يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 780|ئىنكاس: 5

«باھادىرنامە» بىباھا ئابىدە نامە! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
83
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:41:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


«باھادىرنامە» بىباھا ئابىدە نامە!



ئابدۇھىت توختى (ۋاھىدى)



ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئۈمىدۋار ئەدەبىياتى تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئەدەبىيات ھادىسىسى رۇي بەردى. تالانتلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ مەركزى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «باھادىرنامە» ناملىق ئالتە قىسىملىق نادىر تارىخىي رومانى دۇنياغا كەلدى.
ياسىنجان سادىق 1966- يىلى 4- ئايدا يەكەن دەرياسى زەرەپشان ۋادىسىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر يەكەن دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدۇ. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى.
ئۇنىڭ «ئېھ، سەھرا» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 6- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 15- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايىلار توپلىمى مەملىكەت بويىچە 6- نۆۋەتلىك تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «قۇملۇق» ناملىق پوۋىستى «تارىم ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا، «قۇرۇپ كەتكەن دەريا» ناملىق پوۋىستى «ئالتۇن توي
مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئەدەبىيات ئىجادىيەتتىكى مول نەتىجىرىلىرىگە ئاساسەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇنىڭغا 2006- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئەدەبىيات مۇكاپىتى تۆھپە- مۇكاپاتى» بەرگەن. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئەخلاق-كەسىپتە تەڭ يېتىلگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات- سەنئەت خادىمى» بولۇپ باھالانغان. «قۇرۇپ كەتكەن دەريا»، «قۇملۇق»، «كالا»، «تاۋۇس ئەللەيىن»، «يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما»، «پاتىمەنىڭ كۆڭلىكى»، «باھار»... قاتارلىق پوۋىست-ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

ئۇ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات دەۋرىدىكى چولپان يۇلتۇز، كۆزگە كۆرۈنگەن ئىستىدادلىق، مۇنەۋۋەر ئەدىب بولۇپ قالدى. ئۇ، قىسقىغىنە نەۋقىران ھايات گۈلشەنىدە بىر ئەدەبىي پائالىيەتچى ئەدىب سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، تۇلپار كەبى جەۋلان قىلىپ، ئۈمىدلىك يازغۇچى بولۇپ يېتىلمەكتە.
مۇئەللىپ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان پروزا ئىجادىيىتىگە بولۇپمۇ رومان ئىجادىيىتىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا (راسچىل، سەمىمىي) ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەش ماھارىتى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ، ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ ئالدىنقى تۆھپىكارىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئىجادىيەت خاھىشىدە ئەڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي رېئاللىقىنىڭ «14- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 16- ئەسىرنىڭ بېشىغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ئەتراپلىق تەسۋىرلەنگەن ئالتە قىسىملىق رومانىدا تۇغلۇق تۆمۈر خاقان ئەۋلادلىرى
بىلەن ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنىڭ تەخت - سەلتەنەتكە ۋارىسلىق قىلىش، گۈللىنىش،
زاۋاللىققا يۈزلىنىش ۋە قايتا باش كۆتۈرۈش تارىخى جەريانى بۇ روماندا داستان (ئىپوس) خاراكتېرلىك يورۇتۇپ بېرىلگەن». بۇ تارىخي ترولوگىيە رومانى ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر قىلغان ناماياندە ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى لەرزىگە سېلىپ، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخدىكى مۇھىم ئورنىنى بېكىتتى.

ئاپتور ئەھمىيەتلىك بايانلار ۋە ئوبرازلىق، پاساھەتلىك سەمىمىي تەسۋىرلەر ئارقىلىق نازۇك ۋە مەردانە ھېسسىيات دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەپ، يېزىقچىلىقتا ئۆزىگە خاس بولغان، كىشىلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان بەدئىي تالانتىنى نامايان قىلغان.
جاسارەتلىك يازغۇچى ياسىنجان سادىق 1988- يىلدىن ھازىرقى 2010- يىللارغا قەدەر يىگىرمە يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى تۈر ۋە ژانىرلىرىدا «يۈرىكىم يىغلايدۇ»، «ئاي مۈككەندە» قاتارلىق ھېكايىلار توپلاملىرى؛ «جانانغا يېزىلغان خەتلەر»، «كاككۇك بالىسى»، «سۈكۈتتىكى زىمىن»، «كۈيلەر خانىشى- ئاماننىساخان»، «ئادالەت ھامىسى سەئىدخان»، «دىۋان مەشرەپكە تۆكۈلگەن قان» قاتارلىق «پوۋىست-ھېكايىلار» توپولاملىرى؛ «داۋان»، «جاللات خېنىم»، «نازىنىن قىزلار»، «شەرەنداز ئايال»، «باھادىرنامە» قاتارلىق رومانلار؛ «ئاتەش قەلب-ساخۋەتلىك زىمىن»، «يوللار ئېسىڭدە بولسۇن» قاتالىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلاملىرى كەينى- كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھېمايىسىگە ئېرىشكەن. شۇنداقلا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولغان. «باھادىرمانە» ئالتە قىسىملىق ئالتە توم تارىخىي رومانى نەشردىن چىقىپ، يېرىم يىل بولماي ئۈچ قېتىم بېسىلىپ، تارقىتىلدى.
ئەل سۆيگەن يازغۇچى ياسىنجان سادىق ئۆزىنىڭ ھازىرقى راسا كۈچىگە تولغان ئوتتۇرا ياشلىق يولۋاس دەۋرىدە يېقىنقى بىرنەچچە يىل ئىچىدە يازغان بىرقىسىم پوۋىست، ھېكايە، نەسىر، ئەسلىھە، ماقالە، سۆھبەت خاتىرىلىرىدىن تۈزۈلگەن ئەدەبىي توپلام «ئالتۇن جۇۋان» دىۋانىنى نەشرگە تاپشۇردى.
بىز ئىتپخارلىق تالانت ئېگىسى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ تېنىگە سالامەتلىك، مول ھوسۇللۇق ئىجادىيەت گۈلئۇزارىغا مۇۋاپپەقىيەت، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك ۋە بەخت-سائادەتلەر تىلەيمىز.

سۇلتان ئۇۋەيىسخان، ئەمىر خۇدايدات، سەركەردە سەيد ئالىي ئالپ، سۇلتان ئىسان بۇغاخان، دوسمۇ ھەممەتخان، سانزا مىرزا، مۇھەممەد ھەيدر مىرزا، سۇلتان يۈنۈسخان، مۇھەممەد ھۈسەيىن مىرزا، سەييد مۇھەممەد مىرزا، شەھرۇخخان، مىرزا ئۇلۇغبەگ، ئەبۇ سەيىد مىرزا، سۇلتان مەھمۇتخان، سۇلتان ئەخمەدخان (ئالاچەخان)، زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر، سۇلتان سەئىدخان، جاھانگىر مىرزا، مەسئۇد مىرزا، يادىكار مۇھەممەت مىرزا، مىرزا ھەيدەر كوراگان، سۇلتانخاتۇن، دۆلەت سۇلتان مەلىكە، خانىش ئېسان دۆلەت بېگىم، خانىش شاھ بېگىم، ئاي جامال ئاغچا، گۆھەر شاد بېگىم، شۇنداقلا ئىشان شەيخ نىزامىدىن خامۇش، خوجائەھراز، مەۋلانە مۇھەممەد قازى، مىرزا ئابابەكرى، مۇھەممەد شەيبانىخان... قاتارلىق تارىخى شەخسلەرنىڭ ئاپتور قەلىمى ئاستىدا يورۇتۇلغان بەدىئىي ئوبرازى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە يارقىن بىر سىيما بولۇپ چاقنىدى.

ئابدۇۋاھىت توختى (ۋاھىدى)

(ئاپتور: قەشقەر شەھەرلىك 10- ئوتتۇرا مەكتەپ پېنسيونېرى)


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار يار بولغاي!
بىزگە تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ سۇنغاي!

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:56:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھادىرنامە كىمدە بار؟ كىم ماڭا ئارىيەت بىرىپ تۇرىدۇ ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:59:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
peacelife212 بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:56 دە يوللىغان
باھادىرنامە كىمدە بار؟ كىم ماڭا ئارىيەت بىرىپ تۇرىدۇ ؟

بىر ساتقۇنلۇق قىلۋېتەيلا (قىسمەتتە بار)

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپ ھەقىقەتەن ياخشى كىتاپ.

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى 12:15:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:59 دە يوللىغان

بىر ساتقۇنلۇق قىلۋېتەيلا (قىسمەتتە بار)


قىسمەت  ئارىيەت بىرىپ تۇرارمۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:24 , Processed in 0.078859 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش