يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 533|ئىنكاس: 4

‹‹ھۇررا›› كوماندىسى بىلەن گۇچۇڭ ‹‹غالىب›› كوماندىسى دوستلۇق .... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:46:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ ‹‹ھۇررا›› كوماندىسى بىلەن گۇچۇڭ ‹‹غالىب›› كوماندىسى دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، گۇچۇڭ ناھىيەسى دىيارىمىزدىكى ئۆزگىچە مەدەنىيەت–ئەنئەنىلىرى، قائىدە–يۇسۇنلىرى بىلەن باشقا يۇرتلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. بۇ يۇرتنىڭ خەلقى ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست، ئىلىم–مەرىپەتنى قەدىرلەيدىغان، جۇشقۇن خەلق بولۇپ، مەيلى ياشلار بولسۇن، مەيلى چوڭلار ياكى دېھقانلار بولسۇن ھەممىسى تەنتەربىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.


گۇچۇڭ غالىپ كوماندىسى



شىنجاڭ ھۇررا كوماندىسى

مانا مۇشۇنداق قەدىمىي يۇرت گۇچۇڭنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا 24–ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 13:40 لاردا قۇرۇلغىنىغا ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ بەش يىل بولغان شىنجاڭ ‹‹ھۇررا›› كوماندىسى بىلەن قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بەش كۈن بولغان گۇچۇڭ ‹‹غالىب›› كوماندىسىنىڭ بىر مەيدان دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ‹‹ئىناقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق›› باش تېما قىلىندى.
پائالىيەتكە گۇچۇڭ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئادىل ئەپەندى، گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ پېنسىيونېرى ئابلىمىت ئەپەندى، گۇچۇڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت–تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ شېڭسۈن، مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ يالى خانىم، گۇچۇڭ ناھىيە غالىب سودا–سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى، ‹‹غالىب›› كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچىسى غالىب ئابلىز ۋە بىر قىسىم يېزا–بازارلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى شۇنداقلا شىنجاڭ گېزىتى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى، ئۇلىنىش تورى، گۇچۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.



پائالىيەتكە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ مۇھەررىرى، رىياسەتچىسى توخنىياز ئىسمائىل رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، ناھىيە رەھبەرلىرى ۋە غالىب ئەپەندىم گۇچۇڭ ‹‹غالىب›› كوماندىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىغا تەنتەنە قىلىپ لېنتا كەستى.

گۇچۇڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت–تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ شېڭسۈن ھاياجان بىلەن تەبرىك سۆزى قىلىپ، گۇچۇڭ تەنتەربىيە مەيدانى يېڭىدىن ياسالغان ئىككى يىلدىن بۇيان، چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانلىقى، بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى مۇسابىقە جۈملىدىن تەنتەربىيە پائالىيىتى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى ھەم مۇسابىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
سائەت 13 تىن 55 مىنۇتلار ئۆتكەندە غالىب ئابلىز ئەپەندىنىڭ توپ باشلاپ بېرىشى بىلەن مۇسابىقە رەسمىي باشلاندى. مۇسابىقە باشلىنىشىغىلا ياش ناخشىچى، گۇچۇڭ ناھىيەلىك 7–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى رۇقىيە رازاق پۇتبول ناخشىسىنى ئېيتىپ بارلىق ماھىرلارغا مەدەت بەردى. مۇسابىقە تولىمۇ كەسكىن ھەم جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. گۇچۇڭ ‹‹غالىب›› كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى يېڭى ھەم تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا ھە دېگەندىلا ئۈستۈنلۈكنى تارتقۇزۇپ قوياتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ جاسارىتى يۇقىرى ئىدى. شىنجاڭ ‹‹ھۇررا›› كوماندىسى شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، بەلگىلىك تەجرىبە توپلىغان ھەم سەۋىيەسىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا باشتىن–ئاخىر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلدى.




مۇسابىقىنى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 3000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن كۆردى. ئۇلار مۇسابىقە جەريانىدا باشتىن–ئاخىر ئىككى كوماندا ئەزالىرىغا قىزغىن ئالقىش ۋە مەدەت بېرىپ تۇردى. تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتى تولىمۇ يۇقىرى بولۇپ ‹‹غالىب، ئالغا››، ‹‹ھۇررا، غەيرەت قىل!›› دېگەن ئالقىش سادالىرى مەيداننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. بۇ جەريانىدا يەنە مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان تەنتەربىيەسۆيەر دېھقانلاردىن رېشىت ئابلىمىت، پولات قاتارلىقلار گۇچۇڭ ‹‹غالىب›› كوماندىسىغا ۋە بارلىق ماھىرلارغا نەق مەيداندا 5000 يۈەن، ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان ئۈچ كىشى 1000 يۈەندىن، بىر كىشى 500 يۈەن جەمئىي 8500 يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەنتەربىيەنى، پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىغان روھىنى نامايەن قىلدى.





مۇسابىقە شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 15:45 ئەتراپىدا شىنجاڭ ‹‹ھۇررا›› كوماندىسىنىڭ بەش توپ كىرگۈزۈشى، گۇچۇڭ ‹‹غالىب›› كوماندىسىنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى. گۇچۇڭ ‹‹غالىب›› كوماندىسى ئاران بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلار ئۇلارغا قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلەردە غەلىبە قىلىشىغا ئىلھام بەردى.
گۇچۇڭ ناھىيە غالىب سودا–سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى، ‹‹غالىب›› كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچىسى غالىب ئابلىز ئەپەندى غەلىبە قىلغان شىنجاڭ ‹‹ھۇررا›› كوماندىسىنى 1500 يۈەن نەق پۇل بىلەن، ‹‹غالىب›› كوماندىسىنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى 300 يۈەندىن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى.


مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەر قايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار غالىب ئەپەندى، شىنجاڭ ‹‹ھۇررا›› كوماندىسىنىڭ مەسئۇلى


مەنبە : نۇر تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:50  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:06:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا مېنىڭ داداممۇ كىچىك ئىنىمنىڭ قىزغىنلىقى ئۈچۈن، بىز تۇرۇشلۇق ناھيىدە بىر پوتپۇل كوماندىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ناھىيەلەر ئارا مۇسابىقىلەرگە چۈشۈرۈپ يۈرگەن.
بۇ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن شۇنداقلا يېقىدىن ياردەمدە بولغان ۋە قوللىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن!

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:08:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخى قۇرۇلغىنىغا 5 كۈن بولغان بىز نىڭ ‹غالىب›كوماندىسىمۇ بوش كەلمىدى...............

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MARS-500 يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 10:08
تىخى قۇرۇلغىنىغا 5 كۈن بولغان بىز نىڭ ‹غالىب›كوماندىسى ...

شۇنداق ، ئۇلار ھەقىقەتەن بوش كەلمىدى !
ۋاي بۇ مۇسابىقىنى كۆرىمىز دەپ مېنىڭ قوشماقلىرىم تاماق ئۇيقىدىن قالغىلى ئاز قالدى .
‹‹ غالىپ ›› كوماندىسى يېڭىلىپ قالسا قوشماقلىرىم قانداق بولۇپ قالار دەپ جىددىلەشكەن ئىدىم ،لېكىن بۇ ئەنسىرىشىمنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:45:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقدا سىزمۇ نەق مەيداندا باركەنسىزدە ئايقىز ھەدە؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:34 , Processed in 0.060063 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش