يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 564|ئىنكاس: 5

يامان بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
789

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:11:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يامان بولدى


ئابدۇخالىق ئۇيغۇر




ئېزىلدى يار دەردىدە يۈرەكلەر پارچە ، قان بولدى ،

كۆزۈمدىن كەتتى يار ، گويا ماڭا ئاخىر زامان بولدى .

پەلەكنىڭ دەستىدىن پەرياد ، مېنىڭ يارىم قايان بولدى ،

قېلىپ سەھرادا يالغۇز ، ۋاي ، ئىشىم ئەمدى يامان بولدى .




جېنىمنىڭ دەردىدە بولدى كۆڭۈللەر غەم ، ئەلەم كانى ،

يوقالدى بۇ كۆڭۈلنىڭ ئۇ ئىشەنگەن ماھى تابانى .

بولۇرمۇ ھىممىتى ۋىجدان بۇ ئىشتا دەردى ، دەرمانى ،

قېلىپ چۆللەردە يالغۇز ، ۋاي ، ئىشىم ئەمدى يامان بولدى .




ئېغىر بىر دەرد ئىكەن يارنىڭ پىراقى ، كۆيۈكى ھىجران ،

خىيالى ، پىكرى يادىدا كۆيۈپ جان قالمىدى دەرمان .

جېنىمدىن ئاجرىغان كۈن بۇ تىرىكلىك بولدى بىر ئالۋاڭ ،

قېلىپ چۆللەردە يالغۇز ، ۋاي ، ئىشىم ئەمدى يامان بولدى .




كۆڭۈلدە يارنىڭ دەردىدىن ، غېمىدىن باشقا بىر ئىش يوق ،

قادالدى ھەر كۈنى ئۇشبۇ يۈرەككە يۈز تۈمەن مىڭ ئوق .

ئەجەپمۇ بىچارە بولدۇم مەن ، لېكىن ئەسلا ئىلاجىم يوق ،

قېلىپ سەھرادا يالغۇز ، ۋاي ، ئىشىم ئەمدى يامان بولدى .





ئاچىل ناملىق توپلامدىن


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 14:35:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ساقام ...ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن ، بولسا يىغىپ توپلام قىلىپ قويغايسز

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 15:05:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخىشى يېزىلغان شېئىركەن!

  ھەقىقەتەن يامان بولدى...

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
835

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 18:36:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئالىجاناپ غايە ، يۈكسەك تالانت ، ئېگىلمەس - سۇنماس قەيسەر ئىرادىگە ئىگە ۋەتەنپەرۋەر ‏- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى تۇرپان  يېڭىشەھەردىكى ئابدۇراخمان مەخسۇم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى جاللات شىڭ شىسەي   مەرھۇمنى  سەپداشلىرى بىلەن قوشۇپ ، جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقىپ  ، ۋەھىشىيلىك بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۋەتكەن . ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا : « ياشىسۇن ئەركىنلىك ! » ، « ياشىسۇن ئازادلىق ! » دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 19:35:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرياد دەپ بىر شېئىرى بولىدىغان ، بىلىدىغانلار يوللاپ قويۇڭلارچۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:08:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇشېئرنى ئوقۇپ ئۆز-ئۈزۇمگە تەسەللى تاپقاندەك بۇلدۇم ، تىمىڭىزغا رەھمەت قىرىندىشىم .

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 05:53 , Processed in 0.047741 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش