يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: peacelife212

زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:00:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چىراقنى يېقىپ كىيمىمنى تېپىش ئۈچۈن، كىيىم .ئىشكاۋىنىڭ ئەتراپىنى قانچە قېتىم ئايلانغاندىمەن، ئىشكاپنى تېپىپ ئىچىنى قانچە قېتىم ئاختۇرغاندىمەن،ئۇزۇن يەڭ كىيىملىرىمنى ئىزدىگۈچە تەرلەپ كەتتىم. كىيىملىرىمنى كىيىپ، بېشىمغا ياغلىق تاپالماي، ئۆزۈمنى شۇنداق تىللىدىم. توۋا چولپان ، ئۆلمەيدىغاندەك ھەجەپ ياشاپتىكەنسەن؟ بىرەر ياغلىق تېپىشمۇ مۈمكىن بولمايۋاتامدۇ ئەمدى؟ ئاخىر قولۇمغا مەرھۇم دوستۇم چىمەننىڭ ئۆلۈمىدە چىگكەن تېگى قارا ئاق گۈللۈك شايى ياغلىق قولۇمغا چىقتى. ئاڭغىچە ئايشەممۇ ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقىنى باستى. ئاياقلىرىمنى كىيىپ، زالنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ پەسكەچۈشتۈم.  زالنىڭ ئاشىكىنى ئېچىشىمغا ئايشەم بوينۇمغا ئېسىلىپ ئۈنسىز ئېسە دېدى.
    _ بۇ كېچىدە قوشنىلار نېمىدەپ قالىدۇ؟ بولۇڭلار ماشىنىغا چىقىڭلار! - ئايشەمنىڭ يولدىشىنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن ماشىنىغا چىقتۇق.

دوستۇم روشەن ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ساددا بولۇشتىن سىرت  جەمىيىتىمىزدىكى ھەشەمەتچىلىك رىقابىتى ئەڭ يۇقۇرى كۈچلۈك ، پۈتۈن خوشاللىقىنى مال-مۈلكى ،كىيىم -كېچىكى ،زىبۇ -زىننەت ... دېگەندەك نەرسىلەردىن ئىزلەيدىغان  ، باشقىلارغىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن باھا بېرىدىغان خارەكتىرى كۈچلۈك  ئىدى .، ئۇ تەڭتۇشلىرىمىز ئارسىدىكى ھەشەمەتچىلىكنى ئابرويپەرەسلىكنى قوغلىشىش بەيگىسىدە ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئايال چەۋەندازلارنىڭ بىرى دېسەكمۇ ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى زىننەتلىگەن 85 كۇۋادىراتلىق ئۆيىگە قانائەت قىلماي ،يېڭى ئولتۇراق ئاھالىلار قوروسىدىن 120 كۇۋادىرات ئۆي ئېلىپ ،يۇقۇرى ئىستىمال سەۋىيىسىدە زىننەتلەپ ، جاپدۇق ئېلىپ ،ياسىغان بولسا ،ماشىنا ئېلىش بەيگىسى باشلىنىش بىلەن ماشىنا ئېلىپ ،ئاياللار ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىپ ماشىنا ھەيدەپ ھەممىسىنىڭ ئۆزىدەك ھەشەمەتپەرەسلەرنىڭ ئۆچىگە ئوت يېقىۋەتكەن ئىدى . ئۇ شۇنداق سۆزلەر بىلەن ماختىناتتى ، ئۆزىنىڭ بەختىنى كۆز-كۆز قىلاتتى ... بىچارە دوستۇم ئۆمرىنىڭ مۇشۇنچىلىك قىسقا بولىشىنى بىلگەن بولسا شۇ نەرسىلەرنى ساۋاپلىق ئىشلارغا ئىشلىتىۋالماسمىدى ، ئۇ تېخى دەم ئېلىشقا چىقىپ ئاندىن ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىپ گۇناھلىرىمنى يۇيىمەن دېگەن ئەمەسمىدى ؟ ! ئاللاھ قۇدرىتىڭ ئۇلۇغ ئاللاھ توۋا قىلىپ گۇناھلىرىمنى تونۇۋالغىچەماڭا پۇرسەت بەرگىن ! شۇنداق نىدا بىلەن كۆزلىرىمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلگەن ياشلىرىم يۈزلىرىمنى يۇماقتا ئىدى .يېنىمدا ئولتۇرغان ئايشەمنىڭمۇ ماڭا قارىغىدەك ،ئۆلۈمنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەرگىدەك ئەھۋالى يوق ، ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى .روشەننىڭ  ئۆيىگە ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ئىشىكنى چەكسەك گۈلناز ئىشىكنى ئاچتى ، بىز ئۈنسىز قۇچاغلىشىپ يىغلاشتۇق .ئۆزۈمىزنى شۇنچە باسساقمۇ ئاۋازلىرىمىز بىزگە بويسۇنمايتى .
_ئۆيگە كىرىڭلار ،ھازىر كېچە سائەت بىر بولدى ،قولۇم -قوشنىلارنىڭ بەزىلىرى بىلىپ بولمىدى ، ئەڭ ياخشىسى مىيىتنى ئەكەلگىچە قوشنىلارنىڭ بىلمىگىنى ئۇيقۇسىنى بۇزمىسۇن ،چوڭلارغۇ مەيلى كىچىك بالىلىرى بولسىمۇ ئارام ئالسۇن !-ئايشەمنىڭ ئېرى شۇنداق دەپ بىزنى ئۆيگە ئىكىرگەچ بەزلىدى .
_مەمەت سىز ئەھۋالنى ئېنىقراق بىلدىڭىزمۇ ؟_دېدى گۈلناز ئېسەدەپ تۇرۇپ ،
_ماڭا پەقەت مەخمۇتنىڭ تېلفۇندا «روشەن قارامايدىن كەلگىچە يولدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىپتۇ ،مەن ئاكام بىلەن شۇ يەرگە ماڭدىم ،چوڭلارغا ھازىرچە ئۇقتۇرماي تۇرايلى ، سەن ئايشەمنى ئېلىپ ئۆيگە بېرىپ تەييارلاپ تۇر دېگەن تېلفۇنىنى ئېلىپلا سىلەرنى ئېلىپ كېلىشىم _مەمەت غەمكىن ھالدا يەرگە قارىدى .
_سەن ئۆزۈڭچۇ ؟كىمدىن ئاڭلاپ كەلدىڭ ؟_دېدىم گۈلنازغا
_مەخمۇتنىڭ ھەدىسى قوشنام  مەرزىيە ھەدەم ماڭا تېلفۇندىلا پەسكە چۈشۈڭ روشەن ھادىسكە ئۇچراپتۇ دېدى ،ئۆيگە كەلسەك رامىلە ئۇخلاۋېتىپتۇ .مەرزىيە ھەدەم ھېلى يىغا -زارە بولۇپ كەتسە بالا چۈچۈپ كەتمىسۇن دەپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يولدىشى بىىلەن كۆتۈرۈپ ئېچىقىپ كەتتى ، مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئولتۇرۇشۇم ئىدى .ئۇ يەنە مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى .
_ بولدى ،بىز ئاۋۋال ئۆيلەرنى سەل نېرى-بېرى قىلىۋېتەيلى ،ھەر قاچان روشەننى ئۆيگە ئەكىرىدۇ بىز ئاۋۇ چوڭراق ھوجرىنى بىكارلاپ قويامدۇق ؟!_دېدىم .بىز شۇنداق قىلىپ قويغان تۇتقىنىمىزنى بىلمىگەن ھالدا بىر ئىشلارنى قىلىپ ئۆينى ھازىدارلار ئولتۇرىدىغان ،پەتىچىلەر كىرسە پۇتلاشمايدىغان شەكىلگە ئەكەلدۇق .
_مەمەت سىز يەنە بىر تېلفۇن قىلىڭە ،روشەننىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرغان باشقىلارنىڭ ئەھۋالى قانداقراقتۇ ؟...!ئايشەم ئېرىگە يېلىنغاندەك تەرىزدە قارىدى .
مەمەت تېلفۇننى قولىغا ئالدى،بىزنىڭ كۆزىمىز مەمەتنىڭ چىراي ئىپادىسىدە ،يۈرەكلىرىمىز ئەنسىز دۈپۈلدىمەكتە ...
_ھە ،ۋاي خۇدا ، ھە،ھە قانچىسى ؟ ! قالغانلىرىچۇ ؟! ھە بىلدىم ، بوپتۇ ئالدىرىماي كېلىڭلار !  مەمەت تېلفۇننى قويۇۋېتىپ بىر ھازا چىرايلىرى تاتارغان ھالدا تۇرۇپ كەتتى ،لەۋلىرىى سۇس تىترەيتتى ... كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشقاندەك بىر ھالەتتە مەمەتكە قاراپ قېتىپ تۇراتتىم گۈلناز بىلەن ئايشەممۇ شۇ ھالەتتە  مەمەتنىڭ لەۋلىرىنىڭ يەنە نېمە شۇم خەۋەر يەتكۈزىشىدىن قورقۇپ تىترەپ تۇراتتۇق .
ئەر كىشىدىن ھامان بىزگە قارىغاندا جاسارەتلىك بولىدىكەن ، ئۇ دەقىقە ئىچىدە ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋالغاندەك بىر ھالەتتە پەس ئەمما ئۇرغۇلۇق قىلىپ :_ھامان بولغىلىق بوپتۇ ، ئۆلگەننىڭ ئارقىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ ،ئۆزۈڭلارنى قاتتىق تۇتىۋېلىڭلار ، روشەننىڭ ماشىنىسىدا يەنە نادىرە ،زەيتۇنە لەرمۇ  ، كېتىپ قاپتۇ !-دېدى
كۈتۈلمىگەن بۇ ئېچىنىشلىق  قوش پاجىئە ئەقلىمگە سىغمىغاندەك ، مەن خۇددى خىيالى دۇنيادا تۇرىۋاتقاندەك ،بەدىنىمگە ناركوز ئۇكىلى ئۇرغاندەك دەقىقە ھېچنىمىنى سېزەلمەي قالغاندەك گاراڭ بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . كەڭ بالكون بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن ئەينەكلىپ دېرىزە ئالدىغا كېلىپ سىرتقا قارىدىم .تاشقىرىدا دەھشەتلىك شىۋىرغان ھۆكۈم سۈرەتتى.تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلىشكە باشلاۋاتاتتى ،بوش كوچىلاردا يېنىقلىق تۇرغان كوچا چىراقلىرىنىڭ  سۇس شەپەق نۇرلىرىغا ئۆزىنى ئۇرىۋاتقان پەرۋانىدەك ئۇششاق ھاشارەتلەرنىڭ پىرىلداپ چۆرگىلىگىنىدەك بىر شەكىللەر كۆزلىرىمنى تورلاشتۇرغاندەك  نېم بولدۇم ؟ ئەنە كوچىلار بىردەمدىلا ھۆل بوپ كەتتىغۇ ؟ئانىسىز قالغان بەش نارسىدىنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن سەل بولۇپ ئېقىۋاتامدىغاندۇ ؟!
-ۋاي جېنىم دوستلۇرۇم بۇ قوش ئازابلارغا قانداق چىدارمىز ، قايسىڭلارغا باشتا -قايسىڭلارغا ئارقىدا يىغلارمىز ! ... دېگەن يەر تېگىدىن چىققاندەك بوش بىر مۇڭلۇق يىغا مېنى ئېسىمگە ئەكەلدى .مەن كۆزلىرىمنى چىمچىقلىتىپ بېشىمنى سىلكىدىم ، شىۋىرغاندىن كېيىن سىم-سىم يېغىۋېتىپتۇ . ئارقامغا ئۆرۈلدۈم ، گۈلناز بىلەن ئايشەم ئالقانلىرى بىلەن يۈزلىرىنى توسۇپ يىغلاۋاتاتتى .مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىككىسىنىڭ بېشىنى قۇچاغلىغىنىمچە ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ يىغلىدىم .
   شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلىپ مەھمۇتنىڭ ھەدىسى مەرزىيە ھەدەم ،،روشەننىڭ ھەدىسى رابىيە ،سىڭلىسى رىزۋانلار ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ ئۆي ئىچى يىغا زارىگە تولدى .
_يائاللاھ ئۇكام «چېچىڭنى سۈپۈرگە ،قولۇڭنى كۆسەي »قىلىپ تۇتقان جاھانلىرىڭ قالارمۇ ؟!  بۇ جاھان ھەجەپ ۋاپاسىزكەنغۇ قېرىندىشىم  ، شۇنچە كۆپ ئادەم سىققان مايتاققا سەن پاتمىدىڭمۇ قېرىندىشىم ، تېخى سەن ياشتىڭغۇ ، ئون گۈلۈڭنىڭ بىرسىمۇ ئېچىلمىغانتىغۇ سىڭلىم !... ھۇھۇ  
_ۋاي ئاچام ،چىرايلىق ئاچام ،كۆيۈمچان ئاچام ، ھىچكىم كىيمىگەننى كىيىدىغان ئاچام ،ھېچكىم ئالالمىغان نەرسىلەرنى ئالىدىغان ئاچام ، سېنى كۆرەلمەيدىغانلار جىقتىغۇ ئاچام ،سېنىڭ ئۆلۈمىڭ شۇ كۆرەلمەسلەرنى خوش قىلغانمىدۇ ئاچام !...
  ئىچ-ئىچىمدىن شۇنداق ئېزىلىپ يىغلاۋاتقانتىم، روشەننىڭ  قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ قاملاشمىغان نادانلارچە  قوشاقلىرى بىلەن  كۆز ياشلىرىم توختاپ ، ئۆزۈمنى سەل بېسىۋېلىپ :
_ رابىيە ھەدە  ،ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىڭلار ، تېخى مىيىتنى ئەكەلمىدى ،ھەم بەك ئەتتىگەن  سەبرە قىلىڭلار !دېدىم  . شۇنىڭ بىلەن سەل پەسكويغا چۈشۈپ ئۆلۈمنىڭ جەريانلىرىنى سوراشقا باشلىدى .
_ بىچارە سىڭلىم ئۆيدىن ،ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچكەن بولسا ، ئۇ تويغىمۇ بارماي ئۆيدە ئولتۇرار بولغىيدى ؟ئۆيدە جىدەل قۇرىمىغاچقا ، كۆڭلىنى تالادا بولسىمۇ خوش قىلىپ كېلەي دەپ ماشىنىنىنى ھەيدەپلا كەتكەندۇ ! ۋاي بىچارە سىڭلىم ! ئىسىت سىڭلىم ! رابىيە ھەدە يەنە قوشاق قېتىشقا باشلىۋىدى .
_بالام ،روشەنگۈل بىلەن مەھمۇتنىڭ  نېمە جىدىلى بارتى ؟ _دەپ سورىدى مەھمۇتنىڭ كىچىك ئاپىسى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ :_ شۇ «ھاراقكەش قېرىسا ئىمام بوپتۇ ،بىرنەرسە قېرىسا بۈۋۈم بوپتۇ » دېگەندەك ، مەھمۇتاخۇن نەچچە يىلدىن ھاراق ئىچىپ تانسا ئويناپ رېستۇراندىن كەلمەي رەڭلىك ئولتۇراش ئوينىدى . ئەمدى بىر يىلدىن ئاشتى جىن چاپلاشقاندەكلا ،تۇيۇقسىز ناماز ئوقۇپ ساقاللىقلارغا ئارلىشىپ تالىپ بولىۋېلىپلا ،روشەنگۈلنى ناماز ئوقۇمۇدۇڭ ،ياغلىق چېگمىدىڭ ، ئايېرىڭنى ئوچۇق قويدۇڭ ،ما يېرىڭنى ئوچۇق قويدۇڭ دەپ ،زادى ئارام بەرمىدى ،بىر ئايدەك بولدىغۇ دەيمەن ناماز ئوقۇمىغان ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسا بولمايدىكەن دەپ ياتاقلىرىنىمۇ ئارىۋاپتىكەن ،مەھمۇت مۇسۇلمان ،مېنىڭ سىڭلىم مۇشرىكمىش .. .توۋا ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇسۇلمان دەپ ياراتسا ، بۇ سېرىق تۈكلەر ئەمدى مۇشرىك ،كافىر ،غەيرى مۇسۇلمان دەپ ئايرىپ كېتىدىكەن دىسە ...! ئىسىت ،سىڭلىم مۇشۇنداق نائەھلىگە قىلغان ئەقىدىلىرىڭ ...!
_ رابىيە گەپ سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىۋالسىڭىز بوپتىكەن بالام ، مەھمۇت سىڭلىڭىزنى يامان ئىشقا زورلىماپتۇ ،ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرىپتۇ ،رەھمەتلىك مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك بۇ يولغا ماڭماپتۇ ،ئەگەر ئۆمرۈنىڭ بۇنداق قىسقا بولىشىنى بىلگەن بولسا  مەھمۇتنىڭ ئىسلامغا ماڭغىنىڭ ئۇنىڭ ئامىتى كەنتۇق ! ئىسىت بىچارە قىز ئەمدى تازا پۇشايمان قىلىۋاتقاندۇ ھەقاچان !-دېدى مەھمۇتنىڭ كىچىك ئاپىسى ئۇرغىلىق قىلىپ .
_ۋاييەي شۇنداق دەيدىكەنسىلەر ،ھامان ئۆلىدىغان بولغاندىكىن بىر كۈن بولسىمۇ خوشال ياشاش كېرەكقۇ ؟! مەھمۇتنىڭ يولى توغرىمۇ روشەننىڭ توغرىمۇ ئاللاھ بىلدى !_رابىيە ھەدە قوپاللا جاۋاپ قايتۇردى .
  _ مىيىتنى ئەكەلدى ،مىيىتنى قايسى ئۆيگە ئەكىرىمىز ؟! ئەرلەر كىرىپ گەپلەر ئۆزۈلۈپ ھەممە قالايمىقانلاشتى بىز ھېلى بىكارلاپ قويغان چوڭ ھوجرا ئۆينى كۆرسەتتۇق .روشەننىڭ مىيىتىنى ئەكىرىشى بىلەن تەڭ ئۆي ئىچىدە قايتا ھازا باشلاندى .كىم ،كىمگە ئېسىلىپ يىغلاۋاتىدۇ بىلىشمەيتۇق .دوستلار ،ساۋاغداشلار ،ئۇرۇق -تۇققانلار ،قولۇم-قوشنا ،خىزمەتداشلار بىلەن ئۆي  لىق تولغان ئىدى .يىغا-زارە ئىچىدە تاڭ ئېتىپ كەتكەننىمۇ بىلمەي قاپتۇق ،بىر چاغدا چوڭلار روشەننىڭ ئانىسى بىلەن ئاتىسىنى  ماھمۇتنىڭ ئاتا-ئانىسىنى باشلاپ كىردى . چوڭلار بۇ پاجىئەگە بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك مۈكچىيىشىپلا قاپتۇ .ئاھ خۇدا بۇلارغا قاراپ ھەر قانداق باغرى تاش ئادەممۇ ئۆزىنى تۇتالمايتتى .يىغا زارە يەنە شۇنداق پەريات چېكىشلەر ئارىسىدىن روشەننىڭ قىزى رامىلەنىڭ بىر بۇلۇڭدا يىغلاپ ھېقىقداپ تىلىقىپ قالاي دەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ،بېرىپ ئۇنى باغرىمغا باستىم ، جېنىم قىزىم ،بەختسىز قىزىم ،يىتىم بوپ قالدىڭمۇ قىزىم ... چولپان ئاپا ئاپامغا نېمە بوپتۇ !ئاپامغا نېمە بوپتۇ !؟ مەن قانداق قىلاي ئەمدى ،مەن ئەمدى كىمنى ئاپا دەيمەن ؟چىرايلىق ئاپا ،تاتلىق ئاپام ،ئوماق ئاپام !كىچىككىنە رامىلەنىڭ بۇ يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان نالىلىرى بىلەن ئۆيدە يەنە بىر ھازا كۆتۈرۈلدى .ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدا چىرايى تامدەك تاتىرىپ لەۋلىرى تۆمۈردەك كۆكۈرۈپ ئولتۇرغان مەھمۇت ئورنىدىن ئىختىيارسىز سەكرەپ تۇرۇپ قىزىنى قولۇمدىن يۇلۇپ ئېلىپ باغرىغا باستى .
_جېنىم قىزىم ،ئاپپاق قىزىم ،بىزگە ئاللاھ بار مەن ساڭا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولىمەن ... ھۇ ،ھۇ ئاللاھىم ماڭا مۇشۇ نارسىدە قىزىمغا سەبرە بەر ! يائاللاھ نەچچە سائەتتىن يىغلاۋاتقان پۈتۈن ئاياللارنىڭ يىغىسىغا مۇنۇ بىر ئەرنىڭ  نەچچە مىنۇتلۇق پىغانلىق ھازىسى يەر-زىمىننى تىترەتكەندەك ھەممىمىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزنى زىل-زىلىگە سېلىۋەتتى .
_ سەبرە قىلىڭلار قېرىندىشىم سەبرە !ماھمۇتنىڭ نەچچە ئاغىنىسى سالماق ئاھاڭدا شۇنداق تەسەللى بېرىپ ئۇنى قىزىدىن ئاجراتتى .شۇ ئارلىقتا مىيىتنى يۇغۇچى بۈۋۈملەر كىرىپ كېلىشتى ،ئۇلار ھازىدارلار بىلەن كۆۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پاتەمخان بۈۋۈم ئۈنلۈك ئاۋازدا
بۈگۈن ئۇزىتىدىغان ئۈچ شۇڭا ئالدىراش تۇتۇش قىلمىساق كۈننىڭ ئىسسىقىدا بولمايدۇ .شۇڭا يىغا-زارىنى ئاز قىلىپ مىيىتنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ تەييارلىقىنى تېز پۈتتۈرۈپ مەسچىتكە ئېلىپ ماڭايلى _دېدى .ئەرلەر مىيىتنى ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن تەختىراۋاننى ئەكىرىپ ھازىدارلار مىيىت بار ئۆيگە ئۆزىنى ئېتىپ يىغا-زارە باشلاندى .
بۈۋۈم مېنىڭ بىر تەلىۋىم ،شۇنداقلا بۈگۈن قازا قىلغان ئايالىم روشەنگۈلنىڭ بىر ۋەسىيىتى بار ئىدى شۇنى سىلىگە يەتكۈزىدىغان _دېدى مەھمۇت بۈۋۈمنىڭ ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ يەرگە قاراپ .ماھمۇتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان يىغلاۋاتقانلار يىغىسىدىن ،سۆزلەۋاتقانلار سۆزدىن ،ئىشقىلىۋاتقانلار ئىشىدىن توختاپ ماھمۇتقا قاراشتى .
_ئايالىمنىڭ بىر ئارززۇسى بار ئىدى .تۈنۈگۈن ئايالىم مۇشۇ ئۆيدىن چىققىچە يەنە بىر تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن دېمىسەم «ئامانەتكە خىيانەت » قىلغان بولىمەن . مۇشۇ يەردە تۇرغان ئاتا-ئانام بولسۇن ھەممىڭلار بىلىسىلەر مەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ھەقنى چۈشەنمەستە جاھالىيەت پاتقىقىغا پېتىپ ئاللاھ ئالدىدا بىلىپ -بىلمەي نۇرغۇن گۇناھلارنى قىلغان گۇناھكار بەندىمەن ،ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەم ھەقنى تونۇغان بۇرادەرلىرىمنىڭ دەۋىتى بىلەن ھەقنى تونۇدۇم .قايتىدىن مۇكەممەل مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنداپ چەكلىگەنلىرىدىن ئۆزۈمنى تارتتىم .ئايالىمنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ھەم ئاشۇ بىر تال قىزىمنىڭ ئانىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىمۇ مۇشۇ توغرا يولدا مېڭىشقا دەۋەت قىلدىم .ئاللاھنىڭ ئاياللارغا پەرىز قىلغان ئەۋرەتلىرىنى يېپىش پەرزىنى ئادا قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پۈتۈنرەك كىيىم كىيىپ بېشىغا ياغلىق ئارتىشقا بۇيرۇدۇم .ئەمما بىچارە ئايالىم پەقەت كۆنمىدى .ئەكسىچە بۇنىڭغا قارشى ئىشلارنى ماڭا كۆرسۈتۈپ قىلدى .مەن ئاللاھتىن ئۇنىڭغا ھىدايەت تىلىدىم ،بىر تال قىزىمنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ياتاق ئايرىپ تۇرغان بولساممۇ يەنە سەبرە قىلىپ ئۇنىڭ ئىنساۋىنى كۈتىۋاتاتتىم .  تۈنۈگۈن ئۇ يەنە يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ سىرتقا ماڭدى .مەن ئۇنىڭغا :_روشەن ئايال كىشى ئېرىنىڭ رازىلىقىسىز سىرتقا چىقسا بولمايدۇ ،ئاشۇ بىر تال قىزىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئاللاھتىن قورق!-دېدىم .
_مەن ئاللاھتىن قورقىمەن ،ئەمما سەندىن قورقمايمەن ،ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇستەققىل ياراتقان ئەركىن ياشىغۇم بار ،ئۇنداق يوغان ياغلىق چىگىپ ئۇزۇن كۆينەك كىيمىسەممۇ ،گۇناھلىق ئىشلارنى قىلمىدىم،بىرسىگە قارا سانىمىدىم ،مەن ئاللاھنى دىلىمدا ياد ئېتىمەن .مەن بەرىبىر ياغلىق چەگمەيمەن ،مەڭگۈ ياغلىق چەگمەيمەن ،ئەگەر تاسادىپىي سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆلۈپ كەتسەم بىلىپ قال ئۆلۈكۈممۇ ياغلىق چەگمەيدۇ،مەن يەرلىكىمدىمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق گىرىملىرىم بىلەن يېتىشنى ئارزۇ قىلىمەن ،  بۇ مېنىڭ ئاخىرقى قارارىم !_دەپ چالۋاقىغىنىچە قىزىمنىڭ ئاپا نەگە بارىسىز ؟ دەپ توۋلىشىغىمۇ قارىماستىن چىقىپ كەتتى .مەھمۇتنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگە مۇنچاقتەك ياشلار يۈزلىرىدە دومىلايتتى . ئاۋازلىرى بوغۇلۇپ قالغاندەك ھىقىقداپ بىر دەقىقىدىن كېيىن :_بۈۋۈم مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئۇنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۇنى كېپەللىگەندە بېشىغا لىچەك سالماي يەڭسىز كىپەنلەڭلار !_ئۇنىڭ ئاۋازلىرى  دەرتلىك ئىشتىياقتا تىترەپ كەتتى .
ئۆي ئىچى سۈكۈتكە چۆمدى ،ھەممىمىز بۈۋۈم  نېمە دەركىن دەپ تۇراتتۇق ، روشەننىڭ ھەدىسىنىڭ يېقىمسىز ھازا قوشاقلىرى سۈكۈتنى بۇزدى .
_ۋاي قېرىندىشىم تىرىكلىكىڭدە ساڭا سالغان ئەلەملىرى ئازدەك ،ئەمدى ئۆلۈكىڭگىمۇ ئارام بەرمەيدىغان بولدىمۇ بۇ دەيۈز ، ياغلىق چەگمەيمەن دېسەڭ چەگ دېدى ئەمدى ئامالسىز چېگەي دېسەڭ ياغلىق چەگمىسۇن دەيدىغۇ قېرىندىشىم ،ياغلىقسىز ،يەڭسىز كىيىملەر گىرىم بىلەن كېپەنلىگىچە گۇئەنسەيگە سالىمەن دېسە بولمامدۇ ئوچۇق قىلىپ ! ئەمدى ئۆلۈكىڭگىمۇ ئىگە بولماقچىمىكەن بۇ مەرەز ! _دەپ جارسالسا سىڭلىسى رىزۋان :_ۋاي ئاچام تۇتقان جاھانلىرىڭ كىملەرگە قالار ئاچام ،كورىيەنىڭ پەردىلىرى ئېراننىڭ گىلەملىرى ،فىرانسىيەنىڭ خرىستاللىرى ھەممىسى خەققە قالارمۇ  مەن چىدىمىدىم ئاچام ،بۇ يۈرەكلەر زارداپ بوپ كەتتىغۇ ئاچام !_دەپ قاملاشمىغان قوشاقلارنى قېتىپ ئېچىنىپ  يىغلاۋاتقان جامائەتنى مەسخىرلىك كۈلۈشكە مەجبۇرلاۋاتاتتى .
_بولدى قىلىڭلار ،  قانداق يىغا بۇ ! يىغلىدۇق دەپ شۇنداقمۇ قاملاشمىغان يىغىنى يىغلامدۇ ؟ ئۆلۈم دېگەننى ئاللاھ بىزگە ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن بېرىدۇ . دېمىسىمۇ ئېرى بار ئاياللار تۇرۇپ ئېرىنىڭ رازىلىقىسىز شەھەر ئاتلاپ تويغا بارغان ئىش ئىسلام شەرىئىتىمىزگە چۈشمەيدۇ .گۇناھ بولىدۇ گۇناھ ! مۇشۇ كۈنلەردە  قىز ئاياللىرىمىز بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى . قاراڭلار مۇشۇ ئۆلۈمگە كەلگەن ئاياللارمۇ قىسقا يەڭ ،يۇتىسىنى ئېچىپ چىرايلىرىنى بويۇشۇپ تۇرۇشقان ، ئۆلۈمگە بۇنداق كەلگىچە كەلمەڭ !مەرھۇمنىڭ گۇناھى ئازدەك قاملاشمىغان قوشاق قېتىپ قېرىندىشىڭىزنى يەنە قىينىماقچىمۇ ؟ بولدى بەس بۇ دۇنيادىكى ھېلىغۇ ئۇ ئۆي جابدۇقىكەن  ئالتۇن-يامبۇسى بولسىمۇ قىلچىلىك پايدىسى يوق ،پەقەت بۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىلا ئەسقاتىدۇ .قالايمىقان قوشاق قېتىپ زىددىيەت تاپماي، مەرھۇمنى چىرايلىق ئۇزۇتىپ قويۇڭلار ،ھاياتلىرىڭلار بۇ ئۆلۈمدىن ئىبرەت ئېلىڭلار ! پاتەمخان بۈۋۈم جاراڭلىق ئاۋازدا غەزەپلىك ئاھاڭدا شۇنداق دېگەندىن كېيىن ،ئۆزىدىن جاۋاپ كۈتۈپ تۇرغان مەھمۇتقا قاراپ :_ئوغلۇم ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ توغرا يول تاپقىنىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! ئەمدى ھاياتلىقىدا ئەيشى-ئىشرەتتىن كەلمەي  بىرەر قېتىم مەسچىتكە كىرىپ باقمىغان ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغانلارمۇ ئۆلۈپ كەتسە يەنە شۇ مەسچىتكە مىيىتىنى ئەكىرىپ يۇيۇپ تاراپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئۇزۇتۇپ قويىۋاتىمىز ،ئايالىڭىزمۇ شۇنىڭ قاتارىدا ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ قاتارىدا ئۇزىتىپ قويايلى ،قالغان ئىشلارنى ياراتقۇچى ئىگەم ئاللاغا تاپشۇرايلى _دېدى .
_بالام شۇنداق بولسۇن بۈۋۈمنىڭ دېگىنى دۇرۇس بىز ھەممە ئىشلارنى ياراتقان ئىگىمىز ئاللاھقا تاپشۇرايلى،  ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭ رەھمەتلىكنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن !_دېدى مەھمۇتنىڭ ئانىسى مىشىلداپ تۇرۇپ .
_شۇ ،ئەمەسمۇ ھەممىنى ئاللاھ بىلدى مېنىڭ قىزىمنى ئۇنچىلا ئەيىپلەپ كەتكەنلەرنىڭمۇ جەننەتكە كىرىپ كېتىشى تايىنلىق ،ۋاي بالام ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى يوقكەنغۇ بالام ،ئۆلۈمنىڭ نۆۋىتى بولغان بولسا مەن بالام دېمەي ،سەن ئانام دەپ قالساڭ بولاتتىغۇ بالام ،باغرىم بالام ،جىگىرىم بالام يۈرىكىمنى بىر نەرسە يەپ كەتتىغۇ خېنىم ،ئوتتۇڭىزدا كۆيەمەنمۇ خېنىم ،سۈيىڭىزدە ئاقارمەنمۇ خېنىم ،شۇ بىر تال قىزىڭىزنى كىمنىڭ ئالدىدابويۇن قىسسۇن دېگەنسىز خېنىم ...!دەپ يىغلاپ ھەممىمىزنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېزىۋەتتى .
_مىيىتنى ئېلىپ مېڭىڭلار ،بولۇڭلار ... ئۆيدە يەنە يىغا كۆتۈرۈلدى .ئاتا-ئانىسىغا كۆرسەتمەمسىلەر ؟
_ياق بولمايدۇ !
روشەننىڭ مىيىتىنى كۆرۈپ چىققان ھەدىسى بىلەن سىڭلىسى ئۆزلىرى ئۇرۇپ پەريات چېكىپ ئايلىنىپ قېلىشتى . چوڭلار ئۆيدە قېلىپ ياشلار مىيىت بىلەن تەڭ مەسچىتكە مىيىتنى ئۇزاتقىلى مەسچىتكە ماڭدۇق .مەسچىتتە بۈگۈن ئۈچ مىيىت بىرگە ئۇزىتىلىدىغان بولغاچقا مەسچىت قوروسى ھازىدار ھەم جامائەت بىلەن لىق تولغان ئىدى .بىز مەسچىتنىڭ مەخسۇس ئاياللار كىرىدىغان چوڭ بىر زالىغا كىردۇق .بۇ يەردە ئۈچ ئۆلۈمنىڭ ھازىدارلىرى بىلەن پەتىچىلىرى ھەم  ساۋاغداش دوسلار بىر-بىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ يىغا-زارە قىلىشتۇق .تولا يىغلاپ پۇت-قوللىرىمدا جان قالمىغاندەك ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتىم .بىز ساۋاغداش دوستلار يىغىدىن توختاپ بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇشتۇق .
_روشەن ماڭا ،قارمايغا تويغا بىرگە بارامدۇق دەپ تېلفۇن قىپتىكەن ،مۇھەممەتكە دېسەم ،مايتاغدىكى توي يېتىشمىگەندەك قارمايغا تويغا بېرىپ نېمە بوپتۇ ،ئۆيۈڭدە باللىرىڭغا تاماق ئېتىپ ئولتۇرە دېدى .شۇنىڭ بىلەن روشەنگە تېلفۇن قايتۇرۇپ ئېرىمنىڭ قوشۇلمىغانلىقىنى دېسەم ئۇ رەنجىگەن ھالدا «يائاللا ،قاچانغىچە شۇ ئېرىڭنىڭ قۇلى بولۇپ ئولتۇرارسەن ؟ بارساڭ كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ  قالاتتى ،بوپتۇ خوش ئەمىسە !»دەپ تېلفۇننى قويىۋەتكەن ئىدى . شۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىشىم بولۇپ قاپتۇ !-دېدى يىغلامسىراپ تۇرۇپ .
_ئۇ ماڭىمۇ نەچچە قېتىم «باشقىلار مېنى بەك ياسىنىدۇ ،گىرىم قىلىدۇ دەيدىكەن ،ئەمما مەن ھازىر ساق-سالامەت ياشاۋاتىمەنغۇ ،سەكراتتا يېتىپ قالساممۇ ،گىرىم بىلەن ياسىنىپ يېتىپ ئۇ دۇنياغا كېتەرمەنمىكىن »دېگەن ئىدى ،بايا ئۇنى كۆرگىلى كىرسەم ، ئاللاھ توۋا قىلدىم ئۇنىڭ گىرىم قىلغىدەك ئەمەس كۆرگىدەك ،تونىغىدەكمۇ چىرايى قالماپتۇ ،بەك قورقۇپ كەتتىم ، بىز ھوشىمىزنى تېپىۋالمىساق بولماپتۇ قىزلار !_گۈلناز ئالقانلىرى بىلەن يۈزلىرىنى توسۇپ يىغلاپ كەتتى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:00:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
_مەنمۇ بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن ،روشەنمۇ دەم ئېلىشقا چىقىپ ھەرەمگە بېرىپ توۋا قىلىمەن دېگەن ئىدىغۇ ؟نىسىپ قىلدىمۇ ؟ مانا بىزگىمۇ مۇشۇنداق ئۆلۈم كېلىپ قالسا قانداق قىلارمىز ؟ ياغلىق چگىپ ناماز ئوقۇماي تۇرۇپلا مۇشۇ ھالەتتە كەتسەك ئاللاغا نېمىمۇ دەرمىز ؟!مەن ئالدىراپ قالدىم -دېدىم يىغلاپ تۇرۇپ
_ماشىنا دەھشەت قاتتىق سوقۇلۇپتىكى كۆرسەڭلار ئىچىدە ھېچكىم ساق قالمىدى دەپ ئويلايسىلەر ئەمما ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ماشىنىدىكى تۆت ئادەمنىڭ ئۈچى ئۆلۈپ بىرى ھايات قاپتۇ ،نادىرەنىڭ مىڭىسىگە قان چۈشۈپتۇ بىز بارساق تېخى جان ئۈزمەپتىكەن ،مان بېرىپ ئۇنىڭ بېشىنى قولۇمغا ئالسام ماڭا قاراپ باللىرىم ...دېگىنىنى ئاڭلىيالىدىم كۆزلىرى ئوچۇق ھالەتتە كېتىپ قالدى ،زەيتۇنەنىڭ جىگىرى ئېزىلىپ كېتىپتۇ ،ئۇ يېرىم يولدا بەك قانسىراپ كېتىپ كېتىپ قالدى . ئۇمۇ باللىرىمغاياخشى قاراڭ دەپ يولدىشىغا يىغلاپ ۋەسسىيەت قىلالىدى . روشەن شۇ يەردىلا تۇتقان رولىغا قىسىلىپلا جان ئۈزۈپتۇ ماشىنىنىڭ ئەينىكى چىرايىنى بۇزىۋېتىپتۇ ،مەرۋاننىڭ بىر قولى جەينىكىدىنلا ئۈزۈلىپ كېتىپتۇ ،پۇتى نەچچە قوۋۇرغىسى سۇنۇپتۇ ،ئەھۋالى خېلى ئېغىر بولسىمۇ قىزىنىڭ تەلىيىگە جېنى ئامان قاپتۇ . ھازىر دوىتۇرخانىدا جىددى داۋالىنىۋاتىدۇ .ئەڭ يامانى قاتناش ساقچىلىرى كېلىپ ئۇلارنى تەكشۈرگەندە ھەممىسىنىڭ قېنىدا ئىسپىرت چىقتى ._دوختۇر دوستىمىز رەيھان پەس ئاۋازدا شۇنداق دېدى .
_سەن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايغا بېرىپسەندە ؟
_شۇ كۈنى مەن دىجورنى ئىدىم خەۋەرنى ئاڭلاپلا دوختۇرخانىنىڭ ماشىنىسىدا بارغانتىم ،ئەمما ئاللاھتىن كەلسە بىز بەندىنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىكەن ،ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىمدا جان ئۈزۈشلىرىگە قاراپ تۇرۇش ماڭا بەك ئېغىر كەلدى ... رەيھان يىغلىۋەتتى .
_بۇلارغا كۆز تەگدى جۇمۇ ؟شۇ كۈنى تويدا ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ تانسا ئويناپ تويدىن چاڭ چىقىرىۋەتكەن ئىدى ،ئۇلارنىڭ كىيىملىرىدىن تارتىپ گىرىملىرىغىچە شۇنچە ئېچىپتىكەن ،تويدىكىلەر بۇ نېمانچە شوخ ،نېمانچە چىرايلىق چوكانلاردۇ ؟! دېيىشىپ سۆزلەپ كەتكەنتى !_دېدى بىزدىن چوڭراق بىر  چوكان ھاياجانلىنىپ .
_سىزمۇ شۇ تويدا بارمىدىڭىز ؟_دېدى ئايشەم چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ،
-تويى بولغان لار ماڭا تۇققان كېلەتتى مەن تويدا بار ئىدىم .-دېدى
  مەرھۇملارنىڭ يىراق-يېقىندىن كەلگەن تۇققانلىرى كىرگەندە يەنە يىغا -زارە بولاتتى .بۈۋۈم ياكى ھاجىم خېنىملار پات-پات« بولدى يىغلىماڭلار يامان بولىدۇ »دەپ تەسەللى بېرەتتى .
_يائاللا ،ميىتنى نەدىنمۇ مەسچىتكە ئەكىلىپ يۇيىدىغاننى چىقاردى مۇشۇلار ،بۇ يەردە يە كەڭ-كۇشادە يىغلىغىلى بولمىغان ،ئەسلى مەسچىتكە ئايال كىشى كىرسە يامان بولىدىكەنغۇ ؟!-دېدى  سۇڭ ۋۇكۇڭنىڭ كىنوسىدىكى جىنلاردەك بويىۋالغان چاچلىرىنىڭ ئۈستىگە لېنتىدەكلا بىر گاز ياغلىقنى بوشلا چىگىپ يېشىنىڭ 40 يېقىنلاپ قالغىنى بىلەن ھېساپلاشمايلا تار پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن تار مايكا كىيىۋالغان ،چوكان ناھايىتى رەنجىگەن ھالدا قاش-قاپاقلىرىنى سۈزۈپ .
_مېنىڭچە مىيىتنى مەسچىتتە يۇغىنى توغرا بولدى ،ئۆيلىرىمىز بىنا بولغاچقا نەچچە قېتىن مىيىتنى تەختىراۋاندا ئېلىپ چۈشىۋاتقاندا يىقىتىۋالغان ئىشلار بولدى ،ئۆيلەر بەك تار بولغاچقا ،ئۆلۈم كۈنى مىيىتنى يۇغىچە قولايسىزلىقلار كۆپ بوپ كەتتى .مەسچىت دېگەن ئاللاھنىڭ ئۆيى تۇرسا ھەم پاكىز ھەم ئىسسىق سۇلىرى تەييا قولايلىققۇ ؟_دېدى بىر بۈۋۈم چۈشەندۈرۈپ .
_مەسچىتكە ئاياللار كىرسە بولمايدىكەنغۇ ؟بىز كىرىپ ئۆزۈمىزگە گۇناھ ئارتىپ يۈرۈيمىز مانا ،_دېدى ھېلىقى چوكان يەنە قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ .بۈۋۈم بۇ سۇئالغا دەماللىققا نېمە دېيىشى بىلەلمەي تۇراتتى .
_مەسچىت دېگەن ئاللاھنى ئۆيى ،مۇسۇلمانلار ئىبادەت قىلىدىغان جاي تۇرسا نېمىشكە ئاياللار كىرسە بولمايدىكەن ؟ئاياللار رېستۇرانغا كىرپ ئەرلەر بىلەن تانسا ئوينىسا بولىدۇ ،رەستىلەردە ئۆزىنى بازارغا سېلىپ يۈرسە بولىدۇ ،مەسچىتكە كىرسە بولمايدۇ ؟بۇ  كىمنىڭ پەتىۋاسىكەن ؟!
مەن بۇ جاراڭلىق دانىمۇ-دانە سۆزلىگەن ئايالغا ئالدىراپ قارىدىم . قاشلىرى قارا كۆزلىرىدىن زىرەكلىكى چاقناپ تۇرىدىغان 33-34 لەردىكى ھىجاپلانغان  چوكان ،ھېلىقى پادىچىلار شىمى كىيىۋالغان چوكانغا مىقتەك قادىلىپ تۇراتتى .
_ۋاي مەن نەدىن بىلەي ،ئىشقىلىپ ئاياللار كىرسە بولمايدۇ ،يامان بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان !بەلكىم تاھارەتسىز ،ياغلىقسىز بولغاچقامىكىن ...!
_گۇناھلىق بولىدىغان رېستۇرانغا كىرمەڭلار شەيتاننىڭ ئۇگىسى بارلىق ناشايان ئىشلار شۇ يەردە بولىدۇ ، دېسە ھەجەپ پەرۋا قىلماي كۈندە رېستۇراندىن كېلەلمەيمىز ،ئەجەپ مەسچىتكە كىرسە بولمايدۇ دەپ قويسا ئىتائەت قىلىپ كىرمەي كېتىدىكەنمىز ؟سىز مۇسۇلمان بولغاندىكىن ياغلىق چىگىپ يۈرۈڭ ،تاھارەت بىلەن يۈرۈڭ ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەلەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم دەۋرىدە ئاياللار مەسچىتتا ئەرلەر بار تەرەپكە بىر پارچە رەخ توسۇپ قويۇپ ناماز ئوقۇيدىكەنتۇق ،تەبلىق ئاڭلايدىكەنتۇق . بىزچۇ ؟ شۇ تاھارەت ئېلىشتىن بېشىمىزگە ياغلىق چىگىشتىن قېچىپ مەسچىتكە كىرىشكە بولمايدۇ ،دېگەن پەتىۋانى ئۆزۈمىزگە قالقان قىلىپ يۈرۈيمىز ، مانا بۈگۈنكى مۇشۇ ئۈچ ئايالمۇ ياغلىق چەگمىگەن ،ناماز ئوقۇمىغان ،مەسچىتكە كىرسە بولمايدۇ ،دەپ رېستۇرانغا كىرگەن ئەمدىچۇ ؟ئاللاھ جېنىنى ئالغانتى ئامالسىز يەنە مەسچىتكە كىرىپ ياتتى .ئەمدى ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارسا نېمىمۇ دەر ؟! ئاللاھ مۇشۇ ئۆلۈم ئارقىلىق بىزنى مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنى ئىبرەت ئالسۇن ،ھۇشىنى تېپىۋالسۇن دەۋاتىدۇ .بۇلارغا قىيامەن جېنى چىقىش بىلەن تەڭ باشلىنىپ كەتتى .ئىمان دېگەننىڭ جەۋھىرى ياخشىلىققا چاقىرىپ يامانلىقتىن توسۇش شۇڭا بۇ يەردە بىلگىنىمنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇش مېنىڭ مەجبۇريىتىم بولۇپ قالدى .چۈنكى قىيامەت كۈنى مەن مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغىنىمدىن جاۋاپ بېرىمەن .ھەق گەپ ئاچچىق بولىدۇ ، گەپلىرىم قاتتىق كەتكەن بولسا توغرا چۈشىنەرسىلەر _دېدى ھىجاپلىق چوكان سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ .
_ۋاي بالام ياغدەك گەپ قىلدىلا رەھمەت ! دېدى ھېلىقى بۈۋۈم  ھىجاپلىق چوكانغا ھەۋەس بىلەن قاراپ .بۇ تېتىملىق سۆزلەر توختاپ قالماسلىقىنى تىلەيتتىم ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدىغان نۇرغۇن نېمە ئۈچۈنلەرنىڭ بىرەرسىنى بولسىمۇ ، سوراي دېگىچە مىيىتنىڭ نامىزىنى چۈشىرىدىكەن دەپ ھەممىسى ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ يىغا باشلىنىپ كەتتى   
مىيىتلەرنىڭ نامىزى بىر-بىرلەپ چۈشۈرۈلىشكە باشلىدى ، يىغا-زارە ئىچىدە ئۈچ تاۋۇت ئارقا-ئارقىدىن مەسچىت دەرۋازىسىدىن تۇپراق بېشىغا ئېلىپ مېڭىلدى ... راست گەپنى قىلسام بۇ  جەريانلارنى بىرمۇ -بىر  تەسۋىرلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ ،كۆزلىرىمنى ئاچچىق ياش توسۇۋېلىپ قەلىمىمنى قويۇپ كۆز ياشلىرىمنى ئېيتىپ يېنىك ئېسەداۋاتىمەن .يازساممۇ قايسى بىرىنى يېزىپ بولالايمەن ؟ نادىرەنىڭ ئانىسىنىڭ يىغلاپ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىلغىنىنىمۇ ؟ زەيتۇنەنىڭ  قىزىنىڭ نەچچە ئايلىنىپ نەچچە ھۇشىغا كەلگىنىنىمۇ ؟زەيتۇنەنىڭ پارالىچ بولۇپ قالغان ئانىسىنىڭ ئەمدى قىزسىز ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا قالغىنىنىمۇ ؟!تاۋۇتنى ئېلىپ ماڭغاندا چوڭى 12 ياشتا كىچىكى 5 ياشتىكى بەش بالىنىڭ ئانا دەپ چۇقۇراشلىرىغا قانداق چىداي !ئاھ خۇدا يۈرەكلىرىم ئامبۇردا قىسقاندەك ئاغرىپ كەتتى ، ئاللاھقا ئامانەت ، دوستلۇرۇم ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرسۇن ! يۈرەكلىرىم شۇنداق نىدا قىلىۋاتقان بىلەن ئاغزىم گەپكە كېلىدىغاندەك ئەمەس،  قەلبىمنى  تەنھالىق ، ئەنسىزلىك ، قورقۇنۇش چۇلغۇۋالدى .يۈرۈكۈمنى مۇجۇۋاتقان پۇشايمان ،نېرۋىلىرىمنى تورمۇزلىۋالغان ئازاب كۆزلىرىمدىن تۆكۈلىۋاتقان ياشلار  بۇ ئايرىلىشنىڭ قانچىلىك  ئاچچىق ئازابلىقىغا گۇۋاھ ئىدى .قەلبىمنىڭ چوڭقۇر تەكتىدىن  ھەي چولپان !ئۆزۈڭنى گۇناھلىق ئىشلاردىن تارت ، مۇشۇ دوستلۇرىڭدەك ئاشۇ تاۋۇتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنى دوزاقنىڭ ئوتىدىن قۇتقۇز !دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىۋاتاتتى . ئاللاھ مېنى كەچۈر ،ئاللاھ مەن توۋا قىلىپ مۇكەممەل مۇسۇلمان بولغىچە ماڭا ئۆمۈر بەرگىن ...!مەن نېمانچە نادان ،نېمانچە تۇزكور ئاللاھ ماڭا پۇرسەت بەرگىن يۈرۈكۈمدىن چىقىۋاتقان بۇ نادامەت ئوتلىرىدا قەلبىمنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن بۇرجەكلىرىمۇ پىژىلداپ كۆيۈۋاتاتتى ...
    تاۋۇتلار شۇنداق تېزلىكتە ئېلىپ كېتىلدى .دوستلىرىمىزنى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن بىز بىر-بىرسىمىزگە ئېسىلىشىپ، بالىلىق دەۋرىمىزنى ئەسلەپ ، دوستلۇق مۇھەببىتىمىزنى تەرىپلەپ قوشاق قېتىپ يىغلاپ ئەتراپتىكى ھەممىنى تەسىرلەندۈرۈپ يىغلىتىۋەتتۇق ،ئەمما دوستلىرىمىزنىڭ كەتكىنى كەتكەن بولدى ، «زەپمۇ زەپ ئۆلگەنگە زەپ »دېگەندەك ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ بىز بىلمەيتتۇق .پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھەشەم -دەرەم ئۆرپە-ئادەت قائىدە -يوسۇن ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى ئاۋارە قىلىش ھەلەكچىلىكىدە يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق . (داۋامى يېزىلىۋاتىقدۇ ...)
مەرھۇم دوستلىرىمنىڭ ئۆلۈم نەزىر چىراقلىرىنى تۈگەتكىچە ھېرىپ -ھالىمدىن كەتتىم ،جىسمانى جەھەتتىن ھارسىغۇ نەچچە سائەت قېنىپ ئۇخلىۋالسا ھاردۇقى چىقىدىكەن ئەمما روھى جەھەتتىن چارچىسا ،رەھەڭىزغا تەسىر قىلغان شۇ تۈگۈن يېشىلمىگىچە ئادەم ئارام ئالالماي بەك قىينىلىدىكەن .مەن مانا شۇنداق روھى چارچاشنىڭ قىسماقلىرىدا قىسىلماقتىمەن .زەيتۇنە بىلەن نادىرەنىڭ نەزىر-چىراقلىرىغۇ ئۆزۈمىزنىڭ بۇرۇنتىن ئۆتكۈزىۋاتقان قائىدىلىرىمىز بويىچە تالاش-تارتىششسىزلا ئۆتۈپ كەتتى .ئەمما روشەننىڭ ھېلىقى ئۆلۈم كۈنىدىن باشلاپ مەھمۇت بىلەن روشەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تالاش-تارتىشى بىلەن نۇرغۇن خاپىلىقلار ئاخىرى ئىككىگە بۆلۈنۈش بىلەن ئاخىرلاشتى ،بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈم ئۈچۈن گەپنى مىيىتلەرنى ئۇزاتقان كۈنىىدىن باشلايمەن .بۈۋۈملەر نادىرە بىلەن زەيتۇنەنىڭ ئۆيىدە ئۇلارنىڭ تەھلىسىنى ئوقۇپ بولۇپ روشەننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ،مەھمۇت چىرايلىق ھۆزۈر بىلەن بۈۋۈملەرگە  ئوقۇش بىدئەت ئىش ئىكەنلىكى ئۈچۈن تەھلىلىسىنى ئوقۇتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى .بۈۋۈملەر ئۆيگىمۇ كىرمەستىن قايتىشتى .ئۆيدىكى بۈۋۈملەرنى ساقلاپ ئولتۇرۇشقان ئاياللار سىرتتا بولغان ئىشنى ئاياللارغا خەۋەر قىلىپ كىرگەندە ،غولغۇلا يۇقۇرى پەلەككە چىقتى ،ئاۋۋال روشەننىڭ ھەدىسىرابىيە  چۇقان كۆتۈردى .
_قانداق دېگەن ساراڭ نېمە ئاۋۇ !تەھلىلىنى ئوقۇش دېگەن مۇسۇلماننىڭ ئىشى تۇرسا نېمىشقا ئوقۇتمايدىكەنمىز ؟ گەپ قىلمىسا ھەددىدىن ئاشتىغۇ ئەمدى ،بولدى بۇ ئۇنىڭ ئۆيى بولسا ،مەن ئۆيۈمدە بولسىمۇ سىڭلىمنىڭ تەھلىسىنى ئوقۇتىمەن !جۈرۈڭلا !ۋاي قېرىندىشىم ،دەرتلىرىڭنى بىلمەپتىكەنمەن قېرىندىشىم ،ھەسرەتلىرىڭنى چۈشەنمەپتىكەنمەن قېرىندىشىم ،مۇشۇ ساراڭ ئەر بىلەن ياشىغىچە ئۆلگىنىڭمۇ ياخشى بوپتۇ قېرىندىشىم !... دەپ ھازا ئاچتى .
_ بالام سەۋرى قىل ، ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ سىڭلىڭنىڭ نەزىر-چىراقلىرىنى تۈگىتىپ كېتەيلى ،ئەل-جامائەت ئالدىدا ئويۇن قويمايلى بالام !-دېدى روشەننىڭ ئانىسى يىغلامسىراپ تۇرۇپ .
_ۋاي ،ئانا قىزىڭنىڭ تەلىسىنى ئوقۇتمىغان ئادەم نەزىرسىنى قىلىپ بېرەمۇ ؟ئاچامنىڭ گېپىگە كىرىپ ئۆيۈمىزگە كېتىپ ،بىزمۇ تۆتنىڭ بىرى بولغاندىكىن ئاچامنىڭ نەزىر-چىراقلىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز !ۋاي ئاچام كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن ئاچام ! ئېرىڭ قىلمىسا مانا بىز بىر تۇققانلىرىڭ بار ئاچا ،دوست-دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئالدىدا ۋاي نەزىرلىرىنى ئەجەپ ياخشى قىلدى دېگۈدەك ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز ئاچا !دەپ سىڭلىسى رىزۋان يىغلاشقا باشلىدى ،بۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن قوشۇلغان قوشاقلارنى ئېسىمگە ئېلىپ ئۈلگۈرمىدىم ،ھەممىمىز بۇ ئۆلۈمگە ئېچىنىپ يىغلاپ كېتىپ باراتتۇق ،بۇ قېتىم مېنىڭمۇ ئاچچىقىم كەلدى ،مەھمۇتنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىدۇ ؟ دەپ ئويلايتتىم .شۇ ئەسنادا مەھمۇت نەچچە ئەركىشى بىلەن ئۆيگە كىرىشتى .
رابىيە ھەدە مەھمۇتنى كۆرۈپلا :
_ئورنۇڭدىن تۇر ئانا ،تۇققانلار سىڭلىمىز تۈگەپلا بۇ ئۆيدە بىزنىڭ ھەققىمىز قالماپتۇ ،قوپۇڭلار بىزنى دەپ كەلگەنلەر ھازىنى چوڭ ئۆيگە يۆتكەيلى ،تەلىسىنى ،نەزىر-چىراقلىرىنى چىرايلىق ئۆتكۈزۈپ سىڭلىمىزنى ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ تېچ ياتقۇزايلى دېدى يىغلاپ تۇرۇپ .
_مېنىڭ چۈشەنچە بېرىشىمگە كۆنسەڭلار مەن مەقسىدىمنى دەپ باقاي يەنە كۆنمىسەڭلار كەتسەڭلار مەيلى دېدى مەھمۇت سىلىق قىلىپ .
_ئوھۇي ئاكا چۈشەندۈرۈشىڭنى قويۇپ سۇئالىمغا جاۋاپ بېرە ،نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزەمسەن يوق ؟!رابىيە ھەدە مەھمۇتقا مىقتەك قادالدى .
_ئىسلام دىنىدا نەزىر ئۆتكۈزۈش يوق شۇڭا ئۆتكۈزمەيمەن -دېدى بوش ئاۋازدا
_ نېمە قىلىش بار؟
_سەدىقە قىلىش بار!
- ئۇ سەدىقىلىرىڭنى يۇرتتىكى قەلەندەر تۇققانلىرىڭغا بېرەرسەن !قۈرۈڭلار ئىش تۈگىدى دېگىنىچە رابىيە ھەدەم بىرىنچى بولۇپ سىرتقا ماڭدى ،شۇنىڭ بىلەن روشەننىڭ تۇققانلىرى يېقىنلىرى ھەممىسى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتى .
_چولپان بىز قانداق قىلىمىز؟_دەپ نوقۇدى ئايشەم
_بىز ئاۋۋال مەھمۇتنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلاپ باقايلى ئاداش ،بېشىم قېيىپلا قالدىغۇ ،_دېدىم ئۈمچىيىپ يىغلاپ .بىز ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ئۆيگە كىرگىنىمىزدە مەھمۇتنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇققانلىرى يەنە ئۇلارنىڭ تىلى بويىچە قېرىنداشلىرى ساقاللىق ئەرلەر بىلەن ،ئورانغان ئاياللار قالغان ئىدى .
_بالام ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ،روشەنگۈلنىڭ ئىشلىرىنى ئاشۇلارنىڭ دېگىنىچە ئۇزۇتۇپ بەرسەك ياخشى بولاتتى ،مانا ئىككىگە بۆلۈنۈپ ھەممىمىزگە كۆڭۈل ئاغرىقى بولدى ،جامائەت ئالدىدىمۇ سەت ئەمەسمۇ ؟!_دېدى مەھمۇتنىڭ ئانىسى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز ياشلىرىنى ئېيتىپ تۇرۇپ .
_ئانا بىز مۇسۇلمان بولساق ئادەمدىن ئەمەس ئاللاھتىن قورقۇشىمىز كېرەك ، مەن شۇلارنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن قورقوپ تەلىسىنى ئوقۇتۇپ نەزىر قىلسام بولامتى ؟ قىيامەتتە ئاللاغا نېمە دەرمەن ؟!
_قېرىندىشىمىز مەھمۇتقا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،كاتتا ساۋاپلىق ئىش بولدى ،مەريەمخان ئانا سىلى رەنجىمىسىلە ،ئوغۇللىرى ئاللاھ خوش بولىدىغان ئىش قىلدى ،بەندىنىڭ رايىغا بارساق مەڭگەۈ رازى قىلالمايمىز دېدى ساقاللىق بىر ئەر تەمكىن ھالدا
._مەن ئەجەپ چۈشەنمىدىم ،بۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ تەلىسىنى ئوقۇتۇدىغان ئىش ئەزەلدىن بارتىغۇ ؟نېمىشكە ئوقۇسا بولمايدۇ ؟مەن قايىل بولغىدەك چۈشەندۈرمىسەڭلا ئا ئۆيگە كېتىپ نەزىرگە قاتنىشىمەن -دېدىم تېرىككەن ھالدا ھەممىسىگە قاراپ
_بىز ئاياللار ئايرىم ئۆيگە كىرىپ بىردەم پاراڭلاشساق بوپتىكەن _دېدى ئورۇنىۋالغان كۆزلىرى يوغان ھېلىقى مەسچىتتىكى ئايال ماڭا قاراپ .
بىز ياندىكى گىلەم يەكانداز سېلىپ قويغان كەڭ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇشتۇق
_بۈگۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن مۇشۇ سورۇنغا يىغىلىپ قاپتۇق ،دەپ سۆز باشلىدى سېلىقى ئورانغان ئايال سۆزلىرىنى دانىمۇ -دانە قىلىپ ،
سۆزۈمنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاللاغا دۇئا قىلىۋالايلى«بارلىق مەدىيلەشلەر ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاغا خاستۇر ،ئاقىۋەتتىكى غەلبە ،تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر تېنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەت سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە  ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىگە ۋەئۇنىڭ بارلىق ساھابىلىرىگە ھەم قىيامەتكۈنىگىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن ياخشى كىشىلەرگە بولسۇن ئامىن !دېۋىدى ھەممىسى ئامىن دەپ قول كۆتۈردى بىزمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ تەڭ قول كۆتۈردۇق .دۇئادىن كېيىن مىڭەمنى قوچىۋەتكەن نېمە ئۈچۈنلەرگە ئاجايىپ بىر ناتىقلىق بىلەن چۈشەنچە بېرىشكە باشلىدى ._سىز ھېلى تەھلە ئوقۇش توغرىسىدا سۇئال سورىدىڭىز ،تەھلىلدە نېمە دەيدىغاننى بىلەمسىز _دەپ سۇئال قويدى ماڭا
_لئىلەھە ئىللەللاھ مۇھەممىدىن رەسۇلىللا دەيدىغا؟ بۇ ياخشى گەپ بولغاندىكىن دېسە نېمە بولىدۇ دەيمەندە ؟!
_دېگىنىڭىز توغرا ، ئەمما شۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەمسىز ؟لئىلاھە ئىللەللاھ دېگەن ئاللاھبىر ،دېگەن سۆز ،مۇھەممىدىن رەسۇلىللاھ دېگە مۇھەممەت ئاللاھنىڭ رەسۇلى دېگەن سۆز بۇ ئىمان كەلىمىسى ئخمان ئېيتقاندا مۇشۇ سۆز بىلەن مۇسۇلمان بولىمىز ،  سىزدىن سوراپ باقاي ،ئىمان دېگەننى تىرىك ئادەم دەپ مۇسۇلمان بولىشى كېرەكتۇ ؟
_شۇنداق تىرىك ئادەم دەپ مۇسۇلمان بولىدۇ _دېدىم
_ئۇنداقتا بۈگۈن روشەنگۈل  ئۆلۈپ كەتتى .ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئىمانىنى يېڭىلىغىنى بولارمۇ ؟ئۇ ئۆزى ھاياتلىقىدا دېمىسە ،ياكى ئاغزىدا دېگەن بىلەن ئەمەل قىلمىسا .ئۆلگەندىن كېيىن باشقىلار ئوقۇپ قويسا مۇسۇلمان بولارمۇ ،!... يەنە چۈشىنىشلىك بولۇش ئۈچۈن مۇنداق مىسال ئالايلۇق روشەنگۈل لەغمەنگە ئامراق ئىدى ،ئەمما ييەممەي ئۆلۈپ كەتتى سىز ئۇنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭئۈچۈن لەغمەن يەپ بەرسىڭىز ئۇنىڭ بەدىنىگە قۇۋۋەت بولارمۇ ؟
_ياق ، بۇ مۈمكىن ئەمەس، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا ئەمدى ئۇنىڭغا ... دەپلا يىغلىۋەتتىم .كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ،ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز شۇڭغىچە ئۆزۈمىز ئىمان ئېيتىپ ئەمەل قىلمىساق بۇ دۇنيادىكىدەك  پۇلىمىزغا ۋە باشقا ئىمتىيازلىرىمىزغا ئىشىنىدىغان ئارقا ئىشىك يوق_دېدى .
_ئەمدى بالام پايدىسى بولمىسىمۇ زىيىنى بولماس مۇشۇنداق خاپىلىق تەرگەندىن ئوقۇپ قويسا نېمە بولىدۇ ؟_دېدى ياشقا چوڭراق ئايال
_توغرا كۇرۈنىشتە زىيىنى يوق دەيسىز ئەمەليەتتە زىيىنى كۆپ ،قانداق دېگەندە بىزنىڭ ئۇغۇر مۇسۇلمانلىرىمىز ھاياتلىقىدا تەلىسىنى ئوقۇش ئەمەس ھەتتا نامازمۇ ئوقۇمايدىغانلار نىڭ ئۆلۈپ كەتسە بالا-چاقىلىرى ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئابايقىدەك چۇقان كۆتۈرۈپ تەلىسىنى ئوقۇتۇپ ،نەزىرسىنى قىلىپ ،نەچچە قارىمنى چاقىرىپ قۇرئانىنى ئوقۇتۇپ جەننەتكە يولغا سالغاندەك خاتىرجەم ئولتۇرىشىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئەپ-چۆرىسىدىكى شۇ مەرھۇمغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ پۇللىرىغا ،بالىلىرىغا ئىشىنىپ شۇنداق كېتىۋېرىدۇ ئاخىرىدا دوۋزاققا يول ئالىدۇ . ئەگەر تەھلە ئوقۇشنىڭ خاتا پايدىسىزلىقىنى ئېنىق بىلسە ،ئۆزلىرى ئوقۇيدۇ ،باششقىلارغا يۆلۈنىۋېلىشتەك نادانلىقتىن قۇتۇلىدۇ ئەمەسمۇ ؟
قەلبىمدىكى چىگىش خىياللار بۇنداق بىرەر قېتىملىق چۈشەنچىلەر بىلەن يېشىلىدىغاندەك ئەمەس ،ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلىگەندەك خىياللىرىمدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلايمەن ئەمما ھېچقايسىنىڭ يېشىمىنى چىقىرىپ بولالمايمەن ... بۈگۈن ئىشقا مېېڭىش ئالدىدا ئەينەك ئالدىدا بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم ،نەچچە كۈندىن دوستلۇرۇمنىڭ نەزىرلىرىدە چىگىپ يۈرگەن ياغلىقىم قولۇمدا قانداق قىلىشىم كېرەك ؟! شۇمۇ دىلىغۇل بولىدىغان ئىشمۇ چولپان ؟ چىگە بېشىڭغا بولمىسا روشەندەك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسەڭ قانداق قىلىسەن ؟ ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداق بارىسەن ؟ قەلبىمنىڭ تەكتىدىن بۇيرۇلغان بۇ بۇيرۇق بىلەن مەن ياغلىىمنى چېكىلەپ چەگدىم ئۇزۇن قارا يوپكا بىلەن ئوتتۇرا يەڭ كوپتامنى كەيدىم . ئىشخانىغا كىرگىنىمدە ھەممىسى سەل ھەيران بولغان بولسىمۇ ،سۇئال سورىمىدى ،توۋا كوچىغا چىقتىممۇ نۇرغۇن تونۇشلىرىمنى ئەنسىزلىككە سەپ قويدۇم ،مەن بىلەن سالاملىشىپلا :
_ بىرەر ئىش بولدىمۇ يا ؟
_قانداق دەيسىز ؟
_ياغلىق چىگىۋاپتىكەنسىز يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى !
_ھە ، ياغلىقىم ئېسىمدە يوق ،نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن ، مۇسۇلمان بولغاندىكىن چىگىۋالدىم ،دېدىم سەل ئوڭايسىز ھالدا چۈشېنچە بېرىپ .
بۇنداق سۇئاللار تولا سورىلىۋەرگەندىن كېيىن كۆنۈپمۇ كەتتىم . ئەمدى توي-تۇكۈن ،چاي-پايلارغا قىسقىسى رېستۇران ،نەغمە-ناۋا بولىدىغان جايلارغا بارغۇم كەلمەسلا بوپ قالدىم ،بەزى ساۋاغداش ياكى دوستلىرىم ئۇچرىغان يەرلەردە :-سېنى دوستلىرىغا بەك قاتتىق قارىلىق تۇتىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلايمىزغۇ ؟ دېگۈچىلەرمۇ بولدى. ھېچكىمگە پەرۋا قىلمىدىم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبارىكاتۇھۇ !  مۆھتۈرەم خانتەڭرىلىكلەر ،ئەسىرىمنى سۆيۈپ ئوقۇپ ،ماڭا ئىلھام بېرىپ ئىنكاسلارنى يېزىۋاتقان ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ،خانتەڭرى مۇنبىرىدىكى رەڭ  ئىنىمنىڭ ۋاستىسى بىلەن بىزنى مۇنبەردە غايىبانە بولسىمۇ دىدارلاشتۇرغان ئاللاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن !
ئەسىرىمنىڭ داۋامىنى يازماقچى ،ئەمما ھەرىكىتىم ئاستا بولۇپ قېلىشى مۈمكىن ،چۈنكى مەن بىر ئالدىراش ئايال  بەزىدە ۋاقتىم يوق ، ۋاقتىم بولغاندا ئىلھام بولماي قالىدىغان ئىشلارمۇ بار ... شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ ئەسەرنى غەلبىلىك يېزىپ چىقىشىم ئۈچۈن يېقىندىن ياردەمدە بولىشىنى مەدەت بېرىشىنى ھەم يول كۇرسۇتۇپ تۇرىشىنى خالايمەن .قۇدرەتلىك ئاللاھتىن قەلىمىمگە قۇۋۋەت، قەلبىمگە ئىلھام، ئەسىرىمنى دىنىم ئۈچۈن مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان پايدىلىق ئەسەر قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمەن ئامىن !
                    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

                                      (زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى ) داۋامى

      شۇنداق يۈرگەن كۈنلەردە ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئايال ئەدىپلەر يىغىنىغا تەكلىپ  كەلدى . بۇرۇنقى ۋاقتىم بولىدىغان بولسا بۇنداق يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشى مەن ئۈچۈن روھى جەھەتتىن ئارام ئالىدىغان  ئاجايىپ ياخشى پۇرسەت ئىدى . چۈنكى كونا يېڭى قەلەمكەش دوستلار بىلەن ئۇچرىشاتتىم . ئۇلار بىلەن ھال-مۇڭ بولاتتىم ،لەرزان مۇزىكىلارغا ۋالىسقا پىقىرىسام ،قىززىق چاق-چاقلارغا ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ ئاجايىپ ئەركىن ھالدا قاقاقلاپ كۈلەتتىم ... مانا ھازىرقى روھى ھالىتىمدە مەندە ئۇ ئىشلارغا نسبەتەن قىلچىمۇ قىززىقىش يوق ! شۇ يىغىنغا بارسام شەيتاننىڭ ئۇگىسىغا بارىمەن ،شۇ يەردە ھازىرقى ھالىتىمنى ساقلاپ قالالارمەنمۇ ؟ دېگەن ئەنسىزلىك مېنى دېلىغۇل قىلىپ تۇراتتى .شۇنداق مۈجۈمەل تۇرغىنىمدا تېلىفونۇم سايرىدى .
ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ـ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،چولپان قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش ؟
ـ ئەھۋالىم مۈجۈمەل خەدىچە خانىم ،
ـ نېمىشكە ؟
ـ سىلەرنىڭ ئاپتونۇم رايوندىن يىغىنغا چاقىرىق كەپتىكەن ،شۇ بارايمۇ؟بارمايمۇ دەپ ئىككى تايىن بولۇپ تۇراتتىم .
ـ بۇ بىزنىڭ ژورنال بىلەن يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ بىرلىشىپ ئاچقان يىغىنى، مەن سېنى بۇ بۇ تەكلىپنى كۆرسە تازا خوش بوپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانتىم ، بۇنداق پائالىيەتلەرنى بەك ياخشى كۆرەتتىڭغۇ ؟ نېمە بولدى ؟
ـ ئۇنداق يازغۇچى ، سەنئەتچىلەر يىغىلغان يەر دېگەن شەيتاننىڭ ئۇگىسىكەن مىكروپ كۆپ  ،بېرىپ يۇقۇملىنىپ قالارمەنمۇ ؟ دەپ ئۆزۈمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن .
ـ ۋاييەي ،بىردەمدىلا ھەرەمدىن كەلگەن ھاجىلاردەكلا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىڭغۇ ؟ بۇرۇن بۇنداق يىغىنغا كەپ باقمىغانمۇ ؟
ـ شۇ بۇرۇن شۇنداق شەيتاننىڭ ۋىروسىدا يۇقۇملۇنۇپ ئاز دەت تارتتىممۇ ئاداش ؟!ئۆزۈمنى ئەمدى دېزىنفىكسىيە قىلىپ تازىلىنىۋاتقاندا  دەيمەنغۇ ؟!
ـ ئاداش بۇ قېتىمقى يىغىنغا زۇمرەتمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ،يېنىمىزدا روھى دوختۇرىمىز بولغاندىكىن ۋاكسىنا ئۇردۇرۇپ تۇرساق ۋىروسمۇ يۇقتۇرىۋالماسمىز ،كېلە تولا نېزىقىماي !
ـ زۇمرەتمۇ  قاتناشسا بارسام بولغىدەك
ـ شۇنداق ،مېنىڭ كارايىتىم چاغلىق ،زۇمرەت بولغاندىكىن كەلگىن ...
ـ تولا كىنايە قىلما جېنىم ،قەلبىمنى چۈشىنىشىڭنى تىلەيمەن .
ـ مەن سېنى بەك چۈشەنگەنلىكىمدىن لۇغىتىمدىن چولپاندىن  رەنجىش دېگەن سۆزنى چىقىرىۋەتكەن ئاللىقاچان !تولا گەپكە تۇتماي مېڭىشقا تەييارلان ،خىزمەت بېسىمى ،ئائىلە بېسىمى يەنە نۇرغۇن بېسىملىرىڭ يېنىكلەپ كەيپىياتىڭ كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ - دېدى خەدىچە ماڭا كۆيۈنگەن ھالدا .
يىغىنغا بېرىش ئۈچۈن كىيىم  ئىشكاۋىمدىكى قىسقا يەڭ كۆڭلەك ،كوپتا ،كالتە يوپكىلارنى ئەمدى كىيىشكە راھىم يوق ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن تىكتۈرۈپ  قويغان ئۇزۇن يەڭ كۆڭلەك ،كوپتا يوپكىلىرىمنى ھەم ئۆزۈم شۇ كىيىملىرىمگە ماسلاشتۇرىۋالغان ياغلىقلىرىمنى چىگىپ يولغا چىقتىم .
  يىغىن ئېچىلىدىغان يەرگە بېرىپ تونۇش يازغۇچى ،شائىر ،تەرجىمان ،مۇخبىر دېگەندەك ھەدە ،سىڭىللىرىم بىلەن ئېسىلىشىپ خوشال كۆرۈشكەندىن كېيىنلا، ئۇلارنىڭ دىدارلاشقاندىكى تەبەسسۈم ياكى خوشاللىق قاپلىغان چېھرىنى دەررۇ بىر ئەنسىز ،ياكى ماتەمدەك بىر ئۆزگۈرۈش جىلۋە قىلىدۇدە ماڭا سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراپ :
ـ نېمە ئۆيدە بىرەر ئىش بولدىمۇ ؟ -دەپ سوراشتى .
مەن چىرايىمدىكى تەبەسسۈمنى ئۆچۈرمىگەن ھالدا ياق ،ھېچ ئىش بولمىدى دېگىنىمدە
ـ ئەمىسە ،ياغلىق چېگىۋاپسىزغۇ ؟!ـ دەپ سوراشتى .
ـ ياش بىر يەرگە باردى ،مۇسۇلمان بولغاندىكىن چىگىۋالدىم ،دېگىنىمدە ،ئاپام دېمەتلىك يازغۇچى دوستۇم تامارا ھەدەم  چىرايلىرىنى پۈرۈپ تۇرۇپ :
ـ سىز دېگەن تېخى كىچىكتۇرسىڭىز ،بىز جېنىمىزدا ياغلىقنى ئويلاشمىساق ،سىز بىر زىيالى ،يازغۇچى تۇرۇپ نېمانچە ئاڭسىز ئادەملەردەك بۇنداق خۇراپىلىشىۋالىلغانسىز ؟ بەكلا بالدۇرغۇ ؟!-دېسە
يەنە بىر چوڭ گېزىتخانىنىڭ خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن يېشى ئاللىقاچان 50كە بېرىپ بولغان بولسىمۇ ،تېخىچىلا يېشى ئوتتۇزغا بارمىغان قىزلاردەك تىلىمىز بويىچە بەك مەدەنى يۈرۈيدىغان مۇخبىر سانىيە  ھەدەم ماڭا مۇخبىرلارغا خاس سىنچى كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ :
- چولپان سىزگە چوقۇم بىر ئىش تەسىر قىپتۇ ،شۇنداقمۇ ؟ -دېدى ناھايىتى يېقىنلىق بىلەن
ئۇنىڭ شۇ تاپتا ماڭا تىكىلىپ تۇرغان سىنچى كۆزلىرى مەندىن جاۋاپ كۈتىۋاتاتتى ،مېنىڭ جاۋابىمغا يەنە مۇخبىرلارغا خاس سۆزمەنلىكى بىلەن جاۋاپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتاتتى . ئەمما مەندە بۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن تەبەسسۈم قىلىپ تۇرماقتىن باشقا ئىلاجىم يوق ئىدى .چۈنكى مەندە ھازىر بۇ كىيىنىشلىرىم ئۈچۈن ئۈلۈپ كەتسەم ئاللاھنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن قورقتۇم  دېيىشتىن باشقا جاۋابىم يوق ئىدى .بىراق بۇ ئوقۇغان جاھان كەزگەن ،ئۆزلىرىنى ئەڭ بىلىملىك چاغلاپ جەمىيەت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئاۋانگارت بولىۋاتىمىز ،ئەڭ توغرا يولدا كېتىۋاتىمىز دەپ ئويلاپ ئۆزلىرىنى جەمىيەتنىڭ ئەڭ ئىلغارلىرى دەپ قارايدىغان بۇ ھەدىلىرىمگە ئۇ ‹ئۆلۈم › دېگەن سۆزۈم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بولالمايتتى .چۈنكى ھازىرقى جەمىيەتتە نەققە قىززىقىدىغان ،كۆز ئالدىدىكى پايدىنىلا كۆرۈپ باشقا بىلەن ھېساپلاشمايدىغان  كىشىلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار بەكمۇ يىراقتىكى نىسى ئىش ئىدى .شۇنداق دېسەم نۇرغۇنى ئۆلگەندىن كېيىن بىر گەپ بولار دىيىشى چوقۇم ئىدى .چۈنكى مەنمۇ تېخى يېقىندىلا شۇنداق بىخۇتلۇق ئىچىدە  ياشاۋاتقان گۇناھكار بەندە ئىدىم ...
ـ ئەتە يىغىنغىمۇ مۇشۇنداق ياغلىق بىلەن چىقامسەن ؟ـ دېدى كۆزلىرىمگە مەنىلىك قاراپ
ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن كىيىنىشلىرىم ئۇنىڭ كۆزىگە سىغمىغانلىقىنى چۈشەندىم ،چۈنكى بىز ئۇزۇن يىللىق سىرداش دوستلار بىر –بىرىمىزبىلەن تىلىمىز بىلەنلا ئەمەس كۆزلۈرىمىز بىلەنمۇ سۆزلىشەلەيتتۇق .
ـ شۇنداق ،ياغلىق دېگەننى چىككەندىكىن ئالماي چىگىدىغان گەپ ،ئەرلەرنىڭ شىلەپىسى بولمىسا يە ئۆيگە كىرسە ئېلىۋېتىدىغان ،ياغلىقىمدىن نومۇس قىلىۋاتامسەن ؟ كۆزۈڭگە مەتۇدەك كۆرۈنىۋاتقان ئوخشىمامدىمەن ؟ شۇڭا بۇ يىغىنغا كېلىشكە باشتىلا كۆڭلۈم تارتمىغان ئىدى زادىلا !-دېدىم بايىدىن بېرى ھەممىسىنىڭ مەسخىرىگە ئوخشاپ كەتكەن سۇئاللىرىغا جايىدا رەددىيە بېرەلمىگىنىم ئۈچۈن ھەممە ئاچچىقىمنى خەدىچەدىن ئېلىۋاتاتتىم.
ـ نېمانچىلا تېرىكىسەن جېنىم ،سەن بىر ئوقۇغان زىيالى ،ھەم خىزمەتتىكى ئايال تۇرۇپ ھەجەپ بالدۇرلا ياغلىق چېگىۋالغىنىڭغا دەيمەن ،ھەممىسى سېنىڭ ياغلىقىڭ توغرىسىدا غۇل-غۇلا قىلىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئىبادەتنىمۇ دىلىدا بىلىپ قانچە يوشۇرۇن قىلسا شۇنچە ياخشى دېگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغاندەك قىلغانتىم ،كېيىنچە باشقا ئىشلىرىڭغا ياغلىق تاقىشىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم .
ـ خەدىچە ،رەھمەتلىك دوستۇمىز چىمەنمۇ تېخى خىزمەتتە ئىدى ،ئاللاھ ئۇنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىشىنى كۈتمەستىنلا ئېلىپ كەتتى ،ئۇ جان ئۈزگەن چاغدا سەنمۇ بار ئىدىڭغۇ ؟... يېقىندا كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان  ئۈچ دوستۇم قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتتى ئاداش ...مەنمۇ شۇنداق تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسەمچۇ ؟ئاللاھنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن ؟خەدىچە مەن ئۆلۈمدىن ،ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىپ سوراق قىلىنىشتىن قورقۇپلا چېگىۋالدىم بۇ ياغلىقنى ،ساڭاھازىر  بۇنىڭدىن باشقا چۈشەنچە بەرەىدەك بىلىمىممۇ يوق !-دېدىم يىغلامسىراپ تۇرۇپ .
ـ بوپتۇ ئاداش ئۆزۈڭ ئۇنداق ئويلىغان بولساڭ بۇ سېنىڭ ئەركىنلىكىڭ !-دېدى خەدىچە ئېغىر ئۇھ تارتىپ .ئۇنىڭ بۇ ئۇھسىنىشلىرىدىن مېنىڭ بۇ ئىشىم ئۇنىڭغا پەقەتلا ياقمىغانلىقىمنى ئۇ ئامالسىزلا ھە دەپ قويۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم چۈنكى بىز تىنىقلىرىمىز بىلەنمۇ مۇڭدىشالايدىغان دوستلار تۇرساق !
ـ زۇمرەت سېنىڭ كېلىدىغىنىڭنڭ ئاڭلاپ بەك خوش بولغان ئىدى ،ئەمما ئۆيىگە چەتئەلدىن مېھمان كەپ قاپتۇ ئەتە ئەتتىگەنلىككە يىغىنغىلا ئۈلگۈرۈپ كېلىدىغان بولدى .
خەدىچە مېنى ياتىغىمغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ؛
ـ ئاداش ،دەم ئېلىپ تۇر مەن بۆلۈمگە چىقىپ نېمە ئىشلار  باركىن قاراپ باقاي ھېلى كەچلىك تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى بىللە چىقىمىز ،دەپ چىقىپ كەتتى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:01:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتاقلاردا ،كارىدورلاردا ئاياللارنىڭ بىر-بىرى بىلەن خوشال سالاملاشقان ،كونا تونۇشلارنىڭ ئالا-چۇقان سېلىپ كۇرۇشكەن ئاۋازلىرى بىلەن تولغان ئىدى .مەن قەشقەرلىك سىڭىل دوستۇم شائىرە گۈلزىبانىڭمۇ بۇ يىغىنغا كېلىدىغانلىقىنىڭ ئېسىمگە ئېلىپ دەرۋازا  ئالدىغا چىقىپ بېقىش ئۈچۈن بىنادىن چۈشتۈم ،گۈلزىبا ئككى كۈننىڭ ئالدىدا  ماڭا تېلفۇن قىلغان ئىدى ،مېنىڭمۇ بۇ يىغىنغا بارىدىغىنىمنى بىلىپ ،كۆرۈشىدىغان بولدۇق دەپ ناھايىتى خوش بولغان ئىدى ،مېنىڭمۇ ئۇ تاتلىق مىسرالارغا باي سىڭلىمنى كۆرگۈم كەلگەن ئىدى . ھېلى ياتىغىمدىن بىر كارۋاتنى شۇ گۈلزىباغا ئاتاپ تىزىملىتىپ قويغان ئىدىم ،دەرۋازىدا ئانچە ئۇزۇن تۇرماستىنلا ئۇ سىڭىلچاقمۇ تاكسىدىن چۈشتى بىز ناھايىتى قىزغىن ھالدا  قۇچاغلىشىپ كۆرۈشتۇق .ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا تېچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن ئۇ سىڭلىممۇ ئەندىككەن ھالدا :ـ چولپان ئاچا ،بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ دېدى
-    بولدى ،خېلى چوڭ ئىش بولدى سىڭلىم دېدىم تەبەسسۈم بىلەن
-    ماڭا ئەجەپ دېمەپسىزغۇ ؟ ئۇنىڭ چىرايىدىكى كۇرۇشكەن چاغدىكى خوشاللىقلارنىڭ ئورنىغا  قايغۇ ئەنسىزلىك ئالماشتى .
-    مانا ئەمدى كۆرۈشكەندە دېمەمدىم ؟
-    روھىمدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولىۋاتىدۇ ،مەن ئەسلىمنى ئىزدەۋاتىمەن ،مېنى مەن نەدىن كەلدىم ؟ نەگە بارىمەن دېگەن سۇئاللار ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالدى - دېدىم
-    ئىشلەۋاتقانسىز ؟
-    ئەلۋەتتە
-    بىز ئۇياقلاردا خىزمەتتىكىلەر رومال چەككىمىز بولسىمۇ نېمىشقىدۇر چېگەلمەيمىز –دېدى توۋا دەيمەن ، بۇ قىزمۇ ماڭا بىرەر ئېغىز بولسىمۇ مەن راھەتلەنگىدەك سۆز قىلالمىدى ،خۇددى ماشىنا ئادەمدەكلا نادان قاراشلار ...ئۆزى قىلالمىسىمۇ كۆڭلىدىكى  راس گېپىنى بولسىمۇ ھاياجانلىنىپ   ياكى مەيۈسلۈك بىلەن دېگەن بولسىمۇ مەيلىتىغۇ ؟ خۇددى يېنىمىزدا بىرسى پىلىموت تەڭلەپ تۇرغاندەكلا نېمانچە ئەنسىزدۇ ؟.. كۆڭلۈم بەكلا غەش بەكلا غېرپ ھالەتتە گۈلزىبانى ياتاققا باشلاپ كېتىۋاتىمەن بىناغا كىرىپ لېفىتتىن چىقىۋېتىپمۇ ئۈنسىز ھالدا يېنىمدا گۈلزىبا تۇرسىمۇ دۇنيادا يالغۇز قالغاندەك غېرپسىنىپ  كەتتىم .
-      ياتاقتا تونۇش-بىلىشلىرىمىز بىلەن كۇرۈشۈپ تاغدىن –باغدىن پاراڭلىشىپ بولغىچە كەچلىك تاماق ۋاقتى بوپ قاپتۇ ،خەدىچەمۇ ياتاققا كىردى. كەچلىك تاماققا ئورۇنلاشتۇرغان زالغا كىردۇق . تاماقتىن كېيىن مۇزىكا چېلىنىپ ئۇسسۇل –تانسىلار باشلىنىپ كەتتى ،سورۇندا ئاياللار كۆپ بولغاچقا ئاياللار بىلەن ئاياللار بىر-بىرىنى تارتىپ تانسىغا پىقىرىشىۋاتاتتى .
-    - چولپان ئاچا ۋالىسقا بەك ياخشى پىقىرايتۇققۇ ؟ قوپۇڭە بىرەر مەيدان ئويناپ قويايلى –دېدى گۈلزىبا قۇلىغىمغا پىچىرلاپ .
-    كەچۈرۈڭ ،سىڭلىم مەن ئۇ ئىشلاردىن قول ئۈزدۈم ،پەقەت مەيلىم يوق –دېدىم غەمكىن ھالدا .
-    توۋا نېمە بولغانسىز ! - گۈلزىبامۇ ئوڭايسىز ھالدا شۇنداق دەپ قويدى .
بىر چاغ ساز توختاپ شىئېر دىكلاماتسىيە قىلىش باشلىنىپ كەتتى ،پىشقەدەم خەلق شائىرلىرىمىزدىن نەچچىسى ناھايىتى تېتىملىق شىئېرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ بەردى ،بىر چاغدا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سالاسى بىلەن بىر چوكان چىقىپ شىئېر دىكلاماتسىيە قىلدى .
ـ قەلىمى ئەجەپ ياخشى ئىكەن ،بۇ كىمۇ ؟-دەپ سورىدىم يېنىمدىكى گۈلزىبادىن
ـ سىز تېخى تونۇمامسىز ؟ -گۈلزىبا تەئەججۈپلىنىپ كۆزلۈرىمگە قارىدى .
ـ ياق ،تونۇمايدىكەنمەن ،
ـ ئانارگۈل بارات دېگەن شائىرەمىز شۇـ دېدى .
ـ ۋاي خۇدا مۇنداق دەڭە ؟ بۇ قىزنىڭ شىئېرلىرىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم ،ئەمما ئۆزىنى پەقەتلا كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ، ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەستىن ھەۋەس بىلەن قاراپ ئولتۇراتتىم .ئانارگۈل شىئېرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئالقىش سادالىرىدىن سەل ھاياجانلىنىپ قالدىمۇ ،بىلمەي قالدىم سەھنىدىن چۈشمەستىنلا :
ـ خانىملار ،بىز يازغۇچى شائىرلار جەمىيەتنىڭ ئاۋازى بولىشىمىز ،ھەممە ئىشتا ئالدىدا مېڭىشىمىز ،مۇھەببىتىمىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قورقماستىن جاكارلىشىمىز كېرەك !ئەرلەر يېرىم دۇنيا بولسا بىزمۇ يېرىم دۇنيا بىز جۇدۇنلۇق بىلەن بىرلەشكەندىلا پۈتۈن دۇنيا بەرپا بولىدۇ !... يەنە نېمىلەرنى دېدىكىن ئىشقىلىپ جەڭگىۋار شۇئارلارنى توۋلاپ ئاىىرىدا قېنى مۇشۇنداق كەسپداشلار ،قەلەمكەشلەر جەم بولغان ئالتۇندەك ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئوينايلى !دەپلا يېنىدىكى مۇزىكانتلارغا بىر بۇيرۇق قىلىۋېدى جاڭ-جۇڭ قىلىپ مۇزىكا باشلىنىپ كەتتى ،ئانارگۈل راستىنلا قالتىس تەشەببۇسكارلىق بىلەن  بىلەن قاسىلدىتىپ  ئۇسسۇلغا چۈشكىنىچە ئەرلەرنىڭ ئۈستىلەگە ماڭدى .
ـ ئانارگۈل ئۇسسۇلنى مەيداندا ئوينىماي نەگە ماڭدى ؟ -يېنىمدىكى بىر ئايال قەلەمدىشىم بىزگە قاراپ شۇنداق سورىۋىدى ،ئىچىمىزدىكى سۆزمەندىن بىرسى :
ـ بايامقى باياناتىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ ؟ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇھەببىتىمىززنى قورقماستىن جاكارلاپ ،دۇنيانى پۈتۈنلىگىلى ئەرلەرنىڭ ئۈستىلىگە ماڭدى ئۇ شائىرەمىز !-دېۋىدى ھەممىمىز پارەققىدە كۈلۈشتۇق ،بەزىلەر ئۆزۈنى باسالماي خېلىغىچە پىخلداپ كۈلدى ،بەزىلەر ئانارگۈلنىڭ جەڭگىۋارلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلگەنلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشۈپ ئانارگۈلگە جۆر بولۇش ئۈچۈن ئۇسسۇلغا چۈشۈشتى .مەن كۆڭلۈمدە بۇ شائىرەمىزنىڭ ئاشۇ تاتلىق مىسرالىرىنىلا كۆرۈپ ئۆزۈنى كۆرمىسەم بوپتىكەن دەپ ئارمان قىلىپ قالدىم .
شۇئان يېنىمدىكى گۈلزىباغا : -سىز بىردەم ئولتۇرامسىز؟-دەپ سورۇدۇم .
-    قانداق ؟چىقىپ كېتەي دەمسىز ؟-دېدى
-    پەقەت ئولتۇرغۇم كەلمىدى ،
-    مەنمۇ يولدىن كەلگىچە چارچاپ قاپتىمەن چىقىپ كېتەيلىچۇ –دېدى شۇنىڭ بىلەن ياتاققا قايتىپ چىقىپ خۇپتەن نامازلىرىمنى ئوقۇپ بولۇپ تۇرغۇنىمدا ،كارىدوردا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن ئۇلارمۇ سورۇنىنى تۈگىتىپ كىرىشتى .
-    ئەمدى كارۋىتىمغا چىقىپ يېتىۋالاي دەپ تۇرغۇنىمدا تامارا ھەدەم مېنى تولاپ كىردى –قېنى سىز چولپان !جۈرۈڭ بىزنىڭ ياتاققا ،بىردەم مۇڭدىشىمىز ،مېنى سېغىنمىدىڭىزمۇ ؟ توۋا مۇشۇنداق ئاران بىر كەلگەن پۇرسەتتىمۇ كۆزگە ئۇيقۇ كېلەمدىغاندۇ ؟قاچان بىزلەر كۆرۈشمىگىلى بىز  سىلەردەك قەلەمكەش دوستلۇرىمىز  قىزلىرىمىز  بىلەن مۇڭدىشىمىز دەپ ئۆيگە كەتمەي ياتاقتا ياتتۇق –دېدى شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئۇ پىشقەدەملەرنىڭ ياتىغىغا كىرىپ ئولتۇردۇق .تونۇمايدىغانلارنى تامارا ھەدەم تونۇشتۇرىۋاتاتتى .
-    مانا بۇياق ،قۇمۇل ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچىسى ھەم  ياخشى ھېكايىلىرى بىلەن تونۇلىۋاتقان ياش يازغۇچىمىز ھەنىپە تۇردى ،بۇ قورغاستىن يېڭى –يېڭى ھېكايىلىرى بىلەن تونۇلىۋاتقان يازغۇچىمىز   زاھىدە ئابدۇل ،بۇياق تاتلىق شىئېرلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىۋاتقان ياش شائىرەمىز ئانارگۈل بارات ،بۇياق نېفىتلىكتىكى ياش يازغۇچىمىز چولپانقىز ،بۇ قىزىمىز بىزدەك  ئاقۋاش ئانىلىرى چېچىمىزنى بوياپ ياشىرالماي قىينىلىۋاتساق ،ئالدىراپ ياغلىق ئارتىۋالغان بىلەن ئەسەرنى كۆز ياشلىرى بىلەن يازىدىغان ئوت يۈرەك قىزىمىز ...بۇياق گۈلزىبا مىسرالىرى ئاجايىپ تاتلىق شائىرەمىز ... شۇنداق تونۇشتۇرۇشلار ھەم چۈشەندۈرۈشلەردىن كېيىن ئانارگۈل باشقىلارنىڭ رايىغا باقماستىن يېزىۋاتقان بىر داستانىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئوقۇشقا باشلىدى ،داستان تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،نەچچىسى بولدى ياخشى يېزىلىپتۇ نەشرگە بېرىڭ دەپ باقسىمۇ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى ئاخىر ژورنالدىكى بىرسى ئەكىلىڭ ئەسىرىڭىزنى مەن كۆرۈپ باقاي دەپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆز-ئارا سۆھبەت ،دەت تۆكۈش ھال-مۇڭ بولۇشلارغا چۈشتۇق ،ئاىىرى قورغاسلىق چوكان يۇمۇر ئېيتىپ بەرگۈسى كېلىپ يۇمۇر باشلاشتى ... مەن ئۇلارغا ئانچە جۆر بولالمىدىم ،پەقەت قىززىق گەپلەر چىققاندا كۈلۈپ سالاتتىم ئارقىدىنلا ئاپلا دەپ ۋايىم يەييتىم .بۇنداق ئەنسىز ئولتۇرغاندىن چىقىپ ئۇخلاپ ئەتتىگەنلىك نامازغا قوپايچۇ !ئۇلارنىڭ قىزغىن پاراڭغا چۈشكۈنىدە ياتىغىمغا غىپپىدا چىقىۋالدىم .
-         ئەتتىگەندە يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا چىقتىم يىغىن تۈگىشىگە ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا زۇمرەتنى كۆردۈم ،كۆزلۈرۈم خوشاللىقتىن چاقناپ كەتتى .
-    زۇمرەت !
-    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
-    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،جېنىم تېنچلىقمۇ ؟
-    ماشائاللا ! چولپان بۇ سەنمۇ؟!-ئۇ شۇنداق دەپلا كەڭ قۇچاغ ئاشتى
-    كۆزلۈرۈمگە يىغا ياماشتى ،تىلىم سۆزگە كەلمىدى
-    ئارقاڭدىن كۆرۈپ ،بۇ يىغىنغا مېنىڭ بىرلا قېرىندىشىم كەپتۇ كىمدۇ بۇ ياغلىق چىككەن دەپ ئويلاپ كېتىپتىمەن ،سەنمىدىڭ ؟زۇمرەتنىڭ كۆزلىرىدىمۇ ياش لىغىرلايتتى بىز يانمۇ يان مېڭىپ ،زۇمرەت يىغىندىكىلەر بىلەن سالاملاشقاچ ياتاققا چىقتۇق تاماققا خېلى ۋاقىت بار ئىدى ئاڭغىچە ياتاقتا ئارام ئالماقچى بولۇشتۇق
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
بارلىق ھەمدۇسانالارئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغەن  ئاللاھقا خاستۇر، نەپسىلىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ناچار ئەمەللىرىمىزدىن ئاللاھتىن  پاناھ تىلەيمىز، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوقتۇر، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى توغرا يولغا باشلىغۇچى مەدەتكار يوقتۇر.
دۇرۇت ۋە سالاملىرىمىز  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە  ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغىمۇ، بارلىق ئېسىل خىسلەتلىك ساھابىلەرگىمۇ، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭغان تەقۋادار كىشىلەرگە بولسۇن  ، ئامىن !

.......................................................................
زۇمرەت بىلەن بىرەدەم مۇڭدىشارمىز دەپ ياتاققا كىرسەك ،ياتاقتا بىزنىڭ ئالدىمىزدا كىرىپ زۇمرەت بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشقۇسى بارلار ئولتۇرۇشۇپتۇ . زۇمرەت ھەممىسى بىلەن شۇنداق سىپايىلىق بىلەن كۇرۈشۈپ ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن ، گەپنى يەنىلا ئوچۇق سۇز ھەدىمىز تامارە ھەدەم جاراڭلىق ئاۋازدا باشلىدى : -ھەي قىزىم زۇمرەت ،سەن نەچچە يىل بولدى ئاشۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىسەن ،ئۇ تەرەپلەردىغۇ ئاياللار  ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئەرلىرى تېپىپ بەرگەننى يەپ ،بەش ۋاق نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالايدىكەن ،ئەمما بۇ يەردە ئاياللارنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ باقىدىغان ئەرلەر بولمىسا ،بىز سىرتتا سەككىز سائەت ئىشلەپ ئىشتىن چۈشۈپ بالىلارغا تاماق ،ئېتىپ ،كىر يۇيۇپ ناماز ئوقۇشقا يېتىشەلمىسەك ،تېخى نامازنىڭ ۋاقتى پەرزكەن ، ئىش ئورنىدا ناماز ئوقۇغۇلى بولمىسا قانداق قىلىدىغان گەپ قىزىم ،بۇنىڭغا يە ئاللانىڭ ئايرىم ھۆزۈرلىرى بارمىدۇ ؟!يا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇدۇل دوزاققا تۇترۇق بولامدۇق ؟! زۇمرەت تامارا ھەدەمگە جاۋاپ بېرىپ بولغىچە ئانارگۈل
ـ توۋا دەڭە تامارا ھەدە ،پادىشانىڭ ھۆكمى ۋاجىپ دېگەن گەپ باركەنغۇ ؟ بىزنىڭ پادىشاھىمىز مۇسۇلمان بولمىغاندىكىن مۇشۇنداق ياشىماي نېمە ئامال ؟ئەگەر بىزمۇ مۇسۇلمان دۆلىتىدە شۇنداق راھەتتە ياشىغان بولساق ناماز ئوقۇپ مۇسۇلمانچە ياشايتتۇق ،نېمە ئامال ؟
زۇمرەت نەزىرىنى ئانارگۈلگە ئاغدۇردى ،تەبەسسۈم بىلەن سىز ‹ پادىشانىڭ ھۆكمى ۋاجىپ›دېگەن سۆزنى قۇرئاندىن كۆرگەنمىدىڭىز ؟ـ دەپ سورىدى
ـ قۇرئاننىغۇ ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرىپ بولالمىدىم ئەمما چوڭلاردىن شۇ گەپنى كۆپ ئاڭلىغانتىم .-دېدى ناز كەرىشمىلىك بىلەن
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ـ بۈگۈن ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن ئۇستازلار ھەم قەلەشكەش دوستلار  بىلەن مۇشۇ مىنۇتتا بىزنى دىدارلاشتۇرغان ئاللاغا شۈكۈرلەر بولسۇن !

-تامارا ھەدە سىز سورىغان سۇئالغا جاۋاپ بەرسەم ،ئەگەر سىز ئۆزۈڭىزنى ئەلھەمدۇلىللا  مۇسۇلمان دەپ ئويلايدىكەنسىز،بەش ۋاق نامازنى ۋاقتىدا  ناماز ئوقۇش پەرز ئاللا قۇرئان كەرىمدە سۈرە ئەنئام72-ئايىتىدە{ ناماز ئوقۇشقا، ۋە اﷲ دىن قورقۇشقا بۇيرۇلدۇق، (قىيامەت كۈنى) اﷲ نىڭ دەرگاھىغا (ھېساب) ئۈچۈن يىغىلىسىلەر}
بۇ مېنىڭ ياكى باشقا بىرسىنىڭ گېپى ئەمەس ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن بۇيرۇقى ،يەنى قانۇنى ئاللاھنىڭ قانۇنى قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنغان بىلەن تەڭ قىيەمەتكىچى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق ،بۇنىڭغا بىز ئىنسانلارنىڭ ئانداق ياكى مۇنداق دەپ پەتىۋا بېرىشكە ھەققىمىز يوق ،تۇرالمايدىغان كېسەل بولسىڭىز ئولتۇرۇپ ئوقۇڭ ،ئولتۇرالمىسىڭىز يېتىپ ئوقۇڭ ،ھەتتا كۆز ئىشارىتى بىلەن ئوقۇڭ دېدى ،ئىسلام ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جەڭلەردىمۇ نامازنى ئاسان قىلىپ بەردى ئەمما ئوقۇمىسا بولىدۇ دېمىدى .ئۇنداق بولغان ئىكەنبىز ئۆزۈمىزنى مۇسۇلمان دەيدىكەنمىز چوقۇم بەش ۋاق نامازنى تەرك ئەتمەي ئوقۇشىمىز كېرەك  ناماز بىز قىلمىساق بولمايدىغان پەرز ئەمەل   ناماز بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزغا گۇۋا بولغۇچى دىپلوم  ناماز مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنى ئايرىپ تۇرىدىغان بەلگە .ناماز ئوقۇمايدىكەنمىز بىز ئۆزۈمىزنى مۇسۇلمان دېمەيلى ،ئۇيغۇر دەيلى ،بۇ ئىسلام دىنى دېگەن مىراس قالمايدۇ خۇددى ئۇيغۇرنىڭ بالىسى چوقۇم ئۇيغۇر بولغاندەك ،سىز بىر دىنى ئۆلۈمانىڭ پەرزەنتى بولسىڭىزمۇ ،سىز ئەقلىڭىزنى تاپقاندىن باشلاپ يەنى ئاللاھ كۆرسەتكەن يېشىڭىزدىن باشلاپ مۇسۇلمان قىلىدىغان پەرز ئەمەللەرنى ئورۇندىمايدىكەنسىز ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە كۆرسەتكەن بۇيرۇقلارنى ئورۇندىمايدىكەنسىز سىز مۇسۇلمان بولالمايسىز ،ئەگەر بىر خەنزۇنىڭ پەرزەنتى ئەقىل يېشىغا يېتىپ ئۇ ئاللاھنى تونۇپ قۇرئان كەرىمدىكى قانۇنلارغا بويسۇنۇپ لائىلاھە ئللەللاھ دەپ ناماز ئوقۇيدىكەن ئۇ مۇسۇلمان بولىۋېرىدۇ ،ئۇنىڭ مىللىتىنىڭ خەنزۇ بولىشى ،ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇتقا باش ئىگىشى بىلەن ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا تەسىر قىلمايدۇ ،پەقەت دىندا توغرا ساپ ماڭالىسىلا بولدى .تامارە ھەدە جاۋابىم چۈشىنىشلىك بولدىمۇ ؟ !زۇمرەت تامارە ھەدەمگە كۈلۈمسىرەپ قارىدى .
ـ چۈشۈنىشلىك بولدى قىزىم ،مېنى بەك قورقۇنۇش بېسىۋالدىغۇ ،ئەمدى توۋا ئۇيغۇر دېگىن !
ئەمدى سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرەي خانىم ،زۇمرەت ئانارگۈلنى كۆزى بىلەن شەرەت قىلىپ قويۇپ سۆز باشلىدى .
ـ قۇرئان كەرىمدىكى بۇيرۇقلار بولسۇن ھەدىسلەردىكى سۈننەتلەر بولسۇن ھەممىسى مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇلغان ئىشلار ،ئاللاھ قۇرئان كەرىمنىڭ ئەنكابۇت سۈرىسىنىڭ 8-ئايىتىدە{ ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق  ، ئەگەر ئاتا- ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۇرۇشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، سىلەر مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىپ بارىسىلەر، سىلەرگە قىمىشلىرىڭلارنى خەۋەر قىلىمەن}دېدى بۇ يەردە ئولتۇرغانلار ھەممىمىز ئوقۇغان زىيالىيلاركەنمىز مۇشۇ ئايەتتىن ئاللاھنىڭ بىزنى قانداق قىلىشقا بۇيرىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالساق بولىدۇ .
ـ مەن چوڭلاردىن ئىبادەت دېگەننى قانچە يوشۇرۇن قىلسا شۇنچە ياخشى ساۋاپ دېگەننى ئاڭلىغانتىم ،ئەمما ھازىر ئۆزۈنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئاشكارىلاپ ياغلىق چىگىپ ساقال قويۇۋالىدىغان ئىشلار چىقىپ كەتتى زادى قايسى توغرىدۇ ؟ دەپ بەزىدە قايمۇقۇپمۇ قالىدىكەن ئادەم ... ئانارگۈلنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان قىرقىم چاچ چوكان سەل تەمتىرەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى .
ـ ئىسلام دىنىدىكى  يوشۇرۇن ئىبادەت دېگەن  بەش ۋاق پەرىز نامازدىن باشقا ئوقۇلىدىغان كېچىلەردىكى نەپلە نامازلاردۇر ،بىر يىلدا كېلىدىغان بىر ئايلىق پەرىز روزىدىن باشقا دۈشەنبە ،پەيشەنبە كۈنلىرى تۇتىدىغان نەپلە يوشۇرۇن روزىلاردۇر ،يەنە ئوڭ قول بەرگەن سەدىقىنى سول قولۇڭىز بىلمىگىدەك يوشۇرۇن قىلغان سەدىقىلەردۇر بۇنىڭغا ئاللاھ كۆپ ئەجىر مۇكاپاتلارنى بېرىمەن دېگەن ،يەنە بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبى ئېچىلىپ قالسا شۇنى يوشۇرۇش ... دېگەندەك نۇرغۇن يوشۇرۇن ئىبادەتلەر بار ئاللاھ خاس ئۆزىلا كۆرۈپ قىيامەتتە مۇكاپاتلايدىغان ،ئاللاھ ئاياللارنى ياغلىق ،لىچەكلىرىڭلار بىلەن ئەۋرەتلىرىڭلارنى يوشۇرىڭلار دېگەن مانا بۇمۇئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن  يوشۇ رغان ياخشى ئىبادەتتۇر .
ـ مانا ئوقۇغان ئادەم دېگەن مۇشۇنداق ئادەمنى قايىل قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ –دە !
ـچۈشەنگىنىمىز بىلەن ئەمەل قىلالىساق بولىدۇ خانىم ،ئۇنىڭدىن بىلمىسەك گۇناھىمىزئازراق بولاتتى ،شۇڭا بۇنداق گەپلەر بار يەردىن زادى قورقۇمەنچۇ !
ـ بۇ يەردىنغۇ قورقۇپ قاچارسىز قىيامەت كۈنى قانداق قىلاسىز شۇنى نېمىشكە ئويلىمايسىز ؟!
ـشۇ چاغدا بىر گەپ بولمامدۇ !
زۇمرەت ئەمدى گەپ باشلاي دەپ تۇراتتى ،سىرتتىن تاماققا چىقايلى تاماققا !دېگەن ئاۋاز ھەممىسىنىڭ دىققىتىنى سىرتقا بۇرىدى .
ـ ۋاي خۇدا ئەجەپمۇ ئوبدان گەپ بولىۋاتقاندا دەپ غودىرىسا بەزىسى :ـتاماققا چىقايلى تاماققا .... دېيىشىپ ئالدىراش ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى .
يىغىن داۋاملىشىۋاتاتتى .بۇ ئايال ئەدىپلەرنىڭ يىغىنى بولغاچقا ئوقۇلىۋاتقان ماقالىلارمۇ ،ئوتتۇرغا قويۇلىۋاتقان مەسىلىلەرمۇ ئاياللار توغرىسىدا سۆزلىنىۋاتاتتى ،بەزى ئاياللار ئاياللار ئازاتلىقىنى كۈيلىسە ،بەزىسى ئايال بولۇش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەيتتى.بەزىسى ھاياتقا ،كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ،ئەرلەرگە ،خىزمەتكە تۇتقان يوللىرىنى تەجرىبىلىرىنى سۆزلەيتتى ،بەزىسى بۇرۇنقى ئانىلىرىمىزنى ئۆزىەەئۈلگە قىلسا بەزىسى تارىختىكى  داڭلىق ئاياللارنى  ،بەزىسى ھازىرقى چولپانلارنى ،زوڭتۇڭلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۇتۇقلىرىنى مەغلۇبىيەتلىرىنى تىلغا ئالاتتى ، كۈلەتتى ياكى ھاياجانلىنىپ يىغلايتتى .ئانارگۈل خانىمدەك نەچچىسى بەك ھاياجانلىنىپ كەتكىنىدىن سەھنىگە ئارقىمۇ ئارقىدىن چىقىپ جاراڭلىق ئاۋازدا ئاياللىق نازاكىتىنى ،ئانىلىق بۇرچىنى ،ئاياللىق ۋەزىپىسىنى قەلىمى ئارقىلىڭ ئىپادىلەيدىغانلىقىنى دەپ-دەۋىلىك سۆزلەر بىلەن جاكارلاشتى ...
مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى پەقەت بىر پەيلاسوپ ئەپەندىنىڭ ناھايىتى ئەپسۇسلانغان ھالدا ،بىز نەچچە يىللاردىن بۇيان ئاياللار ئازاتلىقى دەپ توۋلاپ يۈردۇق ،ئاياللارنى زادى نېمىدىن ئازات قىلدۇق ؟ئائىلىدىنمۇ ؟ قازان بېشىدىنمۇ ؟بۈشۈك يېنىدىنمۇ ؟ بىزگە دوختۇر ،دوكتۇر ،ئېنژىنېر ئاياللار مۇھىممۇ ياكى ياراملىق ئەۋلات تەربىيىلەيدىغان مۇكەممەل ئانا مۇھىممۇ  ؟! دېگەن سۆزلىرىلا بولدى، خالاس .
بۈگۈن قايسى بىر ژورنال كەچتە بىر رېستۇراندا يىغىن ئەھلىگە چاي بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى، بېشىمغا غەم چۈشتى ،ئەستا قانداق قىلارمەن ؟ خەدىچە بۇ سورۇندىن ھەرگىز قالمايدۇ ،زۇمرەت ئۆيىگە مېھمان كېلىپ كېتىپ قالغانتى كەچتە ياتاقتا يالغۇز قالارمەنمۇ ؟زۇمرەت بىلەن تېخىچە مۇڭدىشىشقىمۇ پۇرسەت بولمايۋاتاتتى . مەن ياتاققا قايتىپ كىرىپ ئەسىر نامىزىمنى ئوقۇپ بولۇپ، ھاممامنىڭ ئۆيىگە كېتىشنى پىلانلاپ لىفىتقا چىقتىم ،ئارقامدىنلا بىرسى چۇقىراپ لىفىتقا چىقتى ،قارىسام يېنىمدىكى ياتاقتىكى مەن بىلەن تەڭ دەمەتلىك چوكان ئىكەن ۇ چوكانغا قاراپ يېنىڭ كۈلۈمسىرىدىم .
-    سىز مايتاغلىقكەنسىز ھە ؟!-
-    شۇنداق مەن مەن مايتاغدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن .
-    سىزچۇ ؟
-    مەن يەكەنلىك ،
-    ھە مەن قەشقەر يەكەن دېگەن تەرەپلەرگە تېخى بېرىپ باقمىدىم .
-    مەن سىزنى خوتەنلىكمىكىن دەپتىكەنمەن .
-    نېمىشكە ،مېنىڭ شىۋام خوتەن شىۋىسىغا ئوخشامدىكەن ؟مەن ھەيرانلىق بىلەن يەكەنلىك چوكانغا قارىدىم ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر مەنسىتمەسلىك جىلۋىلەندى ،نېمە دېمەكچىلىكىنى دەرھال چۈشەندىم .
-    سىز مايتاغدىمۇ ئىمانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭىز يوقكەندە ،خۇددى مەن كىچىك نادان  چېغىمدا جەنۇپ تەرەپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى خۇراپى  ياغلىق چېگىدۇ ،دەپ ئويلايتتىم ،ئەمما ھازىر بىلدىمكى بۇمۇ مۇسۇلماننىڭ بەلگىسى ئىكەن !ـ دېدىم  مېنىڭ سۆزۈم تۈگىشى بىلەن لېفىتمۇ توختىدى .لىفىتتىن تاقىلداپ چىقىپ كەتتىم ،بەدەنلىرىم غەزەپتىن غال-غال تىترەيتتى ،بىنادىن چىقسام يىغىندىكىلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش بىلەن ئاۋارە ئىدىم .ئەتراپىمغا قارىسام ھەممىسى بىر مەن يالغۇزلا قالغاندەك بەك غېرپسىندىم  .كۆزلۈرۈمگە يىغا ياماشتى چولپان ئۆزۈڭنى تۇتىۋال ،مۇسۇلمان دېگەن سەۋرى قىلىشى كېرەك بۇمۇ ئىسلام ئەخلاقىغۇ ؟ دەپ ئۆزۈمنى بېسىپ كېتىۋاتاتتىم .
-    چولپان –دەپ خەدىچە ئارقامدىن  توۋلاپ قالدى ،ئارقامغا مەيۈس ھالدا بۇرالدىم .
-    نەگە ماڭدىڭ ؟
-    ئايشەم ھەدەمنىڭ ئۆيىگە
-    كەچكى ئولتۇرۇشقا بارمامسەن ؟
-    ياق !
-    بارساڭ نېمە بوپتۇ ؟ تانسا ئوينىمىساڭلا بولمىدىمۇ ؟
-    «سۈيىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى گۈشىنى يىگەنمۇ ئوغرى »دەپتىكەن ئاداش بارمايچۇ !
-    خەدىچە !
-    بىز تەڭلا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدۇق ،لىفىتتىكى چوكان خەدىچەنى چاقىرىۋېتىپتۇ - بىر دەپ ساقلاپ تۇرۇڭ ! خەدىچە شۇنداق دەپ قويۇپ ماڭا قارىدى .
-    ئاشۇ سېنى چاقىرغان چوكان كىمۇ ئاداش ؟
-    تونۇمامسەن ؟رەيھانگۈل ياسىن شۇغۇ !
-    توۋا بۇ يازغۇچىمىزنىڭ بۇنچىلا قاتماللىغىنى ئويلىماپتىمەن ،ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيتتۇم بولمىسا ...دەۋەتتىم .
-    نېمە بولدۇڭ !
-    ھېچ نېمە ،سەن ئۇنىڭ قېشىغا بارغىن مەن يولۇمغا ماڭاي –دېدىم
-    ھەي ھېلى سېنى زۇمرەت ئىزدەپ كەپتىكەن ،سېنى ياتاقتا ناماز ئوقۇغىلى كىرىپ كەتتىمىكىن دېگەن ئىدىم .ئۇ سېنى ساقلاۋاتىدۇ ،ئۇ قېرىندىشىڭنىغۇ ساقلاسەن !-دېدى خەدىچەنىڭ ئاۋازلىرىدىن بىردا كىنايە بىردە مەسخىرىگە مايىل ئىپادىلەرنى سەزسەممۇ سەزمەسكە سېلىۋېرىپ باراتتىم ،چۈنكى مەندە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىدەك كۈچ يەنى بىلىمىم يوق ئىدى .زۇمرەتنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ۋاللىدە يورىغاندەك بولدى ،دەرھال مېڭىشىمنى توختىتىپ ئۇنى ئىزدەپ ئەتراپىمغا قاراشقا باشلىدىم .
-    چولپان ! زۇمرەتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى قارىسام ئۇ بىنادىن چۈشىۋېتىپتۇ .خەدىچە سېنى ياتاقتا دېگەن ئىدى ياتىقىڭغا چىقىپتىمەن .
-    لىفىتتا ئۆتۈشۈپ كېتىپتىمىزدە ،
-    شۇنداق ئوخشايدۇ ،نەچچە كۈندىن سېنىمۇ ئىزدىيەلمىدىم، جېنىم سىرتتىن بىرنەچچە دوستلار ۋە يېقىن قېرىنداشلار كەپ قاپتىكەن ،مەردان ئىككىمىز دوستلار بىەن بۈگۈن بىر يەردە  بىردەم مۇڭدىشايلى دەپ مەسلىھەتلەشتۇق شۇڭا سېنى ئالغىلى كەلگەنتىم .
-    يائاللا بۈگۈن مالارنى رېستۇرانغا چاقىرىپتىكەن ...
-    رېستۇرانغا باراي دېگەنمىدىڭ ؟زۇمرەت سۆزۈمنى بۆلۈپلا جىددى سورىدى .
-    -ياق ،شۇ ياتاقتا يالغۇز قالغىچە دەپ ھاممامنىڭ ئۆيىگە ماڭغانتىم خەدىچە سېنى كەلدى دەپ تۇتىۋالدى .
-    ئۇنداقتا ياخشى ،ھېلى مالارنى رېستۇرانغا ئېلىپ ماڭغىلى ئاپتوۋۇز كېلىدىكەن شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ كېتىۋالايلى .
-    زۇمرەتنىڭ تەكلىۋىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئاپتاپتەك يورۇپ كەتتى ،ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزدى ئاللاغا شۈكۈرلەر ئېيتتىم .
زۇمرەت بىلەن بىر مۇسۇلمانلار تېز تاماقخانىسىنىڭ ئارىمخانىسىغا كىرگەندە نەچچە ئورانغان چوكان ئولتۇرۇپتۇ ئۇلار بىلەن مۇسۇلمانچە سالاملاشقاندىن كېيىن ئالدىراپلا ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە ناماششامنى ئوقۇغۇلى كىردۇق .ھەممىسى شۇنچە مۇكەممەل ھالدا نامازغا تۇرۇشتى .مەن بېشىمغا ئورۇۋالغان شارپامنى ئىلىپ ئىڭىكىمدىن 、 جايلاپ چىككىچىمۇ  كۆپ ئاۋارە بولدۇم ،ئىچىمدە ‹قاچانمۇ مۇشۇلاردەك ھىجاپلىنارمەن ؟ ›دېگەن ئىستەك تۇنجى قېتىم خيالىمغا كەلدى    نامازلىرىمىزدىن بىكار بولۇپ ئايرىمخانىغا كىرگىنىمىزدە ،ئايرىمخانىدا مەردان بىلەن يەنە ئۈچ ئەر ئولتۇرۇشۇپتۇ ،بىز ئۆز-ئارا سۇسلا سالاملاشقاندىن كېيىن ئورۇنلىرىمىزغا جايلاشتۇق . زۇمرەتنىڭ يولدىشى مەردان سورۇندىكىلەرنى بىرەر قۇر تونۇشتۇردى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەر-ئايال جۈپلەر بولۇپ بىر جۈپى مالايشىيادا تۇرىۋاتقانلار ، بىر جۈپى شىنجىندا تۇرىۋاتقانلار يەنە بىر جۈپى مۇشۇ ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقانلار بولۇپ ھەممىمىز دىنى قېرىنداشلار ئىكەنمىز چايلار قۇيۇلۇپ تائاملارغا بىرەر قۇر ئېغىز تېگىشكەندىن كېيىن مەردان باشتا سۇز ئېچىپ : بۈگۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بۇ سورۇنغا جەم بولۇپ قاپتۇق ،كىشى-كىشىگە ئىشەنمەيدىغان ،ئىشەنچىلىك دوست تاپالمايدىغان بولۇپ كېتىۋاتقان مۇشۇ ۋەزىيەتتە بىز دىنى قېرىنداشلار بىر-بىرىمىزنى سېغىنىپ ،قەلپلىرىمىزدىكى مۇڭلىرىمىزنى بىر-بىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشقىلى مۇشۇنداق دىدارلىشىشنى نىسىپ قىلغان ئاللاغا شۈكۈرلەر بولسۇن!پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم : ‹ئاللانىڭ سۆزى بولۇنمىغان سورۇن خۇددى ئۆلۈك ئېشەكنىڭ گۈشىنى يىگەندەك  يىگەن تائاملىرىمىز ھارام ھېساپلىنىدۇ›دېگەن شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ھەممىمىز ئىسلام دىنىغا كىرىش جەريانىمىزنى سۆزلەشكەن بولساق ،چۈنكى بىرىمىزنىڭ ئىسلامغا كىرىشىمىزدىكى جەريانى يەنە بىرىمىزنىڭكىگە ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ ،بۇ جەريانلىرىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئىمانىمىزغا كۈچ قوشۇشى مۇمكىن .
-    -بۇرادىرىمىز مەردان كۆڭلۈمدىكى سۆزنى قىلدى دەپ مەرداننىڭ سۆزۈنى قۇۋۋەتلەپ سۆز باشلىدى مەرداننىڭ يېنىدىكى ئاق پۇشمۇلاق ئورۇق ئىسمىنى ئىلھام دەپ تونۇشتۇرغان يىگىت   ،دېمەك بىز ئەقلىمىزنى بىلسەك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى ئىكەنمىز ،شۇڭا مەكتەپلەردە ئاڭكىت تولدۇرغاندا دىنىڭ نېمە؟ دېسە ئىسلام دەپ يېزىپ قويۇپ يۈرۈۋېرىپتۇق مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مۇسۇلمان پەقەت چوشقىنىڭ گۆشىنى يىمەيدۇ ،ھەپتىدە بىر جۈمە نامىزىغا چىقىدۇ يىلدا ئىككى قېتىم ھېيت نامىزىغا چىقىدۇ ،بوۋىمىزدەك دادىمىزدەك دەم ئېلىشقا چىقىپ  قېرىغاندا بەش ۋاق ناماز ئوقۇيۇ قۇربى يەتسە ھەج تاۋاپ قىلىپ ھاجىم بولىدۇ  دەپلا ئويلايتتىم.ئىنسان پەقەت مۇشۇ دۇنيا ئۈچۈنلا ياخشى ئوقۇشى ،ياخشى خىزمەتلەرگە ئېرىشىپ پاراۋان ياشىشى قولىدىن كەلسە يېتىم-يېسىر ئاجىزلارغا سەدىقى بېرىشى كېرەك.شۇنداق قىلسىلا ئۇ دۇنيادا جەننەتكە ئېرىشىدۇ دەپ ئويلايتتىم .شۇنىڭ ئۈچۈن ئالى مەكتەپنى ناھايىتى ياخشى ئوقۇپ تاماملىدىم ،ھەتتا ئىشلىرىمنىڭ ياخشى يۈرۈشكەنلىكىدىن  ئىشتىن سىرت ئۆزۈمنىڭ ناخشا –مۇزىكىغا ھىرىسمەنلىكىدىن ئۈنسىن شىركىتى قۇرۇۋالدىم ،بۇ جەريانىدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن نۇرغۇن داڭلىق مۇزىكانت ،ناخشىچىلار بىلەن تونۇشتۇم ،پىلاستىنكا ئىشلەش ئۈچۈن تاغلاردا ،باغلاردا كۈلكە ؛چاقچاق ،ناخشا مۇزىكا بىلەن ئۆزۈمنى بىلمىگەن ھالدا ياشاۋاتاتتىم ،گەرچە مەن بۇ جەرياندا ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمىغان بولساممۇ ،ياراتقۇچۇمنى قىلچە تونۇمايتتىم ... ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ماڭا شۇنداق بىر قازا كەلدىكى بۇغدا كۆلىگە فىلىم ئىشلىگىلى كېتىپ بېرىپ ماشىنا ھادىسىگە ئۇچرىدىم ،يېنىمدائوتتۇرا  ئالى مەكتەپتىن تا شۇ كۈنگىچە  بىللە ئوقۇپ بىرگە شىركەت قۇرغان قەدىناس دوستۇم ئەختەم ماشىنا ھەيدىگەچ ناخشا توۋلاپ كېتىۋاتاتتى،ئالدىمىزغا قەيەردىندۇ سىكىنۇت ئىچىدە بىر ساياھەت ئاپتوۋۇزى يېقىنلاپلا كەلگىنىنى بىلىمەن ،ئەختەم رولغا قارا دەپ بولغىچە جاڭ ! قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم قالغىنىنى بىلمىدىم ،بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام ئۆزۈمنى دوختۇرخانىدا كۆردۈم ،ئەتراپىمدا ئانام ،دادام ،بىر تۇققانلىرىم دوستلۇرۇم قايغۇلۇق ھالدا ماڭا تىكىلىپ تۇرۇشۇپتۇ ... مەن ئاغزىمنى ئاران مىدىرلىتىپ ئەختەمچۇ ؟ دېيەلىدىم

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:01:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-    - ئەمدى ھۇشۇڭغا كەلدىڭ ،زورۇقماي ئارام ئال بالام ،ئاللا سېنى بىزگە قايتا بەردى - ئانام شۇنداق دەپ يىغلاپ كەتتى ... ئەختەمچۇ ! مېنىڭ ئاۋازىم يەر تېگىدىن چىققاندەك يا ئۇلار ئاڭلىمايۋاتامدىكىن ،يەنە كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ ئايلىنىپ كېتىپتىمەن پەقەت ئانامنىڭ ئاللاھ ئوغلۇمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر!دەپ يىغلىغان نالىسىلا غۇۋا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ ...ئارىدىن 15 كۈنلەر ئۆتتىمىكىن مېنى قۇتقۇزۇش ئۆيىدىن كېسەلخانىغا يۆتكىدى ،شۇ چاغدىلا مەن بىر پۇتۇمنىڭ سۇنغانلىغىنى بېشىمنىڭ ھەم ئوڭ مۇرەمنىڭمۇ قاتتىق زەخمىلەنگەنلىگىنىنى بىلدىم ،مېنى يۆتكىگەن ياتاقتا40 ياشلار چامىسىدىكى كەكە ساقال قاملاشقان بىر ئادەممۇ پۇتى ئېسىقلىق ھالدا يېتىپتۇ ،كېسەلخانىغا كىرگىنىم بىلەن ئۇ كىشىگە گەپ قىلغۇدەكمۇ تاۋىم يوق ئىدى ئانام داداملار ئۇ كىشى بىلەن سالاملىشىپ ئەھۋاللاشتى. مەن ئۈنسىز ياتىتىم ،دەل شۇ چەغدا ئەختەمنىڭ ئاتا ئانىسى مېنى يوقلاپ كىرىپ كەلدى ،كۆزلۈرۈمگە ئىشەنمەي قالدىم ئەختەمنىڭ ئانىسى بېشىغا ئاق چىگىۋالغان ئىدى، يۈرىكىم چىممىدا قىلىپ قالدى ،مەن سوراپ بولغىچە پاتامخان ئانامنىڭ قوشماق باللىرىم تاق بولدۇڭلىمۇ دەپ قوشاق قېتىپ  يىغىلىشىىدىن ھەممىنى چۈشەندىم كۆزلۈرۈم قاراڭغۇلاشتى ،قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ بېشىمغا ئاغرىق كىرىپ كەتتى... ئۈنسىز ئېسەدەشتىن ، دەششەتلىك ئاۋازدا ھۆكۈرەپ يىغلاپتىمەن ،دوختۇرلىرىم يۈگۈرشۈپ كىرىشتى ،يەنە كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى ...بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچتىم يەنە دوختۇرخانىدا پۇتۇم ئېسىقلىق ياتىمەن ...كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كېسەللىرىم ساقىيىشقا باشلىغان بىلەن يۈرۈكۈم ئېغىر زەخمىلەنگەچكە كۈندىن –كۈنگە گەپ ،خالىمايدىغان ،ئادەم خالىمايدىغان بولۇپ كەتتىم ...پەقەت ئىچ-ئىچىمدىن ئاشۇ كۈنى بۇغدا كۆلىگە چىقمىساق بوپتىكەن ،ياكى ماشىنىنى مەن ھەيدىسەم بوپتىكەن ... دېگەندەك خياللار بىلەنلا پۇچىلىنىمەندە ... ئاخىرىنى چىقىرىپ بولالمايمەن  ئوڭدا يېتىپ كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياشلىرىم قۇلاقلىرىمغا توشىدۇ كېچى-كېچىلىرى شۇنداقئازابلىق  خىياللار بىلەن ئۇخلىيالماي سەھەردە كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىدۇ .بىر كۈنى شۇنداق سەھەرنىڭ ئۇيقۇسىغا كۆزۈم ئىلىنىشىغا مۇڭلۇڭ قىرائەت ئاڭلاندى، مەن كۆزلۈرۈمنى ئاچماستىن تىڭشاپ ،خۇددى ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلىغاندەك مۇڭلىنىپ ياتاتتىم   قىرائەت توختاپ ئەرەپچە بىر مۇنچە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن  يىغلاپ تۇرۇپ ئې ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك زات ...پادىشالىقنىڭ ئۆزى بولغان ئى ئاللاھ!خالىغان ئادىمىڭگە  پادىشالىقنى بېرىسەن ،خالىغان ئادەمدىن پادىشالىقنى تارتىۋالىسەن ،خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن ،خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن  ھەممە ياخشىلىقنىڭ (غەزىنىسى يالغۇز ) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر ،سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن !ئې ئاللاھ مېنىڭ بىلىپ قىلغان گۇناھلىرىمنى ،بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمنى ،يوشۇرۇن قىلغان گۇناھلىرىمنى ،ئاشكارە قىلغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن ... ئې ئاللاھ سەن كۆتۈرەلمەيدىغان سىناقلارنى بەرمەيسەن ،16 يىلنىڭ ئالدىداپەزلى كەرىمىڭ بىلەن  ماڭا چىرايلىق ئەقىللىق  بىر قىز پەرزەنت ئاتا قىلغان ئىدىڭ مانا ئەمدى ئۇ قىزىمغا داۋاسى يوق كىسەلنى بېرىپ ئۆز دەرگاھىڭغا ئېلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرىسەن ،ئاللا ئەگەر قىزىمنىڭ رىزقى بولسا بۇ كېسەلگىمۇ شىپا بېرەلەيسەن ،ئەگەر قىزىمنىڭ رىزقى تۈگىگەن بولسا قىزىمنى ئىمانى بىلەن  قىينىماي ئېلىپ كەتكىن! ماڭا ۋە ئايالىمغا سېنىڭ بەرگەن بۇ سىناقلىرىڭدىن ئۆتەلىگىدەك سەۋرە ئاتا قىلغىن ... ئاللاھىم يېنىمدا ياتقان بۇ يىگىتكىمۇ ئىمان ئاتا قىلغىن ،ياراتقۇچىسىنى تونۇغىدەك سۈزۈك ئىمان ئاتا قىلغىن رەببىم مۇشۇ يىگىتنىڭمۇ مۇشۇنداق غەپلەتتە قالماي ھىدايەت تېپىپ ئىمانلىق مۇسۇلمان بولۇپ بېشىغا كەلگەن بۇ سىناقلارنىڭ سەن ئاللاھنىڭ پۈتىۋاتكەن قازايىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىدەك ئۇنىڭغا سەبرە قىلغۇدەك ئىمان ئاتا قىلغىن ...ئې كەرىملىك زات ! ئۇنىڭ شۇنچىلىك بوش ئاۋازدا يىغلاشلىرىدىن ياتقان يېرىمدە ئېزىلىپ كەتتىم بېشىمنى ئۆرۈپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈدەكمۇ ماجالىم  يوق ئىدى... شۇ كۈندىن باشلاپ ھەر كۈنى سەھەردە ئۇنىڭ مۇڭلۇق قىرائەتلىرى بىلەن يىغلاپ قىلىۋاتقان دۇئالىرىنى دۇئالىرى ئىچىدە ماڭا ئاتاپ قىلىۋاتقان دۇئالىرىنىمۇ ئاڭلاپ ياتىدىغان ،ھەم ئۇ قىرائەت دۇئالارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەسلىكىنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم ،چۈنكى شۇ مىنۇتلاردىلا مېنىڭ ئازابلىق كۆڭلۈم ئارام تاپاتتى كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئاكىمىز دۇئا قىلغاندا ئوڭدامغا يېتىپ تۇرۇپ قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈرىدىغان بولدۇم ... بىر كۈنى ئەتتىگەنلىك ناشتىنى قىلىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا :ـ ئاكا نېمىشكىدۇ سىز نامازدا قىرائەت قىلسىڭىزلا مېنىڭ كۆڭلۈم دەم ئېلىشقا چىققاندەك ئازابلىرىمنى ئۇنتۇيمەن .-دەپ سالدىم : توغرا دېدىڭ ئىنىم ،دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ !!!سەنمۇ ئاللاھ ياراتقان بەندە بولغاندىكىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىڭشىغان ۋاقتىڭدا ئازابلىرىڭنى ئۇنتىغان بولساڭ ،ئاللاھقا ھەقىقىي ئىمان ئېيتىپ،مۇسۇلمان بولۇپ ، چىن دىلىڭ بىلەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ ھەممە ئازابلىرىڭنى ئۇنتۇپ دىللىرىڭ ئارام تاپىدۇ ،بۇ دۇنيادا قانداق ياشاشنى بىلىۋالىسەن دېدى.
-    - نېمە دېدىڭىز ئاكا مەن ئۆزۈمنى مۇسۇلمان دەپ يۈرسەم ،سىز ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولساڭ دەيسىزغۇ ؟ دېدىم گاڭگىرىغان ھالدا  
-    - ساڭا قانداق چۈشەندۈرسەم بولار ئۇكام ،قارا سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن سەنمۇ ئۇيغۇر بولدۇڭ شۇنداقمۇ ؟
-    - ئەلۋەتتە !
-    - ئەمما دىن دېگەن مىللەتتىن تۈپ پەرقلىنىدۇ ،سېنىڭ ئاتا ئاناڭ ياكى ئاتا-بوۋاڭنىڭ مۇسۇلمان ،ياكى خىرىستىيان بولغىنى ئۈچۈن سەن چوقۇم مۇسۇلمان ياكى خرىستىيان بولۇپ قالمايسەن ساڭا ئەقىل كەرگەندىن كېيىن قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلساڭ شۇ دىنغا مەنسۇپ بولىسەن .
-    ئۇنداقتا مېنىڭ ئاتا-ئانام ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمانغۇ ؟
-    - ئاتا-ئاناڭ ناماز ئوقۇمدۇ ؟روزا تۇتامدۇ ؟زاكات بېرەمدۇ .... ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن سۇئاللىرى جاۋاپسىز قالدى ،چۈنكى مېنىڭ ئاتا-ئانام ئوقۇغان زىيالى  ئىدى دادامنىڭ پەقەت ئىككى ھېيت نامىزىغىل امەسچىتكە  بارىدىغانلىقىنى بىلەتتىم ،ئانام بولسا ناماز ئوقۇمايتتى ...
-    - بۇنى مۇنداق چۈشىنىۋال سەن ئىككى ئاغىنەڭ بىلەن  مەكتەپكە ئوقۇماقچى بولۇپ بېرىپ ئۈچىڭلار  تىزىملاتتىڭلار مەكتەپتە ئوقۇشقا كەلگەندە سەن تولۇق كۆڭۈل قويۇپ  ئوقۇدۇڭ،يەنە بىر تىزىملاتقان ئاغىنەڭ تولۇق ئوقۇمىدى مەكتەپنىڭ تۈزۈملىرىگىمۇ بويسۇنمىدى ،يەنە بىر ئاغىنەڭ بۈگۈن ئەتە دەپ مەكتەپكە كەلمىدى يىل ئاخىرى سەن تولۇق ئوقۇغاچقا نەتىجەڭ ئەلا بولۇپ قولۇڭغا لاياكەتلىك دىپلومىنى ئالدىڭ ،تولۇق ئوقۇمىغان ئاغىنەڭ ياخشى ئوقۇمىغاچقا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى يەنە بىر ئاغىنەڭ ئىسمىنىلا يېزىپ قويغاچقا مەكتەپكە دەرسكە پەقەت قاتناشمىغاچقا تىزىملىكتىن ئىسمى ئۆچۈرۈلۈپ كەتتى.سەن ئۆزۈڭنى مەن لائىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ مۇسۇلمان دەپلا قويۇپ ،ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغان قانۇنلارغا بويسۇنۇپ تولۇق ئورۇندايدىكەنسەن قىيامەت كۈنى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ جەننەتكە كىرىسەن ، لائىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ مۇسۇلمان دەپ قويۇپ ئاللاھ پەرھىزقىلغان  قانۇنلارغا  بويسۇنماي بىردەم كاپىردەك بىردەم مۇسۇلماندەك يۈرىيدىكەنسەن قىيامەت كۈنى سۇئال-سوراقتىن ئۆتەلمەي دوۋزاققا چۈشىسەن،مەن مۇسۇلمان دەپ قويۇپ كاپىردەك ھالال –ھارامنى ئايرىماي مۇسۇلمان قىلىدىغان ئىشلارنى تەرك ئېتىدىكەنسەن قىيامەت كۈنى سۇئال سوراقمۇ يوق ئۇدۇل دوۋزاققا تاشلىنىسەن ... گەپلىرىم چۈشىنىشلىك بولدىمۇ ئۇكام ؟!
-    - چۈشەندىم ،مەن ئەگەر مۇشۇ قېتىمقى ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن بولسام ئۇدۇل دوۋزاققا چۈشەتتىكەنمەن ... يا ئاللاھ ! ماڭا ئەقلىمنى تېپىۋېلىشقا پۇرسەت بەرگىنىڭگە شۇكۈر !مەن ھادىسىگە ئۇچراپ بىر ئاي بولغاندا ئەشۇ قېرىندىشىمنىڭ دىنىمنى شۇنداق ئاددى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرىشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتتىم .
-    - ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئۇكام ھەر-ھالدا زېھنىڭ ئوچۇق ئىكەن،بۇ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭنىڭ ئۆزى ساڭا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەلگەنلىكى ، ئەگەر سەن مۇشۇ كۈنلەرنى كۆرمىگەن بولساڭ ئۆز ئويۇنۇڭنى ئويناپ ئاللاھ بەرگەن كۈچ-قۇۋۋەر ئەقىل –پاراسەتلەرنى،  ئۆزۈمنىڭ قابىليىتى دەپ غەپلەتتە يۈرۈپ ئاخىر دوۋزاققا تۇترۇق بولار ئىدىڭ ،مانا ئەمدى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىز بىر ياتاقتا ياتاقداش بولۇپ قاپتۇق ،ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مەن سېنى ئىسلامغا چاقىرىمەن ،ئىمان ئېيتىپ مۇكەممەل مۇسۇلمان بولغىن ،مۇسۇلمان بولساڭ ھەر ئككى دۇنيادا بەختلىك خاتىرجەم ياشايسەن .ـ دېدى
-    - ئاكا سىز ماڭا ياردەم قىلىڭ ،مەن مۇسۇلمان بولىمەن مۇسۇلمان بولغاندىمۇ مۇكەممەل مۇسۇلمان بولغۇم بار دېدىم  .
-    - ماشا ئاللاھ قولۇم كۆكسۈمدە ئۇكام ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن سەندىن بىلىدىغىنىمنى ئايىمايمەن ،بىز ئەمدى دىنى قېرىنداش بولدۇق دېدى. ئۇ ئاران يەر دەسسىگىدەك بولغاندا قىزىنىڭ كېسىلى بەك ئېغىرلاپ كەتتى قىزى قان راكىنىڭ ئاخرقى  باسقۇچىدا   ئىكەن .ماڭا پەقەت بۇ توغرىسىدا ھال ئېيتمىدى پەقەت دۇئالىرىدىلا ئاللاھقا يىغلايتتى .بىر كۈنى  ئۇ  نامازدىن كېيىن :ـ مەن بۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتمىسەم بولمايدۇ - دېدى
-    - دوختۇر رۇىسەت قىلمىغان تۇرسا دېدىم ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇم كەلمىگەن ھالدا
-    - ئۇكام دوىتۇر دېگەنمۇ ئىنسان ،ئۇ سەۋەبىنى قىلغۇچى شىپاسىنى ئاللاھتىن تىلەيلى ،ساڭا راست گەپنى قىلسام قىزىمنىڭ ئازلا كۈنى قالدى ئاللاھ چۈشلىرىمدە بىشارەت بېرىۋاتىدۇ... قىزىمنى بېقىۋالاي ،سەن مۇشۇنداق يېتىپمۇ نامىزىڭنى داۋاملاشتۇرىۋەرگىن ،ماڭا ۋە قىزىمغا دۇئا قىلىپ قويارسەن بۇرادەر !ـ دېدى
-    - ئاكا بىر ئۆيدە ياتقىلى خېلى ئۇزاق بولسىمۇ مېنىڭ ھالىمغىلا يەتتىڭىز ئۇزۈڭىزنىڭ ھالىنى ئېيتمىدىڭىز  ،ئەمدى بىز ئاللاھ يولىدىكى قېرىنداش بولغاندىكىن قولۇمدىن كەلسە ياردىمىمنى قىلغان بولسام ... - دېدىم.مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمدىن ئۇ بەك ھاياجانلاندى، ئويچان كۆزلىرىگە ھاياجاندىن ياش ئالدىيۇ دەقىقە ئىچىدە ئۆزۈنى بېسىۋالدى ،كارۋىتىمنىڭ قېشىغا كېلىپ قوللىرىمنى مەھكەم قىستى ھەم كۇزلىرىمگە مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ :ـ ئاللاھ بىزگە مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنىڭ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 154-ئايىتىدە {بىز سىلەرنى بىر ئاز قورقۇنچ بىلەن،بىر ئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا ،جانلىرىڭلارغا ،بالىلىرىڭلارغا ،زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ،زىيان-زەخمەتلەرگە )سەۋر قىلغۇچىلار غا(جەننەت بىلەن خوش-خەۋەر بەرگىن ) دەپ كۆرسەتكەن شۇڭا مەن مۇسۇلمان ئىكەنمەن بېشىمغا ئالەمچە مۇسىبەت كەلسىمۇ بۇ ئاللاھنىڭ سىنىغىدىن  چوقۇم ئۆتۈشۈم شۇ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك دۇنيادىكى جەننەتكە ئېرىشىشىم كېرەك دەپ ئويلايمەن .ئاللاھ مېنى يۈرەك پارەم بولغان قىزىمغا قان راكى كېسىلى بېرىش ئارقىلىق سىنىدى، قىزىمنى داۋالاش ئۈچۈن ھەممە بىساتلىرىمدىن ئايرىلدىم ،قىزىمنىڭ ئاغرىق ئازابىدىكى ئىڭراشلىرىغا چىدىماي ،قىزىمنىڭ ئازابىنى ئويلاپ كېتىۋېتىپ قاتناش ھادىسىسىغا ئۇچراپ، ئىككى ئايچە بۇ ئاغرىقنى تارتتىم. ئەگەر مۇسۇلمان بولمىغان بولسام بۇ ئىشلارغا بۇنچە سەۋرى قىلالماس بولغىيتتىم ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقنى چۈشەنگەن مۇسۇلمان بولغۇنۇم ئۈچۈن ئاللاغا كۆپ شۈكۈرلەر شۈكرى!ئوقۇيمەن .
-    ئۇ بۇرادىرىم چىقىپ كەتتى ،ئەمما قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنىڭ سۆزلىرى جاراڭلايتتى ...مېنىڭ ئىمان ئېيتىپ تولۇق مۇسۇلمان بولۇشۇمغا ئاشۇنداق قىسمەتلەر سەۋەپ بولدى ،سۆزلىسەم ھىكايەم تۈگىمەيدۇ ،قالغان قېرىنداشلارنىڭمۇ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باققۇم بار .ئىلھام شۇنداق دەپ سۆزىنى توختاتتى .
ـ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،ئىسلامغا كىرىش جەريانىدىكى ناھايىتىمۇ تەسىرلىك ھېكايىڭىزنى سۇزلەپ بەردىڭىز دېمەك سىز بەختلىك بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن شۇنداق پاجىئەدىن كېيىن ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىپتۇ ،ئاللاھقا كۇپ شۈكۈرلەر ئېيتسىڭىز بولىدىكەن ،ھەممىمىزگە ئايان بىز ئەرلەرگە قارىغاندا ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ ئىمان ئېيتىپ دىنغا كىرىش جەريانلىرى تېخىمۇ مۈشكۈل ھەم ئەگرى –توقايلىق دەپ ئويلايمەن. شۇڭا سىلەرنىڭمۇ سەرگۈزەشتىلىرىڭلارنى ئاڭلاپ باقساق ،مەردان شۇنداق دەپ بىز ئاياللارغا نەزىرىنى ئاغدۇردى .ـ مەردان توغرا دەيدۇ ،ـ دەپ سۆز باشلىدى زۇمرەت ئەرلەرگە قارىغاندا قىز –ئاياللارنىڭ ئىمان ئېيتىپ دىن يولىدا مۇكەممەل مېڭىشىمىز ھەقىقەتەن تەسكە توختاۋاتىدۇ ،نېمىشكە دېگەندە، قېرىنداشلارغا مەلۇم قۇرئان كەرىمدە ئاللاتائالا  ئاياللارنىڭ ھىجاپلىنىشىنىڭ  پەرز ئىكەنلىكىنى نۇر سۈرىسىنىڭ 31- ئايىتى، يەنە بىرى ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 59- ئايىتىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان
«ئى مۇھەممەد! مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىن: ئۇلار كۆزلىرىنىڭ بىر قىسمىنى يۇمۇۋالسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن، زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن- ئۇ زىننەتلەردىن ئاشكارا بولۇپ قالغىنى مۇستەسنا-، لىچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى  ياپسۇن...» (نۇر 24/31).
«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىن: ئۇلار پۈركەنجىلىرى بىلەن بەدەنلىرىنى ئورىۋالسۇن...»
.مانا بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس كىتاۋىمىزدا بىزمۇسۇلمان  قىز –ئاياللارغا  چۈشۈرۈلگەن  بۇيرۇق بولغاچقا ،ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن چوقۇم ھىجاپلىنىشىمىز بىزگە پەرز بولدى ،دېمەك بىز كىچىكىمىزدىن دىنىمىزنىڭ بۇرمىلانغان ھالەتتە كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق ھىجاپلىنىشنى ھەتتا ياغلىق چىگىشنىمۇ خۇراپىلىق دەپ چۈشۈنىپ ھەم شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقاچقا ،بىردىنلا  ئەۋرەتلىرىمىزنى يۆگەپ ھىجاپلىنىپ كوچىغا چىقىشىمىزنى نۇرغۇن ئادەملەر چۈشىنەلمەي ،ھەتتا غەلىتىلىك ھېس قىلىۋاتىدۇ ،بۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز ،ئاكا-ھەدىلىرىمىز ،دوستلىرىمىز ... ھەتتا ئەرلىرىمىزمۇ بار ... زۇمرەتنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى ،كۆزلىرىگە غىل-پال ياش كەلدى ،دەقىقە تۇرىۋالغاندىن كېيىن :ـ قېرىندىشىم نادىيە سىزنىڭ ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان چاغدىكى چەككەن ئەزىيەتلىرىڭىزنى ئاڭلىغاندا ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلغانتى ،بۈگۈن مۇشۇ قېرىنداشلىرىڭىزغا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ،ئاڭلاپ ئىمانلىرىمىزگە يەنە كۈچ قۇشۇلاتتى دەپ ئويلايمەن . زۇمرەت قارا ئابايى بىلەن قارا ياغلىقتا ھىجاپلانغان ئاق پىشمىلاق كۆزەينەكلىك 30 ياشلار ئەتراپىدىكى چوكانغا ئىلتىجا بىلەن قارىدى .ئۇ چوكان بىردەم داستىخاننىڭ ئېتەكلىرىدىكى چۇچىللىرىنى  قوللىرى بىلەن يىمىرىپ ئولتۇرۇپ كېتىپ ،بېشىنى كۆتۈرۈپ ھەممىمىزگە تەكشى بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، ئېغىر بىر تىنىۋېتىپ سۆز  باشلىدى.  ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۇرغۇلۇق دانىمۇ –دانە چىقاتتى .تارىخ بەتلىرىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق دىنىمىز ئۈچۈن جانلىرىدىن ،بالىلىرىدىن ،ماللىرىدىن ۋاز كېچىپ ،جاھات قىلغان ساھابە كەرىملىرىمىزنىڭ جانلىرىدىن  ئۈلگىلىرىنى كۆرۈمىز بۇنىڭغا نىسبەتەن بىز ھېچنىمە قىلالمىدۇق ،ئەمما مۇشۇنداق ئىشەنچلىك قېرىنداشلار جەم بولغان يەردە ،يېڭى ئىمان ئېيتقان چاغدىكى ئۇ ئازابلىق ئەمما لەززەتلىك بولغان سەرگۈزەشتىلىرىمنى قايتا بىر ئەسلەش مەن ئۈچۈنمۇ ئىمانىمنى يەنە بىر يېڭىلاش ھېساپلىنىدۇ . مەن پايتەختىمىز بولغان بېيجىڭدا بىر زىيالى ئائىلىدە تۇغۇلغان ،ئاتا-ئانام بېيجىڭغا ئوقۇشقا بېرىپ شۇ يەردە خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قېلىپ قالغان زىيالىيلار ئىكەن .مېنىڭ  يازلىق تەتىللەردە شىنجاڭغا بوۋام –مومامنى كۆرگىلى كەلگەندىن باشقا ۋاقىتلىرىم  خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ ،خەنزۇلار ئارسىدا ئۆتكەن .  كىچىكىمدىن دەرسلەردە ياخشى ھەم بەك مەسئۇلىيەتچان ئىدىم .ئالى مەكتەپنىڭ  چەتئەل تىلى فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئەرەپ تىلى كەسپىنىڭ تولۇچ كۇرسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجىندا چەتئەل شېرىكچىلىكىدىكى بىر چوڭ شىركەتكە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىدىم   .خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن چەتئەللىك دوستلار بىلەن تونۇشتۇم . ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئابدۇللا ئىسىملىق  ئەرەپ يىگىت ھەم زۇبەيدە ئىسىملىك پاكىستانلىق مۇسۇلمان خىزمەتداشلىرىمنىڭ تەسىرى ماڭا چوڭ بولدى . ئۇلار  بىلەن مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن  ئاشخانىلاردا تاماقلارنى بىر ئۈستەلدە يىيىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن يېقىنلىشىپ قالدۇق.شۇلار ئارقىلىق ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلدى . مەن ئىسلامنى چۈشەنگەنسېرى قەلبىم ھوداپ قالغان
ئەينەكنى پاكىز قۇرۇق لاتىدا ئېيتىۋەتكەندەك ،قۇلاقلىرىم سۇ كىرىپ ئېتىلىپ قېلىپ تۇيۇقسىز ۋاككىدە ئېچىلىپ كەتكەندەك ،كۆزلۈرۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى  ئاجىزلاپ ، دوختۇردىن بۇيرۇتقان يېڭى كۆزئەينەكنى تاقاپ خۇددى ئەتراپىمدىكى ھەممىلا نەرسىنى قايتىدىن ئېنىق كۆرۈۋاتقاندەك ،ھەتتا يوپۇرماقلارنىڭ ئىنچىكە سىزىقلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرۈۋاتقاندەك ،سۈزۈك  سېزىمدا ھاياجانلىق دەقىقىلەرگە چۆمۈشكە باشلىدىم  . ،تۇنجى جاينامازغا چىققاندىكى دەقىقىلەرنى دېمەيسىز ! ئۇ چاغدىكى  نازۇك سېزىملىرىمنى سىلەرگە ئىپادىلەشگە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ .شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل بەش ۋاق ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن بىر كۈنى  نامازدىن كېيىن بېشىمدىكى لىچەكلىرىمنى سېلىۋېتىپ ئويلاپ قالدىم ،جەينامازغا چىققاندا مۇسۇلمان ھالەتتە چىقىپ ئاللاغا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرىدىكەنمەن ،ئەمما نامىزىمنى ئوقۇپ بولۇپلا ،بۇ ھايالىق كىيىملىرىمنى سېلىپ تاشلاپ ... بۇ نېمە دېگەن يالغانچىلىق ؟! ئاللاھ ماڭا پەرز قىلغان بۇيرۇقلارنى نېمىشقا ئورۇندۇمايمەن ؟ھەر قانداق ئىشنى مۇكەممەل  قىلىشىم كېرەكقۇ ؟ئاللاھ مېنىڭ قەلبىمنى ئىسلامغا ئېچىۋەتتى ! شۇ كۈنىلا ھىجاپلاندىم ،مېنىڭ بۇرۇنتىن ئۆزۈم توغرا دېگەن ئىشنى چوقۇم ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشنى ھەم بۇ ئىشتا چوقۇم نەتىجە قازىنىشنى قولدىن بەرمەيدىغان مىجەزىم بار ئىدى . ئەمما ئاللاھنىڭ بۇ توغرا يولىدا مۇكەممەل مېڭىشىم ئۈچۈن نەتىجە قازىنىشىم ئۈچۈن مەن ئويلىمىغان ئەزىيەتلەرنىڭ كېلىشىنى كىم بىلسۇن ؟
مېنىڭ ئاتا-ئانام ھەر ئىككىلىسى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ،بىز ئىككى قىز ئىدۇق . سىڭلىم نازىلە  ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتتى .مەن ئۆيگە ھېيت بايراملاردا قايتاتتىم . ھىجاپلىنىپ تۇنجى ئۆيگە قايتقىنىمدا  مەن ناھايىتىمۇ خوشال ئىدىم ،ئۆيگە كىرسەم چوقۇم ئاتا-ئانام مېنى قوللايدۇ ، چۈنكى كىچىكىمىزدىن بىز ئاچا-سىڭىللارنى ئاتا-ئانىمىز ھەممە ئەركىن تاللىشىمىزغا يول قويۇپ كېلىۋاتاتتى .ئەپسۇس  ئۆيگە كىرگىنىمدە ئۇلار كەچلىك تاماق يەۋاتقان ئىكەن  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  !سىڭلىمدىن باشقا ھېچكىم مېنىڭ سالىمىمغا جاۋاپ بەرمىدى ،ھەممىسى ماڭا داڭ قېتىپ قاراپ قالدى ،ئۇلارنىڭ سالىمىمغا جاۋاپ بەرمىگىنىگىمۇ ئەجەپلەنمىدىم ،چۈنكى ئىلگىرى  بىزنىڭ ئائىلىدە ئاللاھنىڭ مۇنداق سالاملىرى تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان،  ئەمما ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرى مېنىڭ يۈرىكىمگە ئەنسىزلىك سالدى ،ئۆزۈمنى بۇنداق سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرارمەنمۇ؟ دېگەن خىيالدا بولۇپ باقمىغاچقا ،باشتا دەقىقە سەل گاڭگىرىدىم ،شۇئان سۇبۇھانەۋەتەئالانىڭ{ زامان بىلەن قەسەمكى(1). ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر- بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر- بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر }دېگەن  ئايىتى يادىمغا كەلدى. ئۆزۈمگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىپ ،ئايىغىمنى سېلىپ قوللىرىمنى يۇيۇپ تاماق ئۈستىلىگە كېلىپ ئانامغا دادامغا بۇرۇنقىدەك ئەركىلەپ كۆرۈشتۈم ،ئۇلار خۇددى توڭلۇتۇپ قويغان مۇردىدەك سوغۇقلا ئولتۇراتتى  ،سەۋرى قىلاي تاماقلىرىمىزمۇ   شۇنچىلىك كۆڭۈلسىز يىيىلىشكە باشلىدى پەقەت سىڭلىملا مەندىن ئانچە-مۇنچە شىركەتتىكىى ئىشلار توغرىسىدا ئۇنى-بۇنى سوراپ ئولتۇردى .تاماقتىن كېيىن دادام ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . مەن سىڭلىم بىلەن ئاشخانىدا قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرىۋاتاتتۇق ئانام مېنى مېىمان ئۆيگە كىرگىن دەپ چاقىردى ئاپامنىڭ قېشىغا كىرىشىمگىلا ئاپام شۇنچە جىددى ھالدا  : - نېمە بولدۇڭ ،دېدى كۆزى بىلەن ياغلىقىمنى ئىما قىلىپ .
ـ : مۇسۇلمان بولدۇم –دېدىم مەنمۇ تەمكىنلىك بىلەن
-نېمە ؟ سەن بۇرۇن مۇسۇلمان ئەمەسمىدىڭ ؟
ـ مەن بۇرۇن ئاغزىمدىلا ئۆزۈمنى مۇسۇلمان دېگىنىم بىلەن ئەمىلىمدە مۇسۇلمانلىقىمنى ئورۇندىماپتىكەنمەن ،ئىمان دېگەن دىلدا تەستىق سېلىش ،تىلدا ئىپادىلەش ئەمەلدە چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەمەل بىرلەشكەندىلا ھەقىقىي مۇسۇلمان بولىدىكەنمىز .
ـ سەن ئالاھىدە تەربىيلىنىۋاتامسەن نېمە ؟
ـ شۇنداق !
ـ نەدە تەربىيلەندىڭ ؟!
ـ قۇرئان كەرىم ئاللاھ بىز مۇسۇلمانلارغا چۈشۈرگەن بۇيۇك كىتاپ تۇرسا شۇنى ئوقۇدۇم ،ئاللاھ بەرگەن ئەقىل بولغاندىكىن تەپەككۈر قىلدىم ،ئاللاھ مېنى تەربىيلىدى .
ـ بولدى دوزاققا چۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ ،ماۋۇ ئۇچاڭدىكى مەتۇ كىيىملىرىڭنى سېلىۋېتىپ ،ئادىمىيلىكىڭگە قايت!
ـ ئادىمىيلىكىڭگە قايت دەپ قويۇڭ ،ئەمىليەتتە سىز شۇ تاپتا مېنى ئادىمىيلىكتىن ھايۋانلىققا قايت  دەۋاتىسىز ئاپا ،بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بېشىدىكى ياغلىقىنى ئال دېيىشنىڭ ئۆزى ،ئىشتان-كۆڭلىكىڭنى سال دېگەن سۆز بىلەن باراۋەر ھاقارەت بىلەمسىز ؟قىيامەت كۈنى مۇشۇ سۆزۈڭىز ئۈچۈن چوقۇم پۇشايمان قىلىسىز ،بۇ دۇنيا پەقەت ۋاقىتلىق دۇنيا ...
- بىلجىرلىماي  سال دېگەندىكىن سال ماۋۇ پەرىجىلىرىڭنى !
قارىسام ئانامنىڭ ئىرادىسى قەتئىي تۇراتتى ،چۈشەندۈرىشىمگە مۇمكىن ئەمەستەك قلاتتى ،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قەتئىيلەشتىم .
ـ ئاپا ،بۇ سىز سال دېسىڭىز سالىدىغان ،كەي دىسىڭىز كىيىدىغان بايراملىق كىيىم ئەمەس ،ئاللا بىز مۇسۇلمان قىز-ئاياللارغا پەرز قىلغان ھىجاپ بىلەمسىز ؟كاللام كەتسە كېتىدۇكى ياغلىقىمنى ئالمايمەن !-دېدىم
ـ چوڭ بولىۋېلىپلا نېمانچە يوغان گەپ بۇ ؟ قېنى كۆرەرمەن ئالمىغىنىڭنى ئانام بېشىمغا چاڭ سالدى ياغلىقىمنى تارتىپ ئېلىپ يىرتىپ –يىرتىپ يەرگە تاشلاپ دەسسەۋاتاتتى .ئانامنى ئاللاھ كەچۈرسۇن شۇ مىنۇتتا يۈرەكلىرىم پارە-پارە بوپ كەتتى يىرتىلىۋاتقىنى ،دەسسىلىۋاتقىنى ئۇ ئاددى ياغلىقىم بولغان بىلەن ماھىيەتتە بۇ ،ئاسمان زىمىننىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ بۇيىك قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قىلىۋاتقان ھاقارەت ئىدى ... كۆزلۈرۈمدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى ، ئانا ،سېنى بۇنچىلا ياۋۇز ئويلىماپتىكەنمەن ،سەن ماڭا ئەمەس، ئاللاھنىڭ پەرمانلىرىغا قارشى چىقىۋاتىسەن ،ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىسەن ...
شۇ ئارىدا دادام ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ ماڭا دىۋەيلەپ تۇرۇپ :
ـ سەندىن بىرلا سۇئالنى سوراي :-سەن ياغلىقىڭغا تۇرامسەن ؟ بىزگىمۇ ؟ دەپ سورىدى .مەن دادامنىڭ ئانامنىڭ ، چىرايلىرىغا سىنچىلاپ قارىدىم ،ئۇلار ماڭا دۈشمىنىگە قارىغاندەك قاراپ تۇراتتى. سىڭلىم بولسا يېنىمدا نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ تۇراتتى .شۇ دەقىقىدە بۇ ئاتا-ئانامنىڭ سۇئالى ئەمەس ئاللاھنىڭ مېنىڭ ئىمانىمنى سىناش ئۈچۈن قويۇۋاتقان سۇئالى دەپ ئويلىدىم ،ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن  ناھايىتىمۇ قەتئىي ھالدا  ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن ئاللاھ بۇيرىغان ئىشتىن يانمايمەن ،شۇڭا ياغلىقىمدا تۇرىمەن –دېدىم .
ـ ئۇنداق بولسا بىزنىڭ سەندەك بالىمىز يوق ،ئۆيدىن چىق !-دېدى دادام قوللىرىنى شىلتىپ ...
نادىيە بۇ سۆزلەرنى دەۋاتقاندا كۆزلىرىدىن مۇنچاقتەك ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھېكايىسىنى يەنە داۋاملاشتۇردى  .سورۇندىكى ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ياشلاندى ،مەنمۇ  پەقەت ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم .
مەن سومكامدىن ئالماشتۇرۇپ چىگىش ئۈچۈن ئېلىۋالغان ياغلىقىمنى ئېلىپ ،قايتىدىن ئورۇنۇپ ،ئىشىكتىن چىققۇچە دادامنىڭ ماڭا چىق دەپ شىلتىپ تۇرغان قولى چۈشمىدى .
ـ ھەدە بۇ كېچىدە نەگە بارىسەن ؟ تالا بەك سوغۇق تۇرسا سىڭلىم مىشىلداپ يىغلاپ قالدى .
ئۆزۈم تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆيۈمدىن ،مېنى تۇغۇپ پەپىلەپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانامدىن دىلىم ئازار يىگەن ھەيدەلدىم . بۇ كېچىدە نەگە بېرىشىمنى بىلمەيتتىم .قەلبىمدىكى غەشلىكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئاللاھنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىگەچ ئاستا كېتىۋاتىمەن ،چۈنكى‹ دىللار ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ› ئەمەسمۇ ؟ئۆتكەندە قايسى بىر كىتاپتا كۆرگەن ئىسلام مۇتەپپەككۇرى ئىبنى  قەييۇمنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى يادىمغا ئېلىشقا باشلىدىم .{ قەلبىمدە قالايمىقانچىلىق بولسا ،ئۇنى پەقەت ئاللاغا يۈزلىنىشلار تۈزىتەلەيدۇ ،قەلبىمدە ئەنسىزلىك بولسا ئۇنى پەقەت ئاللا بىلەن يېقىنلىق يوقۇتالايدۇ ،قەلبىمدە غەمكىنلىك بولسا  ئۇنى ئاللانى تونۇش بىلەن خوشال بولۇش ۋە ئاللا ئالدىدا سادىق بولۇشتىن باشقىسى كەتكۈزىۋېتەلمەيدۇ ،قەلبىمدە نامراتلىق بولسا  ئۇنى ئاللاغا مۇھەببەت باغلاش ،ئاللاغا راسچىللىق بىلەن ئىخلاس قىلىش قىلىشتىن  باشقىسى تۈگۈتەلمەيدۇ .قەلبىمدە بىئاراملىق بولۇپ ئۇنى ئاللاغا ئۇچرىشىش ۋە ئاللا تەرەپكە يۈزلىنىشتىن باشقىسى خاتىرجەم قىلالمايدۇ }.مەن شۇ ھىكمەتلىك دۇردانىلارنى يادىمغا ئېلىش بىلەن ئىمانىمغا قۇۋۋەت ئىزدەۋاتاتتىم .
   ئاپئاق قارلار لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان جىمجىت كېچىدە ،ئۆزۈم تەنھا ،قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ ماڭماقتىمەن.كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىدىم،قارلىق يولدا قەدەم ئىزلىرىم قالغانىدى.ئىزلىرىمغا قاراپ ئۆزۈمچە كۈلۈمسىرىدىم چۈنكى شۇ تاپ ئاللاھ مېنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قانۇنىنى تولۇق ئورۇنداش ئۈچۈن جاھىلىيەت پاتقىقى بولغان ئائىلەمدىن ئاللاھنىڭ داغدام يولىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ،ئاخرەتتە بۇ ئەمىلىم ئۈچۈن ئاللاھ كاتتا ئەجىرلەرنى بېرىدۇ    مېنىڭ قەلبىمدە ئاللاغا بولغان ئىشەنچىم بارغاسېرى كۈچىيىۋاتاتتى . قارڭغۇدا  جىمجىت يولدا،ئۆزۈم تەنھا ،قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ كېتىۋاتىمان  .كەينىمگە يەنە ئۆرۈلۈپ قارىدىم  ،قارلىق يولدا قەدەم ئىزلىرىم قالغانىدى،ئۆزۈمنىڭ گۇناھ –مەسىئەتكە پېتىپ غەپلەت ئۇيقۇدا يۈرگەن شۇ ئائىلەمدىن مېنى توغرا يولدىن توسقان ئاتا-ئانامدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ ،ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقىلى كېتىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ ھاياجانلاندىم .شۇ يەردىلا ئۆزۈم يۈزلىنىپ كېتىۋاتقان قىلۋىغا قاراپ ئالقانلىرىمنى ئېچىپ ،كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەن ھالدا چىن ئىخلاسىم بىلەن ئاللاھقا {ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن ، ساڭا تەۋەككۈل قىلدىم ، پەرۋەردىگارىم  مېنى مۇبارەك مەنزىلىڭگە   چۈشۈرگىن سەن دوستلىرىڭنى ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن !} دەپ دۇئا قىلدىم . ئاپپاق قارغا دەسسەپ ئۇششاق قەدەملەر بىلەن داۋاملىق كېتىۋاتىمەن . قانچىلىك ماڭدىمكى بىلمەيمەن بىر چاغدا جالاقلاپ توڭلاپ كەتتىم ، بۇ سوغۇقتا  كېچىدە ئىزىمدا توختاپ قالسام چوقۇم توڭلاپ قالاتتىم .كەلگەن يولۇمدىن يەنە ئارقامغا بۇرۇلۇپ مېڭىشقا باشلىدىم ،چۈنكى بۇ چوڭ يول بولغاچقا ماشىنىلار ئۆتۈپ تۇرغاچقا بىخەتەر دەپ ئويلىغاچقا، شۇ ئۇزۇن كەتكەن بىر يولنى  نەچچە قايتىلاپ بولدۇم ،بۈگۈن كېچە شۇنداق تاڭنى ئاتقۇزسام ئەتە شىنجىنغا قايتىشىم كېرەك .  
شۇنداق خىيال بىلەن ئاستا كېتىۋاتقىنىمدا يېنىمغا بىر پىكاپ كېلىپ توختىدى بۇ كېچىدې يېنىمدا كىچىك ماشىنىنىڭ توختىشىدىن تېنىم شۈركەندى  ، شۇنىڭدىمۇ بەك توڭلاپ كەتكەچكە يەنە ئۈمىد بىلەن تونۇشلىرىممىكىن دەپ ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن ماڭا قاراۋاتقان شوپۇرغا ئەنسىز قارىدىم، - بەك توڭلاپ كېتىپسىز ، ماشىنىغا چىقىۋېلىڭ دېدى  شوپۇر يىگىت.
ـ سىزنى تونۇمىسام، ماشىنىڭىزغا چىقسام بولماسمىكى دېدىم.
ـ سىز تونۇمىغان بىلەن مەن تونۇيمەن، ئاللاغا تەۋەككۈل قىلىپ ماشىنىغا چىقىڭ –دېدى يىگىت يەنە كەسكىن ئاۋازدا.
مەن يىگىتنىڭ ‹ ئاللاغا تەۋەككۈل قىلىپ›دېگەن سۆزۈنى ئاڭلاپلا ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىپ ماشىنىغا ئولتۇردۇم، دە،ـ بۈگۈن مەن ئۆيۈمدىنمۇ ئاللاغا تەۋەككۈل قىلىپلا ھەيدىلىپ چىققانتىم، ماشىنىڭىزغىمۇ ئاللاغا تەۋەككۈل قىلىپ چىقتىم، قالغان ئىشلارنى ئاللاغا تاپشۇردۇم –دېدىم.
ـ ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم، ئاللا ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر، سىزدەك ئاللانىڭ يېقىن بەندىسىگە ئۇچراش مېنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ ساۋابلىق ئىشىم بولدى.ـ دېدى.
ـ سىزنى دىنىي قېرىندىشىمكەن دەپ تونۇسام بولامدۇ؟-سورۇدۇم قىزىقىپ.
ـ ئاللاھ قۇبۇل كۆرگەن بولسا، مەن سىزنىڭ  قېرىندىشىڭىز، ھەم دادىڭىزنىڭ ئوقۇغۇچىسىمەن ئىسمىم ئالماس –دېدى يىگىت
ـ پەمىمچە ھىجابىڭىز تۈپەيلى ئائىلىڭىزدىن يېنىپ چىققان ئۆخشايسىز، سەۋرى قىلىڭ قېرىندىشىم ، مۇسۇلمان دېگەنگە بۇنچىلىك ئەرزىيەتلەر كەلمەي تۇرۇپ مۇسۇلمان بولالمايمىز. يىگىت شۇنداق دەپ ماشىنىسىنى ھەيدىدى.
ـ ھازىر نەگە ماڭدۇق؟-دېدىم يەنە ئەپسىزلىك ھېس قىلىپ
ـ بۈگۈن كېچىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋالسىڭىز، ئەتە شىنجىنغا قايتارسىز، ھاقەچان؟
ـ شۇنداق،
ـ ئۇنداقتا خاتىرجەم ئولتۇرۇڭ .
ئالماس مېنى بىر كىشلىك ياتاقتىن بىرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ،خوشلۇشۇپ ،چىقىپ كەتتى .
ئائىلەمدىكىلەر بىلەن شۇ ئايرىلغانچە 5 يىل بوپتۇ ،تېخىچە مۇناسىۋىتىم يوق ،ھەتتا  ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئىش تويۇمدىمۇ ماڭا ئىگە بولمىدى .ئەمما مەن ئاللاھ ئۈچۈن ئائىلەمدىن ئايرىلىپ چىقىشىم بىلەن دىنىي قېرىندىشىم بولغان ئالماسنى ماڭا ئۇچراشتۇرۇپ بىزنى ئۆمۈرلۈك ھەمرا قىلدى ،ھېيت-ئايەم بولغانلاردا ئاتا-ئانا دېگەننى سېغىنىدىكەن،ئەمما ئۇلار بىلەن ئارامنى ياخشىلاش ئۈچۈن  نەچچە قېتىم ئالدىغا بارغان بولساممۇ قۇبۇل قىلمىدى ،ئاللاھتىن  ئاتا-ئانامنى ھىدايەت قىلىشىنى تىلەۋاتىمەن ...
ـ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ،ئاتا-ئانىڭىزدىن ئاللاھنىڭ  دىنىنى دەپ ئايرىلىپ چىقىپ نەچچە سائەتتىن كېيىنلا بىر دۇئا قىلىشىڭىز بىلەن  مېنى ئالدىڭغا توككىدا تاشلاپ بەرگەن ئاللاھ چوڭلارنىمۇ بىر كۈنى ئۆز پۇتى بىلەن ئالدىڭىزغا ئەكىلىپ بېرىدۇ جۇما ؟! نادىيەنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئالماسنىڭ گېپى بىلەن يىغلامسىراپ ئولتۇرغان نادىيەمۇ باشقىمىزمۇ بوشقىنا كۈلۈشتۇق .
ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە نەچچە قېرىنداشمۇ ناھايىتى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئېيتىشتى ،ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغانچە ئۆزۈمنىڭ بۇ يولدا نەقەدەر ئارقىدا ھەم ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ ئولتۇرغىنىمدا ،زۇمرەت مېنى چاقىرىپ قالدى . - چولپان سەنمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بۇ يولنى
تاللىدىڭ ،ئۆز تەسىراتىڭنى بولسىمۇ سۆزلەپ بەرمەمسەن ؟
ھەممىسى مېنىڭ جاۋابىمنى كۈتكەندەك ماڭا قاراشتى ،شۇ تاپتا مەن ئاجايىپ ھاياجان ئىچىدە ئولتۇراتتىم ،تىلىم سۆزگە كېلىدىغاندەك ئەمەس ،كۆزلۈرۈمدىن تۆكۈلگەن ياشلار ئىڭەكلىرىمنى بويلاپ ئېتەكلىرىمگە تۆكۈلىۋاتاتتى ؟
:- مەن مۇشۇ كۈنلەرنى ئۆزۈمنى بەكلا يالغۇز ھەم  غېرپ ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم ،سىلەرنى كۆرۈپ ،ئۆزۈمنىڭ بۇ يولدا ئۇنچىۋالا يالغۇز ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلدىم مەندە ھازىر سىلەرگە سۆزلەپ بەرگىدەك, ھېچقانداق ئەمەل يوق، ئەمەل ئەمەس ، ھەتتا ئىسلام ،ئىمان توغرىسىدىمۇ مۇكەممەلرەك چۈشەنچىمۇ  يوق ،پەقەت ،يېقىندا مېنىڭ كىچىگىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇمدىن ئۈچى قاتناش ۋەقەسىدە بىرلا ۋاقىتتا قازا قىلدى. شۇ ئۆلۈمدىن كېيىن مەنمۇ ئۆلۈپ كەتسەم  ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداق بارارمەن دېگەن قورقۇنۇش بىلەنلا بەش ۋاق ناماز ئوقۇشنى باشلاپ بېشىمغا ئارقىمدىم بولسىمۇ ياغلىق چىگدىم ، ئەمما مۇشۇ ياغلىقىم ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن كەمسىتىش ھەم سۇئال سوراقلارغا ئۇچرىدىم ،بۈگۈن سىلەرنىڭ بۇ كەچۈرمۈشلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ناھايىتى چوڭ گۇناھلارغا پېتىپ يۈرگىنىمنى،ئەۋرىتىمنى ئېچىپ يۈرۈشكە ئاللاھتىن خجىل بولماي ،ئەۋرىتىمنى يېپىش ئۈچۈن ئىنساننىڭ نېمە دەپ كېتىشلىرىدىن ئەنسىرەپ كەتكىنىمدەك نادانلىقىمدىن بەك نومۇس قىلىپ كېتىۋاتىمەن ... مەن شۇنداق دەپلا يىغلاپ گەپ قىلالماي قالدىم ...ئالقانلىرىم بىلەن يۈزۈمنى توسۇۋېلىپ يىغلىدىم  ،
-    ئاداش ،ئاللاھ يولىدا تۆككەن ياشلىرىڭغا ئاللاھ ئاخىرەتتە مۇكاپات بىرىدۇ ،دىللار ئىمان بىلەن نۇرلانغاندا كۆزلەردىن ئاللاھ ئۈچۈن ياش تۆكۈلىدۇ ،بۇمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ... زۇمرەتنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى تېخىمۇ ئېسەدەتتى ...
-    دوستۇم چولپاننىڭ ئىسلام ،ئىمان توغرىسىدا تولۇق چۈشەنچىسىنىڭ يوق تۇرۇپمۇ ئاللاھتىن قورققانلىغىنىڭ ئۆزى بۇ ئاللاھنىڭ چولپاننىڭ قەلبىنى ئىسلامغا ئېچىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى  ،بۈگۈنكى بۇ سورۇنىمىزمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغقان ،بەرىكەتلىك سورۇن بولدى ،ھەممىمىز دىنىمىزنى چۈشۈنىش ھەم ئۇنىڭغا كىرىش جەريانلىرىمىزدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىمىزنى سۆزلەشتۇق ،بۇ ھىكايىلەر بۇنۇڭدىن كېيىنكى يوللىرىمىزدا بىزگە مەدەت بولىدۇ دەپ ئويلايمەن ،مۇشۇنداق سورۇندىن مېنىڭمۇ قورۇق قول قايتقۇم يوق ،مېنىڭمۇ ساۋاپ ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ ،شۇڭا دىنىمىز توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمدىن ئازراق يەتكۈزۈپ بېرەي .
-    - ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! قېنى سۇزلەڭ ،زۇمرەتنى ھەممىمىز خوشاللىق بىلەن قوللىدۇق .ئۇ سۆزىنى دۇئا بىلەن باشلىدى .
       ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللە نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
مەدھىيە ئاللاھقا خاسدۇر ،ئاللاھنى مەدھىيىلەيمىز ،(اللە دىن) يا ردەم سۇرايمىز ۋە  گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىنى سۇرايمىز ،اللە قا سېغىنىپ نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئەمەللەرنى (قىلىپ قېلىشىمىزدىن) پاناھلىق بىرىشىنى سۇرايمىز، اللە توغرا يولغا باشلغاننى ھىچ ئازدۇرغۇچى يوق  اللە ئازدۇرغاننى  ھىچ توغرا يولغا باشلىغۇچى يوق  .  اللەتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام اللە نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋالىق  بىرىمەن .
. اللە مۇقەددەس دەستۇرىمىز قۇرئانكەرىمدە : {ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگىزىدىغان )قەلىبكە ئىگە ئادەم ياكى(ۋەز-نەسىھەتكە)ھۇزۇرىي قەلىب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز-نەسىھەت بار.} دېگەن .سۈرە ق - 37 ئايەت
قېرىندىشىم ! بىز ئۈزىمىزدىن ھاياتىمىزدىكى بىرەر كۈندە بۇ مۇھىم سۇئالنى سۇراپ باقتۇقمۇ ؟ بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن يارىتىلدۇق ؟.... يەپ-ئىچىش ئۈچۈن يارىتىلدۇقمۇ ؟ ئۇيۇن-تاماشا ئۈچۈنمۇ ؟مال توپلاش، نام ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ ؟ياكى بىنا-قەسىر سېلىش ۋە ئۇنى بىزەش ئۈچۈنمۇ ؟ ياكى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نازۇ - نىئمەتلىرى بىلەن پەخرلىنىش ئۈچۈنمۇ ؟ ياكى مەنسەپ ، مەدھىيە ، گۇۋاھنامىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ ؟ياكى مەسئۇلىيەتكە تارتىلماي،ئەيىپلەنمەي، نېمىنى خالىساق شۇنى قىلىشىمىز ئۈچۈن يارىتىلدۇقمۇ ؟ ياق ... ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . بىز بۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلمىدۇق . بىز چۇقۇم ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ بۈيۈك بىر غايە ئۈچۈن يارىتىلدۇق . ياراتقۇچىمىز ئۇنى بىزگە ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە بايان قىلىپ مۇنداق دىدى ؛

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:02:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنلارنى ،ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈنلا ياراتتىم .سۈرە زارىيات 56-58-ئايەت،
يارىتىلىشىمىزدىكى غايىنى بىلگەن بولسىاق  ئۆزىمىزدىن ئېنىق قىلىپ يەنە بىر سۇئال سۇراپ بېقايلى . بۇغايە ئۈچۈن نىمىنى قىلدۇق ؟ باشقىلار نىمىنى قىلىۋاتىدۇ ؟   جاۋاپ ھەم ئۇچۇق تۇرۇپتۇ . (ھازىرقى ياشقا كەلگۈچىلىك ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمىزدە ، سىزنى ياراتقان مىھرىبان اللە ئۈچۈن قانچىلىك ئەمەل ئىبادەتنى قىلغاندىمىز  ؟ )  ياخشى ئەمەللىرىمىز ،ئىبادەتلىرىمىز ئىنتايىن ئاز بەلكى يوق دىيەرلىك .....
نېمە ئۈچۈن ئىشلىرىمىز، ئىبادەتلىرىمىزدە ھۇرۇنلۇق، يېتەرسىزلىك، كېچىكىش، سەل قاراش كۈرىلىدۇ؟ ئۈلۈمنىڭ ۋاقىتسىز يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى دوسلىرىمىز، ھەمراھلىرىمىز، ئەۋلادلىرىمىزنى ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتامدۇق؟  
<< ھەربىر جان ئىگىسى ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار(يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تۇلۇق بېرىلىدۇ. كىمىكى دۇزاقتىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگىزۈلگەن ئىكەن ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر(يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنە بەھرىمەن بولغاندىن كىيىن تۈگەيدۇ>> سۈرە ئال ئىمران 185 -ئايەت.
ياكى خىيالىچە سۆز قىلمايدىغان ۋەھىي قىلىنغاننى سۆزلەيدىغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممەتنىڭ ئۆمرى 70-60قىچىلىك بولىدىغانلىقى ئاز قىسمىنىڭ ئۆمرى ئۇنىڭدىن ئاشىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەنلىكىنى بىلمەيۋاتامدۇق؟
ياكى دۇنيانىڭ پانىيلىقىنى، ھاياتنىڭ ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيۋاتامدۇق؟ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن بەشتىن بۇرۇن بەشنى غەنىيمەت بىل، قېرىشىڭدىن بۇرۇن ياشلىقىڭنى، كېسەللىكىڭدىن بۇرۇن ساقلىقىڭنى، يوقسۇزلۇقىڭدىن بۇرۇن بايلىقىڭنى، ئالدىراش خىزمىتىڭدىن بۇرۇن بوش ۋاقتىڭنى، ئۆلۈمىڭدىن بۇرۇن ھاياتىڭنى غەنىيمەت. بىلگىن...   
بۇ ۋاقىت ئۆتۈۋاتىدۇ، تۈگەۋاتىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن بىر سېكۇنت ۋاقىتنى قايتۇرىۋالالمايمىز. ئىشەنمىسەك، كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئۆتۈپ كەنكەن ھاياتىمىزنى ئەسلەپ باقايلى، قانداق ھېسسىياتتا بۇلارمىزكىن؟ ئەگەر بىرسى سىزدىن ھازىرغىچىلىك ئۆتكەن ھاياتىمىزدىن سورىسا تۈنۈگۈن تۇغۇلغاندەك ھېس قىلىمەن دەپ جاۋاب بېرىشىمىز مومكىن.
قىيامەت قايىم بولغان كۈندە مۇشرىكلەر    <<دۇنيادا پەقەت ئازغىنە ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ>> سۈرە رۇم 55-ئايەت              
<<اللە تەئالا ئۇلارغا زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار دەيدۇ. ئۇلار  بىركۈن ياكى بىركۈندىنمۇ ئازتۇردۇق، (ئاي -كۈنلەرنى) ھېسابلىغۇچى پەرىشتىدىن سۇرىغىن >>دەيدۇ.(ئۇلار دۇزاقتا چېكىۋاتقان ئازاب تۈپەيلىدىن، زېمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ. اللە  ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنە تۇردۇڭلار دەيدۇ>> سۈرە مۇئمىنۇن 114-112-ئايەت  
<<ئى ئىنسانلار! ئاللانىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللانىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار >> سۈرە فاتىر 5-ئايەت  
<<دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنىلا ئىبارەت، تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر >>سۈرە ئەنئام 32-ئايەت               
رەسۇلۇللاھ بازار ئارىلاۋېتىپ يېتىلمىگەن ئۆچكىنىڭ ئۆلۈك تۈرەلمىسىنىڭ ئەتراپىدا كىشىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ۋە ئۇ تۇرەلمىنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ساھابىلەرگە مۇنداق دېدى(قايسىڭلار بۇ ئۆلۈكنى بىر دەرھەمگە ئالىسىلەر ؟)      
ساھابىلەر مۇنداق دېيىشتى: ئۇنى ئېلىپ نېمە قىلارمىز؟  
رەسۇلۇللاھ  ئىككىنچى قېتىم سۇرىدى  
ئۇنى بىكارغا ئېلىشنى خالامسىلەر؟) ئۇلار: ئۇ تىرىك بولغاندىمۇ مېيىپ تۇرسا ئۇنى نېمە قىلارمىز؟ دېيىشتى.
رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى(: سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا بۇ ئۆلۈك ئوغلاقنىڭ ئىتىبارى بولمىغاندىن بەكرەك، ئاللانىڭ نەزىرىدە دۇنيانىڭ ئىتىبارى يوقتۇر.)   
  رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن( ئاخىرەتكە قارىتا دۇنيا دېڭىزغا بارمىقىڭىزنى چىلىغانغا ئوخشاش، بارماقنىڭ قانچىلىك سۇنى ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.)  
بۇ ھەقىيقەتنى چۈشەندىۇقمۇ؟ ياكى شەيتان ھەمىشە ئەخمەق قىلىپ پانىي دۇنيانىڭ لەززەت ۋە شەھۋەتلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ،  ياشلىق باھارىڭدا ئوينىۋال، ياشانغاندا ھەج قىلىسەن، تەۋبە قىلىسەن دەپ تەكرار ۋەسۋەسە قىلىۋاتامدۇ؟  
يالغانچى شەيتان ئەگەشكۈچىللىرىنى كۈپەيتىش، دۇزاققا كىرىدىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مۇشۇنداق چىرايلىق ۋەسۋەسىلەرنى قىلىدۇ<< شەيتان ھەقىيقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دۇزاقتىن بولۇشقا چاقىرىدۇ.>>سۈرە فاتىرنىڭ 6-ئايەت.      
تەپەككۇر قىلىدىغان ئەقلىمىز بولسا شەيتاننىڭ ھاياتىڭىزنى قانداق نابۇت  قىلغانلىقىنى، قىلىۋاتقانلىقىنى، تەۋبە قىلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن  ئىككىنچىلەپ ھەرگىز  كەلمەسلىكى توغرۇلۇق قانداق ۋەدىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئويلۇنايلى.........
اللەنىڭ تۆۋەندىكى سۈزىنى تەپەككۇر قىلىپ باقايلى .....
ئىش پۈتكەندە (ھېساب تۈگەپ، جەننەتىيلەر بىلەن دۇزىخىيلارئايرىلىپ بولغاندا يەنى قىيامەت كۈنىدە) شەيتان<<ئاللاھ ھەقىيقەتەن سىلەرگە ( ئىتائەت قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى. مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىش، ساۋاپ، جازا دېگەنلەر يوق دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم. سىلەرنى مىنىڭ (كۇپرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك)  ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق. مەن سىلەرنى پەقەت( گۇمراھلىققىلا) دەۋەت قىلدىم. سىلەر (دەۋىتىمنى) قۇبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا( ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن. شۈبھىسىزكى زالىملەر چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ  دەيدۇ.  سۈرە ئىبراھىم -22ئايەت                             
  قېرىنداشلار، پات ئارىدا بىز   يۇلىقىدىغان، ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى ( يەنى ئۆلۈمنى) كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلىچۇ . بۇ ۋاقىتتا ئەتراپىمىزغا دوسلىرىمىز، ھەمراھلىرىمىز، باللىرىمىز، نەۋرىلىمىز، ئاكا -ئىنە، ئاچا-سىڭىللىرىمىز توپلىنىدۇ. بۇ دەل بۇدۇنيادىن مەڭگۈلۈك سەپەر قىلىدىغان ۋاقتىمىزدۇر. ھەسرەتلىك ياشلىرىمىزنى تۈكۈپ، ئۇلار بىلەن ۋىدالىشىسىز. ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى (مال-دۇنيا، زىبۇ-زىنەت، گۈزەللىك، سورۇن ئۇچرۇشىشى، مېھرى -مۇھەببەت، ئارزۇ -ئۈمىد) قالدۇرىمىز.  
ئۆلۈمنىڭ سەكەراتى ھەقىيقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى، ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ) سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۈلۈمدىن) قاچاتتىڭ. سۈرە قاپ 19-ئايەت
ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگۈمەيدۇ. بۇندىن كېيىنكىسى تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە تېخىمۇ  قورقۇنچلۇق, ئۇ قەبرە، قەبرە دېگەن قانداق جاي؟ رەسۇلۇللاھ جەننەت بىلەن بېشارەت بەرگەن خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، بىرەر قەبرىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتەتتى، ئۇنىڭ ساقاللىرى يۆل بولۇپ كېتەتتى. ھەمراھلىرى  سۇرىدى. يا ئەمىرۇل مۇئمىنىن جەننەت ۋە دۇزاخنى  ئەسلىسىلە بۇنچىۋالا  يىغلىمايلا، قەبرىنى ئەسلىسىلەنىمە ئۈچۈن كۆپ يىغلايلا؟ ئوسمان جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
  رەسۇلۇللاھ قەبرە ئاخىرەتنىڭ بىرىنچى چۈشكىن، ئەگەر  ئۇنىڭدا  نىجادلىققائېرىشسە،  كىيىنكىللىرى  ئاساندۇر.  ئەگەر   ئۇنىڭدا  نىجادلىققا  ئېرىشەلمىسە     كىيىنكىللىرى   قىيىن ۋە تەستۇر، قەبرىدەك   قورقۇنچلۇق، ئ ېچىنىشلىق  بىرەر   مەنزىرىنى كۆرمىدىم. دېگەن دەيدۇ
قەبرىدىن كىيىن قىيامەت كۈنى يىغىلىش . قىيامەت دىگەن نىمە ؟ ئاللاھ تەئالا قىيامەتنى مۇنداق سۈپەتلەيدۇ.
<كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا ، يۇلتۇزلار تۈكۈلگەن چاغدا ، تاغلار گۇمران بولغان چاغدا،بوغاز تۈگىلەر تاشلىۋىتىلگەن چاغدا ، ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا، دېڭىزلار ئوت بۇلۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا ، جانلار (ئۆزقاياشلىرىغا )قوشۇلغان چاغدا ، تىرىك كۆمۈۋىتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ ؟دەپ سۇرالغان چاغدا ، نامە - ئەمەللەر ئېچىلغان چاغدا ، ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا ، دۇزاق قىزىتىلغان چاغدا ، جەننەت (تەقۋادارلارغا )يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا ، ھەرئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى -يامان )ئىشلىرىنى بىلىدۇ >> سۈرە تەكۋىر 14-1 . )
ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ (قىسسە) دىن، ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر[103]. ئۇنى (يەنى قىيامەت كۈنىنى) بىز مۇئەييەن مۇددەتكىچە تەخىر قىلىمىز[104]. قىيامەت كۈنى بولغاندا، ھەرقانداق ئادەم اﷲ دىن ئىجازەت بولغاندىلا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەدبەخت بولىدۇ،بەزىلىرى سائادەتمەن بۇلىدۇ . سۈرە ھۇد 105-103ئايەت
50مىڭ يىلغا باراۋەر كىلىدىغان بۇ كۈندە كىشىلەر يالاڭياق ، يالىڭاچ ،خەتنە قىلىنمىغان ھالدا يىغىلىدۇ. قۇياش ئۇلارغا بىر مىل ئارىلىقتا يېقىن بۇلىدۇ . كىشىلەرنىڭ تەرى ئەمەللىرى ھىساۋى بىلەن چىقىدۇ . بەزىسى تەرى ھۇشىقىغا يىتىدۇ ، بەزەنلىرىنىڭ بەدىنىدىن چىققان تەر تىزىغا يىتىدۇ ، بەزەنلىرىنىڭ بىلىگە يىتىدۇ ، بەزەنلىرىنىڭ تەرى ئاغزىغايىتىدۇ .ئاندىن كىيىن جەننەت ياكى دۇزاق. ئۈچىنچىسى يوق. (ئۇ كۈندە) بىر پىرقە (كىشىلەر) جەننەتتە ۋە بىر پىرقە كىشىلەر جەھەننەمدە بولىدۇ
سۈرە شۇرا 7-ئايەت .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ ؛ئۈلۈم قىيامەت كۈنى مۈڭگۈزلۈك قاشقىلىق بوز قوچقار شەكلىدە كەلتۈرىلىدۇ ئاندىن جەننەت ۋە دۇزاق ئوتتۇرىسىدا توختۇتۇپ قۇيىلىدۇ ئاندىن مۇنداق دىيىلىدۇ :ماۋۇنى تونۇمسىلەر؟ ئۇلار ھەئە بۇ ئۈلۈم دەيدۇ .ئاندىن كىيىن دۇۋزىخىيلەرگە :بۇنى تونۇمسىلەر دىيىلىدۇ ؟ ئۇلار باشلىرىنى كۈتۈرۈپ قارايدۇ ۋە ھەئە بۇ ئۈلۈم دەيدۇ .ئاندىن ئۇ قوچقار شەكلىدىكى ئۈلۈمنى بۇغۇزلاشقا بۇيرۇلىدۇ ۋە بۇغۇزلىنىدۇ . ئاندىن كىيىن ئې جەننەت ئەھلى ئۈلۈم يوق مەڭگۈ راھەتتە ياشاڭلار! دىيىلىدۇ ۋە. ئې دۇۋزىخىيلەر ! ئۈلۈم يوق، مەڭڭۈ ئازابلىنىڭلار ! دىيىلىدۇ.
ئاندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۈۋەندىكى ئايەتنى ئۇقۇدى
ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر. سۈرە مەريەم 39-ئايەت ۋە رەسۇلۇللاھ قۇلى بىلەن دۇنياغا ئىشارە قىلدى . بۇخارىي رىۋايىتى .
قېرىنداشلار ، اللاھ تەئالا سالىھ بەندىلىرىگە تەييارلاپ قويغان نىئمەت توغرۇلۇق پىكىر يۈرگۈزدۇقمۇ ؟ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەبەر قىلغان جەننەتتىكى ھۇزۇر ھالاۋەتنى ئويلىدۇقمۇ ؟
<< تەقۋادارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ[51]. باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ[52]. ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر- بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ[53]. (ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز[54]. ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكلەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مېۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ[55]. ئۇلار ئىلگىرىكى (يەنى دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، اﷲ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ[56]. (بۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر>> سۈرە دۇخان 57-51ئايەت. )
سىلەر (قىيامەتتە) ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىسىلەر[7]. (بىرىنچى پىرقە) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە- ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان) ئادەملەردۇر[8]. (ئىككىنچى پىرقە) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە- ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر[9]. (ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر[10]. ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە اﷲ غا يېقىن بولغۇچىلاردۇر[11]. [12]. بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر[13]. [14]. ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر- بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىشىدۇ[15]. [16]. (قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شاراپتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ.[17]. [18]. ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەس بولمايدۇ[19]. ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ[20]. [21]. ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەر بېرىلىدۇ[22].بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر[23]. ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ[24]. [25]. سائادەتمەنلەرنىڭ (يەنى نامە- ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەرنىڭ) ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ[26]. سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟[27]. ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق- سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[28]. [34]. شۈبھىسىزكى، بىز ھۈرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق[35]. [37]. بۇ ھۈرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر[38]. بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر( سۈرە ۋاقىئە 34-6ئايەت. )
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر[8]. بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر[9]. ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر[10]. ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ[11]. ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ[12]. ئۇ يەردە ئىگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت- رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار[/][13]. [14]. [15. ( سۈرە غاشىيە 16-8ئايەت.
رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىدى مىنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەۋۋەلقى تۈركۈمدە جەننەتكە كىرىدىغانلار،ئون تۆت كۈنلۈك تۇلۈن ئايغا ئوخشاشتۇر . ئۇلانىڭ يېنىدىكى كىشىلەر ئاسماندىكى ئەڭ كۈچلۈك نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاشتۇر، ئۇندىن كىيىنكىلەر بىرنەچچە ئۇرۇندا بۇلىدۇ. ئۇ جەننەتىيلەر چوڭ-كىچىك تاھارەت سۇندۇرمايدۇ ، بۇنىنى تاشلىمايدۇ ، تۈكۈرمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ ئاغاقلىرى ئالتۇن ، ئۇلارنىڭ خۇشپۇراقلىرى ئىپار، تەرلىرى مىسك،ئۇلارنىڭ يارىتىلىشى بىرخىل ، دادىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىگىزلىكىدە 60گەزدۇر ). بۇخارىي رىۋايىتى .
، ئاللاھ تەئالانىڭ ئاسىي ، گۇناھكار بەندىلىرىگە تەييارلاپ قويغان دۇزاخ ئازابى توغرۇلۇق سۆز ئاڭلىدۇقمۇ ؟ بەختسىزلەر (يەنى نامە- ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلگەنلەر) (دوزىخىلاردۇر). بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟[41]. ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. سۈرە ۋاقىئە 44-41ئايەت .
بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر[2]. ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر[3]. ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ[4]. (سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ[5]. ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەدبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يىمەكلىك بولمايدۇ[6]. زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ ) سۈرە غاشىئە 7-2ئايە
قېرىنداشلار  ، بارمىقىمىزنى كۈيىۋاتقان ئوتقا قۇيۇپ ، ياكى قايناۋاتقان چايغا سېلىپ بىرەر قېتىم تەجرىبە قىلىپ باقتۇقمۇ ؟ پەقەت بىر قېتىم تەجرىبە قىلىپ باقساق  ، شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھنىڭ سۈرىنى چۈشۈنۈپ يىتەلەيتۇق . ؛ بۇدۇنيادىكى ئۇتۇڭلار ، جەھەننەم ئۇتىنىڭ قىززىقلىق گىرادۇسىنىڭ 70تەن 1گە توغرا كىلىدۇ ؛
دۇزىخىيلارنىڭ ئەڭ يەڭگىل ئازاپ چىكىدىغىنى ئوتتىن ياسالغان ئىككى ئاياغ كەيگۈزىلگەن كىشى . شۇ ئاياغنىڭ ھارارىتىدىن ئۇ ئادەمنىڭ مىڭىسى قازان قاينىغاندەك قايناپ تۇرىدۇ . ھېچ بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭدىن قاتتىقراق ئازاپلانغانلىقىنى كۆرمەيدۇ . ئۇ كىشى دۇزىخىيلارنىڭ ئەڭ يەڭگىل ئازاپلانغىنىدۇر. ( مۇسلىم رىۋايىتى.
نامازنى ئۆز ۋاقتىدا خۇشۇئ ۋە ئارام بىلەن ھەر بىر رۇكنىسىنى تۇلۇق ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرەيلى  . نامازنى بىرەر باھانە ۋە سەۋەپ بىلەن تاشلاپ قويمايلى . ناماز دىننىڭ تۈرىكى ، ئۇلۇغ ئىسلامنىڭ ئاساسىدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ : (بەش) نامانى ۋە بولۇپمۇ نامازدىگەرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار). اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار ( سۈرە بەقەرە 238-ئايەت.
رەسۇلىمىز مۇنداق دەيدۇ : بەندە قىيامەت كۈنى بىرىنچى قېتىم ھىساب بىرىدىغان ئەمىلى نامىزىدۇر. ئۇ ناماز تۇلۇق بولسا ، نىجادلىققا ئېرىشىدۇ . ئۇ ناماز بۇزۇق بولسا زىيان تارتىدۇ.
رەسۇلۇللاھ ئېيتىدۇ (: بىز بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى ئەھدى نامازدۇر . كىمىكى نامازنى ئوقۇمىسا ، چۇقۇم كاپىر بۇلىدۇ ).
تەقۋادار ، ئەقىدىسى سۈزۈك ، ياخشى دوست تاللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى . چۈنكى ياخشى دوست ئىپار ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ ، ئۇ دوستىمىز بىزگە ئىپار سوۋغات قىلىدۇ ياكى سېتىۋالىساق ياكى ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇرايمىز .
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ ): شۇكۈنى زالىم (يەنى كاپىر ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك- شۇبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ ( سۈرە پۇرقان 27-29ئايەت
رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن؛ كىشى ئارلىشىدىغان سىرداش دوستنىڭ دىنىدە بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئارلىشىدىغان دوستقا دىققەت قىلسۇن، تىرمىزى رىۋايىتى
ھىدايەت يولىنى ئىزدىگەن،ئازغۇنلۇق يولىدىن قول ئۈزگەن كىشىنىڭ قەلبىگە ئىيمان ۋە قانائەتنى كۈپەيتىدىغان،كۈڭۈلنى راھەتلەندۈرۈپ غەم قايغۇنى يوقۇتىدىغان ، نۇرلۇق ھۆججەت، مەڭگۈلۈك مۆجىزە بولغان ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمنى داۋاملىق ئۇقۇشىمىزنى، تەھلىل قىلىشىمىزنى ۋە ئىتىقاد ،سۆز ،ھەركىتىمىز نى قۇرئاننىڭ يوليۇرۇقلىرىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ھايات كۆچۈرۈشىمىزنى تەۋسىيە قىلىمەن
اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ ئى ئىنسانلار ! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان،دىللاردىكى دەرتكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا ) شىپا بولغان ، مۇمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان ) كەلدى »

رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن « قۇرئان ئۇقۇڭلار ! چۈنكى ئۇ ، ئۇنى ئۇقۇغان كىشىگە قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدۇ›› تىرمىزى رىۋايىتى
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ، بۇلار قورقۇتۇش ئۈچۈن دىيىلگەن خىيالى سۆز ئەمەس، شەكسىز ھەقىقەت بولغان قۇرئاننىڭ سۈزىدۇر ، ئىنساننىڭ ھاياتى ناھايىتى قىسقا چەكلىك ھايات ، ئادەم قانچىلىك ھايات كۆچۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ،
اللە مۇنداق دەيدۇ ، ھىچ ئادەم ئەتە نىمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ (يەنى ئۇنىڭغا نىمە ئىش بۇلىدىغانلىقىنى ، ياخشى - يامان ئىشلاردىن نىمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ) بىلمەيدۇ ، ھىچ ئادەم ئۈزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ، اللە ھەقىقەتەن (ھەممە ئىشلارنى )بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن ) تۇلۇق خەۋەرداردۇر شۇنىڭ ئۈچۈن خاتالىقىمىزغا دەرھال تەۋبە قىلايلى ھەقىقى راست تۆۋبە قىلساق اللە تەئالا خاتالىقىمىزنى كۆچۈرىدۇ ،
اللە مۇنداق دەيدۇ« ئى مۆمىنلەر! اللە غا سەمىمى تۆۋبە قىلىڭلار ، ئۇمىدكى ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ »سۈرە تەھرىم 8- ئايەت
يەنە مۇنداق دەيدۇ ، « ئى مۇھەممەد ! (مىنىڭ تىلىمدىن ) ئېيتقىنكى ،« ( گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىللىرىم ! اللە نىڭ رەھمىتىدىن ئۇمىدسىزلەنمەڭلار . اللە ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ جىمى گۇناھىلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۇبھىسىزكى اللە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر ، ئەرشى ئەزىمنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ اللە ھەممىمىزنى  ئۆزىنىڭ ئىتائىتىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش بىلەن جەننىتىگە كىرگۈزىشنى سۇرايمىز ،ئامىن
ـ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !
ـئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرسۇن! ھەممىمىز زۇمرەتكە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىپ، دۇئالارنى قىلىشىپۋاقىتنىڭ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى سېزىپ بۇ سۆھبەتنى توختۇتىشقا كۆزۈمىز قىيمىغان ھالدا  ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق. مەن زۇمرەتنىڭ ئۆيگە بىرگە كېتەيلى تەكلىۋىگە  رەھمەت ئېيتىپ تاكسى بىلەنلا ياتاققا قايتىپ كەلدىم.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يېزىلغان رومان بۇ، مۇشۇ كىتابىمنى بىر دوستۇم ئوقۇپ تۇراي، دەپ ئەكىتىپ قايتۇرۇپ بەرمىدى دېسە:(

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
96
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 10:15:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلباھار سىدىق ئابباسنىڭ بۇ پوۋسىتى ھەقىقەتەن ياخشى چىققان، ئاياللار ئەمەس ئەر بولغۇچىلارمۇ بىر ئوقۇپ قويغىدەك ئەسەر بۇ.

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
6
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى 14:45:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالام  مۇ ئەلەيكۇم   مەنمۇ  بۇكېتاپ نې ئوقۇغان  ناھاتې ياخشې كېتاپ  بۇ  ياخشې  يېزېپلا  ئۇلۇغ ئاللا تەنلرېنې   سالامەت  قېلسۇن


Rank: 1

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى 15:35:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپ ھەقىقەتەن بەك ياحشى ، يەنە بىر ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىگىزگە رەحمەت !

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى 15:59:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن مەخسۇس مۇشۇ كىتاپنى سېتىۋالدىم ،لىكىن كىتاپتىكىسى بىلەن بۇ توردا يوللانغان مەزموندا ئازراق پەرق بارئىكەن. ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۇقۇپ چىقىشقا لايىق كىتاپكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:40 , Processed in 0.082294 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش