يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 580|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرى...تەبەسسۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 11:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى

يىلىم:
قەدىمدە خانىم-قىزلىرىمىز چېچىغا جىگدە يېلىمىنى يۇمشاقسوقۇپ سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ، چاچلىرىنى ئۆرۈپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئادەتتە، جىگدە يېلىمىنىڭ چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ قارايتىش، باش قىچىشىش، كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنىئېلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، چاچ قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش تەسىرىبولغاچقا، ئۇنى داۋاملىق چاچقا چېپىپ بەرگەندە، چاچ ئۆستۈرۈش، قارايتىش، پارقىرىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى؛ باش قىچىشىش، كېپەكلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمۈلۈكئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. جىگدە يېلىمىنىڭ تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق پەسيتىش رولىدىنپادىلىنىپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. قۇۋۋەتلەش رولىدىنپايدىلىنىپ باش قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم رەئىس ئەزا مېڭىنى قۇۋۋەتلەش مەقسىدىگەيەتكىلى بولىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش رولىدىن پايدىلىنىپ باشقىسمىدىكى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكى، جاراھەت، زەخىم قاتارلىقلارنىتېزلا يوقاتقىلى، شۇنداقلا ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، باش قىسىم تەرلەشنىڭ ئالدىنىئالغىلى بولىدۇ. جىگدە يىلىمىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، تەبىئىتى ھۆل سوغۇقبولغان باش قىسمىدىكى مېڭىدىن ئىبارەت رەئىس ئەزانىڭ ئارتۇق ھۆللىكىنى قۇرۇتۇپ، ھۆل سوغۇق ئارتىپ كېتىشتىن بولغان ھەر خىل مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئوسما:
ئوسما قويۇش ئويغۇر خانىم-قىزلىرىقەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئادەت بولۇپ، بۇنىڭدا ئوسمايۇپۇرمىقىنى سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى قاشقا سۈركىلىدۇ. ئوسمىنىڭ چاچ پارقىرىتىش، قارايتىش، ئۆستۈرۈش تەسىرى بار. شۇڭا ئۇنى داۋاملىق قاشقا قويۇپ بەرگەندە، قاشئۆستۈرۈش، قارايتىش، پارقىرىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئوسما يۇپۇرمىقىنىڭتەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئۇنى قاشقا قويۇپ بەرگەندە قاش ئەتىراپىدىكى ھۆللۈكنىقۇرۇتۇپ، ئۈستۈنكى قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش، قاپاق ئاغرىش قاتارلىقكېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا قاش يىلتىزىنى چىڭىتىپ، قاش چۈشۈپ كېتىشنىڭئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

سۈرمە تارتىش:
بۇمۇ بۇرۇندىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان بىر خىل گىرىم قىلىش ئۇسۇلىبولۇپ، قەدىمدە ئەرلەرمۇ تۈرلۈك كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆزىگەسۈرمە تارتقان. سۈرمە بىر خىل تاش بولۇپ، ئادەتتە يۇمشاق سوقۇلۇپ ئەلگەكتىنئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن كۆزنىڭ كىرپىك بار يېرىگە سۈرتىلىدۇ. سۈرمىنىڭ كۆزنىقۇۋۋەتلەش، ئاسراش، روشەنلەشتۈرۈش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، جاراھەتپۈتتۈرۈش، ھارارەت پەسەيتىش قاتارلىق تەسىرلىرى بار. شۇڭا ئۇنى كۆزگە دائىم تارتىپبەرگەندە، كىرپىكنى ئۇزۇن، قارا، پارقىراق قىلغاندىن سىرت، يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتىئاجىزلىق، كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆز ئاغرىش، كۆز قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىيوقاتقىلى بولىدۇ. قاپاق ئاغرىقى، باش ئاغرىقى قاتارلىقلاردىن خالاس بولغىلى بولىدۇ. ھارارەت پەسەيتىش رولىدىن پايدىلىنىپ كۆزنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ، كۆز چىڭقىلىشقاتارلىقلاردىن خالاس بولغىلى بولىدۇ. ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش تەسىرىدىن پايدىلىنىپ كۆزياشاڭغىراش، ھۆللۈك ئارتىپ كېتىشتىن بولغان قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش قاتارلىقئالامەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

تىرناققا خېنە قويۇش:
بۇ تىرناق ۋە بارماقلارنىگۈزەللەشتۈرۈشتىكى گىرىم قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھازىرمۇ ئاز ساندىكىخانىم-قىزلىرىمىز تىرناقلىرىغا خېنە ياقماقتا. ئادەتتە خېنىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىقبولۇپ، ئاغرىق پەسەيتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ-تىرناقنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش روللىرى بار. شۇڭلاشقا، تىرناققا خېنا ياققاندا، تىرناقنى پارقىتىپقول-پۇت بارماقلىرىنى گۈزەللەشتۈرگەندىن سىرت، يەنە قول-پۇتتا كۆرۈلگەن بوغۇمئاغرىقى، بارماقلار غەيرىلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، قان توختىتىش تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، تىرناق يېرىلىش، بارماق تېرىسى سويۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنىئالغىلى بولىدۇ.

مەنبە : سۈلمى بىلۇگى


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:31:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىچىك چېغىمدا بىر قېتىم خېنە، بىر قېتىملا ئوسما قويۇپ باققان، تا ھازىرغا قەدەر قايتا قويۇپ باقمىدىم ، شۇڭىمۇ قېشىمنىڭ زادىلا تايىنى يوق،  خېنىنى دوختۇرخانىدىن قويغۇزمايدۇ

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:10:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن ھازىر يىلىم دىگەن نەرسىلەرنى تاپماق قىيىن ئىكەن.

Rank: 4

توردا
221 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
786
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:28:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:31 دە يوللىغان
مەن كىچىك چېغىمدا بىر قېتىم خېنە، بىر قېتىملا ئوسما قويۇپ باققان، تا ھازىرغا قەدەر قايتا قويۇپ باقمىدىم ، شۇڭ ...


سىزنىلا دوراپتىمەنمۇ مەن نېمە ھا ھا  

مېنىڭ پەقەت قويغۇم كەلمەيدىكەن

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:19:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلىمنى تاپماق راستلا تەس بولۇپ كەتتى ،بۇرۇن چاچلىرىمىز خېلى ياخشى بولغاچقا ،پۇقىرىتىپ يۈرىيمىز دەپ يىلىمغا قاراپمۇ قويمايتتۇق (ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىمىزنى ھېساپقا ئالمىغاندا )،چاچتا ۋاپا يوق دەپ ،ماۋۇ ياش چوڭايغانسىرى بۇ چاچمۇ قېرىغىلى تۇردىمۇ ،چۈشۈپ ،ئىنچىكىلىگىلى تۇردى ،بۇرۇن قارىمىغان يىلىمنى ئەمدى جەنۇپتىكى تۇققانلارغا ھاۋالە قىلىپ  پوچتىدىن ئەكەلدۈرىدىغان بولۇپ كەتتۇق .دەم ئالغان كۈنلىرى ئانچە مۇنچە بىرەر ئىككى كۈن چاچقا چېپىۋالساق ،ئۈزۈلۈپ چۈشىدىغان چاچلار خېلى توختاپ ،پاقىراپ قېلىۋاتىدۇ .

چېچى يوق پوسمىغا ئامراق ،قېشى يوق ئوسمىغا دېگەندەك ،قېشىمنىڭ تومراق ،جىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم ،بىراق ئىنچىكە بولۇپ قالغىنى ئۈچۈنمىكىن مەن ئوسمىغا بەك ئامراق ،ياز كېلىشى بىلەنلا ئامال بار بىر يەرلەردىن ئوسما  تېپىپ  كەچقۇرۇنلىقى قويۇۋالىمەن ،ئەتىسى ئەتتىگەنگىچە سەل قارىداپ ئوبدانلا ئۆزلۈشۈپ قالىدۇ .

خېنە قويۇش ،بۇرۇن ئېتىزدا ئۆستۈرگەن خېنىنى چاناپ قوللىرىمىزغا قويۇۋالاتتۇق ،ھازىر تەرەققى قىلدۇق دەپ بازاردىن ئۇۋاق خېنىلەرنى سېتىۋېلىپ قويىدىغان بولۇپ كەتتۇق ،بۇ خېنىنىڭمۇ شۇنداق رولى بارمىدۇ ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:48:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىمدە ئانام دائىم چېچىمغا يىلىم چېپىپ قوياتتى. شۇڭىمۇ چېچىم بەك توم ئىدى. مانا ئون نەچچە يىل بوپتۇ يىلىمدىن ئايرىلغان چېچىم بارغانسېرى چۈشۈپ بەكلا ئاز قالدى.  
مۇشۇ ئوسما قويۇش بىلەن پەقەتلا خوشۇم يوق. ھەم ئوسمىنىمۇ قويالمايمەن. كىچىك ۋاقتىمدا ماڭا دائىم ھەدەم قويۇپ قويىدىغان چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈڭ قوي دەپ قويۇپ قويغىلى ئۇنىمىدى ئۆزۈم قويالمىغاچقا ۋاز كەچتىم.
خېنە قويۇش قويۇشقا  بەكلا ئامراق كىچىك ۋاقتىمىزدا ئەتە ھېيت دەيدىغان كۈنى ئانام يەرلىك خېنىنى ئالمىنىڭ مۇنىكى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كونا كەتمەننىڭ ئۈستىگە ئېلىپ ئوتقا قويۇپ قىزىتىپ يېقىپ قوياتتى. خېنىنى قىزىق ياقمىسا سۇس ئىچىدۇ دەپ قوللىرىمىز كۆيسىمۇ چىداپ تۇرۇپ قىزىق چېغىدىلا قولىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە قويۇپ سۇلياۋ بىلەن تېڭىۋېتىپ ئۇخلاپ قالاتتۇق. بەزىدە يېرىم كېچە بولسا ئويغۇنۇپ كېتەتتىم قاچان تاڭ ئاتار؟ خېنەمنىڭ چىرايلىق ئىچكىنىنى كۆرسەم دەپ ئارزۇلارنى قىلىپ ئۇخلاپ قالاتتىم.
بالىلىق.................

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:10 , Processed in 0.050315 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش