يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1254|ئىنكاس: 24

كۇساركۇ كيگەن مودا قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 01:41:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن سانجىدا  بىجىرىدىغان بىر ئىشىم بارتى ،يولدىشىم  بىلەن شۇ  يەرگە چىقتىم ، قايتاشىمدا油运司  دا  چۈشۈپ قىلىپ ئۈچتاش  جەنۇبى  شەھەر ئاپتۇبوس بىكىتىگە بارماقچى بۇلۇپ  7 . يولنىڭ  ئاپتۇبۇسغا چىقىتىم . قۇمۇل يولىغا (哈密路) كەلگەندە بىر قىزغا دىققەت قىلىپ قالدىم ، مەنلا ئەمەس  دىققەت قىلىپ قالغان . ئاپتۇبۇستىكى  خىلى كۆپ كىشىلەرنىڭ  دىققىتى  شۇ قىزدا ئىدى ،تاس تاس قالدىم ئارقامغا ئۇچۇپ كەتتى ،ھەنىم بولسا ئولتۇرۇپتىكەنمەن ،  چۈنكى ئۇ قىزنىڭ  كىيىنىشى ،تىلغۇندىكى ئەركىلەشلىرى ، قىلۋالغان گىرىمى بەئەينى  ئامرىكىنىڭ كىنولىرىدىكى پائىشىلەردىن قىلىشمايتى ،  دەسلىپىدە ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن  قوشنا مىللەتمىكىن دەپ چۈنكى  بۇلارنىڭ  ئىچىدە شۇنداق يۈرۈيدىغانلار ئۇچراپ تۇرىدۇ . يىشى 23-24 ياشلاردا ، ئۇرۇق كەلگەن  بۇ قىز  قارا نىپىز  پايپاق چوڭ پاچاقتا ،  ھىلقى پادىچىلار كۇساركۇسىدىن  كىيىۋاپتۇ . كۇساركۇ بىلەن چوڭ پاچاقنىڭ ئارلىقىدىكى  يوتىسى ئىچىلىپ قاپتۇ . ئاپپاق پاچاقلار سوغوتىن توڭلىدىمىكىن ياكى  خىجىل بولدىمىكىن قىزىپ كىتىپتۇ . ئا كۇساركۇنىڭ  قىسقىلىقىغا ھىچ نىم توغرا كەلمەيدۇ . ئىشقىلىپ ئىچىدىكىسى كۈرۈنۈپ قالايلا دەپتۇ ، ھىلىقى ئۈچ بۇرچەكنىڭ  يىنىغا كىچىككىنە نەرسە چىتىپ 4 بۇرجەك قىلىنغان كۇساركۇكەن . خودا ساقلىسۇن بۇنداق  ھاياسىزلىقتىن ، خىلى  كۆپ خانىم  قىزلىرىمىز ئۆز ئۆيىدىمۇ ئۇنداق يۈرۈشتىن نۇمۇس قىلىدۇ .ئاستىغا كىيگىنى بۇ بولغاندىن كىيىن ئۈستىگە نىمە كىيۋالغىنىنى پەزار قىلىپ بولغانسىلە ؟ . ئاپئاق يۈزىگە چىكىۋالغان  ( بەكرەك قاراش ئەپسىز بولدى ، بىر قارسامغۇ قاش قەلەم بىلەن  سىزىۋالغاندەك قىلىدۇ)، ئوڭ كۈزىنىڭ قىشىغا توغرىسى ئوڭ يۈزىگە  مەڭزىنى  بويلىتىپ كۈزىگە تاقاشتۇرۇپ  سانلارنى ئارلاشتۇرۇپ غىش شەكلىدە زەنجىرسىمان بىر نىمىلەرنى  سىزىۋاپتۇ ، قۇلىدا يىشىل تىرناق  لاكى ،  كۆز ئەينىكى بىلەن چاچقا قىسقان كىچىككىنە چازىسى يىشىل رەڭدە ، بۇ قىزنىڭ كىيىمنى ياراشتۇرۇپ كىيشكە ئۇستا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى .چاچ دىگەننىڭ يىرىمى تارىمىغىلى يىرىم يىل  بولغان ساراڭ خوتوننىڭ چىچىدەك قالايمىقان بەك  قالايمىقان چوۋۇق ، خوددى  ھازىرلا بىرسى بىلەن چاچلىشىپ  كەلگەندەك ، ئالدى  تەرەپ  بولسا  قاق چوقىسىدىن بوغوپ بىر تەرەپكە تاشلانغان ، ئۇ چاچلارنى قىسىلغان چازىلارنىڭ  ھەرخىل ھەر ياڭزىلىقى,قىلغان گىرىمىغا گەپ ئارتۇقچە  ........... ئالو جانىم  دەپ   ئەركىلەپ  سوزۇپ گەپ قىلىپ تىلغۇن  ئىلىشدىن ئۇقمىغان بولسام  قۇشنا مىللەتمىكى دەپ ئۇيلاپ  قالاتتىم ،شۇ  يەردىن  داشىمىنغا  كەلگۈچە  كۈزۈم ئۇ قىزدا ، (ھەيرانلىقىمدىن ) تىلفۇن قىلغىنىمۇ  قۇشنا مىللەتكەن قارىغاندا ئو نىشى  چىڭ ئەيدى *** ما ؟ دىگەندىگە قارسام ، خەنزۇچە بۇزۇپ ئىيتلىغان تەلەپپۇزى ۋىييەي خەنزۇچىغا بەكېەك ئۇستا بولغان بولسا نىمە ئىشلارنى  قىلار بولغىيتى دەپ ئويلاپ كەتتم زادى .  نىمە دىگەن قۇرقۇنۇشلۇق ،   شۇ  يەردىن داشىمىنغا ئاز  بولسىمۇ يىرىم سائەتلەردە كەلدۇق  ، ھەممە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتلار بولغاچقا . شۇ يەرگ كەلگۈچە ھىلقى  تىلغۇنى قۇيۇلمىدى ، ئۇ قىز ئەركىلەغنى تىخى  بولدى قىلمىدى ،  تاس قالدى تىلفۇننىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكىلى  . شۆلگەيلىرى كىرىپ كەتكەندۇ دەپ ئويلىدىم لىكىن .  
داشىمىندا ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپتى بىكەتتى  خىلى كۆپ ئادەملەر قاراشىتىى  چۈنكى ئۇ قىزنىڭ  ئاپئاق يۈزىدىكى ھىلىقى سىزىلغان  گۈللىرى خەقلەرنىڭ دىقىتىنى ئۆزىگە  تارتقان بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم .ھىلىقى يۈزىدىكى نەرسىسىدىن نۇمۇس قىلدىمىكىن باشقىلار قاراشقىلى تورسا قۇلىدىكى كىچىك بىر يەلپۈگۈچى بىلەن يۈزىنىڭ بىر تەرپن  توسوپ كىتىۋاتىدۇ ، قۇلىدا تىخى  ھىلىقى تىلغۇن .  ۋاي  ئىسىت دەپ  كەتتىم ئۇنىڭغا قاراپ ، بۇرۇن شۇنداق ئاڭلغان بولساممۇ  شۇ قىزنىڭ ئاتا -ئانىسى قىزىنىڭ شۇ  تۇرقىنى كۆرسە نىم بوپ كىتەر ؟ قىزنى  قانچە چوڭ ئۈمۈتلەر بىلەن  چۇڭ قىلغان  بولغىيتى- ؟ ئىسىت ئىسىت.....   
قايسى كۈنى بىرسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك دىگەن  بىر شىئىرنى ئەسلەپ  قالدىم شىئىر باشقا مۇنبەردىن يۆتكەلدى)


ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك


ھاۋا ئىسىپ يىلان قاسراق  تاشلىدى.

تومۇز ئىسسىق ئازابلاشنى باشىلدى ،
ئېشەكلەرمۇ ئەنە يۇڭنى تاشلىدى.

ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغىدەك .



چىدالمىدىم دېدى بىر قىز ئىسسىققا ،
مودا دېدى كىيگەن كىيمى بەك قىسقا ،
ئوخشاپ قالدى ياۋرۇپالىق " خېنىم "غا .

ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ...


بۇنى كۆرۈپ باشقا قىزلار دوراشتى ،
يىلان كەبى بەس-بەس قاسراق تاشلاشتى ،
يالىڭاچمۇ يول يۈرۈشنى باشلاشتى .

ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....


ئەنئەنىدىن كىچىش زامان مودىسى ،
لەنەت مودا مەدەنىيەت قوغلىشى ،
كۈپكۈندۈزى پۈتەر ئىشرەت سودىسى.

ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....


بىرلىرى بار جىندىن ئەقىل سورايدۇ ،
مودا دېسە بىلىپ بىلمەي قوغلايدۇ ،
ياۋرۇپالىق مومىسىنى دورايدۇ .

ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....


نەفىسە ھەم نوزۇك روھى قەبرىدە ،
ئىچ ئاغرىتىپ قالدى ساڭا جەبرىدە ،
ماز لاتىلار يۈرەر جىمجىت سەبرىدە .

ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....


ئۇيغۇر قىزى ئىپپىتىڭنى يوقاتما ،
قوغلا ھايۋان قىلىقىنى يولاتما ،
ئاھ يىگىتلەر ۋىجدانىڭنى يوقاتما !!!!!

ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....


ئەجدات روھى قورۇنىدۇ ئەپتىڭدىن ،
ئەبگاھ شەيتان قاقاقلىغاي ئەپتىڭدىن ،
ئەخلاقىمىز گۇمران بولار ئەپتىڭدىن .

ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....


ئىگە بولغىن قىزلىرىڭغا ئاتىلار،
ئىگە بولغىن سىڭىللارغا ئاكىلار ،
قېنى بىزنى ئۇيغۇر قىلغان ۋىجدانلار .

ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....


ئوت قۇيرۇقلار سالسا سېنى يۈزۈمگە ،
ئاچچىق -ئاچچىق ياشلار تولا ر كۆزۈمگە ،
ۋىجدانلىقلار قۇۋۋەت بەرگىن سۆزۈمگە .

ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....


ھەق گەپنى راس چىقارماق تەس ئېغىزدىن ،
ساقلا تەڭرىم كىيىم كىيمەس بېخىلدىن ،
ئېشەكلەرنى چىقارمايلى ئېغىلدىن ،
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....

  قىزلارغا شۇنى دىگۈم كەلدى ئەي قىزلار بىز بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى  ئانىلىرى ، ئاشۇنداق   ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالا قانداق  ئادەم بۇلار ؟  ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنىغۇ كىيمەيلى بوپتۇ ، ھىچ بولمىسا  ئۇ يەر بۇيەرلىرىمىزنى  يېپىپ يۈرسەك ، ئۆزىمىزنىمۇ ئاز تولا گوناھتىن ساقلىساق ، باشقىلارنىمۇ گوناھقا باشلىمىساق  نىمە بولىدۇ ؟  مەن قىز بالا جىنىمدا يىرىم سائەت شۇ  قىزغا  قاراپ قالدىم ، ئوغوللار نىمە ئىش بولماقچى ؟ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك ھىچ كىم بىزنىڭ  قەدرىمىزنى  قىلمايدۇ .  قىزلار شەرمى ھايا بىلەن  ئەڭ گۈزەلدۇر . .......
دەيدىغان جىق گەپلەر بار ئىدى ...
قىزلارنى  تىللىماي ئاشۇ قىزلانىڭ  ئاشۇ  يولغا مىڭىپ كىتىشىدە بىزنىڭ نىمە مەسئولىيىتىمىز بار شۇنى ئوبدان ئويلىشايلى .

باشقۇرغۇچىدىن:  ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىز بولسا ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز !

مەنبە :شىئىر : ئەلكۈيى تورىدىن يۆتكەلدى . يازما : قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:23  


2

باھا خاتىرىسى

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 01:43:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا مانى يىڭى تىما قىلىپ يوللىغانتىم  بۇ يەرگە كىلىۋاپتىغۇ ؟ خەتلىرىگە نىم  بولغاندۇ ؟

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 8Rank: 8

توردا
549 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
836

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 07:54:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتلەر تۆت چاسا كۇساركۇ كىيىۋاپتۇ.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 08:02:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇفففففف~~~ يېرىم سائەت ئېيتىشىپ ئاران ئوڭشىدىما، ئەمما ھاردۇقۇم چىقتى، ياخشى تېمىكەن ئېسىل خانقىز!
مانا مۇشۇنداق ئىجادىي يازمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز!

Rank: 8Rank: 8

توردا
549 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
836

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 08:52:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا، مۇشۇنداق قىزلارنى كۆرسەمزە...
ھەممە ئادەم ئۆزىگە قىلىدۇ جۇمۇ.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 12:43:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس، ھازىر ھەقىقەتەنمۇ‹ بۇياقچىنىڭ تۇڭىدىن›ھازىرلا چىققاندەك قىزلار...............بەك جىق.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
537 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1165

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:30:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل خانقىزنىڭ بۇ تېمىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بىردە بەك كۈلدۈم، شۇنچىلىك كۈلىۋېتىتىمەن زادى. بىردە ھېچنىمىنى ئويلىمىدىم، پەقەت خۇددى ئاشۇ ئاپتۇبۇستا مەن باردىكىدەك  قوشنا مىللەتلەر ئالدىدا بەكلا خىجىل بولدۇم، نېمىمۇ دىيىشىپ كەتكەندۇ ئاشۇلار، قانچە غەيۋەت قىلىۋالغاندۇ ھە. ۋېيزۇرېن دەپلا چۈشكەندۇ ھەقىچان. ئاھ خۇدا، جاھان نېمە بولۇۋاتىدۇ، تەڭرىنىڭ بىكار غەزىپى كەلمىدى، بولۇۋاتقان ئىشلارغا چىداپ تۇرالمىدى، يەرلەر تەۋرىدى، دېڭىزلار تاشتى، بورانلار ئۇچۇرۇپ كەتتى......ئەمما ئىنسانلار بىر خىلدا ئۆز تۇرمۇشىنى ئاشۇنداق داۋام ئەتمەكتە...........

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 16:39:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي نىمە دەيدىغانسىلەر ئەمدى ؟؟؟؟ ئەمدى بىر كىيەي دەپ تەييارلىنىپ تۇرسام

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:15:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسى  قەلەم

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 08:02
ئۇفففففف~~~ يېرىم سائەت ئېيتىشىپ ئاران ئوڭشىدىما، ئەمم ...

جىق  ئاۋارە قىپتىمەن ، يىرىم سائەت سەرىپ  قىلىپ يازغان تىمامتى قارسام خەتلىرى 4 چاسا  نىم بولغاندۇ دەپ بەك جىلە بولغانتىم ئاخشام ، بەك  كىچە  بوپ كەتكەنتى ،سىزنى ئۇيغۇتۇش تىخى ئەپسىز .تىخى بۈگۈن  سىزگە دەپ ئۈچۈرگۈزىۋىتەرمەن دىگەنتىم .ھەنىم بولسا تەھرىرلەپ قۇيۇپسىز . كۆپ رەھمەت

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 08:43 , Processed in 0.063799 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش