يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 862|ئىنكاس: 11

ياپونيىدىن خەۋەر(ياپونىيىدە 8.8 بال يەر تەۋرىدى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:44:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياپونيىدە ئوقىۋاتقان قىرىندىشىمىزنىڭ يازغان يازمىسى، شۇيەردە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرۇش مەقسىتىدە  بۇيەرگە چاپلاپ قويدۇم.
01:13 2011-يىل 12-مارت
چۈشتىن كېيىن سائەت 2:46 دە مىياگى ناھىيىسىگە يېقىن دېڭىزدا 8.8 بال يەر تەۋرىدى. ھازىرغىچە ئۆلگەنلەر سانى 300 دىن ئېشىپ كەتتى. يەر تەۋرەشتىن ھاسىل بولغان دېڭىز دولقۇنى (تسۇنامى) يۈزلىگەن ئۆي ۋە ماشىنىلارنى ئېقىتىپ كەتتى. ئاپەت خەۋەرلىرى توختىماي كۆرسىتىلمەكتە. كېچىدە قالدۇق يەر تەۋرەش ئېھتىمالى بولغاچقا ئۇخلىماي ئولتۇرۇش خىيالىدا. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى داۋاملىق يوللىماقچى.

01:20 2011-يىل 12-مارت
سېنداي ئايروپورتى 10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تسۇنامىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىدى. پايتەخت قاتنىشى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. پويىز- ئايروپىلانلار توختاپ كەتتى. ئۆيىگە قايتالمىغانلار مەكتەپنىڭ زاللىرىدا تۈنەشكە مەجبۇر بولدى. مەنمۇ ھەر ھالدا پىيادە ساق-سالامەت ئۆيگە كېلىۋالدىم.

01:30 2011-يىل 12-مارت
شەرقىي شىمال ۋە كانتو رايونىدىكى ATM لار ئىشتىن توختىدى. تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ۋە سەنئەت كېچىلىكلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. دىسنېي باغچىسىمۇ ئەتە بىر كۈن تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تسۇنامىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى داۋاملاشماقتا. ئېقىپ كېتىۋاتقان ئۆيلەر ۋە ماشىنىلار خۇددى ئويۇنچۇقتەك، رەھىمسىز دولقۇنلاردا دومىلاپ يۈرمەكتە… بەئەينى قىيامەتنىڭ ئۆزى بولۇۋاتىدۇ…

01:39 2011-يىل 12-مارت
ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 337 گە چىقتى. گاز تۇڭلىرى پارتلاش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن زاۋۇت بىناسى ۋە ئۆيلەردە 80 قېتىمدىن ئارتۇق ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. 10 نەچچە مىليون ئائىلىلىكنىڭ توكى، نەچچە مىليون ئائىلىلىكنىڭ گازى توختاپ قالدى. 17 لىنىيىدىكى شىنكانسېن 2 ۋوگزال ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالدى. ھازىرمۇ يېرىم سائەتتە بىر دېگۈدەك 5 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەپ تۇرماقتا. ئاپەت ئەھۋالى يەنىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن.

01:56 2011-يىل 12-مارت
ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتالمىغانلار، ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار مەكتەپلەرنىڭ ئۈستى يېپىلغان تەنتەربىيە مەيدانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئامان-ئېسەنلىك خەۋىرىنى يوللايدىغان ۋە تەكشۈرىدىغان تېلېفونلار، تور بەتلەر ئىشقا كىرىشتى. ئاپەت رايونىدىكى پۈتۈن ئاممىۋى تېلېفونلار ھەقسىز ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. كېچە سائەت 2 بولاي دېگەن ۋاقىتتىمۇ كىشىلەر پىيادە ئۆيىگە قايتىشماقتا. كۆپلىگەن 24 سائەت ئېچىلىدىغان ماگىزىنلاردىكى يېمەكلىكلەر، زەرەتلىگۈچكە ئوخشاش لازىملىق بۇيۇملار سېتىلىپ تۈگىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن ياردەم سورىماقتا. ب د ت مۇ ياردەم قىلىشنى ئويلاشماقتا دېيىلدى.
سېنداي شەھىرىگە جايلاشقان يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا يادرونىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلگەچكە 3 كىلومېتىر دائىرىدىكى ئاھالىلەرگە پاناھلىنىش تەۋسىيە قىلىندى…

02:20 2011-يىل 12-مارت
پۈتۈن قاناللاردا ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. ئۆيىگە قايتالمىغانلار ئۈچۈن قايسى ئورۇنلاردا پاناھلانسا بولىدىغانلىقى خەۋەرلەندۈرۈلۈۋاتىدۇ. دىققەت يەنىلا يادرونىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىش- كەتمەسلىكىدە بولماقتا. نۆۋەتتە 500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق. تېلېفوندا پەقەت قىسقا ئۇچۇر ۋە ئېلخەت يوللاشقىلا بولۇۋاتىدۇ. ئاۋازلىق سۆزلىشىش مۇمكىن ئەمەس، تېلېفون ئۇلانمايدۇ. تونۇشلاردىن بىرنەچچىسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلمەپتۇ.

02:22 2011-يىل 12-مارت
تسۇنامى ئوكىناۋا ۋە ھاۋايلارغىچە يېتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەۋرەش مەركىزى توكيودىن 400 كىلومېتىردەك يىراقلىقتا بولسىمۇ، توكيو ۋە يوكوخاما قاتارلىق شەھەرلەرمۇ خېلى زور تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئىشخانا بىنايىمىزدىمۇ يېرىلغان ۋە ئاجراپ كەتكەن يەرلەرنى كۆردۈم. ئىشخانىدىكى بىر ئۈستەل چىرىقىمۇ ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ. يوكوخاما پورتىغىمۇ 1.6 مېتىر ئېگىزلىكتە تسۇنامى كەلدى دېيىلدى. يوكوخامادا ياشانغان 2 كىشى جىددىيلىشىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ. بەلكىم يۈرەك كېسىلى بولسا كېرەك.

02:42 2011-يىل 12-مارت
توكيودىكى 42 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى كېچىكتۈرۈلدى. ھەپتە ئاخىرىدىكى 6 مەيدان كالتەك توپ مۇسابىقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1- ۋە 2- دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىمۇ بىكار قىلىندى. بىر نەچچە ناھىيىدە توك پۈتۈنلەي توختاپ كەتتى.
بىر قىسىم لىنىيىلەردە قاتناش ئەسلىگە كەلدى. ئادەتتە كېچە سائەت 12 دىن ئاشقاندا توختايدىغان پويىزلار كېچىچە توختىماي ماڭىدىغان قىلىندى.

02:56 2011-يىل 12-مارت
داڭلىق تۆمۈر مۇنار- توكيو مۇنارىنىڭ ئۇچىمۇ ئېگىلىپ كەتتى. ئېقىتىپ كېتىلگەن ئۆيلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. ھازىرمۇ 10- 20 مىنۇتتا بىر قېتىم دېگۈدەك قالدۇق يەر تەۋرەۋاتىدۇ. ئاپەت رايونىدا قار يېغىشقا باشلىدى.
بىر يەردە ئوت، بىر يەردە سۇ، بىر يەردە ئۆرۈلگەن ئۆيلەر، بىر يەردە يېرىلغان يوللار، بىر يەردە پاناھلىنىۋاتقان ئادەملەر كۆرسىتىلمەكتە… ياپونىيىدەك دۆلەتنى بۇ خىل ھالەتتە كۆرەرمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن…

03:09 2011-يىل 12-مارت
ئاپەت رايونىدىكى دېڭىز بويىدا، ئېقىتىپ كېتىلگەن 200- 300 جەسەت بايقالدى دىيىلمەكتە. ئېقىتىپ كېتىلگەن ماشىنا ۋە بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ سانى يوق. ھازىرمۇ قالدۇق يەر تەۋرەش داۋاملاشماقتا. تسۇنامىلار ئارقا- ئارقىدىن يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە…
8.8 بال يەر تەۋرەش ياپونىيىنىڭ كۆزىتىش تارىخىدا تۇنجى قېتىم يۈز بەردى. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك چىقىمىنى ھازىر مۆلچەرلەش مۇمكىن ئەمەس. بۇ يەر تەۋرەشنىڭ قالدۇق تەسىرىمۇ نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىخلاسمەن بەندىلىرىگە مۇنداق كۈننى ھەرگىزمۇ كۆرسەتمىگەي!

03:30 2011-يىل 12-مارت
ئۆلگۈچىلەر سانى 350 تىن، ئىز- دېرىكى بولمىغانلار 550 تىن ئېشىپ كەتتى. خېلىلا كۈچلۈك بولغان قالدۇق يەر تەۋرەش ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتىدۇ. باياتىن ئۆيگە مېڭىپ كەلگۈچە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىپ زۇكام دورىسى ئىچىۋالغان ئىدىم. قالدۇق يەر تەۋرەشتىن ئەنسىرەپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماسلىق خىيالىدا بولۇۋېدىم. قارىغاندا بۇ مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ. بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي. داۋامىنى، ئىنشاللاھ، ئەتە يازارمەن. ئاللاھقا ئامانەت.

05:22 2011-يىل 12-مارت
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 02:46 دە قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن تارتىپ بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 05:12 گىچە بولغان 14 يېرىم سائەت ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن 3 بالدىن چوڭ بولغان يەر تەۋرەش 100 قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە 6 بالدىن يۇقىرى تەۋرەش 6 قېتىم يۈز بەردى. دەسلىپىدە قالدۇق يەر تەۋرەش 20-30 مىنۇتلاردا بىر قېتىم يۈز بەرگەن بولسا، ھازىر 5-10 مىنۇتتا بىر قېتىم يۈز بېرىۋاتىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 1000 دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

05:37 2011-يىل 12-مارت
باياتىن ياپونىيىنىڭ نىئىگاتا ناھىيىسىگە يېقىن دېڭىزدا يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەشتە، ياپونىيە زېمىنىنىڭ ياپون دېڭىزى قىرغاقلىرىدىمۇ تسۇنامى ئاگاھلاندۇرۇشى تارقىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ياپونىيىنىڭ تسۇنامى ئاگاھلاندۇرۇشى تارقىتىلمىغان دېڭىز قىرغىقى قالمىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن تسۇنامى سېنداي شەھىرىگە 2 كىلومېتىر بېسىپ كىرگەن.

05:49 2011-يىل 12-مارت
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھاسىل بولغان تسۇنامى ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىم قىرغاقلىرىغىچە يېتىپ بارغان بولۇپ، كالىفورنىيىدە بىر كىشى ئېقىپ كېتىپ تېپىلمىغان.
ئەتىگەندىن باشلاپ بىر قىسىم قاتناش ئەسلىگە كەلدى. ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە قاتناش باشلىغان لىنىيىلەرمۇ كۆپەيگەن.
سائەت 05:42 دە نىئىگاتادا يەنە 6 بال يەر تەۋرىدى. بۇ تەۋرەش قۇرۇقلۇقتا يۈز بەرگەچكە تسۇنامى ھاسىل بولمايدۇ دەپ خەۋەر قىلىندى.

06:02 2011-يىل 12-مارت
مىياگى ناھىيىسىنىڭ كىسېننۇما شەھىرىدە، شەھەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى سۇ ئاستىدا قالدى. ھازىرغىچە قازا قىلغان ۋە ئىز- دېرىكى بولمىغانلارنىڭ سانى 1000 دىن ئېشىپ كەتتى. سۇدا ئېقىپ كەتكەن ئۆينىڭ سانىمۇ 1000 دىن ئېشىپ كەتتى. كوسمو نېفىت شىركىتىنىڭ چىبادىكى پىششىقلاش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى تېخىچە تىزگىنلەنمىدى.

06:31 2011-يىل 12-مارت
تېخى بايىلا كانتو رايونىدا 5 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش ئېھتىمالى كۆرۈلگەندە تارقىتىلىدىغان جىددىي يەر تەۋرەش ئاگاھلاندۇرۇلۇشى تارقىتىلدى. كانتو رايونىنىڭ ئۆزىدىلا 1 مىليون 600 مىڭ ئائىلىدە توك توختاپ قالدى.
فۇكۇشىمادىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو ئېقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى سەۋەبىدىن تەۋسىيە قىلىنغان 3 كىلومېتىر دائىرە باياتىن 10 كىلومېتىرغا ئۆزگەرتىلىپ، 50 مىڭ ئائىلىگە پاناھلىنىش كۆرسەتمىسى بېرىلدى. نۆۋەتتە باش ۋەزىر نائوتو كان فۇكۇشىمانى كۆزدىن كەچۈرمەكچى.

06:54 2011-يىل 12-مارت
شەرقىي شىمال ۋە كانتو رايونىدىكى توك توختىغان ئائىلىلىك 7 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. فۇكۇشىمادىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى تەكشۈرۈشتە ئۆلچەملىك قويۇقلۇقتىن 1000 ھەسسە كۆپ بولغان رادىئاكتىپ ماددا بايقالغان. باش ۋەزىرمۇ باياتىن خاس تىك ئۇچارىغا ئولتۇرۇپ فۇكۇشىماغا يۈرۈپ كەتتى.

07:27 2011-يىل 12-مارت
تۈنۈگۈن كېچىدە ئۆيىگە قايتالماي ۋوگزال ۋە مەكتەپلەردە تۈنىگەن كىشىلەر ئەتىگەندە قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن قايتىشقا باشلىدى. خىزمەتچى سىياقىدىكى بۇنچىۋالا ئادەمنىڭ شەنبە كۈنى سەھەردە پويىزغا قىستىلىپ چىقىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى ئادەتتە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
شەرقىي شىمال ۋە كانتو رايونىدىكى تېلېفون ئالاقە تورى يەنىلا ئەسلىگە كەلمىدى. ھازىرمۇ پەقەت ئېلخەت يوللاشقىلا بولىدۇ. ياكى مەخسۇس نومۇرغا تېلېفون قىلىپ سۆز قالدۇرۇپ قويغىلى بولىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:52:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ يېڭى توردىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، قورۇققان ئىش ئاخىرى يۈز بەرگەن يەنى يادرۇ ئىلىكتىر ئىستانسىنىڭ پارتىلىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى.
بەلىكىم بۇ ئامرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئويۇنى بولۇشىمۇ  مۇمكىن.
ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق  بولغان بولسا بۇ پارتىلاش شۇ يەر خەلقلىرىگە چوڭ خەۋىپلەر ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:56:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!
جەۋلانىينىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىگە رەھمەت!
داۋاملىق خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇڭ!

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:03:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى كۇندىن بىرى تېلىۋۇزۇردا شۇ توغۇرلۇق خەۋەرنى كۆرۇۋاتىمەن،دېڭىز تاشقىنى ئېقىتىپ كىتىۋاتقان نەرسە-كىرەكلەر ھەددى ھىساپسىز،يوغان بىر ماشىنىمۇ خۇددى كىچىك بىر بوتۇلكىغا ئوخشاش ئېقىپ كىتىۋاتقان كورنۇشلەر...ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىچى سىرىلغۇدەك.

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:15:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپۇنيىدىن يېڭىدىن كەلگەن خەۋەر:
يەر تەۋرەش دەرىجىسى 9 بالغا ئۆزگەرتىلدى. قازا قىلغان ۋە ئىز- دېرىكى بولمىغانلارنىڭ سانى 2100 دىن ئېشىپ كەتتى. 9 كىشىنىڭ يادرونىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلگەن قوغدىنىش ئارمىيىسى 100 مىڭ كىشىدىن ئاشتى.
ماگىزىنلاردىكى ئۇسسۇزلۇق ۋە تەييار يېمەكلىكلەر سېتىلىپ تۈگىدى. كۆكتات بىلەن تەمىنلەشمۇ ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتىدۇ. كىشىلەر بەس- بەس بىلەن باتارىيە ۋە قول چىراق قاتارلىق جىددىي لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالماقتا. كىيىم- كېچەك قاتارلىق ئادەتتىكى ماللارنى ساتىدىغان بىر قىسىم ماگىزىنلار سودىسىنى توختاتتى. بۇلار مېىڭ ئەتىگەن نەرسە- كېرەك سېتىۋالغىلى چىقىپ كۆرگەنلىرىم.
==============================================
بۇ خەۋەردىن قارىغاندا يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىنىڭ پارتىلىغانلىقى راست ئىكەن.
ئاپەت ئەمدى تېخىمۇ چوڭىيىدىغان ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئاجىزبەندىلىرىڭنى ئامان قىلغايسەن.

[ Jewlaniy بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:24  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:25:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچان بۇ ئاپەتلەر ئاخىرلىشىپ،قۇياش زېمىنغا كۇلۇپ باقار؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:28:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللاھ ..بارغانسىرى كۈچىيىپتىغۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 13:21:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن (3-ئاينىڭ 13-كۈنى) سەھەردە دۆلىتىمىزنىڭ بىرىنجى تۈركۈم  قۇتقۇزۇش ئەترىتى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پايتەخت ئايدۇرومىدىن ياپونيە ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى.





[ Jewlaniy بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 13:22  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 13:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى خەۋەر:
ۋىتتېردىكى يازمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە قۇرۇقلۇقى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە ئۆز ئورنىدىن 2.4 مېتىر يۆتكىلىپ كەتكەن. ئامېرىكا دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېتىپ بارغان تسۇنامىنىڭ ئېگىزلىكى 2 مېتىردىن ئاشقان.
Softbank شىركىتى 11- چېسلادىن باشلاپ بىر ھەپتىگىچە بارلىق Softbank يانفونلىرىدىن يوللانغان قىسقا ئۇچۇرلاردىن ھەق ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 11:53:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2011 نىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سوۋغىلىرىنىڭ مۇقەدىمىسى ئىچىدىكى سوۋغىلار پەقەت،خالاس!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 04:07 , Processed in 0.070660 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش