يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: arman-taxkin

شەيتان لۇغەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ئۇسسۇل ، تانسا مۇزىكىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۇياق بۇياققا مېڭىش . تانسىنىڭ ھەر قانداق خىلى پاك ، بىراق ئۇنىڭغا يامان نىيەتلىك ئەرلەر بەكرەك ئامراق .

    2. ئۇقتۇرۇش  -  ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تامغا چاپلاقلىق تۇرغان ، قاپىقى يامان پەرمانى .

    3. ئۇلتىماتۇم -مۇشت ئېتىش ئالدىدا سوزۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تىل .

    4. ئۇلۇغ ئەرباپ-   تارىخنىڭ مالىيى .
    دائىم كىچىك كىشىلەرنىڭ يەلكىسىگە دەسسەپ يول ماڭىدىغان چوڭ ئادەم .

    5. ئۇنۋېرسىتېت
    1) بوينى قاتتىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت پەۋقۇلئاددە ھوقۇق بېرىدىغان ، مېڭىسى گال ، بەدىنى قاۋۇل ئوقۇغۇچىلارغا مەيداننى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىدىغان جاي .
    2) ياشلىقنىڭ مەدەنىي تۈرمىسى .

    6. ئۇيقۇ
    1) سېتىۋېلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان تاۋار .
    2) ئۇ يەردە ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ .
    3) كەچكە قارىغاندا ئەتىگەندە تېخىمۇ بەكرەك ئېھتىياج چۈشىدىغان نەرسە .
    4) ئەر - خوتۇننىڭ چارچىغان ۋاقتى .
    5) تېتىقسىز يىغىن ، نۇتۇق ۋە تايىنى يوق سەنئەت نومۇرلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى .
    6) ھەر كۈنى ئاز - ئازدىن ئۆلۈش .
    7) كەمبەغەللەرنىڭ ئەيىش – ئىشرىتى .

    7. ئۆپكە    تاماكىنىڭ جەننىتى

    8. ئۇرۇق   ئىنسانلار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا بىكاردىن – بىكار ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدىغان ئۆسۈملۈك .

مەنبە : ‹‹ شەيتان لۇغەت › ›  دىگەن كىتاپتىن .

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:10:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
*ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە    -  بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت.  
*مۇئەللىم  -  خاسىيەتلىك ئادەم.  
*سىنىپ يىغىنى  -  ئوچۇق سوت ئېچىش.  
*ئۆگىنىش باشلىقى  -  يالغان ۋولمىس.  
*دەرس ۋاقتى  -  كۈندۈزدىكى ئۇيقۇ.  
*ئىتتىپاق ئەزالىرى  -  بەشىنجى باشقارما ھەركەتتە.  
*تۇيۇقسىز ئىلىنغان ئىمتىھان  -  تەقدىرنىڭ چاقچىقى.  
*ئىمتىھان قەغىزى  -  ھالاكەت ئارخىپى.  
*ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر  -  موسكىۋا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ.  
*خاتىرىگە ئىسمى چۈشكەنلەر  -  قارا تىزىملىكتىكى جىنايەتچىلەر.  
*تەنەپپۇس ۋاقتى  -  خۇشاللىققا چۆمگەن دۇنيا.  
*ئاتا-ئانىلار يىغىنى  -  ئۆلۈپ -تىرىلىش.  
*دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى  -  ئاپشاركا پۈشتىكى.  
*ئىشخانا  -  جاسۇسلۇق ئۆيى.  
*مۇئەللىم دەرس سورىغاندا  -  گاچا قىز-ئوغۇل .  
*دەرستىن چۈشۈش   -  يولۋاس ئاغزىدىن قۇتۇلۇش.  
*سىنىپ باشلىقى  -  پۇخراچە كىيىنگەن ساقچى.  
*دەرس ۋاقتى  -  باياۋاندىكى ئۇزاق يول.  
*مۇئەللىم تەنقىدلىگەندە  -  ئەزمەتلەر باش ئەگمەيدۇ.  
*بايراق چىقارغاندا  -  ئەسىرگە چۈشكەن قۇللار.  
*ئالگىبرا دەرسى  -  007 ھەركەتتە.  
*ئەدەبىيات دەرسى  -  خورەك نەدىن چىقىۋاتىدۇ؟!  
*بىئولوگىيە دەرسى  -  گۇمانلىق دۇنيا.  
*خىمىيە دەرسى  -  ئۆلۈمنى پۇراش.  
*فىزىكا دەرسى  -  مەن توكنى تەپمەيمەن،توك مىنى تىپىدۇ.  
*تارىخ دەرسى  -  ئۆتمۇشنى ئەسلەش.  
*خەنزۇچە دەرسى  -  زەرەپشان ۋادىسىدىكى تۇل خوتۇن .  
*سىياسەت دەرسى  -  قانۇن مۇنبىرى.  
*ئىنگىلىزتىلى دەرسى  -  قايتا دەڭە؟!؟!  
*تەنتەربىيە دەرسى  -  噢运会گە تەييارلىق .  
*تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن كۈنلەر  -  ھالاكەتكە يۈزلىنىش.  
*دەرسكە قاتناشمىغان كۈنلەر  -  شادىمان دوستلار.  
*دەرس ئارلىقىدىكى گىمناستىكا  -  دىسكو چولپىنى.  
*ئەلاچى ئوقۇغۇچى  -  ئەقىللىق يىشيۇ.  
*قىزلار ھاجەتخانىسى  -  گىرىم دۇنياسى.  
*ئوغۇللار ھاجەتخانىسى  -  تۇمانلىق دۇنيا.  
*مەكتەپتىن قوغلانغاندا  -  مەن ئىزىپتىمەن!!!!  
*تولۇق 3-يىللىق  -  ئاخىرقى پادىشاھ.  
*تەنقىد يىگەندە  -  قەھرىمان ئۆكۈنمەيدۇ.  
مەكتەپكە ماڭغاندا  -  دوزاخقا سەپەر.  
كۆڭلىڭز يېرىم بولغاندا----بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر!   
سىناق ئالغاندا---ئامەت ۋە قىيامەت!   
جازابەرگەندە----تۈرمىدىكى غەزەپ!  
دوسكىغا چىققاندا----مەرتنى مەيداندا سىنا!   
ئەخلاق باھالاش---قېنى،ئەتە بۇلۇپ باقسۇن!  
تەتىل قىلغاندا---بىزدىن نوچى ئادەم يوق!  
تەتىل يىققاندا---جىڭگاڭشەندىكى ئۇچىرشىش!   
سىنىپتىكى بالىلار----ياسانچۇق ئسىلزادىلەر!   
قىزلار ئۇرىشى-----جادۇگەرنىڭ ئۆچ ئېلىشى!  
سىياسى ئۆگىنىش---پولات قانداق تاۋلاندى!  
يېڭى نەرسە كۆرگەندە---سەھرادىن كەلگەن دادا!   
مۇئەللىم بىلەن تاكاللىشىش----يۈز پوللىك ئۇرىشى!  
مۇئەللىم ئالماشتۇ رۇش-----ئارزۇ! :   
قىزلار ياتىقى----گۈزەللىك ئۆلچىمى!  
ئوغۇللار ياتىقى------بويتاقلار ئائلىسى!  
ئوغۇللار يىغىلىشى----قىزلار ھەققىدە پاراڭ!  
قىزلار يىغىلىشى----ئوغۇللارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش!   
دەرىس ئارلىقىدىكى ئارام-----مەمەت ھەققىدە پاراڭ!  
نەتىجە ئېلان قىلىنغاندا----پاناھسىز پاجەلىك دۇنيا!   
مۇئەللىم سۇئال سورىغاندا-----ئۆلسەكمۇ تىز پۈكمەيمىز!  
مەكتەپتىن ھەيدەلگەندە---سەرگەردانلار!  
بىزنىڭ سىنىپ----باستىليە تۈرمىسى!  
مۇئەللىم سىنىپقا كىرگەندە---ئەنسىز يىللار!   
مۇئەللىم بىرەر يەرگە كەتكەن دە---ھيت بۈگۈن بايرام بۈگۈن!  
دەرىس تاشلىغاندا---قوغلاپ تۇتۇش!  
جازا تاپشۇرۇق بەرگەندە---تۇتاش قەلىپلەر!   
خەنزۇتىلى دەرسى---بىزگە تەرجىمان كىرەك ئەمەس!   
بىئولوگىيە دەرىسى ---- گۇمانلىق قان . !  
ئالگىبرا دەرسى ---- R نىڭ سىرى .  
مۇزىكا دەرسى ---_ سىرلىق سىمفۇنىيە .   
تارىخ دەرسى ---_ چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ .   
ئەدەبىيات دەرسى ----_ قىزىل راۋاقتىكى چۈش .  
سىياسەت دەرسى ----_ پارتىيە مىنىڭ ئانام .   
گىئومىتىرىيە دەرسى ----_ غەلبە چەمبىرى ئايلىنىشتىن توختىدى .  
تەنتەربىيە دەرسى --- ئۇچقۇر پۇتبۇل .  
جۈمە كۈنىدىكى دەرس ----_ ئاخىرقى مىنۇتلار .  
شەنبە كۈنى ----- يولۋاس ئىغىزىدىن قۇتۇلۇش .  
يەكشەنبە كۈنى ---- دۇنيا بىزنىڭ .  
ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە ---- بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت .  
كەچلىك مۇزاكىرە ---- ئەرشنى مالىمان قىلىش .  
مۇزاكىرىدىن قايتقاندا ---- مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭ.  
ماتىماتكا__يىپى ئۇزۇلگەن لەگلەك  
فىزىكا__ سىرلىق دولقۇن.  
جۇغراپىيە__باياۋاندىكى ئۇزاق يول.  
تارىخ__ بۈيۈك ھەل قىلغۇچ جەڭ.  
سىياسى__ 007نى ئىزدەش  
مۇزاككىرە__ ئەرىشنى مالىماتتاڭ قىلىش.  
سىنىپ يىغىنى__ سوتنىڭ ئىچى- سىرتىدا.  
مۇئەللىم__ پەردە ئارقىسىدىكى ھاكىميەت يۈرگۈزگۈچى.  
مۇدىر ئىشخانىسى__ جاسۇسلۇق بۆلۈم ھەركەتتە.  
مەكتەپ مۇدىرى__ ھۆكۇمراننىڭ ھۆكۇمرانى  
دەرستىن چۈشكەندە__ سەھرادىكى ئاشىق- مەشۇقلار.  
قىزلار ياتىقى__ تۇل خۇتۇننىڭ كۆز يېشى.  
ئاتا-ئانا سۆھبىتىدىن كىيىن__ كەچتە شىۋىرغان بۇلىدۇ.  
مەكتەپ ئالماشقانداق__ مېنى ئۇنۇتما ئاداش!!  
مۇھاببەت رىشتى ئۈزۈلگەندە__ سىزگگ خوش دىيەلمەيمەن.  
شەنبە كۈنى__ قېچىش-ئەڭ زور غەلبە.  
قىزلار ھەسرىتى__ كىممۇ ماڭا ئېغىز ئاچار؟؟؟؟  
ھاراق ئىچىپ دەرۋازىدىن كىرىش__ ۋۇجىياڭ دەرياسىدىن پەن بىلەن ئۈتۈش.  
ئىمتىھاندا__ شەيتان بىلەن ساقچى.  
جۈمە كۈنى__ ئەتە نىمىش قىلارمىز؟  
دۈشەنبە كۈنى__ لارمۇر تۈرمىسى.  
پۇل تۈگىگەندە__ جوڭگو باتۇرلىرى.  
قورساق ئاچقانداق__ سىنى ئەسلەيمەن.  
قىممار سودىسى__ تەنھا ئېلىشىش.  
پەشۋا يىگەندە__ مەغلۇبىيەت- غالىبىيەتنىڭ ئانىسى.  
ئىمتىھاندىن كىيىن__ موسكىۋا كۆز يېشىغا ئىشەنمە.  
تەتىل قويىۋەتكەندە__ تۈرمىدىن چىقىش.  
مەكتەپ تانسىخانىسى__ رەقىپلەر تار يولدا.  
ئەتىگەنلىك گىمناستىكا__ ھورۇن خوتۇننىڭ سەكىرشى.  
1-سائەتلىك دەرسى__ شىرىن چۈشنىڭ 2-قېتىمى.  
4-سائەتلىك دەرسى__ پولو بىلەن مانتا ھەققى.  
4-سائەتلىك دەرىس __ ماغدۇر كەتكەندە ..  
تاللانما دەرىس__ قانغۇچە ھۇزۇرلىنىڭ پىروگىراممىسى.  
مەكتەپ مۇنچىسى__ ھايۋاناتللار كۆرگەزمىخانىسى.  
قىرائەتخانا__ جۆرسىزلەر ماكانى.  
پوچتىخانا__ ئەتە يەنە پوچتالىيۇن كېلىدۇ.  
ھەر قېتىملىق دەم ئېلىش__ بەڭگىلەر قۇرۇلتىيى.  
بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا__ كىمگە ئېيتاي بۇ دەردىمنى

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:11:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىراي-ئادەمنىڭ ئاسمىنى،ئۇنىڭدىن ئادەمنىڭ رايىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ.

ساقال -ئەرلەرنىڭ زىننىتى،ھەم بىردىن-بىر قېلىن يۈزنى تىشىپ چىقالايدىغان نەرسە.

قۇلاق -ئادەمگە خوشاللىقتىن كۆپرەك بىئاراملىق كەلتۈرىدىغان ئىشپىيون.

قول-ئادەمنىڭ ئەڭ مەينەت مالىيى.

ئېغىز - گەپ ئەخلەتخانىسى.

ئۆپكە - تاماكىنىڭ جەننىتى.

چىش -رەھىمسىز جاھانگىر.

قان - ئىنسانلار ئەڭ ۋەھشىيلىك بىلەن يىققان ئىنىرگىيە بايلىقى.

مىڭە -ئىشلىسە تەڭدىشى يوق،ئىشلىمىسە بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان بىر پىيالە قېتىق.

تىل- ئادەملەرنى بالاغا تىقىدىغان ئورگان.

چاچ-باشنى قاپاقتىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان نەرسە.

پۇت- ئادەمنىڭ قاتناش قۇرالى.

كۆز - گاھى ئادەملەر ئۈچۈن بىر دۇربۇن، گاھى ئادەملەر ئۈچۈن بىر كامار.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:13:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قول- ئادەمدىن ئىبارەت << بىناكارلىق شىركىتىنىڭ >> ئۇنۋىرسال << كىران >> ى .
ياش - ئاياللار قىيىن ئەھۋالدا ئىشلىتىدىغان ئەڭگۈشتىرى .
ياشلىق - ئۆمۈر قۇشۇىنىنىڭ يېڭىش يېڭىلىشىنى بەلگىلەيدىغان رومانتىك << گىنىرال >> ى .
ئەينەك - مەيلى كىم بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر ، ئىللەت ،ئەيىبىنى قورقماستىنكۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان << سادىق دوست >> .
تەنھەركەت - ئەڭ ياخشى خالىس دوختۇر .
بەخىت - ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە ئىسىم قۇيىۋالىدىان ئىگىسىز بوۋاق .
مۇھەببەت - ئەڭ شىرىن ۋەسۋەسە .
ئەخلاق - ياۋا تەبىئىتىنى قورشاپ تۇرىىغان ئىستىھكام ، چەكتىن ئاشقان ھېسىياتنى كونتۇرۇل قىلىدىغان قورال .
يازغۇچى - ئۇلۇغۋار ئىددىيىلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا ئالدىرايدىغان ، ئەمما ئۈزى ئەمەل قىلالمايدىغان ئىنسان .
بالكۇن - ھاۋايى مۇئەللەق تەخسىسى .
دەرەخ - بۇلغىنىشقا قارشى تۇرغۇچى زەبەردەست پالۋان .
بانكا - پۇلنى مەخسۇس ساقلايدىغان ئىشكاپ ، ئىھتىياج چۈشكەندە تەلەتى سەت كۈتكۈچى .
تاكىسى - يولنى قىسقارتىشقا ئۈنۈملۈك ، پۇلنى بۇزۇشقا ئەپلىك ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ئۇسۇل .
نىكاھ - بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە ئۈزىنى تاپشۇرىدىغان تارىخى ئەنئەنە .
ماختاش - قايىدا قوللىنىلسا ياىشى ئۈنۈم بىرىدىغان ، ئورۇنسىز بۇلۇپ قالسا ئەكىس تەسىر قوزغايدىغان تۇراقسىز سۇپەت .

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:13:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىشاھ :
تۆرگە جايلاشقان ئاغرىق . ئوخشىمايدىغان يېرى پەقەت باشقا ئاغرىقلارغا قارىغاندا داۋالىنىش شارائىتى بىرئاز ياخشىراق . لېكىن ، ئاخىرقى ھېساپتا ئۇ يەنىلا ئاغرىق .
پارا :
1-كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ سىلىقلاشتۇرۇش مېيى .
2-يۇقىرى مەرتىۋە ، ئۈستۈن مائاشلىقلارنىڭ تۇراقلىق كىرىمى .
3-سىياسىئون بولۇشتىكى مەقسەت .
پارلامېنت :
1-ئاساسىي جەھەتتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارزۇسى بار بولغان بىرمۇنچە ئەرلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ قوشۇمچە تىجارىتى ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان قانۇننى ئوپېراتىسىيە قىلىشتىن ئىبارەت . ئۇلارنىڭ پەقەت دۆلەتنىڭ قىزىل رەقىمى بىلەنلا دوستلۇق ئالاقىسى بار بولىدۇ .
2-بىر توپ ئەر كىشىلەردىن تەركىب بولۇپ ، بىر يەرگە جەم بولۇشتىكى مەقسىتى قانۇننى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت .
3-كۆپ سانلىق ھوقوقىدىن مەھرۇم بولغانلار بىلەن ئازسانلىق ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپىدۇ .
پارلامېنت ئەزالىرى :
1-بىر ئوچۇم كىشىلەرنىڭ كونتروللىقىدا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ياغاچ قونچاقلار .
2-ئۈگدەش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ خىراجىتىنى چۆنتەككە سالىدىغان كىشىلەر .
3-خىزمەتنى ئارقىغا سۆرىگەنسېرى ، ئالىدىغان ياردەم پۇلى كۆپىيىدىغان كىشىلەر .
پاشا :
ئەدەپلىك بولۇشقا ئېتىبار بېرىدىغان بىر مۆتىۋەر .
پاك-دىيانەتلىك بولۇش :
بۇ كۈچلۈكلەرنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدىغان بىر خىل تەلەپ بولۇپ ، ئەمەلدارلار ئىمكاننىڭ بارىچە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ بايلىقىنى پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ ئۆز چۆنتىكىگە سېلىۋىلىپ ، چاندۇرمايدىغان ئابرويلۇق ئادەم بولۇشنى كۆرسىتىدۇ .
پال :
باشقىلارنىڭ ئەندىشىسىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش .
پەزىلەت:
بۇ ياشاۋاتقان كىشىلەر ئەڭ ئاسان ئەستىن چىقىرىپ قويىدىغان نەرسە . لېكىن ، زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋاقتى يېتىپ كەلگەن ھامان ، ئىككى نامزات قارشى تەرەپنى رېستۇران خېنىمى ياكى كىنو چولپىنى بىلەن چاتىقى بار دەپ ئەيىپلەنگەندە ، بۇ سۆز ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ .
پەن-تېخنىكا :
ئىلمىي بولغان ۋاستە دۆلەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ، بىراق بىزنىڭ تېرىمىزنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ .
پىسخولوگ :
باھانە تېپىپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدىغان ئادەم .
پو ئاتماق :
موزاينىڭ پۈرىكىگە كۈچۈپ پۈۋلەپ ، ئۇنى تېز سۈرئەتتە قاۋۇل كالىغا ئايلاندۇرۇش . بۇ ھەقىقەتەن بىر ماھارەت بولۇپ ، ئۇياتسىزلارچە يولسىزلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە .
پويىز :
مەيلى قانداق كارامىتى بولسۇن ، يەنىلا ئىنسانلار سېلىپ قويغان رېلىستىن چىقالمايدىغان قاتناش قورالى .
پۇقرالار ھوقوقى :
بىز دۆلەتنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئېرىشكەن باشقىلارنىڭكىدىن كۆپرەك پايدىلىنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلىشى .
تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ''
1-بىزنىڭ ھۆكۈمەتنى مەدھىيىلەشتىن ئىبارەت تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان ھوقوقىمىز بار .
2-بىزنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ قارىلىش ۋە ئارقىدىن قولغا ئېلىنىش ھوقوقىمىز بار .
3-قۇرۇق خىياللارغا بېرىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ھوقوق ماددىلىرىمىزنى كۆپەيتىش ھوقوقىمىز بار .
پىلان :
مۇتلەق تاسادبىي بولغان نەتىجە ئۈچۈن مۇقەرەرلەشتۈرۈلگەن مۇساپىنى بەلگىلەپ قويۇش .

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:53 , Processed in 0.040338 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش