يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1271|ئىنكاس: 5

<<نىكاھتىن كېيىنكى مۇھەببەت>>نى ئۇنتۇپ قالماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2153

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 12:21:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىز بەلكىم بۇ خىل قاراشتىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ياكى ئۇنى توغرا تاپماي مۇھەببەت پاراڭلىرىنى قىلىش مۇھەەبەتلىشىۋاتقان ياشلارنىڭ ئىشى، تويدىن كېيىن ئەر - خوتۇنلار ھەممىشە بىللە ئۆتۈۋاتسا، يەنە قانداقتۇر ئىشق - مۇھەببەتتىن گەپ ئېچىش كېتەمدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ خىل كۆزقاراشتىكىلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ئۇلار ئەر - خوتۇنلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى داۋاملىق بىيىتىش، تولۇقلاش ۋە يېڭىلاشنىڭ زۆرۈرلىكىگە سەل قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىكاھتىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ فېزئولوگىيە جەھەتتىكى ئارلىقى قىسقارسىمۇ، ئەمما روھىي جەھەتتىكى ئارلىقى ئەكسىچە كېڭىيىپ، نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن گەپلىرى تۈگىمەيدىغان، نىكاھتىن كېيىن قىلىشقىلى گەپ تاپالمايدىغان، نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن <<بىر- بىرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپالايدىغان>>، نىكاھتىن كېيىن<<بىرەر ئېغىز گەپمۇ ئېغىر كېتىدىغان>> ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چۈشىنىدىغان يەردىمۇ چۈشەنمەيدىغان، كەچۈرىدىغان يەردىمۇ كەچۈرمەيدىغان، چىدايدىغان يەردىمۇ چىدىمايدىغان بولۇپ قېلىپ، ئەر -خوتۇنلۇق ھېسسىيات بارغانسىرى سۇسلىشىپ، بارغانسىرى ياتلىشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، بىرسى شاھمات ئويناشقا بېرىلىپ كەتسە، يەنە بىرسى تېلۋىزوردى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا ئارىدا<<ئۈچىنچى شەخس>> پەيدا بولۇپ، تالاغا قارايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.
بەزىلەر نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە تامامەن ئوخشىماي قالىدۇ. مەسىلەن، بۇرۇن مۇلايىم، سۆيۈملۈك ھەم رايىش بولغان بولسا، نىكاھتىن كېيىن بىشەم، لولا، بەغەرەز بولۇپ كېتىدۇ؛ بۇرۇن سالاپەتلىك، خۇشخۇي، ئەدەپلىك بولغان بولسا، كېيىن ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ قوپاللىشىپ كېتىدۇ؛مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدا ئارلىقى شۇنچە يېقىن بولسىمۇ، سۆيگۈ خەتلىرى ئۈزۈلمەيدۇ، ئەمما نىكاھلانغاندىن كېيىن بىرەر ئايدىن ئارتۇق كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتسىمۇ بىرەر ئېغىز گېپى ياكى بىرەر پارچە خېتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ؛ دوستلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى دائىم ئەسلەپ تۇرغىنى بىلەن ئېرىنىڭ(خوتۇنىنىڭ) تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. قىسقىسى، نىكاھلىنىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن نىكاھنى<<بىخەتەر ئىشكاپ>>قا سېلۋېتىپ، تاماق يىيىش، خىزمەت قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، ھېسسىيات بىلەن كارى بولمايدۇ. مېھرىبان ئەر - خوتۇنلار تويدىن كېيىنكى مۇھەببەتكە ئەزەلدىن سەل قارىمايدۇ. ئۇلار دائىم نىكاھتىن كېيىنكى ھېسسىياتنىڭ ساپ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىپ، بىر -بىرىنى دائىم ئاشىق - مەشۇق قاتارىدا كۆرىدۇ.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، نىكاھلانغاندىن كېيىنكى مۇھەببەت نىكاھتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. ئەر - خوتۇنلار نەچچە ئون يىللىق بوران - چاپقۇنلاردا بىللە بولۇپ، بىر-بىرىنى ئوبدان چۈشىنىپ، بىر- بىرىدىن ئايرىلماي، سۆيگۈ گۈلىنى تەڭ پەرۋىش قىلىش لازىم. بولمىسا بەخىتلىك ياشاپ، ئۆمرىنى بىللە ئۆتكۈزۈشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟!

مەنبە: ئاياللار سىردىشى

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 01:04:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت قىلىشقا تىگشلىككەن ........رەھمەت سىزگە مەرۋەرى

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1834

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 09:54:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلارنىڭ بىر نەچچە ئايغا بارماي جىدەللىشىپ ئاجراشقانلىرىدىن نەچچىسى كۆردۈم. مانا بۇ توي قىلماي تۇرۇپ بىر-بىرىنى يۈزەكى چۈشەنگەلەر ئاقىۋىتى.
نىكاھ ئەر-ئايال بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە باغلىنىدىغان زەنجىر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
19 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 20:14:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز، نىكاھتىن كىيىنكى مۇھاببەت  پەرۋىشى ھەقىقەتەن مۇھىمكەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2153

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:16:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xahla بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 20:14 دە يوللىغان
بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز، نىكاھتىن كىيىنكى مۇھاببەت  پەرۋىشى ھەقىقەتەن مۇھىمكەن.

رەھمەت شەھلا~!
يەتتە قىزلىرىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن،توغرا دىدىڭىز نىكاھتىن كېيىنكى مۇھاببەتنى پەرۋىش قىلىش بەكمۇ مۇھىم،

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:43:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ ئىتقانلىرىڭىز ئىنتايىن توغۇرا مەنمۇ شۇ بەخىتتىن بەھىرلىنىۋاتقانلارنىڭ تىپىك مىسالى سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىزنى كوروپ ئوزومنىڭ شولىسىنى كورگەندەك بولدۇم رەخمەت سىزگە ئەگەر مومكىن بولسا ھەممە كىشىلەرگە نىكاھنى قەدىرلەش توغىرسىدا ماقالە يىزىپ يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن مۇشۇ ماقالىنى يازغان قولىڭىزغا دەت يەتمىسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:29 , Processed in 0.051010 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش