يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 701|ئىنكاس: 8

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 531 – يول ئاپتوبۇسى پويىزغا سوقۇلۇپ كەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



24–مارت سەھەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە 531–يول ئاپتوبۇسى پويىزغا سوقۇلۇپ كېتىپ ، بەش ئادەم قازا قىلدى . 24–مارت سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:07 دە ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ماڭغان 531–يول ئاپتوبۇسى ، لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى بېكىتىدىن ئەرگۇڭ بېكىتىگىچە بولغان بۆلىكىدىكى K1886+550m لىق جايىدا كېتىۋاتقان 7573 قېتىملىق شەھەر ئەتراپى ساياھەت پويىزىغا سوقۇلۇپ كېتىپ ، نەق مەيداندا ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ ، 50 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، قاتناش ساقچى تارماقلىرى ۋە قۇتقۇزغۇچى خادىملار تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان . ئىگىلىنىشىچە ، ۋەقە سادىر قىلغان ئاپتوبۇسنىڭ تورمۇزىدىن كاشىلا كۆرۈلگەن ئىكەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:49:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇبۇسنىڭ تۇرغان ئورنى سەل دۆڭ بولۇپ، شۇ كۈنى ئەتتىگەندە ئادەم كۈندىكىدىنمۇ بەك كۆپ چىقىپتىكەن، تېخى ماشىنا تۇيۇقسىز جايىدىن قوزغىلىپ كەتكەن ۋاقىتتىمۇ ئىشىككە ئېسىلىپ قالغانلارمۇ خېلى بار بولۇپ، ماشىنىنىڭ تورمۇزىدىن چاتاق چىققانلىقىدىن بىخەۋەر شوپۇردىن قاتتىق رەنجىگەنمىش.
بۇ يەردە شۇنداق بىر پەزىلەت ئىگىسىنى تىلغا ئالغۇم كەلدى، ئۆزى شۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرۈپ، ئاتلان تىل تەربىيلەش مەركىزىگە ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىققا قۇبۇل قىلىنىپ ئىشقا چۈشكىنىگە تېخى ئەمدىلا بىر ھەپتە بولغان پاتىگۈل ئىسىملىك قىزچاق ئاپتۇبۇس رېلىسقا چۈشۈپ توختاپ قالغاندا ئاپتۇبۇستىن ساق- سالامەت چۈشكەن ئىكەن، ئەمما ئاپتۇبۇستىكى بالىلارنى قۇتقۇزۋاتقاندا پويىز كېلىپ بىر پۇتىنى پۈتۈنلەي كاردىن چقىرۋەتكەچكە، ساقلاپ قېلىشقا ئامالسىز قېلىپ كېسىۋەتكەن. ئەھۋالىمۇ تازا ياخشى ئەمەسكەن، ئاللاھتىن بۇ پەزىلەت ئىگىسىگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!
ھالقىلىق پەيتتە بالىلار ئۈچۈن ياش ھاياتىنى ئاتىغانلىقىدەك قەھىرمانلىقى ئۈچۈن سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن!
ئاتلان تىل تەربىيلەش مەركىزىدىكى دوستۇمدىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، كوچىدىلا ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي يىغلاپ كەتتىم.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
232 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:57:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ بىر كەلگۈلۈك بوپتۇ ...تۈنۈگۈن دوستلىرىم بىلەن شۇ پاراڭنى قىلىپ ھەممىمز بىئارام بولدۇق ،ئاڭلىسام Aتىپلىق قان بەك زۆرۈركەن ..ھىچقانداق ياردەم بېرەلمىگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 4

توردا
221 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
786
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:08:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرپۇتى  ،  ئاخشام شىنجاڭ خەۋىرىدە  3 ئادەم قازا قىلدى دەپتۇ   بىر توردا 10 ئادەم قازاقىلغان دەپ كۆردۈم قايسى راست ؟
يارلانغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن  
خۇدايىم ساقلىسۇن  كىچىدە كۈندۇزنىڭ بالا - قازاسىدىن

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 08:04:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا- قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس،پۇت -قۇلىنى سەنگىلىتىپ دىگەندەك............ئاشۇ قەيسەر بەرنا ناتىۋانغا ئۇلۇغ تەڭرىمدىن رەھمەت-شەپقەت،شىپالىق تىلەيمەن.

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوچا ئاپتۇبۇسلىرىنىڭ مەنزىلگە يېتىپ بېرىشىگە ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىش، شۇ سەۋەپلىك شوپۇرلارنىڭ ئۆلە-تىرلىشىگە قارىماي يول تالىشىپ مېڭىشى مانا مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ تۈپ سەۋەپچىسىدۇر.

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 18:11:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەرنى  ئاڭلاپ قاتتىق كۆڭلۇم يېرىم بولدى ،قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسنى 7-8 ياشلىق ئوقۇغۇچى بالىلار دەيدۇ ،راستمۇ بىلمىدىم ،مەيلى راست ياكى قانداق بولسۇن بۇ قىتىمقى بالا قازا بەك ئىچىنىشلىق بوپتۇ ،قازا قىلغانلارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغايسەن ئاللاھىم ،داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ تېزراق ياخشى بۇلۇپ كېتىشىنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:23:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنى قانچە ئازاپلانغاندۇ ...

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 10:01:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان قالغانلارنىڭ ئامانلىقىنى تىلەپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلىدىكىلىرىگە سەۋىر تىلەيلى!
ئاجايىپ بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە بوپتۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:56 , Processed in 0.060245 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش