يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 572|ئىنكاس: 3

ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش نېمىدېگەن خەتەرلىك ھە! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
155

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:23:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش نېمىدېگەن خەتەرلىك ھە!



2010-يىلى 05-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلغان ئىنسان دۇنيا-ئاخىرەتتە  بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ" دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئىنسان ئاتا-ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش،كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق ۋە ئېھسان قىلىشنىڭ ساۋابىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە مۇيەسسەر بولىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مەن ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ، ھىجرەت قىلىش ۋە جىھاد قىلىش ئۈچۈن سىلىگە بەيئەت قىلغىلى كەلدىم دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن: ئاتا-ئانىڭىزدىن بىرەرسى ھاياتمۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى: ئىككىلىسى ھايات دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىز ئاللاھدىن ساۋاپ تەلەپ قىلامسىز؟دەپ سورايدۇ، ئۇ كىشى: ھەئە دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ دەيدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
قىز-ئوغۇللارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى قاقشىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇسىبەت، بالا-قازالار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن پەيدا بولغان قەلب جاراھەتلىرى ساقايمايدۇ. بۇ ئىسلامدا چەكلەنگەن ئېغىر جىنايەت بولۇپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە قاتتىق ئازابىغا ئۇچرايدۇ.
ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟دېگەندە، ئۇلار: ئېيتىپ بەرسىلە يا رەسۇلۇللاھ دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش دېگەندىن كىيىن قايتىدىن رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ، يالغان سۆزلەش ۋە يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىش دېگەن سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلىدى. بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كاشكى توختاپ قالغان بولسىچۇ دەپ ئۈمىد قىلىپ كەتتۇق». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  «ئاتا-ئانىسى ياشانغان ۋاقىتتا  خىزمىتىنى ياخشى قىلماي جەننەتكە كېرىشتىن مەھرۇم بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي دېگەن سۆزنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلىدى». [مۇسلىم رىۋايىتى].
ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىنىڭ پەسكەشلىكى، دۆتلۈكى، ھاماقەتلىكى شۇكى، ئۇ ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ، ئاجىزلىشىپ قالغاندا ئۇلارغا تۇز كورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىنى ئۇنتۇپ، ياردەمسىز تاشلاپ قويۇپ، ۋاپاغا جاپا قىلىپ، ساپ قەلبىگە ئازار يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادتىن قىسىپ ئۇلارنى خارلايدۇ. ئاتا-ئانىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋەتمەسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئائىلىسى ۋە بالا-چاقىلىرىنى ھەتتا ئابرۇيلۇق پۇلدار دوست-بۇرادەرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ئاندىن ئاتا-ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئەقىل تېپىپ، يۈز-ئابرۇيغا ئېرىشىپ مۇشۇ ھالەتكە كەلگىنىنى ئويلىمايدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن ياخشىلىق، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە ھېسداشلىق كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.
ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىلار قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىلارنى ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا ھەرخىل جازالار بىلەن جازالاپ، ئۆزلىرىنىڭ توغرا قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كاشكى ئاتا-ئانامنى قاقشاتمىغان بولسامچۇ دەيدۇ، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا پۇشايمان پايدا بەرمىگەن بولىدۇ.
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن دېگىن.» [سۈرە ئىسرا 24-ئايەت]. يەنى ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ، كەمتەرلىك بىلەن خىزمىتىنى قىلىپ، ئېسىل، كۆڭلى سۇيىنىدىغان سۆزلەرنى قىلىش كېرەك.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتىنىڭ رازىلىقى بىلەن، ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتىنىڭ نارازىلىقى بىلەن بولىدۇ»دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].
ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئاتا-ئانىمىزغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەھمىتىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبە:دارۇل ئىسلام

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 08:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا- ئانىنىڭ قارغىشىنى ئالغان كىشى مەڭگۈ ئىلگىرى باسمايدۇ.
ئاتا-ئانا ھايات چېغىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەم ئىككى دۇنيالىق يۈزى يورۇق بولىدۇ. ئىشلىرى ئىلگىرى بولىدۇ، ئاتا- ئاىنى قاقاشاتقان كىشى مۇشۇ دۇنيادىلا خارلىققا قالىدۇ، شۇڭا ئاتا- ئاىنىمىز ھايات چېغىد ائۇلارنىڭ قەدىرىنى قىلايلى، ئۆلگەندىن كېيىن ئاھ ئۇرۇپ يىغلىساق ئۇلار قايتىپ كەلمەيدۇ .

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:28:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى سۆزلەنگەن نۇتۇقكەن ... ئاتا- ئانىنى رازى قىلىش بىزنىڭ قۇلىمىزدىن كەلمىسىمۇ ئۇلارغا بىز بىر ئۈمۈر قەرىزدارمىز .

http://www.pakzimin.com/bbs

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 20:26:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىل-ھوشى جايىدا ئىنسان، ئاتا- ئانىسىنى رازلاتمايدۇ.
باشقىلار قىل دىگەننى قىلماي ئۆزى توغرا دىگەننى قىلغۇلۇق. چۈنكى سىزدىمۇ ھەممە ئادەمنى بېسىپ چۈشكىدەك قابىلىيەت، ۋىجدان، غورۇر بار.
يولىڭىزدىن ئېزىپ كەتمەڭ. ھەممە كۆزلەر سىزگە تىكىلدى، چۈنكى سىز ھەممىنى قىلالايسىز ..........

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 07:24 , Processed in 0.048930 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش