يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 515|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى نادىر شېئىرلار 12. سۇنۇق قېلىچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:52:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۇنۇق قېلىچ
ئابدۇرېھىم  ئابدوللا

ئاستىمدا شاقىراپ دەريا ئاقىدۇ ،
ئېشىپ بارماقتىمەن بىر تىك داۋاندىن .
ئالدىمدا بىر سۇنۇق قېلىچ ياتىدۇ ،
بىلمەيمەن يادىكار قايسى زاماندىن .

قېلىچنىڭ يېرىمى تۇپراق ئاستىدا ،
يېرىمى ئالماستەك تۇرىدۇ چاقناپ .
بو قەدىم جەڭلەرنىڭ يالدامىسىنى ،
ھاياجان ئىلكىدە ئالدىم ئاۋايلاپ .

تىترىدى قوللىرىم تۇنىدى يۈرەك ،
ھىلال ئاي ئەگمىسىدەك ئەگرى قېلىچنى .
زاتىمنىڭ يىگىتلىرى كەلدى گۈپىلدەپ،
بىلمىدىم قايھالدا نەپەس ئېلىشنى .

قېلىچنىڭ بىسىدە قوياش جىلۋىسى،
بالقىيدۇ ئىپتىخار بالقىيدو زەر نۇر.
جاراڭلاپ سونغاچقا جەڭدە ئارمانسىز ،
سۈزۈك سۇنىغىدا كۈلىدۇ غورۇر .

تاۋلانغان بو قېلچ ئىگىلمەس بولۇپ ،
جەسۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئوچاقلىرىدا .
قەسەم سۈيى ئىچكەن چىقىپ ئوچاقتىن ،
ئاھۇ كۆز مەدەتكار بولاقلىرىدا .

كەلتۈرگەن قېلىچنى بۇ تىك داۋانغا ،
ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى جەڭلەرگە چىللاپ .
سۇنغان چېغىدىمۇ رىشتى ئۈزۈلمەي ،
تەۋەررۇك تۇپراقنى ئاپتۇ قۇچاقلاپ .

ئويلىدۇم شۇنداقمۇ قېلىچلار بار ئىكەن ،

بىر قېتىم قېنىدىن چىقالمايدىغان .
باسسا ياۋ ۋەتەنگە پاسكىنا ئاياغ،
قىساس قەھرى بىلەن چاقنىمايدىغان .

خىيالچان تىكىلدىم سۇنۇق قېلىچقا ،
ئەينەكتەك تىگىدىن كۆروندى جەڭگاھ .
بو قېلىچ شىر سۈپەت بىر ئەر قولىدا،

دۈشمەنگە ۋەيلۇندىن بەرمەكتە ئاگاھ .

چىقىدۇ شىۋىرغان ئوق ئۈزسە ساداق ،
ئۇمۇد نىڭ زەربىدە قالقان قالتىرار.
تەككەندە گەزلەرشكەن ھەربىر قېلىچقا ،

بۇ قېلىچ بىسىدىن چاقناپ يالتىرار.

ئاھ... قانداق سۇندى ئۇ قېلىچ ؟،
جەڭگاھنى لەرزىگە سالدى شۇ سادا .
تاغلاردىن تاغلارغا ئۇرۇلدى ئەكسى،

ھەر تاغدا بىر قېلىچ سۇنغاندەك گۇيا .

قۇياشمۇ قارايدۇ سۇنغاندا قېلىچ ،
زەپەرنىڭ يۈزىىگە تارتىلدى نىقاب .
باتۇر ئات ئۈستىدىن غۇلىدى باشسىز ،
كىشنىدى دۇلدۇلى زارلىق چىقىراپ.



قېنى ئۇ باھادىر، قارىدىم كۆككە،
قېنى ئۇ قىلىچقا مۇناسىپ ئەرلەر.
قۇياشتىن، نۇرلاردىن ئىزلىدىم ئۇنى .
ئۇنىڭدەك ئوغلانىنى يۇتمايدۇ يەرلەر.

پەندىيات! قىياغا ئايلىنىپتۇ ئۇ
،
قىلىچنىڭ دەستىسى قاپتۇ ئىلكىدە .
تەنتەنە قىلىدۇ ئەرلىك جەسۇر،
مەرمەردەك يالتىراپ تۇرغان قىپىدە.

شەھىدنىڭ بوينىدىن تامچىغان قانلار ،
دەرياغا ياقۇتتەك چۈشەر تامچىلاپ.
ئوخچىدى يۈزۈمگە دەريانىڭ سۈيى،
بىلدىمكى ئۇ مېنى ئالدى قۇچاقلاپ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:14  


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنۇ شىئېرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخسىنى ئاڭلىغاندا تىنىم جۇغۇلداپ كەتكەن، ھازىر بۇنى ئوقۇپمۇ بىر قىسمىلا، شىئېر دىگەنمۇ يامان نىمىكەن جۇما

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:35 , Processed in 0.048910 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش