يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 807|ئىنكاس: 3

ئامرىكا CNN ئشىلىگەن ئالىم شوھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتى توغرىلىق فىلىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:05:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



2009-يىلى نويابىردا ئامرىكا CNN تېلىۋىزىيەسى ئىرسى كىسەللىك توغرىلىق بىر قىسقا مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ بۇ فىلىمدە ئىرسى كىسەللىكلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ بۇ خىلدىكى كىسەللەرنى ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتى نەتىجىلىرى ئارقىلىق داۋالاش مۇمكىنچىلىگى بارلىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان. مەن يىقىندا بىر دەم ئېلىشتا شۆھرەتكامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كەلگەن ئىدىم ۋە بۇ فىلىمى كۆرۈپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تارقىتايلى دىسەم «ماقۇل» دىدى. شۇڭا تەرجىمانلار ۋە خەتلىك فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى قۇتيارغا ھاۋالە قىلىپ بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقتۇق. نورمال چىقسا بىۋاستە كۆرسەڭلارمۇ ياكى چۈشۈرۈپ كۆرسەڭلارمۇ بۇلىدۇ. قۇتيار گۇرۇپپىسى چۈشۈرۈش ئادېرسى بىلەن تەمىنلىدى.
تەرجىمان: خەندان، كامىلە
خەتلىك قىلىپ ئىشلىگۈچى: قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
ۋاقىت ئوقى ياسىغۇچى، مۇھەررىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى: كۈلكە
ئويۇشتۇرغۇچى: Jeck

چۈشۈرۈش: بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. ياكى تۈۋەندىكى ئادېرسىنى شۇنلېي دىگەندەك چۈشۈرۈش قۇراللىرىغا يۈكلەڭ.
http://yuk.qutyar.net/xetlik/qara-ekran-shohret-mutellip.rmvb
ئەسلەتمە:
ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىڭىز بولسا ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنى زىيارەت نى كۆرۈڭ.
بۇ يەردىن ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ۋەتەنگە قىلغان زىيارىتى ۋە رەسىملىرىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەردىن شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرۈڭ. بۇ فىلىم ھەر بىر قىسمى 10 مىنوتتىن جەمئى 9 قىسىم بولۇپ ئەسلى نۇسىخسىسىنى چۈشۈرۋېلىپ ساقلاپ قويماڭچى بولسىڭىز تۈۋەندە بەرگەن ئۇلىنىشتىن چۈشۈۋېلىڭ. يەنە شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسىXJTV-9 قانىلى ئىشلىگەن مەخسۇس فىلىمنىڭمۇ چۈشۈرۈش ئادېرسى بىرىلدى. 1-قىسىم، 2-قىسىم، 3-قىسىم، 4-قىسىم، 5-قىسىم، 6-قىسىم، 7-قىسىم، 8-قىسىم، 9-قىسىم, XJTV-9

مەنبە: جېك بلوگى

بۇ سىننى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلاندىم، بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن ھەممەيلەننى خەۋەردار قىلىش نىيتىدە، بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم.
رەھمىتى كەڭ  ئاللاھتىن بۇ زاتقا ئۇزۇن ئۆمۈر، تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:09:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


2007-يىلى 6- ئايدا ئاۋسترالىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا غول ھۈجەيرە تەتقىقات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئالىمى شۇھرەت مۇتەللىپنىڭ پارتلاتقۇچ خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. 2007 – يىلى 14- نويابىر كۈنى CNN ،BBC ، ”بىرلەشمە خەۋەرلەر“ ”نېۋ يورك ۋاقتى“، ”ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتى ”قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قايتىدىن ئۇ تەتقىقات نەتىجىسى توغرىلىق ئوبزور ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ بۇندىن كېيىن دۇنياغا كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشتى. 2007 – يىلى 22- نويابىر كۈنى دۇنيادىكى نۇپۇزلۇق ژورنال ”تەبىئەت“ ژورنىلىدا ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىرىنچى قېتىم ئىلمى ماقالە سۈپىتىدە تولۇق ئىلان قىلىندى.(دىمەك تېخى بۇ كۈندىن بۇرۇن بۇلغان بارلىق مۇنازىرىلەر شۇ ئىلمى ماقالە ئىلان قىلىنىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ ئۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئاڭلاپ ئېلىپ بارغان ”بەدەن قىززىتىش“ لىرىدىن ئىبارەت.) شۇ ژورنالنىڭ تاش مۇقاۋىسىغا  شۈھرەت مۇتەللىپ ئىشلىگەن تەجرىبىنىڭ رەسىمى بىرىلدى… ئامرىكىدىكى تېلىۋىزىيەدە مۇخبىرلارنىڭ شۇھرەت مۇتەللىپنى ئۇرىۋالغان كۈرۈنۇشلىرى بىزنى ھاياجانلاندۇردى. بۇ بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيادا بۇنداق ئەڭ ئالى نەتىجە يارىتىشى  ۋە شۈھرەتكە ئىرىشىش ھىساپلىنىدۇ.
ئۇنداقتا شۈھرەت مۇتەللىپ كىم، ئۇ زادى قەيەرلىك، قەيەردە تۇغۇلۇپ قەيەردە چوڭ بۇلغان، ئۇيغۇر دەپ ئاڭلىدۇق، لېكىن تەپسىلى ئەھۋالىنى ئۇخمايمىز، تۇنۇشايلى دەپ بارساق ۋاختى چىقارمۇ، بىزگە قىزىقارمۇ، بارساق ئىنگىلىسچە پاراڭلىشارمىزمۇ ياكى ئۇيغۇرچە پاراڭلىشارمىزمۇ؟ مەيلى قانداقلا بۇلمىسۇن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر بەرگەنىكەن، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزىمۇ ھۈرمەتلىك ئالىمىمىزنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە تۇنۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش بۇرچىمىز بار دەپ قاراپ بىلىۋال تور بىكىتى ئالىم تۇرۋاتقان شەھەرنىڭ ئۈزىگە بېرىپ ئالىمنى سۈرەتلىك، ئاۋازلىق  زىيارەت قىلىپ كلىشنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە پېقىر Jeck مۇ بۇنىڭغا دادىللىق بىلەن ئاۋاز قوشتى.
بۇ ئالىمىمىز توغرىلىق پېقىرمۇ ئەڭ دەسلەپ ئامرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىلگەن، كىيىن ئۇيغۇر دەپ ئاڭلاپ خوش بۇلغانتىم، يەنە قارىسام بۇ ئالىم مەن تۇرۋاتقان يەردىن يىراق ئەمەس بۇلغان ئورىگون شىتاتىنىڭ پورتلەند شەھىرىدە تورىدىكەن. بۇ يەر مەندىن پەقەت نەچچە سائەتلىكلا يول. شۇڭا شۇ ۋاقىتتىلا بىر پۈرسەت تېپىپ ئىزدەپ تۇنۇشۇپ قالسام بۇلغۇدەك دەپ خىيال قىلغان. لېكىن بۇنداق تىز بۇلۇشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. بىىلىۋال تورىنىڭ قورغۇچىسى قۇربانجاننىڭ بېرىپ ئالىمنى زىيارەت قىلىش توغرىلىق بەرگەن پىكرى ماڭىمۇ شۇنداق خوش ياقتى. ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئۈگەنگەن ۋە ئۈزەمگە تەدبىقلىغان بىر ئىش ”توخۇ بىلەن دوست بۇلساڭ يىيىشىڭ پوق“ . يەنى ئادەمنىڭ دوستىنىڭ قانداق ئىكەنلىگى شۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغىمۇ چوڭ تەسىر كۈرسىتىدىكەن. ئادەم چوقۇم قابىلىيەتلىك، ياراملىق، نەتىجە قازانغان ئادەملەرنى پۇل خەجلەپ بۇلسىمۇ  ئىزدەپ بېرىپ دوست تۇتۇپ. قۇرۇق گەپ جىق دوستلاردىن يىراق تۇرۇشى كىرەك ئىكەن. شۇندىلا ئادەم ئالغا باسىدىكەن. شۇ خىياللار بىلەن قۇربانجاننىڭ پىكرىنى ئويلانمايلا قۇبۇل قىلدىم، چۇنكى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ دۇنياغا داڭلىق، ھازىر غول ھۈجەيرە ساھەسىدە دۇنيادا پىشۋا ھىساپلىنىدىغان ئالىم بىلەن تۇنۇشۇۋالسام مەنمۇ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر نىمە ئۈگىنىۋالارمەن.
شۇنداق قىلىپ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ پورتلەند ئايرۇدۇرۇمىدا قۇربانجان بىلەن ئۇچراشتۇق. ئالدىن دىيشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ يېرىم سائەت بۇرۇن ئالدىمىزغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. قىزغىنلىق بىلەن كۈرۈشتۇق. كۈرۈشكەندىن باشلاپ ئەتىسى چۈشتىن كىيىن بىز قايتقىچە گىپىمىز ئۈزۈلمىدى. كىچىدىمۇ نەچچە سائەتلا ئۇخلىدۇق، كۈرۈشۈپ ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم“ دىيىشىپ ئىككى مىنۇت پاراڭلىشىپلا كۈپ ئەنسىرەشلىرىمىزنىڭئارتۇقچە بۇلغانلىغىنى ھىس قىلدۇق. ئالىم ئۇيغۇرچىنى ناھايتى ياخشى سۈزلەيدىكەن. ناھايتى قىزغىن ئىكەن. پىكرى ناھايتى ئۈتكۈر ئىكەن. گەپنى ناھايتى ئىخچام لېكىن مېغىزلىق قىلىدىكەن. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئالىمنىڭ قازاقىستاننىڭ غولجىغا يىقىن بۇلغان چىگرادىكى غالجات  دىگەن يەردىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ كىيىن ئالمۇتادا چوڭ بۇلغانلىغىنى بىلدۇق. ئاساسەن  ئۇيغۇر مەدىينىيتى، مۇھىتىدا چوڭ بۇلۇپتۇ.
ئالىمنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت قىسقىچە بىرىدىغان ئۇچۇرىمىز تۈۋەندىكىچە:
1. ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ قازاقىستاننىڭ غولجىغا يىقىن چىگرا يېنىدىكى غالجات دىگەن ئۇيغۇر مەھەللىسىدە چوڭ بۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئالمۇتاغا كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇغان. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ شۇ ۋاقىتتىكى سوۋىت ئىتىپاقى دەۋرىدىكى تۈزۈمى بويىچە ھەربىلىككە بارغان. ھەربىلىكتىن قايتقاندىن كىيىن مۇسكۋادا دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇپ ئاندىن كىيىن ئاۋال گېرمانغا بېرىپ تەتقىقاتچى بۇلغان. ئۇ يەرگە تازا كۈنەلمەي 6 ئايدىن كىيىن ئامرىكىنىڭ ئۇتاھ شىتاتىغا كىلىپ ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتا دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچى بۇلۇپ 3 يىل ئىشلىگەن.  ( بۇ ئۇنۋېرسىتىتتا ھازىر پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى رەيھانگۇل بەكتۇر پروفىسسور بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ) . 97-يىلدىن تارتىپ ھازىر ئىشلەۋاتقان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىتغا تەتقىقاتچى بۇلۇپ كىرگەن. ئالىم ئايالى گۇلنۇر ناسىروۋانى ئۇتاھ شىتاتىدا تۇرۇۋاتقاندا يىقىنلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بىلگەن ۋە نەچچە ھەپتە ئۈتمەي گۇلنۇر ئامرىكىغا كەلگەن. ئۇلار تۇنۇشۇپ 3 ھەپتە ئۈتكەندىن كىيىن 8-9 ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن لاس ۋىگاس شەھىرىگە بېرىپ  كىچىكلا توي قىلىپ ئائىلىلىك بۇلغان، ۋە شۇ يىلى يەنە قازاقىستانغا قايتىپ ئالموتادا چوڭ چاي بەرگەن. ئايالى گۈلنورنىڭ جەمەتى قازاقىستاندىكى چوڭ جەمەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ئۇلار 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى قەھرىمان قىزىمىز رىزۋانگۇلنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىكەن ۋە رىزۋانگۇلنى قەھرىمان ئەجدادىمىز دەپ تۇنۇيدىكەن.ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ ۋە ئايالى گۈلنور ناسىروۋا ھازىر ئامرىكىنىڭ ئورىگون شىتاتى پورتلاند شەھىرىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئادىل ئىسىملىك بىر ئوغلى، نەرگىز ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ ھەر ئىككىسى مەكتەپ يېشىدا. ئالىمنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بۇلغانلىغى ئۈچۈن ئايالى گۈلنور خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ ھازىرۋاختىنى  بالىلىرىنىڭ تەربىيلەش ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىۋېتىپتۇ.گۈلنور  ھەركۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى بالىلىرىنى تەربىيلەش ئورۇنلىرى، كۈتۈپخانا، چېنىقىش ئورۇنلىرى، مۇزىيخانا ، باغچا، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى دىگەندەك يەرلەرگە ئاپىرىش بىلەن ئالدىراش ئۈتۈدىكەن. قاچان ئۈزى خىزمەتكە قايتىش توغرىلىق تېخى ۋاختىنچە ئويلاشماپتۇ. ئۇ يەنە مەكتەپلەردە ئىختىيارى بولۇپ ھەقىسىز ھالدا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بۇلۇپمۇ ئىشلەۋەتىپتۇ. ئالىمنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مۇزەپپەر، ئاپىسىنىڭ ئىسمى جەننەت، بوۋىسىنىڭ ئىسمى سالاھىدىن، مومىسىنىڭ ئىسمى رازىيەم.
2. ئالىمنىڭ تەتقىقاتى جەھەتتە:  ئالىم موسكۋادا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا كىرىشكەن بولۇپ روسىيەدە تۇنجى بۇلۇپ چاشقاندىن غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈشنى مۇشۇ ئالىمىمىز ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىكەن. ئامرىكىغا كىلىپ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە بۇ يىل تۇنجى بۇلۇپ پرىماتلار تىپىدىن غول ھۈجەيرەيىتىشتۈرۈپ مۇشۇ ساھەدىكى ”غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈش  چاشقانغا ئىشلىگەن بىلەن پىرىماتلارغا ئىشلىمەيدۇ“ دىگەن كۈز قاراشنى ئىنكار قىلىپتۇ. بۇ تۈردىكى تەتقىقات ئەسلىدە 2004-يىلى كۈرىيەلىك ئالىم 黄禹锡 تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان بۇلۇپ ئۇ ئىنسانلاردىن  غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرگەنلىگى بىلەن دۇنيادا زور زىلزىلە قوزغىغان. كورىيەدە ئۇنىڭ ھۆرمىتى زوڭتوڭدىن ئېشىپ كەتكەن. لېكىن كىيىن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى تەتقىقاتچىلىرى ئۇنىڭ ئىشلىگەن تەجرىبىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىگىنى، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىغىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ دۇنيادا يەنە بىر چوڭ سەتچىلىك بۇلغان. ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن ئىنسانلار ياكى پىرىماتلار تىپىدىن زادى غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرگىلى بۇلامدۇ يوق دىگەن تىما چوڭ مۇنازىرە تىمىسى بۇلغان. ئالىمىمىز ئەنە شۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىپ ئۈزى پرىماتلار تىپىدىن غول ھۈجەيرە يىتىشتۇرۈپ چىقىپتۇ. ئەسلى بۇ نەتىجە بۇ يىل يەنى 2007-يىلى ئۈچىنچى ئايدا تاماملىنىپ تەبىئەت ژورنىلىغا يوللانغان. لېكىن ژورنال ھەيئىتى ئالدىنقى قېتىم يۈز بەرگەن سەتچىلىكنى كۈزدە تۇتۇپ بۇ قېتىم ناھايتى ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە  قىلىپ ماقالىنى ئىلان قىلماي توختىتىپ قويۇپ ئۈچىنچى بىر مۇستەقىل  تەرەپكە يەنى ئاۋىستىرالىيە دىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ھاۋالە قىلىپ شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىسپاتلاپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان.( بۇ مۇستەقىل تەرەپنىڭ ئامرىكىدا بۇلۇپ قالسا تەسىرگە ئۇچراپ قالمىسۇن دەپ ئۇلارنى ئاۋستىرالىيەدىن تاللىغان ). ئامرىكىنىڭ قان، گېن، ھۈجەيرە ۋە باشقا مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسىنى سىرتقا چىقرىشتا، يوللاشتا بەك چىڭ چەكلىمىسى بۇلغانلىقتىن ئاۋستىرالىيە تەرەپنىڭ دەلىللەش جەريانى كۈپ تۇسالغۇلارغا ئۇچراپ 11-ئاي ئەتراپىدا تاماملانغان ۋە شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسىنىڭ راست ئىكەنلىگىنى دەللىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن گۇماندا  تۇرۇپ تۇرغان ئاخبارات ۋاستىلىرى قايتىدىن بۇ تىمىنى قولغا ئېلىپ خەۋەر بىرىشكە باشلىغان. ھازىر ئالىمنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقات گۇرۇپپىسى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ۋە تەسىرگە ئىگە بۇلغان گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، پىرىماتلارغا قارىتىلغان تەتقىقات يۈنۈلشىدە ئالىمنىڭ تەجرىبىخانىسىنى ئەڭ چوڭ دىيىشكە بۇلىدىكەن. ئالىم تەجرىبە ئۈچۈن بېقىۋاتقان مايمۇنلارنىڭ سانى 150 كە يىقىن بۇلۇپ دۇنيادا ئەڭ كۈپ ئىكەن. تەجرىبىخانىسدا 8-9 دەك ئادەم بار بۇلۇپ  يىللىق چىقىمى بىر مىليون دۇللاردىن ئاشىدىكەن. بۇ تەجرىبخانا ئەسلىدىنلا ئامرىكىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە بۇلغان تەجرىبىخانا بۇلۇپ ، تەجرىبىخانىنىڭ ئەسلى مۇدىرى ئىككى يىل بۇرۇن پىنسىيگە چىققاندىن كىيىن شۈھرەت مۇتەللىپ بۇ تەجرىبىخانىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋىتىپتۇ. ئۈتكەن يىلى پۈتتۈرگەن بىر پوستدوك (دوكتۇر ئاشتى )ئوقۇغۇچىسى ستانفورد ئۇنۋېرسىتىغا پروفىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلەۋىتىپتۇ. (دىمەك  شۆھرەت مۇتەللىپ ستانفورد ئۇنۋېرسىتىغا پروفىسسور بۇلالايدىغان سەۋىيەدىكى  ئوقۇغۇچى تەربىيلەيدىكەن).
يەنە قىستۇرۇپ ئۈتۈشكە توغرا كىلىدىغىنى ئالىمنىڭ سىڭلىسى مايسە مۇتەللىپمۇ ئاكىسى شۈھرەتنىڭ ئىزىدىن دەسسەپ مېڭىپ مۇسكىۋادىمۇ ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇپ ئوخشاش تەجرىبىخانىدا ئىشلىگەن ئىكەن. نۇرغۇن تەتقىقاتنى  ھەمكارلىىشپ بىللە قىلغان ئىكەن. ھازىر مايسە MIT(  ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنۋېرسىتى,  خەنزۇچە  美国麻省理工学院 ) دە ئىشلەۋېتىپتۇ. مەكتەپ تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئوخشاشلا غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ئۈچۈن تەجرىبىخانا قۇرۇپ بىرىپتۇ. ئۇ ھازىر شۇ تەجرىبىخانىنىڭ مەسئۇلى يەنە بىر فاكولتىتنىڭ  مۇدىرى ئىكەن. ( مايسە توغرىلىق كىيىن ئايرىم زىيارەت خاتىرىسى ئىلان قىلىنىدۇ)
قالغان تەپسىلى ئوچۇرلارنى زىيارەت خاتىرىسىنى كۈرگەيسىلەر. ھوزۇرۇڭلارغا شۇ قېتىملىق سۈھبەتتىن بىلىۋال تور بېتى ئىخچاملاپ ياسىغان سۈھبەت خاتىرىسىنىڭ 1 يېرىم مىنۇتلۇق ئۈزۈندىلىرىنى ئالدىن سۇندۇق. تولۇق نۇسخىسى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بىز ئەزەلدىن بۇنداق تېلىۋىزىيە خاراكتىردىكى فىلىملىرىنى ئىشلەپ باقمىغان، تەجرىبىسىز  بۇلغاچقا يۇقىرى سۈپەتتە ئىشلەپ چىقالمىدۇق. پەقەت بىز ”تىرىشىۋاتىمىز“ دەپلا ئېيتالايمىز. بۇ زىيارەت خاتىرىسى تېلىۋىزىيە فىلىمى شەكلىدە.

1. بىلىۋالدىن چۈشۈرۈپ كۈرۈش:
http://www.biliwal.net/shohrat/shohrat-mitalip10.wmv
2. Youtube دىن كۈرۈش:
http://www.youtube.com/watch?v=d72uP9vqy5I
3. بىلىۋال تور بېتىدىكى بۇ توغرىسىدىكى مەزمۇن:
http://biliwal.com/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&p=5648#5648
4. ئالىم شوھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشكە چاپلانغان ماقالە:  
http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=30422
5. ئالىمنىڭ ئىسمىنىڭ ئىنگىلىسچە يېزىلىشى  Shoukhrat Mitalipov ، قىزىقىدىغانلار مۇشۇ ئىسىم بىلەن google ياكى baidu تورىدىن ئىزدەپ باقسا بۇلىدۇ.
خەنزۇچە ئىسمى 米塔利波夫 دەپ تەرجىمە قىلىنىپتۇ.
6. جۇڭگۇ دۈلەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بەرگەن خەۋەر ۋە ئوبزورلار:
http://news.cctv.com/world/20071116/100008.shtml :CCTV
http://www.cctv.com/video/worldwidewatch/2007/06/worldwidewatch_128_20070621_11.shtml: CCTV
http://news.sina.com.cn/w/2007-11-13/080012893124s.shtml :新浪网
http://news.sina.com.cn/o/2007-11-14/140212902614s.shtml: 新浪网
http://tech.sina.com.cn/d/2007-11-13/19121850177.shtml :新浪网
http://www.chinanews.com.cn/jk/xpxz/news/2007/11-15/1078296.shtml :中国新闻网
http://news.qq.com/a/20071115/001415.htm : 腾讯网
http://www.cass.net.cn/file/20071126105211.html:中国社会科学院
http://paper.people.com.cn/dd/html/2007-11/15/content_33630552.htm :人民网

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى 08:20:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ تەتقىقاتى ،پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان مۆجىزەخارەكتىرلىك تەتقىقاتتۇر.دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ ئالتۇن بۈشۈكىنى تەۋرەتكەن ئۇيغۇر مىللىتى يەنە بىر قىتىم دۇنيا سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.بىز بۇنىڭدىن پەخرىلەنمەي تۇرالمايمىز.بىز ئۇيغۇرلار  دۆت ئەمەس،بىز ئەقىللىق ،بىز پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەرگە سەركەردە بولۇپ ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدىغان، جاسارەتلىك،جەڭگىۋار،باھادىرانە،بىر مىللەت.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 09:41:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۆھرەت ئىنىمىزنىڭ نوبېلدىن تەلىيى كەلگەي!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:42 , Processed in 0.076010 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش