يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 738|ئىنكاس: 9

شوخلا ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 18:07:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپلىگەن كىشىلەر شوخلىنىڭ"مۇھەببەت مىۋىسى"دىگەن نامدىن باشقا "ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان مېۋە"دىگەن سۈپەتلىرى بارلىغىنى بىلمەسلىگى مۇمكىن.

شوخلا نىمىشقا مۇشۇنداق  سۈپەت ناملېرىغا ئېرىشكەن؟بۇنىڭدا بىر نەچچە سەۋەپ بار،ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى ۋېتامىنC,كالىي،يىمەكلىك تالالېرى ئالمىنىڭ 20 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.قان بېسىمى يوقۇرلار ھەر كۈنى ئىككى-ئۈچ شوخلا يەپ بەرسە ،زور مىختاردا كالىي قۇبۇل قىلىپ،قان بېسىمىنى كونتۇرول قىلالايدۇ.ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالالېرى ئۈچەينى تېخىمۇ ساغلام قىلىپ،ئادەمگە تويغاندەك تۈيغۈ بېرىپ ،ئورۇقلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.شوخلىدا شىكەر تەركىبى ئىنتايىن ئاز بۇلۇپ،سەمىرىپ كېتىشنى خالىمايدىغانلار خاتىرجەم يىسە بولىدۇ.شوخلىدىكى ئەڭ ئوزۇقلۇق بۇلىدىغىنى لىكوپېن بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئەركىن رادىكالنى تازىلاش ئىختىدارى كاروتېن ۋە ۋىتامېن Eدىن يوقىرى.
ياپونىيەدە شوخلىغا ئاشىق بىر دوكتور بار،ئۇ شوخلا يەپ ئۇرۇقلاش توغۇرسىدا مەخسۇس بىر كىتاپ يازغان.ئۇ"مەن تۇغۇلۇشۇم بىلەنلا شوخلىغا ئامراق ئىدىم،بىر  كۈندە ئۈچ شوخلا ،بىر لىتىر شوخلا شىېنىسى ئىچسەم،بەختنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك بۇلۇپ كېتىمەن"دەپ يازغان.ئۇنىڭ نەزىريەسىدە شوخلا قەددىي-قامات ۋە ساغلاملىقنى ساقلايدىغان،تېرە گۈزەللەشتۇردىغان تېپىلماس گۆھەر ئىكەن.
ئۇنداق بولسا،سىزمۇ سىناپ بېقىڭ!

مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 11-مارت سانىدىن
مەشغۇلاتتا: مەن.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 18:22:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي تېخى شوخلىنىڭ مانداق ياخشى تەرەپلىرىمۇ بارمىكەن ..كىچىكىمدە قاندىكى قەنت تۆۋەنلەپ كەتكىنىدە ئاپام شىكەرنى شوخلىغا قوشۇپ يىگۈزەتتى كۈندە 2 پىيالە كېيىن دوستلىرىم چاچنى چۈشىرىۋېتىدۇ دىگەندىن كېيىن يىمەس بولغان ...ئەمدى يەپ بەرسەم بولامدۇ نىمە چېچىممۇ يېتەرلىك بولغاندىن كېيىن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 4

توردا
219 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
776
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:03:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوخلا ئەكەپ مۇنبەردە ساتايمىكىن `

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:42:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"سەمىرىدىغان ئادەم سۇ ئىچسىمۇ سەمىرىۋېرىدۇ" دېگەندەك،  مېنىڭچە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغىنى مەلۇم يېمەكلىك بولماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ساغلام تۇرمۇش ئادىتى ۋە ساغلام پىسخىكا بولۇشى كېرەك....

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:45:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمۈرنى ئۇزارتىش توغرىسىدا مېنىڭ پىكىرىممۇ سامسىپەز بىلەن بىردەك.
ساغلام بولغان پىسخىكا، ئىزچىل داۋاملاشقان بەدەن چېنىقىش ئادىتى، ناچار ئىللەتلەردىن يىراق بولغان تۇرمۇش ئىستىلى، خۇشال كەيپىيات ۋە كۆڭۈل ئارامچىلىقى قاتارلىقلار تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللاردۇر.
يىمەكلىككە كەلسەك،  مېنىڭچە گۆشلۈك تۈرىدىكى بولۇپمۇ قورىغان مايلىق تاماقلارنى نورمىلىق ئىستىمال قىلىش، كۆكتاتلارنى ۋە دانىلىق زىرائەتلەرنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىش، تاماقتىن كېيىن مۇمكىن بولسا مېۋە يەپ بېرىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇششاق يىمەكلىكلەر (ئەخلەت يىمەكلىكلەر) ۋە تەييار چۆپ تۈرىدىكى يىمەكلەرنى چەك قويۇپ ئىستىمال قىلىش كېرەك.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 14:52:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوخلىغا مەندەك ئۆچ ئادەم يوق. ئەممازە تاماققا سالماي بولمايدۇ. بىز خانىملارنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىمىز شوخلىسىز ئوخشىمايدۇ.
مۇشۇ شوخلىنى بۇرۇنلاردا ئاتا-بوۋىلىرىمىز نېمە دەپ ئاتايدىغان بولغىيدى؟ بەكمۇ بىلگۈم بار. يېڭى زامانچە تىلدىغۇ پەمىدۇر دەيدىكەنمىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 14:56:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنى بىر دەرىستىن ئادەم كۈندە ئۈچ تال شوخلا يەپ بەرسە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم. ئەمما چاچ چۈشۈرىدىنى راست جۇمۇ.
  ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغاندەك پايدىلىق، زىيانلىق تەرەپ ئوخشاشلا مەۋجۇت.

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 18:46:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوخلا ۋە يېشىل چېچەكسەي راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ھازىر راكقا تاقابىل تۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ ھەم مۇرەككەپ . ئەمما نۇرغۇن يېمەكلىك ئارىسىدا شوخلا بىلەن چېچەكسەينىڭ ئىستېمال قىلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ .

بېيجىڭ ‹‹گۇاڭئەنمېن ›› دوختۇرخانىسى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش – ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى ‹‹ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا شوخلا بىلەن چېچەكسەينىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ، دېدى . بۇلاردىن ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا شوخلا تەركىبىدىكى لىكوپننىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ، شوخلىنى چېچەكسەي بىلەن قوشۇپ يېگەندە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقى بايقالدى . ئىللنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جون ئايدمان : بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنى ئايرىم يېگەندە راكقا قارشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرى بولىدۇ . ئەگەر بۇ ئىككىسىنى قوشۇپ يېگەندە ، ئۇلارنىڭ رولى تېخىمۇ تولۇق جارى بولىدۇ ، دېدى .

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى : دۇنيادىكى نۇرغۇن سەھىيە تەشكىلاتلىرى تونۇشتۇرغان راكقا قارشى تۇرىدىغان ۋە ساغلاملىقنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر ئىچىدە شوخلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ . شوخلىنى خام يېگەندە ۋېتامىن c نى تولۇقلىغىلى بولىدۇ ؛ شوخلىنى پىشۇرۇپ يېگەندە شوخلىدىكى لىكوپىن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ . يېشىل چېچەكسەيدە فلاۋون ، ئانتوسىئانىن قاتارلىق ئوكسدلىنىشقا قارشى تەبىئىي ماددىلار بولۇپ ، راك ھۈجەيلىرىنى تىزگىنلەيدۇ .

شوخلا بىلەن يېشىل چېچەكسەينى تەڭشەپ يېيىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇسۇلى بار : بىرى ، سالات ياساپ يېيىش ؛ ئىككىنچىسى ، گۆشسىز قورۇپ يېيىش . سالات ياسىغاندا يېشىل چېچەكسەينى يالپاقلاپ ، قايناقسۇغا چىلاپلا ئېلىپ ، ئاندىن توغرالغان شوخلىغا ئازراق ئاچچىقسۇ ياكى زەيتۇن يېغى قۇيۇپ ، ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن يېسە بولىدۇ ؛ گۆشسىز قورۇغاندا قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ ، ياغ قىززىغاندىن كېيىن توغرالغان يېشىل چېچەكسەي بىلەن شوخلىنى تەڭ سېلىپ بىر نەچچە قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ ، ئازراق تۇز سېلىۋەتسە تەييار بولىدۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 19:53:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىببىي ساۋاتلارنى يوللىغان تېما ئېگىسىگە رەھمەت!

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:36:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكىلىڭە جۇلالىق ھەدە قولىڭىزنى،مىنىڭمۇ پەقەت خوشۇم يوق شوخلا بىلەن،ۋىجەن...
بولاپتىلا ،قانچىگە كىرسەم شۇنچىلىك ياشارمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 05:30 , Processed in 0.050752 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش