يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 578|ئىنكاس: 0

چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ ؟         
                                                                                  يۈسۈپجان ياسىن


      چىڭگىزخان تىلغا ئېلىنسىلا ئۇ مىلادىيە 13- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ سىياسىئونى، ھەربىي سەردارى ۋە مەرىپەت تارقاتقۇچىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. دېمىسىمۇ ھەممىگە مەلۇمكى، ئەقىل-پاراسەتكە تولغان، باتۇر، شىجائەتلىك، يېڭىلمەس چىڭگىزخان ئەينى دەۋردە تاشقى موڭغۇلىيە تەۋەسىدە ياشايدىغان ھەرقايسى موڭغۇل ۋە تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ، دۇنيا تارىخىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، موڭغۇل مىللىتىنى دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى. چىڭگىزخان موڭغۇل مىللىتىنى ئىپتىدائىي جەمئىيەت باسقۇچىدىن بىردىنلا فېودالىزىم جەمئىيەت قوينىغا باشلاپ كىردى. ئۇلارنىڭ يولىغا پەن-مەدەنىيەتنىڭ نۇرلۇق مەشئەلنى ياقتى.
       بىز مانا شۇ چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى قىياتلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تارىخىي مەنبەلەر، ئىتنۇگرافىك – ئانتىروپولوگىيىلىك مەلۇماتلار، تىل پاكىتلىرى ۋە ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق چىڭگىزخاننىڭ ساپ موڭغۇل قەبىلىسىدىن ئەمەس، تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرىدىن كېلىپ چىققان تارىخىي شەخس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. ئىلگىرىمۇ بەزى شەرقشۇناسلار ۋە تۈركولوگلار بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتكەن ئىدى.
       چىڭگىزخاننىڭ مىلادىيە 1155-1227- يىللاردا ياشىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، چىڭگىزخاننىڭ ئانىسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان مەركىتلەردىن كېلىپ چىققان ئىدى. مىلادىيە 12- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاشقى موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل ۋە تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بىرىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا قىيات قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى يەسۈگەي بائاتۇر (باتۇر) مەركىتلەردىن خۇئالۇن ئۇجىن (ئۆگەلۇن ئەكە) دېگەن بىر قىزنى بۇلاپ قاچقان. چىڭگىزخان مانا شۇ خۇئالۇن ئۇجىندىن تۇغۇلغان ئىدى. بۇ ئىشنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەكىتلەر 10 يىلدىن كىيىن مىلادىيە 1164- يىلى يەسۈگەي بائاتۇرنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن. يەسۈگەي بائاتۇر بۇ ئايالدىن تىموچىن، خاسار، خائىچۇن، تەمۇلىن دېگەن تۆت ئوغۇل ۋە تەمۇگە دېگەن بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن[1]. يەسۈگەي بائاتۇرنىڭ چوڭ ئوغلى تىموچىن مىلادىيە 1206- يىلى ھەرقايسى موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ خانلىق تەختكە چىققان ھەم ئۆزىنى «چىڭگىزخان» دەپ ئاتىغان. «چىڭگىزخان» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا چىڭگىزخان بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان مىڭ خوڭ ئۇنى خەنزۇچە 天子 (كۆكنىڭ ئوغلى) دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرسە، ئىران تارىخچىسى رەشىدىدىن «چىڭگىز» سۆزىنى موڭغۇل تىلىدىكى «كۈچ، قۇدرەتلىك» دېگەن مەنىدىكى «چىنك» سۆزىنىڭ كۆپلىك شەكلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. رۇس شەرقشۇناس ۋ.ۋ. بارتولد «چىڭگىزخان» دېگەن ئىسىمنى دىنىي چۈشەنچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان.
       مىلادىيە 13- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا جۇڭگودىن تاكى ئادرىئاتىك دېڭىزىغا قەدەر يۈرۈش قىلىپ، بۇ جايلاردىكى ھەرقايسى ئەللەرنى قاتتىق ۋەھىمىگە سالغان موڭغۇللار بۇ دەۋرگە ئائىت جۇڭگو ، ئىسلام ئەللىرى، رۇس ۋە غەربىي ياۋروپا مەنبەلىرىدە بىردەك ھالدا «تاتار» دەپ ئاتالغان ئىدى. «تاتار» دېگەن نام ئەڭ دەسلەپ «ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرى» دا كۆرۈلىدۇ . كۆك تۈرك ۋە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىدىن كىيىن بۇ نام موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل ۋە تۈرك قەۋملىرىگە قارىتىلغان ئىدى[2]. «ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرى» دا «توققۇز تاتار» ۋە «ئوتتۇز تاتار» دېگەن قەۋملەر تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ناملارنىڭ موڭغۇللارغا ئائىت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ۋ. تومسىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشنى بارتولد ۋە باشقا تارىخچىلارمۇ قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن «تاتار» نامىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلدى[3]. لېكىن تەتقىقاتلارنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىككى گۇرۇپپا تاتارلار توغرىسىدىكى كۆزقاراشلاردا ئۆزگىرىش بولدى. «ئوتتۇز تاتارلار» ئابىدىدە موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان قىتانلار بىلەن بىر قاتاردا بايان قىلىنغاچقا، «ئىسلام قامۇسى» نىڭ «تاتار» ماددىسىنى يازغان ئاتاقلىق تۈرك ئالىمى ب.ئۆگەل «ئوتتۇز تاتار» لارنىڭ بۈگۈنكى موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇللار بىلەن بىر ئىكەنلىكىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئېھتىماللىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. «توققۇز تاتار» دېگەن نام «بايانچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دا ئۇچرايدۇ. بۇ ئابىدىدە مىلادىيە 747- يىلىدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ «توققۇز تاتار» لار بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى يېزىلغان. ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن، «توققۇز تاتار» لار ئالاشەن دالىسىدا قايتىدىن ئوتتۇرغا چىقتى. ئالاشەن دالاسى گەنسۇ ئۆلكىسىدىن شىمالدىكى گوبى چۆلىگە قەدەر سوزۇلغان دالىنى كۆرسىتىدۇ.
       خەنزۇچە مەنبەلەردە مىلادىيە 842- يىلىدىن كىيىن تاتارلار تىلغا ئېلىنىشقا باشلايدۇ. كىيىن چىڭگىزخان دەۋرىدە يېزىلغان جۇڭگو مەنبەلىرىدە تاتارلار «ئاق تاتار»، «قارا تاتار» ۋە «يات تاتار» دەپ ئۈچكە بۆلۈنۈپ بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئۈچ خىل ئاتالغۇ ئۈچ گۇرۇپپا تاتارلارنىڭ ئىتنىڭ كېلىپ چىقىش، تىل، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىر-بىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىغا قاراپ ئېيتىلغانلىقى تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماقتا. ئاق تاتارلارنىڭ موڭغۇل بولماستىن تۈرك ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئالاشەن دالىسىدىكى ئاق تاتارلارنىڭ توققۇز قەبىلىدىن تەشكىل قىلىنغانلىقى جۇڭگو مەنبەلىرىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ توققۇز قەبىلىنىڭ «ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۈ تېشى» دا ئۇچرايدىغان توققۇز تاتارلار ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتۈلدى. بۇ توققۇز قەبىلە نامىنىڭ تۈركىيچىگە يېقىن ئىكەنلىكىمۇ بېكىتىلدى . قارا تاتارلار ئونۇن، كىرولىن دەرياسى بۇيىدا ياشايتتى. بۇ نام ئاستىدا ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ كۆپچىلىكى موڭغۇل بولۇش بىلەن بىرگە ھېچبولمىغاندا توققۇز قەبىلىنىڭ موڭغۇل مەنبەلىك ئەمەسلىكىنى بېكىتەلەيمىز[4]. موڭغۇل ئەنئەنىسى بويىچە «ئورمان كىشىلىرى» دەپ ئاتالغان يات تاتارلار بۈگۈنكى موڭغۇلىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، بايقال كۆلى بۇيىدا ياشايتتى. رەشىدىدىننىڭ ئەسىرىدە بۇلار توغرىسىدا يەنى تاتار، دۇربەن، سالجىيۇت، قاتاقىن قاتارلىقلارنىڭ تىلىغا ئائىت بېرىلگەن مەلۇماتلار موڭغۇلچە ئىدى[5]. ئەينى دەۋردە «تاتار» ئاتالغۇسى تېخىمۇ كەڭ مەنىدە ئىشىلتىلدى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئوسمانىلى تۈركلىرىدىن باشقا ئاسىيادىكى بارلىق تۈركىي مىللەتلەرمۇ «تاتار» دەپ ئاتالغان ئىدى. كېيىنكى چاغلاردا ياۋروپالىقلار ۋە رۇسلار پەقەت رۇسىيە تەۋەسىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنى «تاتار» دەپ ئاتىدى.
       «موڭغۇل» دېگەن نامغا كەلسەك، ئەڭ دەسلەپ «كونا تاڭنامە. شىمالى دىلار تەزكىرىسى» دە: «شىۋېي موڭغۇللىرى» دېگەن قەبىلە كۆرۈلىدۇ. شىۋېي موڭغۇللىرى دەسلەپتە شەرقىي شىمالدىكى ئىرگۇنا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىن بويلىرىدا، چوڭ ھىڭگان تاغلىرىنىڭ شىمالى ئېتەكلىرىدە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. سوڭ، لياۋ ۋە جىن سۇلالىرى مەزگىلىدىكى خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇلار 萌骨,萌古子,盲骨,蒙古里,萌古斯,萌古,檬骨 دىگەن خەتلەر بىلەن ئىپادە قىلىنغان. مىلادىيە 9- ئەسىردىن 11- ئەسىرگىچە بولغان شىۋېي موڭغۇللىرىنىڭ بىر قىسمى غەربكە كۆچۈپ، ئونىن، كىرولىن ۋە تۇغلا دەريالىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىن بويلىرىغا كېلىپ ماكانلاشتى[6]. بۇلار جۇڭگو مەنبەلىرىدە «قارا تاتار» دەپ ئاتالغان ئىدى. ئىسلام مەنبەلىرىدە «موغۇل» ياكى «موغۇل» دېگەن شەكىلدە ئۇچرايدىغان «موڭغۇل» نامىنىڭ سۇلالە ياكى دۆلەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلىشى چىڭگىزخان دەۋرىگە، مىللەت نامى سۈپىتىنىڭ قوللىنىلىشى بولسا خېلىلا كېيىنكى دەۋرگە ئائىت ئىدى[7].
«يۈەن سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى» ۋە «جامىئۇتتەۋارىخ» قاتارلىق كىتابلاردا چىڭگىزخان قىيات قەبىلىسىنىڭ بۆرتەچىنە ئۇرۇقىدىن كېلىپ چىققان دېيىلىدۇ . چىڭگىزخاننى ئورخۇن دەرياسى بۇيىدا زىيارەت قىلغان جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى ئەلچىسى پەن دۇيا قىيات قەبىلىسىنى قارا تاتارلار ئىتتىپاقىغا داخىل قىلىپ كۆرسەتكەن. جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ يەنە بىر ئەلچىسى چياۋ خوڭ قىيات قەبىلىسىنى كۆك تۈرۈكلەرنىڭ شاتو (سارت) قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى يازغان[8]. موڭغۇلىيەدە قىتانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە (مىلادىيە 916-1125- يىللار) 18 گە يېقىن قەبىلىنىڭ ياشىغانلىقى جۇڭگو مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇ قەبىلىلەردىن ئويرات (ئۇيۇر- ئۇيغۇر سۆزىنىڭ كۆپلىك شەكلى)، قىيات ياكى قايات (قاي ۋە قايا سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى)، قاڭلىئۇت (قاڭلى سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى)، بايائۇت (بايات سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى) قاتارلىقلار ئەسلى تۈركىي خەلق ئىدى. ئۇلار چىڭگىزخان دەۋرىدىمۇ ئۆزىنىڭ تۈرك مىللىي ئەنئەنىسىنى يوقاتمىغان ئىدى[9].«يۇەن سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى» دا خاتىرىلەنگەن قارا تاتار قەبىلىلىرى ئىچىدە توققۇز قەبىلىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ توققۇز قەبىلىنىڭ ئىسمى رەشىدىدىن ساناپ ئۆتكەن توققۇز قەبىلىنىڭ ئىسمىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ . بۇ توققۇز قەبىلە «قارا» دېگەن نام بىلەن مىلادىيە 10- ئەسىردە شاتو (سارت) ۋە چومۇل قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە لوپنۇر بىلەن گەنسۇ ئارىسىدا ياشايدىغان كۈچلۈك بىر گۇرۇپپا خەلق سۈپىتىدە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلاردا قولغا چۈشكەن خوتەن ۋەسىقىلىرىدە زىكرى قىلىنغان[10]. رەشىدىدىننىڭ ئەسىرىدە كۆرسىتىلگەن توققۇز قەبىلە بولسا ئۇرۇڭقاي، قىيات، قوڭغىرات، سۇلدۇز، ئىگرەچ، ئۇسۇن (ئۇشۇن)، بايائۇت، نۇكۇز، ۋە كىڭگۈت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ ناملار ساپ تۈركچە ئىدى. ئاتاقلىق ئالىم ئە. زەكى ۋەلىدى توغان بۇ قەبىلىلەرنىڭ نامىنىڭ ئىتمولوگىيىسىنى ئىزاھلىغاندا «ئۇرۇڭقاي» قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى «ئاق» دېگەن مەنىدىكى «ئۇرۇڭ، يۇرۇڭ» سۆزى بىلەن ياسالغان نام بولۇپ ، مەنىسى «ئاق قاي» دېگەنلىك بۇلاتتى دەيدۇ. ئۇ «قىيات» دېگەن نامنى «ئۇرۇڭقاي» دېگەن نامغا سېلىشتۇرما قىلىپ، «قىيات» ياكى «قايات» بولسا «قاي» ۋە «قايا» سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى، يەنى «قاي» - «قارا قىيات» = «قارا قاي» دەپ چۈشەندۈرگەن. كاتىپ جەلەبىمۇ «قىي»، «قاي»، «قىيات» ئىسىملىرى بىر قەبىلىنىڭ ھەر خىل ناملىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن[11]. بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۇتۇش كېرەككى كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە (مىلادىيە 535-745 – يىللار) غەربىي تۈركلەرگە تەۋە ھالدا ياشىغان. كۆك تۈرك خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادا قۇدرەتلىك بىر سىياسى كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان ئوغۇزلارنىڭ ئىچىدە قاي ۋە قايات دېگەن قەبىلىلەر بار ئىدى. بۇ ئىككى قەبىلە بىلەن يۇقىرىدا دېيىلگەن قىيات ۋە بايائوت قەبىلىلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك بىر ئېتنىك باغلىنىشنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. قاي (قىيات) قەبىلىسى تۈركلەرنىڭ ئەڭ يىراق شەرقتىكى بىر تارمىقى سۈپىتىدە ئەل بىرونىنىڭ ئەسىرىدە زىكرى قىلىنغان. «قاي» ياكى «قەي» نامىنى بېرىزىننىڭ موڭغۇلچىدىكى «ھاۋا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «قەي» دېگەن سۆز بىلەن بىرلەشتۈرگەن كۆز قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى خېلى بۇرۇنلا ئە. زەكى ۋەلىدى توغان تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان[12]. شاتۇ (سارت)، قىيات ۋە قارا تاتارلارنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىگە كەلسەك، چىڭگىزخاننىڭ ئەجدادلىرى شاتو (سارت) قەبىلىسىدىن ئىدى. شاتولار بولسا قاي (قىيات، قارا قىيات = قارا قاي، ئۇرۇڭقاي – ئاق قاي) ۋە ئۇسۇن قەبىلىسىدىن تەركىب تاپقان ئىدى. شاتولار كىيىن قارا تاتارلار ئىتتىپاقىغا داخىل بولغان ئىدى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئۇسۇنلار مىلادىيەنىڭ ئالدى- كەينىدىن بىرى مەلۇم بولۇپ كەلگەن ۋە كىيىن غەربىي تۈركلەرنىڭ بىر قەبىلىسى سۈپىتىدە تونۇلغان ئۇسۇنلار ئىدى[13]. شاتولار ھەققىدىكى مەلۇماتلار فرانسۇز ئالىمى چاۋاننىس تەرىپىدىن ئۇچۇق پۇرۇتۇپ بېرىلگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەسلىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە چۇمۇكيانلارنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكى جۇڭگو مەنبەلىرىگە كۆرە ئىسپاتلانغان. رۇس خەنزۇشۇناسلىرىدىن ي.ئا..زۇيىف جۇڭگو تارىخىدا ئايرىم ئورۇن ئىگىلىگەن شاتولارنىڭ «شاتو» (沙陀) دېگەن نامىنىڭ «سودىگەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان[14]. ۋاسلىيىفمۇ «شاتو» دېگەن نامنىڭ ھىندىچە «سودىگەر» دېگەن مەنىدىكى «سارت» سۆزىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن. «سارت» دېگەن بۇ نام مۇشۇ مەنىدە «قۇتادغۇ بىلىگ» تە ئۇچرىغانغا ئوخشاش، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىمۇ تىلغا ئېلىنغان ئىدى. رادىلوف تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ساددخارما پوندارىكا» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە سانسكرىتچە (قەدىمكى ھىندىچە) «سودىگەر، كارۋان بېشى» دېگەن مەنىدىكى «سارتخاۋاخا» ياكى «سارتخالارخا» سۆزى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە «سارتپانۇ» سۆزىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ سۆز «سودىگەرلەر بېشى» مەنىسىدە ئىزاھلانغان. شۇڭلاشقا رادىلوف تۈركىي تىلدىكى «سارت» دېگەن نامنىڭ ھىندى تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان[15]. بۇ قاراشنى بارتولىد ۋە ئە.زەكى ۋەلىدى توغان قاتارلىق داڭلىق ئالىملارمۇ قوبۇل قىلغان. شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي ئۆز دىيارىمىزدا بەزىلەر «沙陀» دېگەن خەتكە قاراپلا ئۇنى «چۆل تۈركلىرى» دەپ ئىستېمال قىلىۋالدى. يەنە بەزى چالا تارىخچىلار «شاتو» سۆزىنى «سارت» دەپ ئاتاشنى راۋا كۆرمەي، ئۇنى ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن چۈشىنىشكە ئورۇنۇپ ، زورمۇ-زور ھالدا «ئېلىپ – ساتارلار» مەنىسىدە ئىستېمال قىلىپ، «سارتلار» دەپ ئاتاشقا تەرەددۇت قىلماقتا. بۇ تېخى مەتبەئەدە ئاشكارا تەرغىب قىلىنمىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئېقىپ يۈرگەن ئەخمىقانە قاراش.  
مەنبەسى - شەبنەم تورى

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:30 , Processed in 0.061307 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش