يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 919|ئىنكاس: 21

مەرۋەرى، ساڭا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
722 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:26:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەرۋەرى!
ساڭا ئايان، مەن «تۇغۇلغان كۈن» دېگەندەك شەخسىي خاتىرە كۈنلەرگە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيمەن. لېكىن، بۈگۈن بۇ قىسقا يازمىنى ساڭا بېغىشلىدىم، بۇنى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى ئەمەس، قىسمەتنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ چۈشەنگەيسەن!
ئېسىڭدىمۇ مەرۋەرى، ئىككى يىل ئاۋالقى ھېلىقى كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگىنىمىز، ھەممە كىشى جان قايغۇسىدا قالغان شۇ كۈنلەردە سەن ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۇل قىلالىغىنىم، نەچچە كۈن ئىشخانىدىن چىقالماي يۈرگىنىم ئېسىڭدىمۇ؟!
شۇ كۈنلەردە نۇرغۇن كىشى ئۆز جېنى ھەلەكچىلىكىدە قالغان، مەھەللىدىكى بىز ئاكا، ئاچا دەپ يۈرىدىغان دۇكاندارلار ماللىرىنى نەچچە ھەسسە ئۆستۈرۈپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئالداش كويىغا چۈشكەن ئىدى. كۆپ قىسىم كىشى پەقەت ئۆز غېمىدە قالغان، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلگەن شۇ كۈنلەرنى سەن بىلەن بىز بىللە ئۆتكۈزدۇق. بىر-بىرىمىزگە ئىنسانىي مۇھەببىتىمىزنى ئاتىدۇق. قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بىزدىكى ئىنسانىي خىسلەت بىر-بىرىمىزگىلا ئەمەس، ئەتراپىمىزدىكىلەرگىمۇ مۇھەببەت بېغىشلاشتا ئىپادىلىنىپ كەلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن بىز بىر-بىرىمىزگە ئىشەنسەك بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. توغرا، رېئاللىق ھەممىنى ئىسپاتلاپ قويغانىدى.
ئاللاھقا شۈكرىكى، بىزدە مۇھەببەت پەيدا بولدى، بەخت پەيدا بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى سېنىڭ كۆپ قۇربانلىق بېرىشىڭ، كۈچىشىڭ نەتىجىسىدە ھەقىقىي مەنىدىكى ئائىلە ئاخىرى غەلىبىگە ئېرىشتى.
شۇنداق، بىز ئائىلە قۇردۇق، لېكىن تۇزى سەل كەم بولۇپ قالغان تاماقتەك، بەخىتلىك ئائىلىمىزدە ئازراق بىر نەرسە كەمدەك قىلاتتى. نېمە كەمدۇ؟ سەن ھەممىنى ھەل قىلدىڭ، ئائىلىمىزنىڭ تېتىتقۇسى، تۇزى بولمىش يۈرەك پارىلىرىمىزنى جەم قىلدىڭ، ئۇف... مەن ئۇلۇغ كىچىك تىندىم، مەن خاتىرجەم تۇرمۇشقا قەدەم قويغانىدىم...
سېنىڭ يېتىشلىكىڭكە ھەيران قالاتتىم، ساڭا سۇنغان تۇنجى سوۋغام -«يەتتە قىزلىرىم داستانى»غا قىستۇرغان كۆڭۈل سۆزۈمدە دېگەندەك، بەردەملىكىڭگە قايىل ئىدىم.
سەن تۇرمۇشتىن پەقەت خاتىرجەملىكنىلا ئۈمىد قىلاتتىڭ، ئاللاھ ساڭا شۇ كۈنلەرنى نېسىپ قىلدى. ئۇنى سەن بەردىڭ دەيسەن ھەقاچان، ياق، مەن بەرمىدىم، بۇ سېنىڭ ئېسىللىكىڭگە كەلگەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئىدى.
ئەمەلىيەتتە مەن سەندىن بەكرەك بەخىتلىك، بەرىكەتلىك ياشاۋاتاتتىم. نېمە ئىشلا قىلاي، ئوبدان باشلىناتتى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشاتتى. بالىلاردىن، ئۆيدىن، خىزمەتتىن... ھەممىدىن خاتىرجەم ئىدىم. ئۇخلىسام ناھايىتى خاتىرجەم، قېنىپ ئۇخلىيالايتتىم، خاتىرجەملىك، بەخت چىرايىمغا تېپىپ چىقىۋاتاتتى، قىسقىسى مەن بەخىتلىك ئەر ئىدىم.
قادىر ئاللاھ بۇلارنى سەن ئارقىلىق ماڭا نېسىپ قىلغانىدى
كىشىلەر «خوتۇنىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق» دېيشىدۇ، مەن سەن ئۈچۈن، مۇشۇ بەخىتلىك ئائىلىمىز ئۈچۈن، ھەرنە نامغا رازىمەن!
ئامان بول، ساڭا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن مەرۋەرى!

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:47:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئىسىل تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى بۇ ،چىن يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىققان راس گەپتىن ئارتۇق سوۋغا بولسۇنمۇ جاھاندا ؟سىزگە بەكلا مەسلىگىم كەلدى مەرۋەرى،ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن ،بەختىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن!تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:32:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۈن !


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:56:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ ئېسىمگە شۇ يىللاردىن قوغلاش -قېچىشلار كېلىپ قالدى
شۇ چاغلار ئېسىمگە كېلىپ كۆزۈمدىن ياشمۇ ئەگىدى ، دوستلىرىم ئارىسىدا ئاخىرىدا تونۇشقانمۇ مۇشۇ كۈندىشىم ، ھەممىدىن ئىچەكىشىپ كەتكەنمۇ يەنە مۇشۇ تونۇش دۈشمىنىم ، يىغامدىمۇ ، كۈلكەمدىمۇ ماڭا ھەمرا بولغان قېرىندىشىم ، ئىشقىلىپ ئاللاھ  بىر بەرگەنغۇ ماڭا بۇ دوستنى
مەرۋەرى مۇبارەك بولسۇن ، ئاللاھ سىزنى مۇراد-مەقسىتىڭىزگە يەتكۈزگەن !

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:00:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى تۇغۇلغان كۈنىڭىزكەندە، مۇبارەك بولسۇن. سىزگە ۋە يولدىشىڭىزغا، پەرزەنتلىرىڭىزگە ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت، خۇشاللىق، سالامەتلىك، ئۇتۇق، مۇۋەپپەقىيەت، سالامەتلىك، بايلىق، كۆڭۈل ئازادىلىكى يار بولسۇن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە گۈلدەستە سوۋغا قىلىش، گۈل سوۋغا قىلىش ياراشمايدۇ ھەم ئىسراپخورلۇقتۇر،گۈل پەقەت تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈشكىلا يارالغان، ئۈزۈۋەتسە ۋاقت بىلەن تەڭ قۇرۇيدۇ... مانا مۇشۇنداق سەمىمىي يۈرەك سۆزى ھەممىدىن ئەلادۇر!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
557

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 13:10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

ئۆتكىن مەڭگۈ جۆر بولۇپ، شاھزادىگە ئاق ئاتلىق،
بەخت ئىچرە ئەللەيلەن كۈنۈڭ ئۆتسۇن بەك تاتلىق!
                                                              
(خەندان)

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 14:47:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كېچە ئالدىراش ئىشلەپ تاڭنىڭ سۈزىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرسام، تېلىفۇنۇم سايراپ كەتتى، ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىمنى ئۇۋلاپ ئېچىپ قارىسام ئاپام ئىكەن.
-تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك قىزىم!.

ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرسەم كومپيۇتېر ئۈستىلىمنىڭ ئۈستى ئوماق پەرىشتىلىرىمنىڭ ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ئاتكېرتكا ۋە يازغان خەتلىرى بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ.

كومپيۇتېرنى قوزغۇتۇپ ئېچىپ <<يەتتە قىزلىرىم>> غا كىرسەم، ئەڭ ئېسىل، ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بۇ يەردە تۇرۇپتۇ.
مەن شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك بەختلىك ئىكەنلىكىمنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ يەتتىم، خۇشاللىقتىن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم. تۇغۇلغان كۈنىمدە يىغلىمايمەن دىگەن ئىدىم، ئەمما خۇشاللىق يىغام ماڭا بوي سۇنمىدى، رەھمەت ئاپا، رەھمەت قىسمەت، رەھمەت قىزلىرىم!
مەن سىلەر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈنلا شۇنداق بەختلىك، سىلەر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن مېنىڭ تۇرمۇشۇم شۇنداق مول، مەن ئۈچۈن زېرىكىشنى ھېس قىلىدىغان ۋاقىت يوق.
سەھەردە ئوماق پەرىشتىلىرىمنى سىلاشتۇرۇپ ئويغۇتۇپ چېيىنى بېرىپ يولغا سالىمەن، مانا مېنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىم باشلىنىدۇ.
مەن ئۈچۈن ئاتا-ئانامنىڭ خاتىرجەملىكىنى، يولدۇشۇمنىڭ بەختلىك تۇرقىنى كۆرۈشتىن،  قىزلىرىمنىڭ بەختلىك كۈلكىسىنى ئاڭلاشتىن باشقا بەخت يوق. چۈنكى ئۇلار بەختتىن كۈلسە مەنمۇ كۈلەلەيمەن!
نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى ئويلىغان ئىدىم، ئەپسۇس ھاياجاندىن تىللىرىم كالۋالىشىپ كېتىپ بارىدۇ، بۇ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى مەن بۇ ئۆمۈرۈمدە قۇبۇل قىلغان، ئەڭ ئېسىل، ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بولدى،  ماڭا گۈلنىڭ ۋە ياكى باشقا سوۋغىنىڭ نىمە  كېرىكى، بۇنداق سوۋغىنى ۋاقتى كەلسە بازاردىن پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ھەم بۇنداق بەخت ھەممىلا ئادەمگە مەنسۈپ بولىۋەرمەيدۇ.
ئاللاھتىن بۇ بەختىمىزگە مەڭگۈ، مەڭگۈ كۆز تەگمەسلىكىنى تىلەيمەن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 15:03:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:56 دە يوللىغان
مېنىڭمۇ ئېسىمگە شۇ يىللاردىن قوغلاش -قېچىشلار كېلىپ قالدى
شۇ چاغلار ئېسىمگە كېلىپ كۆزۈمدىن ياشمۇ ئەگىدى ،  ...

ئاجايىپ كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىكەنمىزغۇ!
رەھمەت ئانىرىم ئېسىل تىلەكلىرىڭىزگە، مەن بۇ ياققا يۇرتتا سىلەردەك قېرىنداش سۈپەت دوستلىرىم بولغاچقىلا بۈگۈنكىدەك بەختنىڭ تەمىنى تېتىشقا مۇيەسسەر بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن، قىسمەتمۇ بىلىدۇ، سىلەر مېنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىم، قېرىنداشلىرىم ھەم دوستلىرىم!
ئاللاھ ھەممەيلەنگە ئاسايىشلىك كۈنلەرنى بەرگەي!

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:00:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!ئبەختىڭلارغا كۆز تەگمىگەي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 07:45 , Processed in 0.049518 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش