيو بىلەن ئىزورانىڭ مەخپىي ئۇچۇرشۇپ يۈرگىنى بىلگەندىن كىيىن،بۇ ئىككىسىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغىنى ئۈچۈن،پۈتۈن ئىنسانىيەتتىكى ئاشىق مەشۇقلارنىڭ لەنىتىگە قالغان،ئەلەمگە چىدىماي سۆيگۈ ئىلاھى ۋېناسنىڭ بىر قولىنى چىشلەپ ئۈزۈۋىتىپ قىچىپ كەتكەن.بىرازىلىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەسەبىي قان ئىچەر قاتىل.

رومىل:ئوخخو!قوماندان بۇ خەتەرلىك جادىگەرلەر،گازارمىغا يىقىن يەردىلا تاغقا بازا قۇرۇۋاپتۇ،ئەسكەرلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمسۇن يەنە؟
جىدەلخور:ۋۇ مىڭىسى قاينسا،ئارمان نوقۇت تالقىنىغا كالا تىزىكى ئارلاشتۇرۇپ ئىچىپ،دۈمبىسىگە داس باغلاپ تاش پاقىچىلاپ ئۆمۈلەپ يۈرىدىغان كىسپۇرۇچ،بۇ جادىگەرلەر ئاللا بۇرۇن ئەسكەرلدىن بىر قانچىنى ئازۇدۇپ بولدى...
رومىل:نىمە؟!!!بىر دەمدە ئازۇرۇپ بولدىما؟جانابىلىرى ئالىي باش قوماندان بولغاچ،بىزدىنمۇ بۇرۇن گازارمىدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋەر تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن...
جىدەلخور:ئىشەنچىلىك ئايغاقچىلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،2-دەرىجىلىك ئەسكەر قىسمەت بىننى يوتازا كاللا بىننى خاشۇ پىچاق ئىسملىك يالاڭتۆش گۇي،مەرەك دىگەن جادى تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ،ئاللا بۇرۇن مەخپىي توي قىلىپ بولغانمىش،بۇ خۇمپەرنىڭ تۇرۇقىغۇ ئادەمگە ئوخشىمايدىغان،بىگىز يەپ،كىگىز چىچىپ يۈرىدىغان،بالاڭزا چەيدو ئىدى.
رومىل:ۋاي بۇ قانداق بولغىنى؟ قاچان؟نەدە؟قانداق ۋاقىتتا توي قىلىپتۇ؟
جىدەلخور:قۇمدەك گەپ سورايدىغان شىپەن چىراي گۇي جۇما سەن؟زۇۋانىڭغا بەسەي،ئىمانىڭغا جۈسەي تىرىۋەتمەي بىكار؟بوپتۇ سوراپ قالدىڭ سەنمۇ خەۋەردار بولۇپ قويغىن.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 576-يىلى 15-ئاينىڭ-97-كۈنى قىسمەت دىگەن خاشۇ پايپاي،كىچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرغاندا،مەرەك دىگەن جادىگەر 15ياشلىق قىزدەك ياسىنىپ،قاش-كۆزلىرىنى ئوينۇتۇپ قىسمەت تازنى ئازدۇرۇپ كەتكەن.قىسمەت تاز مىھرىبان ئاپىسىنىڭ كىسىلىنى بانا قىلىپ،تۇققان يوقلاش رۇخسىتى ئىلىپ،گازارمىدىن چىقىپلا تاغ قاپتىلىدا ساقلاپ تۇرغان مەرەك بىلەن توشقانغا مىنىپ، ئۇدۇل غۇلجىغا بىرىپ مەرەك جادىنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشكەن.

يولۋاس پەشۋا:قارشى ئالىمىز،قارشى ئالىمىز، قىسمەت كاۋاگۇلنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!!!
قىسمەت تاز:ئاكاڭ قارغاي كاۋاگۈل ئەمەس، كاتتا پالىۋان قىسمەت دىۋانە.
يولۋاس پەشۋا: سىبىرىيە ئورمان قاراقچىسى دەي ئەمسە.
قىسمەت تاز:ياق،ئافغانىستانلىق تىلەمچى دىگىن ئەمسە،سەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىم جانابى لۈكچەك كاندىدات قىيىن ئاتا.يۈرە بالاڭزا دەريا بويىغا بىرىپ مەشرەپ ئوينىغاچ بىرەر قاپاقتىن ئىچىپ كىلىمىز.
يولۋاس پەشۋا:توختاپ تۇر تىزەك گەدەن لومودى،قىزىمنى راستىنلا ئالامسەن؟قىزىمنى كىپەك بىرىپ بىقىپ،مىڭ بىر جاپدا بىقىپ چوڭ قىلغان،كۈندە ئۈ ۋاخ ئۇرۇپ-دەسسەپ تۇرمىساڭ بولمايدۇ.
قىسمەت تاز:قىزىڭنى باقالماي ئەرگە بىرپلا قۇتۇلاي دەپسەندە ئۇكا؟
يولۋاس پەشۋا:لايغەزەل،بولۇمسىز ،توخۇ پوقىلىقىڭغۇ چىرايىڭدىن چىقىپ تۇرىدۇ؟مارشال جىدەلخورنىڭ ئەسكىرى ئىكەن دەپ ئاڭلاپ، قىزىمنى ساڭا بىرەي دىدىم.تويلۇق ئالمىساڭمۇ بولىدۇ،ئاغزىڭدىن چىققان ھورغىلا بىرىۋتىمەن.
قسىمەت تاز:ھۇفففففففف
يولۋاس پەشۋا:ئالە قىزىمنى ساڭا بىرىۋەتتىم.
قسىمەت تاز:ئۈستەكمۇ قوشۇپ بىرەرسەن؟ بالاڭزا قىيىن ئۇكام، يولداش 1-نومۇرلۇق سولتەك؟
يولۋاس پەشۋا:50مو باغىنى ئۈستەك بىرەي.
قىسمەت تاز:باغۋەنچىلىك بىلەن خوشۇم يوق.ماۋۇ داچاڭنىلا قوشۇپ بەرگىن ئەمسە.
يولۋاس پەشۋا:ياشاپ كەت كۈيئوغلۇم،قىزىمنى بىرەي دىسەم داچىنىمۇ قوشۇپ سوراپسەن؟
قىسمەت تاز:بوپتۇ بىكار تۇرسىمۇ تۇرۇپتۇ قىزىڭ ئىلىپ تاشلاپ قويايچۇ؟
يولۋاس پەشۋا:ئەل جاماتنىڭ ئالدىدا،بىكارغا ئۈستەك بىرىپ قىزىنى بەردى دىگەن سۆز-چۆچەكلەر چىقمىسۇن،تويلۇق ئالغان قىياپەتتە توينى قىلايلى ھە؟
قىسمەت تاز:نىسىگە تەگسۇن.ھۆجخەت يىزىپ بىرەي،ئەل جامائەتكە شۇنى كۆرسەتكىن ئەمسە، قىيىن ئاتا بالاڭزا موخۇرەك.
يولۋاس پەشۋا:ئەمسە يازە ھۆججەتنى.
قىسمەت پەشۋا:مەنكى قىسمەت تاز خاشۇ توشەي بىننى ھاۋا رەڭ نوچى بىننى راڭپىزا چىراي،شۇ توغۇرلۇق ھۆججەت يازدىمكى،يولۋاس پەشۋا دىگەن ۋات-ۋات،قويمىچى گوروزىنىڭ،ھازازۇل دۇنيا جىنىس رېكورتى ياراتقان،مەرەك ئىسىملك سەت قىڭغىر قىزىنى،15 روبلىغا ۋاچچىدە بىر تەرەپ قىلىۋاتتىم.

يولۋا پەشۋا ئەلەس كۆزلىرى بىلەن ھۆججەتنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقاندىن كىيىن،مەلىدىكى بىر قانچە زابوينى چاقىرىپلا پوپقا نىكاھىنى ئوقۇتتىۋتكەن.توي كىچىسى قىسمەت تاز ئۆلگۈدەك مەس بولغانلىقى ئۈچۈن،خورەكنى تازا تارتىپ ئۇخلاپ چىققان.مەرەك بىشەم ياستۇقنى قۇچاغلاپ،قسىمەت تازنىڭ خورىكىگە تەڭكەش قىلىپ ۋالىس ئويناپ چىققان.

رومىل:قوماندان،نىمە دىگەن ئىچىنىشلىق ئىش بۇ ھە؟ئارمىيمىز ھەر قىتىملىق دۇنيا ئۇرشىدا قەرھىمانلىق كۆرسەتكەن تۇرسا،قىسمەت تازدەك نائەھلى گۇيلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىغا رەسمىي چىداپ تۇرالمىدىم.بۇيرۇق چۈشۈرسىڭىز بۇ پەسەندە گۇينى پاشىغا چاقتۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزۈپ،باشقىلارغىمۇ ئىبرەت قىلايلى بولامدۇ يا؟
جىدەلخور:مەسىلە ئۇنداق ئاددى ئەمەس،يالغۇز قىسمەت تازلا ئاۋۇ جادىلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇپ كىتىلمىدى،يەنە ئەرۋاھ خىڭ-خڭ،سايە ئوساغاق،سامسىپەز نازۇك،جاھاندار كىكەچلەرمۇ بار...
رومىل:نىمە؟؟؟...

داۋامى بار

دۇنيادىكى چىرايلىق قىزلارنى سۆيۈمەن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:14:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسەن ساقام ~ مانا ئەمدى مۇنبەردە بەس-بەستە قىسسە ئوقۇيدىكەنمىزدە!
داۋامىنى تېزراق يوللارسەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
549 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
836

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:47:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ قىزىغىدەك جۇمۇ...مەندەك تېز-تېز يازالا...

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
149 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:08:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا..ئەمدى ما قىسسەدە نىمە كۈننى كۆرەرمىز. تەلۋە سانغۇننىڭ قولىغا قاپتىمىزغۇ ...
ئەمما يۇمۇرلۇق قىزىقارلىق يېزىپسەن جۇمۇ. باشلىغاندىكىن ياخشى داۋاملاشتۇر. پات پات يېزىپتۇ جۇمۇ. 10 كۈندە بىر يېزىپ ئولتۇرماي ئەتىۋارلىق.

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:50:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلتۈرۈپ،سەلىم بوۋايغا ئۈستەك بىرىپ تىگىۋىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشماي،بىچارە سەلىم بوۋايغا بىنزىننى،ۋوتكا دەپ ئىچۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغىنى ئۈچۈن،مايتاغ رايۇنلۇق ساقچىخانا تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋەھشى قاتىل.

ماۋۇ قۇرلارنى قارامايلىقلار كۆرۈپ قالمىسۇن جۇمۇ   بولمىسامېنى 1 - قۇدۇققا ئاپىرىپ خام نېفىتنى ئىچكۈزۈپ جېنىمنى ئالىدۇ ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 08:57:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېمىنىڭ قورقۇنۇچلىقىنى ھەر نىمە بولسا ماڭا نۆۋەت كەلمەپتۇ. قارىغاندا مەن ياخشى ئائىلىنىڭ قىزى بوپ چىقىدىغان ئوخشايمەن.
جىدەلخور، تېزراق يازالا ساقلاپ قالساق سەت تۇرار.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
54
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 12:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇ جىدەل ۋار ۋار قارى ، گاچ گاچ يازە داۋامىنى!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1176

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 23:35:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى بۇ جىدەل؟ راستىنلا 10 كۈندە بىر باپ يازىدىغان بالاڭزىمۇ بۇ. ياكى جۇلالەكنى يازغىلى كەتتىمۇ خوتەنگە.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 23:50:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف....مىڭ يىلدا بىر قىسىم يازامسەن نىمە ئۇكام، ئۇنچىلىك تەققەزا قىلمىغىن كىشىنى

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 14:48:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاپۇر-شۇپۇر يازاۋۇي ئۇكا ...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:00 , Processed in 0.129237 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش