يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 847|ئىنكاس: 0

قىزلار بىلمەيدىغان 11 تۈرلۈك ئىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى
نادىر
0
يازما
13
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 13:13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار بىلمەيدىغان 11 تۈرلۈك ئىش
1.قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قارىماققا كۈچلۈكتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ، كۆڭلى نازۇك بولىدۇ . شۇڭا ئۇلار يېنىدىكى قىزنىڭ ئۆزىنى ئەڭ ياخشى دەپ بىلىشى ئۈچۈن ، كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدۇ .
2. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەرمۇ ياش تۆكىدۇ . ئۇلار ياش تۆككەندە ، بىر مەزگىللىك مۇھەببىتىگە خاتىمە بېرىدۇ .
3. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئازابلانغاندا تاماكا چېكىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قويۇق ئىس ئىچىدە ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ۋاقىتلارنى ئەسلەپ ، كۆڭلى تىنچىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ .
4. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن كېيىنمۇ ئۆزىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى سىز بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈشنى ئويلىغىنى ئەمەس ، بەلكى ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ئىلگىرىكى مۇھەببەتنى قايتۇرۋالماقچى .
5. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يىغلاپ – قاقشىغانلىقىنى كۆرسە ئاچچىقى كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قىزلارنىڭ يىغىسىنى بالايىئاپەتنىڭ بىشارىتى دەپ قارايدۇ .
6.قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ، ھەر ئاخشىمى ھاراق ئېچىپ مەست بولۇۋالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . چۈنكى ئۇلار مەست بولۇۋالمىسا ، شۇ كېچىنىڭ ئەسلەش ۋە ئازاب ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ .
7. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەردلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىزنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن .
8. قىزلار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، يەنە نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى سىزنى سۆيمىگەنلىكى ئەمەس ، بەلكى سىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش مۇساپىڭىزدە باشقىلارنىڭ شېرىن – شېكەر گەپلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن .
9. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن لايىقىنىڭ بۇرۇنقى يىگىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . بۇ ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكى ئەمەس ، بەلكى لايىقىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىنى تاشلاپ ، ئىلگىرىكى يىگىتنىڭ قېشىغا كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى .
10. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن يازغان كۈندىلىك خاتىرىسنى كۆرگەندىن كېيىنمۇ ، سوغۇققانلىق بىلەن بۇنى چۈشەندۈرۈشنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ ئاچچىقلىنىشنى خالىغانلىقى ئەمەس ، بەلكى قىزنىڭ ئاغزىدىن زادى كىمنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن .
11. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ‹‹ سىزنى سۆيىمەن ›› دېمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر ئۆز مۇھەببىتىنى تىلى ئارقىلىق ئەمەس ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ . مەنبە:ئىنتىرنىت تورى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 12:16 , Processed in 0.045281 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش