يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 500|ئىنكاس: 2

خاسىيەتلىك چۈش ھىكايە ئابدۇسالام قاھار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:38:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاۋە: ئالدىنقى  قېتىم ، سىلەرگە ئۈزۈمچى-ئابدۇسالامنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ قىزى دىگەن ھىكايىسىىنى يوللاپ تۇنۇشتۇرغان ئىدىم، بۈگۈن ئۇنىڭ يەنە بىر ئەسىرى خاسىيەتلىك چۈشنى مۇنبەرگە يوللىدىم. ئۇنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن سىلەرمۇ ھۇزۇرلانغايسىلەر..

خاسىيەتلىك چۈش     ھىكايە
    ئۈزۈمچى----ئابدۇسالام

كېتىۋاتىمەن، كېتىۋاتىمەن. . . ئۇسساپ گاللىرىم قۇرۇپ، ماغدۇرۇممۇ قالمىدى. شۇ تاپتا بىر قاچا سۇ ئىچىۋالغان بولسام قانچە ياخشى بولاتتى~!  لېكىن بۇ كەڭ سازلىقتىن بىر قاچا ئەمەس، بىر يۇتۇم سۇ تېپىشمۇ مۇمكىن ئەمەستەكلا. لېكىن ياشىشىم كېرەك. . .  
كېتىۋاتىمەن، كېتىۋاتىمەن. . . پۇتلىرىممۇ ئېغىرلىشىپ، قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ، ئاغزىمغا تۈكۈرۈكمۇ كەلمەي قالدى. قاراڭغۇ چۈشۈپ ئون قەدەم نېرىدىكى دەرەخلەرنىمۇ تەستە پەرق ئېتىپ كېتىۋاتىمەن. . .   
  توساتتىن ئالدىمغا بىر كۆل ئۇچرىدى! ۋاااااااااھ! خۇشلۇقۇمدا شۇنچە تېز ماڭساممۇ قەدەملىرىم شۇنچىلىك ئېغىر.   
مانا! ئون قەدەملا قالدى. ماغدۇرسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشتۈم. شۇنداقتىمۇ ياشىشىم كېرەك. ئۈمىدىمنى ئۈزمەي يەرنى تاتىلاپ، تىركىشىپ ئۆمىلەپ باردىم. .     
  ئاھ! ........................قولۇمنى سۇغا ئۇزاتتىم.   
_ قولۇڭنى تارت! ;   
بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام كۆلنىڭ نەق ئوتتۇرىدا بىر نۇر ئارىسىدا ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي تۇرىدۇ. تەستە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:   
_ ئەسسالام سالام، بوۋا! بۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچكىلى بولمامدا؟   
_ ۋەئەلەيكۇم، يىگىت! بولىدۇ.  
_ ئەمسە مەن بىر يۇتۇم ئىچىۋالاي!   
_ ئالدىرىما! _ ئۇ شۇنداق دېگەچ يېنىك ئۇچۇپ يېنىمغا كەلدى، _ سەن ئاۋۋال نېمە ئۈچۈن سۇ ئىچىدىغانلىقىڭنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەر!   
    قىززىق گەپ بولدى – دە بۇ؟! شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ تېگىگە قانداق مەنا يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن:   
_ ئادەم ئۇسسىغاچقا سۇ ئىچىدىغۇ؟ _ دەپ سوئالىغا سوئال قايتۇردۇم.  
_ يىگىت! سەن ئاۋۋال بۇ كۆلگە قاراپ باق! ئوبداق قارا! _ ئۇ شۇنداق دەپ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كەڭ ئېچىۋىدى، سۇ يۈزى ئاۋۋال قاتتىق داۋالغۇپ ئاندىن تىنجىپ سۈپسۈزۈك ئىكران ھاسىل بولدى. ھوي! بۇ ئېكراندىكى مەنغۇ؟ ?   
_ بوۋا! بۇ مەنغۇ؟ مەن ئۇيەردە نېمە ئىش قىلىمەن؟ _ ھەيران بوپ سورىدىمەن مەن.
بوۋاي ماڭا قارىماستىنلا جاۋاب بەردى:   
_ ھازىر كۆرىسەن!     
شۇنداق زەڭ سېلىپ قارىسام بۇرۇن ئاغىنىلەر بىلەن ئولتۇرغان چاغلار!   
_ دەرتكە بىرنى~! ئەلەمگە ئىككىنى، خوشە!   
_ سىڭسۇن!
_ قۇمغا سۇ سىڭگەندەك ھە؟!   
    بالىلار بىلەن تازا ئىچىپ كەيپ بوپ كەتكەن چاغ. ھەرخىل گەپلەر، ھەرخىل چىقىراپ كۈلۈشلەر!       بۇ ئىشلارنى ماڭا كۆرسىتىپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟ دەپ سەۋەبىنى بوۋايدىن سورىدىم:  
_ بوۋا! بەك ئۇسساپ كەتتىم. نېمىشقا بۇ مەنزىرىنى ماڭا كۆرسىتىسىز؟ سەۋەبىنى دەپ بېرەلەرسىزمۇ؟  
_ سەن، _ دېدى بوۋاي ماڭا قاراپ، _ ھاراق ئىچىپ، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭ! ساڭا بۇ سۇنى ئىچكۈزمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى ئۆزى بىلىۋالسۇن، دەۋاتىمەن.   
_ ھا ھا ھا...... _ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلىۋەتتىم، _ ۋاي، بوۋا! سىز ئۇنداق ئىچەرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنى توسۇپ بولالمايسىز! بۇ دېگەن ھازىر ئادەتتىكى ئىش!   
_ شۇنداق يىگىت! _ دېدى ئۇ سەل ئەپسۇسلىنىپ، _ بۇ ھازىر ئادەتتىكى ئىش. ئەمدى مانىڭغا قارا!  
ئىكران يۈزى بىر داۋالغۇپ بىزنىڭ چېكەرمەن ئاغىنىلەر بىلەن ئولتۇرغان مەنزىرە كۆرۈندى.   
_ ئىشقى باللا ھە؟!   
  باللا قاپاقتىن غېرىچ ئوت چىقىرىپ چېكىپ پاڭ بولۇپ، بەزىلىرى مىشىلداپ ھەتتا بۇقۇلداپ يىغلاپ، بەزىلىرى ھېچبىر سەۋەبسىزلا قاتتىق كۈلۈپ يەنە بەزىلىرى مۇڭلۇق خىياللارغا چۈشۈپ كەيپ سۈرۈۋاتاتتى.   
سەل ئەجەپلىنىپ قالدىم. بۇلارنى ماڭا كۆرسىتىپ نېمە قىلىدىكىنە؟  
_ بوۋا! سىز زادى نېمە دېمەكچى؟ ماڭا ئۇنداقلارنى توسۇش كېرەك، دەپ پەلسەپە سۆزلىمەيدىغانسىز؟ _ دەپ سورىدىم بوۋايدىن.   
    بوۋاي بىردەم سۈكۈتتە تۇرۇۋېتىپ ماڭا سوئال نەزىرىدە قاراپ:  
_ سېنىڭچە بۇمۇ ئادەتتىكى ئىش شۇنداقمۇ؟
_ ئەلۋەتتە! ئوغۇلبالا دېگەن ئىچىدۇ، چېكىدۇ  _ دېدىم مەن ئىككىلەنمەيلا.   
_ ماقۇل. يەنە قارا!  
    سۇ يۈزى يەنە داۋالغۇپ بىر توپ باللا دىسكوخانىدا ئولتۇرغان كۆرۈنۈشلەر كۆرۈندى. باللا بىلەن ئىچىۋاتىمىز، چېكىۋاتىمىز، ئوتتۇرغا چۈشۈپ كەلسە – كەلمىسە پۇت – قوللىرىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قىزلارغا خۇما ھىجىيىپ، خۇددى يەۋېتىدىغاندەك تىكىلىپ قاراپ. سورۇن دېگەن ئالامەت قىزىپ توساتتىن باللا تەگىشىپ قالدى. بىرنەچچىمىز نېرى – بېرىنى سۈرۈشتۈرمەيلا بېرىپ ئارىلاشقاننىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇۋاتىمىز. قوللىرىمىز ئاغرىسا پىۋا بوتۇلكىلىرى بىلەن، ئىشتىنىمىزنىڭ كەمىرى بىلەن، بەزى باللا ئورۇندۇقلار بىلەن. يەنە بەزىلىرى زاڭدو – پىچاقلىرىنى چىقىرىشىپ تۇرغاندا سۇ يۈزى ئاۋۋالقى تىنچ ھالىتىگە قايتتى.   
بۇ بوۋاي زادى نېمە دېمەكچىدۇ؟ ھەرقانچە بولسىمۇ ماڭا مۇشۇنداق جەمئىيەتنى ئۆزگەرت، دېمەيدىغاندۇ؟  
  
_ بوۋاااااااا! . . . _ دېدىم مەن يېلىنغان ئاھاڭدا.  
_ توختا! يەنە بار! _ دېدى بوۋاي سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى كۈتمەيلا.  
يەنە كۆلگە قارىدىم. گېپىنىڭ تۈگىشىنى ساقلاپ كۆلگە قارىمايمۇ ئىلاجىم يوق ئوخشايدۇ.   
بۇ قېتىم كۆلدە رەستە – رەستە كوچىلار پەيدا بولدى. باللا بىلەن بىر ساتىراچخانىنىڭ ئالدىدا توختاپ پۇللارنى يىغىش قىلىپ ئىككەيلەن كىرىپ كەتتۇق، قالغانلار سىرتتا ساقلاپ قالدى. . .  
_ بوۋا!!!!! مەن ئۇسساپ كەتتىم. شۇ ئىچىۋېلىپ ئاندىن كۆرەي بولامدۇ؟ - دەپ سورىدىم پەقەت چىدىيالماي.   
_ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ بىلەمسەن؟ - دەپ سورىدى بوۋاي كۆلگە قارىغىنىچە.   
_ ئاللا`````````` نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن. سىز ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ بولالمايسىز!  
_ سېنىچۇ؟  
_ مېنى ئۆزگەرتكىنىڭىز بىلەنمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق!   
_ سەندىن سوراپ باقاي! سەن "يىگىت" دېگەن سۆزنى قانچىلىك چۈشىنىسەن؟  
نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. ئۇ يەنە سورىدى:   
_ ئەگەر ھەممە ياشلار سەندەك بولۇپ كەتسە سېنىڭچە بەك ياخشى بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟   
  نېمە دەيدىغاندۇ بۇ بوۋاي؟!   
_ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! _ دېدىم مەن.   
_ سەن ئۇنداق بولۇشنى خالىمىغانكەنسەن، مەن پەقەت سېنىلا ئۆزگەرتەي! سەنمۇ پەقەت ئۆزۈڭنىلا ئۆزگەرت!   
_ ھازىر ئوغۇلبالا دېگەن "ئۈچ خىل كەيىپ"نىڭ بىرىنىمۇ قىلمىسا ئوغۇلبالا ھېسابلانمايدۇ . . .  _ ئاغزىڭنى يۇم!   
  بوۋاينىڭ ساقاللىرى ئاچچىقتىن تىترەپ كەتتى. ئۆزۈممۇ سەل قورقۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ:   
_ ئەگەر ھەممە ياشلار سەندەك بوپ كەتسە مىللىتىڭنى ھالاكەتتىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟ ھە؟ _ دېدى ئۇ كەسكىن ھالدا.
_ مەن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتسەم بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىپ بولالمايمەندە؟   
_ ئاڭلا، يىگىت، _ دېدى بوۋاي ئەستايىدىللىق بىلەن، _ يىگىتنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. يىگىتلىك دېگەن سېنىڭ ئۆمرۈڭدە بىر قېتىم كېلىدىغان ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ئەمما ئەڭ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇندايغان جەريان! ھەممىڭ كەيىپ – ساپاغا بېرىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنتۇشساڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى كىم ئويلايدۇ؟ ئاتاڭما؟ سىلەر ياشلار نېمە قىلىسىلەر؟ ئەجىبا ئويناپ – كۈلۈپ ئۆتۈپ كەتمەكچىما؟ ئويۇندىن نېمە چىقىدۇ؟ . . .   
_ ۋاي بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەم دېگەندە ئويناپ – كۈلۈپ ياش چېغىمىزدا ياشىۋالمىساق قېرىغاندا بۇنداق ئويۇنلار نەدە تۇرۇپتۇ؟ _ دېدىم مەن ئۇنى سۆزدە قايىل قىلماقچى بولۇپ.   
_ يىگىت، _ دېدى ئۇ يەنىلا شۇنداق ئەستايىدىل ھالدا، _ سېنىڭ زىممەڭگە قانچىلىك ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئاشۇ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭنى سەندىن چوڭلار كۆرسە مەمنۇن بولامدا؟ سەندىن كىچىكلەر ئۆگەنسۇنمۇ؟ ھاياتىڭدىكى ھەربىر كۈنۈڭ سېنىڭ باسقان ئىزىڭ بوپ قالىدۇ. سەندىن كېيىنكىلەر سېنىڭ ئاشۇ ئىزىڭدا ماڭىدۇ. بۇ نېمىدېگەن خەتەرلىك!   
    ئويلىنىپ قالدىم. "توغرا! ئادەمنىڭ ياشلىق چېغى ئىنتايىن قىسقا ئەمما نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمانلارغا گۈزەل ئىستەكلەرگە تولغان بولىدۇ. ئەگەر ياشلار مۇشۇنداق چاغدىكى جۇشقۇنلۇقنى، جەڭگىۋارلىقنى، بېغىلاش روھىنى . . . باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىۋەتسە مىللەتنىڭ تۈۋرۈكىگە دەز كەتمەمدۇ؟ دەز بارغانسېرى يوغىناپ ئاخرىدا مىللەت غۇلاپ چۈشمەمدۇ؟ ياق، ياق! مىللەت غۇلاپ چۈشسە قانداق بولىدۇ؟ . . .' ئاخىرىنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمىدىم. ئەمدى ھېس قىلدىما. بىز ياشلار مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدىكەنمىز. بىزنىڭ تەدبىرىمىزنىڭ قانداق بولىشى مىللەتنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.   
_ گەپلىرىمنى چۈشەنگەندەك قىلىسەن يىگىت! _ دېدى بوۋاي.   
مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.   
    ئەمما شۇنچە جىق ئادەمنى قانداق ئۆزگەرتىپ بولغىلى بولىدۇ؟ ئۇلارغا بىرمۇ – بىر سۆزلىسەم ئۇلارنى ئۆزگەرتمەكتە يوق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە "ساراڭ، ئېلىشىپ قالغان. . ." بولۇپ قالىمەن –دە؟!  
بوۋا! _ دېدىم مەن تۆۋەن ئاۋازدا، _  يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك!   
بوۋاي سۇ يۈزىنى بايىقى كۆرۈنۈشلەرگە كەلتۈردى، ئاندىن سۇنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ:
_ قارا يىگىت! ئاشۇنداق ھاراق – تاماكا سورۇنلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارت! باشقىلارغىمۇ نەسىھەت قىلىمەن، دەپ ئاۋارە بولما! ئەگەر ئۇلار سەندەك ئويلىسا سېنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنى تارتىدىغانلىقىڭنى چۈشىنىدۇ، سېنى كۆڭلىدە بولسىمۇ قوللاپ سەندەك بولۇشقا تىرىشىدۇ.   
_ لېكىن، _ دېدىم مەن، _ ئۇلار بەك زورلاپ تۇرىۋالىدۇ. يۈزۈمنى قىل، دېسە ئامال يوق قالىدىكەن. :
_ ھەي نادان! _ دېدى بوۋاي، _ ئۇلار ساڭا ئاشۇ نىجىسنى تەڭلەپ تۇرۇپ يۈزۈمنى قىل دېگىنىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىدىڭما؟   
_ قانداق دەيسىز؟ _ دېدىم ھەيران بولۇپ.   
_ ئۇلارنىڭ يۈزۈمنى قىل، دەپ بىر رومكا ھاراق زورلىغىنى ئۆزىنىڭ يۈزىنى بىر رومكا ھاراق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىنى. سەن ئۇچاغدا ئۇلار بىلەن ئەمەس ئاشۇ بىر رومكا ھاراق بىلەن دوست بولغان بولىسەن! دوستۇڭ بولغان ئادەم سېنى ھاراق ئىچىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە زورلامدا؟   
_ ياق.
_ ئەمسە ئۇ دوستۇڭ ئەمەس. دوست دېگەن بىر - بىرىنى يامان يولدىن قايتىشقا ئۈندەيدۇ، شۇنداققۇ؟   
_ شۇنداق!   
_ سەن قايسى دوستۇڭنى يامان يولدىن، گۇناھ ئىشتىن قول ئۈزۈشكە دەۋەت قىلىپ باقتىڭ؟ سېنىڭ ئوغۇلبالىلىقىڭ مۇشۇما؟  
  مەن...... مەن ئەجەپ ئويلىماپتىكەنمەن. تېخى ھەممە ئىشنى قىلىپ پىشىلسا ئاندىن ئوغۇلبالا  بولىدۇ دەپ ھېسابلايتتىم. بۇ بوۋاي بۇ ئىشلىرىمنى قانداق بىلگەندۇ؟ پەرىشتىمىدۇ يە؟ مەھەللىمىزدىكى چوڭلار ئادەمنىڭ ئوڭ مۈرىسىدە بىر، سول مۈرىسىدە بىر پەرىشتە بولىدۇ، دېگەندەك قىلغان. ئۇلاردىن قېرىمۇ، ياشمۇ دەپ سورىۋالسام بوپتىكەن. ھەي ئىسىت!  
_ ئەمدى بۇنىڭغا قارا! سەن ئوغۇلبالىمۇ ئەمەسمۇ ئۆزۈڭ بىلىپ قالىسەن!  
سۇ يۈزى بۇ قېتىم ئاۋۋالدىقىنمۇ قاتتىق داۋالغۇپ سۇ يۈزىدە يەنە ئىكران پەيدا بولدى. بۇ قېتىمقىسى يەنە مەن. لېكىن ئىچىش، چېكىش . . . سورۇنى ئەمەس. كوچىدا باللا بىلەن كېتىۋاتىمەن. . .   
  ئاپلا! ما بوۋاينى. . .  
  كوچىدا كېتىۋېتىپ كۆكرىكى، قورسىقى . . . ئېچىلىپ قالغان قىزلارنىڭ بەزىلىرىگە كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا يەنە بەزىلىرىگە ئۇدۇللا قاراپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر چىققىلى تۇردى. نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولدۇم. شۇنداقتىمۇ «يەنە نېمىلەر باردۇ؟» دەپ ئىكرانغا قاراپ تۇردۇم. . .
  توۋا! بايىقى قىزلار ئۆتۈپ كەتسە كەينىمگە بۇرۇلۇپ كۆڭلۈمگە بىر خىياللار كېلىپ بوينۇم ئۈزۈلۈپ كەتكۈچە قارىغانلىرىممۇ چىقىۋاتىدۇغۇ ئەمدى؟ ئەنە، ئەنە! يول ياقىسىدا بىر ئايال ئېڭىشىپ بالىسىنىڭ ئىشتىنىدىكى توپىنى قېقىۋاتسا مەيدىسىگە قاراپتىمەن. . . يەنە تېخى يول ياقىسىدا تېلېفوندا سۆزلىشىپ ئولتۇرغان بىر قىز بالىنىڭ مايكىسىنىڭ پېشى قىسقىلىدىن بېلى كۆرۈنۈپ تۇرسا كىيىۋالغان ئىچ كىيىمىگە قاراپ ماڭغان كۆرۈنۈشلەر..........   
_ يىگىت! _ بوۋاينىڭ بايىقىدىن قاتتىقراق چىققان ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم، _ مۇشۇ سېنىڭ ئوغۇلبالىلىقىڭما؟ ئوغۇلبالا دېگەن شۇنداق يەرلەرگە قارىمىسا زادى بولمامدا؟   
  _ ۋاي، بوۋا! ئاشۇ قىزلار ئاشۇنداق كىيىنىۋالمىسا بىزمۇ قارىمايتتۇق! _ دېدىم مەن. گۇناھنى ئۆزۈمگە ئارتقۇم كەلمەيۋاتاتتى، ئاشۇ شەيتانلار شۇنداق كىيىنمىسە مەنمۇ سەتلەشمەيتتىم ما بوۋاينىڭ ئالدىدا.   
_ تېخى گۇناھنى ئۇلارغا ئارتماقچى بولۇۋاتامسەن؟   
_ دېمىسىمۇ راستقۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيگەن بولسا، مەيدىلىرىنى ئوچۇق قويمىغان بولسا، سىز زورلاپ ئەكېلىپ «قارا» دېسىڭىزمۇ قارىمايتتىم مەن.   
_ ياخشى! _ دېدى بوۋاي بېشىنى لىڭشىتقاچ، _ ئەمسە سەن ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ سەن ئاچ قالغان بۆرىدەك كۆزۈڭنى ئۈزەلمەي قارىمىغان بولساڭ ئۇلارمۇ ئۇنداق كىيىنمەس بولغىيتى؟  
_ قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز بوۋا! _ دېدىم مەن نارازى بولۇپ، _ ھەممە گۇناھنى بىز ئوغۇللارغىلا ئارتىپ قويامسىز؟ قىزلاردا گۇناھ يوقما؟ بىز يا يېنىغا بېرىپ شۇنداق كىيىنسەڭ چىرايلىق بولىسەن، دەپتىمىزمۇ؟   
_ دەپ باقمىغانمىتىڭ؟......... ئەمسە مانىڭغا قارا!  
ئىكران يۈزى داۋالغۇپ يەنە بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولدى. . .   
  بىر قىز بالا بىلەن كوچا چىرىقىنىڭ يورۇقىدا پاراڭلىشىپ تۇرۇپتىمەن.  
_ كىيىمىم يارىشىپتۇمۇ؟ _ دەپ سورىغۇدەك ھېلىقى.   
  مەن ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي:   
_ پاھ! ئالامەت! مۇشۇ ئايدەك رۇخسارىڭىزغا، مودېللاردەك قاملاشقان فىگورىڭىزغا شۇنداق يارىشىپتۇ! ئۆزىڭىزنىڭ گۈزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايەن قىپسىز. . . _ دېگۈدەكمەن. بۇلارنى قانداق بىلگەندۇ بۇ بوۋاي؟ سەل ئەنسىرەپ قالدىم. بۇلارنى بىلگەن يەردە ھېلىقى ئىشلارنىمۇ.......... يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ كەتتى.     
  _ قانداق؟ ئۇ گەپلەرنى دېمىگەن بولساڭ قىز بالىلارنىڭ ئىدىيىسىدە «مۇنداق كىيىنسەم چىرايلىق كۆرۈنىمەن» دەيدىغان ئوي شەكىللەنمەس بولغىيتى؟ ئۇلار سەندەكلەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ ئىككى ئېغىز ماختاش سۆزىگە ئېرىشىشنى دېمىسە، ئۇنداق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرمەس بولغىيتى؟  
  ئىچىمدە «چوقۇم ماڭا بىر نەرسە دېمەكچى»دەپ ئويلاپ ئەستايىدىللىق بىلەن سوراپ باقماقچى بولدۇم.     
_ بوۋا! ئەمسە مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم مەن.  
_ ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتسەڭلا بولدى، _ دېدى بوۋايمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن، _ ئۇنداق قىزلارغا قاراپمۇ قويما! كۆزۈڭگىمۇ ئىلما!  
_ مەن ئەسلىدىمىغۇ كۆزۈمگە ئىلمايمەن، _ دېدىم مەن.  
_ كۆزۈڭگە ئىلمىساڭ نېمىگە قارايسەن؟ ھە؟ كۆزگە ئىلمىغان ئادەمنى ماختاپ نېمە قىلىسەن؟ گەپ قىلمىساڭ، نەزىرىڭگە ئىلپمۇ قويمىساڭ بولاتتىغۇ؟ ئۇلارنى ئۇنداق كىيىنمەسلىككە دەۋەت قىلساڭ بولاتتىغۇ؟ ئىچىڭدىكى راست گېپىڭنى دېسەڭ بولاتتىغۇ؟ «بۇنداق كىيىنىشىڭىزنى ياقتۇرمايمەن» دېسەڭ بولاتتىغۇ؟ _ دېدى بوۋاي تېخىمۇ تىترەپ.   
_ ئەمدى......شۇ.....ياشلىقتا...... _ سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى دېيىشتىن قورقتۇم.   
_ ئەمدى بۇنىڭغا قارا!   
  ۋاي، نېمە كارامەتلەر باردۇ ئەمدى؟   
  سۇ يۈزى يەنە داۋالغۇپ ئىكراندا بىز ئولتۇرغان رەڭلىك سورۇن پەيدا بولدى. . .   
  سورۇندا قىز - ئوغۇل ئارىلاش ئولتۇرۇۋاتىمىز. قىزلاردا نە تارتىنىش، نە نازاكەت؟ مەست بولۇپ كەتكەچكىمۇ ئەينى ۋاقىتتا دىققەت قىلماپتىكەنمەن. ماۋۇنىڭ كۆكسىنىڭ تومپىيىپ چىققانلىقىنى كۆرمىگەن بولسام كىيىنىشلىرىدىن، گەپ - سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ قىزبالا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىكەنمەن. بەزىلىرى بىر - بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ، پۇتلىرىنى تېپىشىپ، يوتىلىرىنى سىيلاپ قويۇشلىرى. . .   
_ مۇھەببىتمىز ئۈچۈن، خوشە! _ دېدى بىز ئاغىنەم يېنىدىكى قىز بالىغا بىر رومكىنى تۇتقۇزۇپ.   
_ خوشە، جېنىم! سىڭىپ ئۆتەپ كەتسۇن! _ دېدى ئۇمۇ ماسلىشىپ.   
_ ھوي، سىلەر قاچاندىن باشلاپ ئاشق - مەشۇق بوپ كەتتىڭلار؟ مەن سېنى ئالايمىكىن، دەپ ئىشقىڭدا كۆيۈپ يۈرسەم. . ._ دەپ سورىدى ياندا بىر قىز بالىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان ئاغىنەم.     
  ھېلىقى قىز بالا رومكىنى قۇرۇقدىۋەتكەندىن كېيىن يېنىدىكى «مابىتى»غا قاراپمۇ قويماي:   
_ بوپتۇ. بىكار يۈرسەممۇ يۈرىدىكەنمەن، ساڭا تېگىپ قوياي! ۋەيــــــــــــت!  
  سورۇندىن چوشقىنىڭ ئۆلگەن چاغدىكى ئاۋازىدىنمۇ سەت ھەم ئېچىنىشلىق كۈلكە كۆتۈرۈلدى. . .  
_ بولدى. كۆرمەيمەن بوۋا! _ دېدىم مەن يەنە نارازى بولۇپ، _ ئۇ ئىشلارنى كۆرسەتمىسىڭىزمۇ ئېنىق ئېسىمدە بار!  
_ ياخشىغۇ! _ دېدى بوۋاي، _ شۇ قىزلارنى نېمىشقا ئىچمەسلىككە، چەكمەسلىككە، قىزلىق نومۇسىنى ساقلاشقا ئۈندىمەيسەن؟  
_ ۋاي ئۇنداقلار جىق! ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار! بەزىلىرى مابىتىنىڭ دەردىدىن، بەزىلىرى ئاتا - ئانىسىدىن ئاغرىنىپ يەنە بەزىلىرى جەمئىيەتتىن ئاغرىنىپ. . .   
_ شۇ جەمئىيەتتە ئالەمگە تونۇلغان بوۋىلىرىڭ، مومىلىرىڭ ياشىماپتىكەنما؟ ئۇلار كەيىپ - ساپاغا بېرىلمەي نۇرغۇنلىغان شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپتىكەنغۇ؟   
_ ئۇچاغ دېگەن ئۇچاغ. ھازىرقى جەمئىيەت ئوخشىمايدۇ؟      
  بوۋاينىڭ ئاچچىقتىن ساقاللىرى تىترەپ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى.   
_ ئىسىت! _ دېدى ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، _ ھەممە ياشلار سەندەك بولىدىغان بولسا مىللىتىڭنىڭ كەلگۈسى سەندەك چۈپرەندىلەرنىڭ قولىدا بەرباد بولغۇدەك! ئاتا - بوۋاڭنىڭ يۈزىگە قايسى يۈزۈڭ بىلەن قارايسەن ھە؟ ئەۋلادلىرىڭنىڭ يۈزىگە يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن قارايسەن؟ «بوۋا، ياشلىقىڭدا نېمە ئىشلارنى قىلغانتىڭ؟» دېسە، «كەيىپ - ساپا سۈرۈپ، ئويناپ، ئىچىپ - چېكىپ، جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرۈپتىمەن . . . » دەمسەن؟ ئۇلار ساڭا نەپرەتلەنمەسمۇ؟ سەندىن يىرگەنمەسمۇ؟   
_ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەسقۇ؟ ئەمسە مەن قانداق قىلىمەن؟ _ دەپ سورىدىم مەن.  
_ يىگىت! _ دېدى بوۋاي يەنىلا شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن، _ ئۆزۈڭنى، ئۆزۈڭنىڭ كەلگۈسىنى ئويلا! مىللىتىڭنىڭ كەلگۈسىنى «ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى» دەپ بىل! ئۇنداق كەيىپ - ساپادىن يىراق تۇرساڭ، مىللىتىڭ قىزلىرىنى شۇ يوللاردىن توسۇپ ئۇلارغا تەربىيە قىلىپ، بەك ئېشىۋېلىپ ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ مېڭىۋەرگەنلەرنى كۆزۈڭگە ئىلىپمۇ قويمىسا، مىللىتىڭگە بىر كىشىلىك ھەسسەڭنى قوشۇپ ئۆزۈڭنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىيالىساڭ، سېنى كۆتۈرۈپ تۇرغان زېمىنغا، ئاتا - ئاناڭغا، قېرىنداش، ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭغا، دوست - بۇرادەرلىرىڭگە بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارىيالىساڭ، ھەممە سەندىن پەخىرلەنسە سەن ئاندىن «ئوغۇلبالا» ھېسابلىنىسەن. سەن تېخى ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇپ مۇشۇ ئۇلۇغ زېمىننىڭ پاك سۈيىنى ئىچمەكچى بولۇۋاتىسەن! سەن سۇدىن سوراپ باق! ئۇ سېنىڭ ئۆزىنى ئىچىشىڭگە رۇخسەت قىلامدىكىن؟     ئۆكۈنۈش، پۇشايمەندىن يەردە تىزلىنىپ قوللىرىم بىلەن تىرىۋاپتىمەن. لېكىن زېمىن يەنىلا كەڭ قورساقلىق بىلەن مېنى ئەپۇ قىلىپ مېنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. بۇرۇنلىرىمنى مىش - مىش تارتقىنىمچە سۇدىن ئەڭ ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ سورىدىم:   
_ ئەي، ئۇلۇغ سۇ! مەن سېنى بىر يۇتۇم ئىچىۋالاي! بولامدۇ؟  
  سۇ دەھشەت داۋالغۇپ، بوشلۇقتىن بىر سادا كەلدى:  
_ ياق! سېنىڭ مېنى ئىچىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ!   
  شۇنداق دەپلا كۆل غايىپ بولدى.  
_ ئاڭلىغانسەن؟ _ دېدى بوۋاي، _ سۇ خالىمايدىكەن. مېنىڭمۇ ئامالىم يوق!   
  بوۋاي شۇنداق دەپلا كۆزدىن غايىپ بولدى.  
  _ بوۋاااااااااااااااااااااااااااااااااا!!!   

   چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇفففف! خۇداغا شۈكرى! چۈشۈمكەن. ئويغانسام پۈتۈن بەدىنىم چىلىق - چىلىق تەر. ئۇسساپ گاللىرىم قۇرۇپ كېتىپتۇ. چىنىگە سۇ ئېلىپ لېۋىمگە يېقىن ئەكېلىپ ئىچەي دەپ تۇرسام سۇ «ياق! سېنىڭ مېنى ئىچىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ» دېگەندەك داۋالغۇپ كەتتى. . .
  بۇ يازما ئۈزۈمچى تەرىپىدىن 2008-06-15 00:40 دە  يېزىلغان.

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:58:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزۈمچىنىڭ قەلىمىگە بەركەتلەر بولسۇن!
قېنى بۇ ئېسىل تېمىغا بىرەر باشلىق تامغا بېسۋېتىڭلارچۇ، گەرچە يوللىغۇچىنىڭ ئىجاىديىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا يەنە بىر بىز تونۇمايدىغان توردىشىمىزنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەن، يەنە كېلىپ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ئېسىل يازما ئىكەن!
peacelife212 ئەپەندىم، بۇ ئۈزۈمچى دوستۇمىزنى بۇ يەرگە تەكىلپ قىلىپ باققان بولسىڭىز، ئەگەر ۋاقتى بولمىسا، مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلىرىنى سىز ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرساق

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىدىكى گۈلسەنەم :
   ئۈزۈمچى بۇرۇن پىشقەدەم مۇنبەرلەردە س مۇنبىرىدە ئۈزۈمچى نامى بىلەن جىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى، كېيىن ئۇنى ئەلكۈيى تورىدا كۆرگەندەك قىلغان، لېكىن، ھازىر ئۇنىڭ ئۇ تور بەتتىمۇ ئەسەر يوللىغىنىنى كۆرمىدىم. قارىغاندا كومپىيۇتۇر دۇكىنىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسا كېرەك.  چ چ نۇمۇرى بار، لېكىن، ئاساسەن گەپ قىلمايدۇ، سورايدىغان مۇھىم ئىشلارمۇ يوق، ئەسەر يازدىڭىزمۇ دەپ سورىغان چاغلىرىمدا يازمىدىم دىگەن ئىدى.
     مۇنبەردىكى ئەزالارنى قەدىرلەپ، يوقلارنى ئىززەتلەپ ئۈتسەك ھەممىدىن ئەۋزەلمىكىن دەيمەن. يولداشلاردا مۇنداق گەپ بار، شۇنىڭدەك بوپ قالمىسۇن.
该来的没有来,不该来的来了。
该走的没有走,不该走的走了。

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:05 , Processed in 0.059125 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش