ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
خاسىيەتنىڭ يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، يەتتە قىزلىرىمدىكى خانىم-قىزلاردىن مەسلىھەت سورىغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇق.
تېمىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم، ئەر-ئايال ئىككىڭلار بەختلىك ئۆتىدىكەنسىلەر. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلاردىكى شۇ كىچىككىنە مەسىلە ئىكەن. مېنىڭچە بۇنچىلىك كىچىك ئىشلار ئىككىڭلار ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس.
شۇڭا كىچىك بالىلار ئوتتۇرىسىكى ئىشلارنى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ھەل قىلىڭ. كىچىك قىزىڭىز سىزگە ئۆگەي ئىكەن. ئاكىڭىزنىڭ ئوغلىنى دەپ كىچىك قىزىڭىزغا قاتتىق گەپ قىلسىڭىز ئۇ نېمىلا بولمىسۇن يولدىشىڭىزنىڭ ئامراق قىزى ئاددىي ئىشلارنى دەپ ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالمىسۇن. ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرگەن ياخشى.
ئامال بار كىچىك قىزىڭىزغا نەسىھەت قىلىڭ. ھەرگىز يېنىكلىك قىلماڭ.
سىز ئىككى قىزىڭىزغا ئانا بولغان ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن ئادەم بولغاندىكىن ئۇنچىلىك ئىشلارنى يولىدا بىر تەرەپ قىلالايسىز. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ.
خاسىيەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن!