يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 637|ئىنكاس: 3

جەننەتتىكى خوشنا... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:49:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى مۇسا پەيغەمبەر خۇدادىن: <ئاللاھىم بۇ دۇنيا چەكلىك دۇنيا لېكىن، ئۇ دۇنيادا، جەننەتتىكى چەكسىز ھاياتىمدا قانداقراق ئادەم بىلەن خوشنا بولىمەنكىن دەپ ئويلىنىپ قالىمەن، چۈنكى ھەر كۈنى ئىشىگىمنى ئاچسام ئۇنى كۆرۈپ تۇرىمەن، ماڭا ئۇ خوشنامنىڭ كىم بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭ؟ > دەپ سوراپتۇ. ئاللايىتەئالا ئىنسانلارنىڭ بىلمىگەن ئىشلارنى بىلگىسى كېلىدىغان ئادىتىنىڭ بارلىقىنى، ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ جەننەتتىكى چەكلەنگەن بۇغداينى يېيىشىدىن تارتىپلا بىلگەنلىكتىن، ھېچ ئىككىلەنمەستىن مۇسا پەيغەمبەرگە: <سېنىڭ جەننەتتىكى خوشناڭ ھازىر دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلاردىن بىرى، بەكرەك بىلگىڭ كەلسە، ئۇ ھازىر خوراساندىكى چوڭ مەسجىدنىڭ يېنىدىكى قۇشخانىنىڭ خوجايىنى> دەپتۇ.
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام ئەسلىدە ئۆزىنىڭ جەننەتتىكى خوشنىسىنى بىرەر پەيغەمبەر ياكى ھېچ بولمىسا تونۇلغان بىرەر شەخس بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلىغان ئىكەن. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ قاسساپ بولۇپ چىققانلىغىدىن پەيغەمبىرىمىز، <ئۇ ئادەم قانداق خاسىيەتلىك بىر ئىش قىلغاندۇ!؟ بولمىسا نە ۋەجىدىن ئۇ مېنىڭ جەننەتتىكى خوشنام بولالايدۇ> دەپ، ئۇ كىشىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ خوراسانغا يولغا چىقىپتۇ.
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام خوراسانغا بېرىپ ئۇ قۇشخانىنى تېپىپتۇ. قۇشخانا خوجايىنى ئورتابوي، كېلىشكەن بىر كىشى بولۇپ، خېرىدارلار بىلەن سودىلىشىۋاتقان ئىكەن. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسالامنى كۆرۈپ قىزغىن سالام بېرىپ، تىنچ-ئامانلىق سوراپتۇ. پەيغەمبەرىمىز خىيالىدا <ئەجەبا بۇ قاسساپنىڭ يېقىملىقلىقى، سۆزىنىڭ گۈزەللىكى، مەن بىلەن جەننەتتە خوشنا بولۇشقا لايىقمىدۇ؟> دەپ ئويلاپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ گۆشلەرنى ئادىللىق بىلەن خېرىدارلارغا جىڭلاپ بەرگىنىنى كۆرۈپ <ياكى جىڭدا ئادىل بولغىنى ئۇچۇنمىدۇ؟> دەپ ھەيران بولۇپتۇ. ئۇنىڭ خېرىدارلىرى بىلەن رازىمەنلىك خوشلاشقاندىن كېيىن، ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام ئۆزىنىڭ باشقا يەردىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر ياخشىراق ساراي تېپىپ بېرىشنى سوراپتۇ. قاسساپ <بىر ساراي بار، لېكىن بۇ كۈنلەردە سودىگەرلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن، خالىسىڭىز مېنىڭ مىھمىنىم بولۇپ مېنىڭ ئۆيۈمدە قونۇپ قېلىڭ، مەنمۇ يالغۇز تۇرىمەن، شۇ باھانىدا سىز يۇرتىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز، باشقا يۇرتلارنىڭ ئاھۋاللىرىنىمۇ بىلىپ قالارمەن > دەپتۇ.
مۇسا پەيغەمبەر ماقۇل بوپتۇ ھەم ئىچىدە <مۇشۇنداق مىھماندوست بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بىلەن خوشنا بولغىدەكمۇ؟>دەپ ئىككىلىنىپتۇ. كەچتە ئۇلار ئۆيگە قايتقىچە قاسساپ مېھمانلىق ئۈچۈن كۆپ نەرسىلەرنى سېتىۋاپتۇ، بۇنى كۆرۈپ <خۇدا ئۇنىڭ سېخىلىقىدىن ماڭا خوشنا قىلدىمۇ-يە> دەپ ئويلاپتۇ. ئۆيگە يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭ ھويلىسىنىڭ پاكىزلىكى ئۆينىڭ ناھايىتى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ <ئۇنىڭ پاكىزلىكى خۇدانىڭ كۆڭلىگە ياققان ئوخشايدۇ.> دېگەن خىيال كۆڭلىدىن كېچىپتۇ. قاسساپ ھايت- ھۇيت دېگۈچە مېھمانلىق داستىخاننى ھازىرلاپ <سىز يىراق يەردىن كەلدىڭىز، ھېرىپ-ئېچىپ كەتكەنسىز، قېنى داستىخانغا بېقىڭ، مېنىڭ ئازراق ئىشىم بار> دەپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ.
ئۇنىڭ ئۆزىنى يالغۇز تاشلاپ ماڭغىنىدىن شۈبھىلەنگەن مۇسا پەيغەمبەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ چىقىپتۇ. كۆرۈپتۇكى، ئۇ كىشى ناھايىتى قېرى، بىر-تېرە، بىر-ئۇستىخان بولۇپ كەتكەن بىر موماينى كارۋىتىدىن تۇرغۇزۇپ، سۈت ئىچكۈزىۋاتقىدەك. مۇسا پەيغەمبەر ئەجەپلىنىپ <بۇ موماي كىم؟ سەن ئۆزەم يالغۇز دېگەنتىڭ؟> دەپ سوراپتۇ. ئۇ كىشى جاۋابەن: <بۇ مېنىڭ ئانام، دادام ۋاپات بولغاندىن كېيىن پالەچ بولۇپ قېلىپ ھازىرغىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى، بېلىنىڭ ئاستى تەرىپى سەزمەيدۇ. ئۆيلىنەي دېگەنتىم، لېكىن مەندىن باشقا بىر كىشىنىڭ ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا كۆزۈم يەتمەي ئۆيلەنمىدىم. ئانام كەم سۆز بىر ئايال، لېكىن ئۇنىڭ بىر دۇئاسى بار، ئۇ دائىم شۇنى تەكرارلايدۇ> دەپتۇ. بۇنىڭغا قىزىقىپ، <قېنى ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى بىر ئاڭلاپ باقسام> دەپتۇ مۇسا پەيغەمبەر. قاسساپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ <بەكمۇ ئەقىلغە مۇۋاپىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما، ئانام دائىم: <ئوغلۇم مەن سەندىن رازى. خۇدا بۇيرىسا جەننەتتە ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام بىلەن خوشنا بولۇرسۇن> دەپ تەكرار-تەكرار دۇئا قىلىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپسىز، مەن كىم، ھەزرىتى مۇسا پەيغەمبەر كىم، مەن قانداقمۇ جەننەتتە ئۇنداق بىر ئۇلۇغ زاتقا خوشنا بولالايمەن!؟ مۇسا ئەلەيھىسالام <خۇدا بۇيرىسا، ئاناڭنىڭ ئىستىگى ئەمەلگە ئاشىدۇ> دەپتۇ، ھەمدە ئۇ كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ئەتىسى مىسىرغا قايتىپتۇ ۋە بۇ ۋەقەنى كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرىپتۇ


مەنبەسى ئىنىق ئىسىمدە يۇق ، تۇغرا چۇشىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن .

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:33:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنىڭ مەزمۇنى شۇكى ئاتا-ئاناڭغا ياخشىلىق قىل. شۇ ۋاقىتتا سەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ساۋابقا ئېرىشىسەن.
ئاللاھ، بەندىلەرگە شۇنداق دەيدۇكى: ئەي بەندە، ئالدى بىلەن ماڭا قۇلچىلىق قىلغىن. ئاندىن كېيىن ئاتا-ئاناڭغا ياخشى قارىغىن. ئەگەر ئۇ ئاتا-ئاناڭ سېنى ماڭا ئاسىي بولۇشقا يەنى ئىسلامدىن يېنىشقا مەجبۇرلىسىمۇ سەن ئۆز دىنىڭىدا مەھكەم تۇرغىن. ئاتا-ئانام مېنى دىنىمدىن يان دېدى دەپلا ئاتا-ئاناڭنى تاشلىۋەتمىگىن. ئاتا-ئاناڭغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشى قارا ھەمراھ بول. شۇ چاغدىلا سالىھ بەندىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالايسەن. ئاتا-ئاناڭغا ياخشى قاراش سېنىڭ ئۈستۈڭدىكى قەرىزدۇر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
36
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:18:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىرىڭز گە دەرت بەر مىسۇن

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:03:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن.
يوللىغۇچىغا تەشەككۈر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:17 , Processed in 0.043267 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش