يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 635|ئىنكاس: 7

يىغلىغۇم كەلدى.. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
324
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:48:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتلىق يوللىرى ئەگرى- توقاي، سىز دۇنياغا يىغلاپ تۇغۇلغان بولسىڭىز، ھەر خىل قىسمەتلەر تۈپەيلى بەزىدە يەنە شۇنداق ئاچچىق يىغلىسىڭىز، بەزىدە قاقاھلاپ كۈلۈپ دىگۈدەك ياشايسىز، ھاياتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز.
مەنمۇ ئاچچىق يىغىلىرىم بىلەن بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، بەزىدە كۈلسەم، بەزىدە يىغلاپ دىگۈدەك بۈگۈنكى كۈنگە كەپتىمەن. تەمتىلەپ مېڭىپ ئۆسمۈرلۈك ھاياتىمغا قەدەم قويۇپتىمەن، بۇ غەمسىز بالىلىقىم شۇنچىلىك تېز ئۆتۈپ بىلىپ- بىلمەي ياشلىقىمغا قەدەم قويۇپتىمەن، ياشلىقىمدا  ئۆزۈم رازى بولغىدەك بىرەر نەتىجە ياراتماستىن،مانا نەچچە يىلدىن كېيىنلا ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويۇدىكەنمەن. تۇرمۇش قىسمەتلىرى ماڭا نۇرغۇن خۇشھاللىقلارنى ئاتا قىلدى، شۇ خۇشھاللىقلارغا يانداپ نۇرغۇن خاپىلىق ۋە ئازاپلارنىمۇ ئاتا قىلدى.
ئالدىمغا قارىسام بالىلىرىمنىڭ بويلىرى مەن بىلەن تەڭ بولۇپ، يوللاردا مەن بىلەن ماڭسا سىڭلىمدەك ماڭغىدەك بوپتۇ. تېخى كىيىملىرىمنى تالىشىپمۇ قويىدۇ .
بۈگۈن ئولتۇرۇپ ئۆتمۈشۈم ۋە ھازىرىم ئۈستىدە ئويلاپ قالدىم، تۇرۇپلا يىغلىغۇم كەلدى، رادىئودىن چىققان مۇڭلۇق مۇزىكا ۋە مۇزىكىغا يانداش چىقىۋاتقان ئاۋاز مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى، ئۆزۈمنى باسالماي يىغلىۋەتتىم، بۇ يىغام بەلكىم ئۆتمۈشىمگە بولغان پۇشايمان يىغىسىدۇر، ياكى ھازىرقى بەختىم ئۈچۈن چىقىۋاتقان يىغىدۇر، مەيلى قانداق يىغا بولسۇن بۈگۈن قانغۇچە يىغلىۋالدىم، ئىچىم بوشاپ قالدى.
سىزنىڭمۇ شۇنداق كۈنلىرىڭىز بولغانمۇ؟ سىزنىڭمۇ يىغلىغۇڭىز كەلدىمۇ ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 12:36:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام سىز گە گۈلسەنەم ،ئادەملا بولىدىكەنمىز تۇرمۇش بىزگە سىز ئېيىتقاندەك ئەنە شۇنداق ھەرخىل خوشاللىق ۋە خاپىلىقلارنى سوۋغا قىلىدىكەن .مەنمۇ ھەم سىز ئېيىتقاندەك بەزى  تولىمۇ خىيالچان بولۇپ ،خىيال قىلغانسىرى يىغا تۇتىدىغان ۋە يىغلاپ سالغان چاغلىرىم بولغان ،يىغلىۋېلىشمۇ ياخشى ئىش ئادەمنىڭ ئىچى بوشاپ يىنىكلەپ قالىدۇ .
يىغلاپ بولۇپ يەنىلا غەيرەت ،ئۈمۈت بىلەن ئالغا قارىشىمىز كىرەك .

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:24:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز ئادەم بىر قېنىپ يېغلىۋالسا قايتىدىن غەيرەتكە كىلىپ بۇندىن كىين نىمە قىلىش
كېرەكلىگى كاللىمىزدا شەكىللىنىدۇ -دە ئادەم بىرخىل يىنىكلەپ قالغاندەك بىلىنىدۇ
قىسقىسى مەن شۇندىغاراق.................

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
324
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشچىراي بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 12:36 دە يوللىغان
سالام سىز گە گۈلسەنەم ،ئادەملا بولىدىكەنمىز تۇرمۇش بىزگە سىز ئېيىتقاندەك ئەنە شۇنداق ھەرخىل خوشاللىق ۋە خاپ ...

مەنلا يېڭى تېما يوللىسام مۇشۇ خۇشچىراي پەيدا بولىدۇ دېسە ، سىزلا كىرىدىغان ئىش بولسا مەن كۈندە يېڭى تېما يوللاپ تۇراي جۇمۇ

Rank: 4

توردا
210 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
742
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:45:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رادىئودىن قايسى مۇڭلۇق مۇزىكا چىققان بولغۇيدى سىزنى يىغلاتقۇدەك ```  تۈنۈگۈن مەن شۇنداق يىغلاپتىكەنمەن

بۈگۈن چۈشتىمۇ كەچتىمۇ سىمىنا قوشۇپ ئىشلىتىپ ما باشلىق بايام ئىشخانىدا بىر لاھىيلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرىمىزدەپ ئولتۇرۇپ قاراۋىتىشىم   نەدىن تەكدى ئاران تۇرغان كۆزۈمگە بىر جەينەك  خۇدايىم بىر ساقلاپ قويۋەتمىدى ئەمما ياشلارنى ئاققۇزۋەتتى بىر كۆزۈمدىن   ئىشخانىدىكى بىر قىزنىڭ جەينىكى كومپىيۇتىردىن بىرنىمە كۆرسىتىمەن دەپ جاڭلا قىلىپ قاپاق پىشانىگىمۇ ئەمەس ئۇدۇل كۆزۈمگە تەكدى دىسە خەپ  ```````  يىغلىمىغاندىم بۈگۈن ````  قىپقىزىل ما كۆز ھازىرغىچە``



تۇغۇلۇش ئاسان ياشاش ئاسان   تۇرمۇش  تەس دەپ بىر گەپلىرىمىز بارغۇ````

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 08:37:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايىلا "مەن كۈلۈشنى بىلىمەن، شۇڭا جايىدا كۈلۈپ قويىمەن" دەپ يازغاننى كۆرگەن ئىدىم بىرىنىڭ....

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تۇررۇپلا بەزى كۈنلىرى شۇنداق يىغلىغۇم كېلىدۇ. ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوقلا كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ يولدىشىمغا قاپاق تۈرگۈم كېلىپ، بالىغا ۋاقىرىغۇم كېلىپ تۇرىدۇ. بىلمەيمەن نېمىشقىدۇر، بەزىدۇ شۇنداق بولۇپ قالىمەن. بىردە ئوقۇشتىكى چاغلىرىمدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىپ بولالمىغىنىم ئۈستىدە ئويلىنىپ يىغلىسام، بىردە ھازىرقى بالا، ئۆي دەپ مۇشۇ ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا كۈندە بىللە بولۇپ خىزمىتىنى قىلالمىغىنمغا يىغلىغۇم كېلىدۇ، ھېلىدىن ھېلى تۇغقان سېغىنىپ كېتىمەن ئۆزەمچە. ئاپام نېمىشقا جىقراق بالا تۇغمىغان بولغىيتى، سىردىشىدىغانغا بىر ھەدەم ياكى سىڭلىم بولسىچۇ، دەپ كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ. ئەردىن خاپا بولۇپ، ئۆيدىن كۆڭلىڭىز سۇ ئىچمەي قالغان چاغلىرىڭىزدا شۇنداق بىرىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەنسىز. ئوغۇلبالا دېگەن يەنىلا ئوغۇلبالىكەن، ياكى بىردەم ئادەم بىلەن مۇڭدىشاي دېمىگەن. ئەرمۇ يات، تۇقغانلىرىمۇ يات. يىراقتىكى تۇغقانلىرىمنى سېغىنىپ كېتىمەن، بىر ئۇچۇپلا بارغۇم كېلىدۇ. يەنە شۇ خىزمەت، ئۆي، بالا بىلەن ئۇ ئورناق ئورناققا كەلمەيۋاتقان، ئادەمنى تۇرۇپلا يەنە يىغا تۇتىۋاتقان....ھەي،،تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن. تۇرمۇش قۇرمىغان غەمسىز چاغلار بەك پەيزىكەنتۇق، دەپ. ئوغۇللارنى قوغلىتىپ يۈرگەن چاغلار بەك پەيزىتى دەيمەن. ھازىرقىدەك جىددى بولمايتى ئادەم.
    ئۇنى دېدۇق، بۇنى دېدۇق. تۇمۇش دېگەندە بىردە كۈلۈپ، بىردە قايغۇرۇپ ئۆتىدىغان گەپكەن. شۇ بەزىدە گۈلسەنەمدەك ئۆتمۈشنى، ھازىرنى ئويلاپ يىغا تۇتىدىكەن.  مەن بولسام تېخى بەزىدە كومدىن چىقىۋاتقان مۇڭلۇق ناخشا-مۇزىكىلارغا ئىختىيارسىز يىغلايدىغانلاردىن. ئۆتمۈشتىكى ناخشىلار چىقسىمۇ يىغلايمەن، نەچچە يىل ئالدىدىكى ناخشا چىقسىمۇ كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ. شۇ چاغلاردىكى مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمغا كېلىپ ئىچىمنى بىر نېمە تاتىلىغاندەك ھېسسىياتتا بولىمەن، سەۋەپسىزلا. ئۆز-ئۆزەمگە توۋا دەيمەن. شۇ چاغدا ياشلار سىرغىپ چۈشۈپ ئادەمنى سەل يىنىكلىتىپ قويىدۇ، ئاندىن سەل پەسكويغا چۈشىدىغان گەپ. كېيىن ئويلاپ "توۋا! نېمىگە يىغلايمەن؟ نېمەم كەم؟ "غەيرەتلىك بولاي " دەپ قايتىدىن ئىشقا تۇتۇش قىلىپ كېتىمەن....
  ھەي ئىنسان دېگەن شۇنداقكەن، مەڭگۈ رازى بولۇپ ئۆتمەيدىغان. ئۆزىنى غايىۋى دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1288

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 18:32:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ كەيپىياتىم شۇنداق بىر پېتىر ...ئەتتىگەندە خېلى ياخشىتى بولمىسا بىر چۈشتىن كېيىن زادى كەيپىياتىم شۇنداق ناچار ئولتۇردۇم ، يىغلاي دىسەم ئىشخانا بەك ۋاراڭ -چۇرۇڭ پەقەت يىغلاشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت ئەمەس ، يىغلىماي دىسەم ئىچىمنى شۇنداق بىر قايغۇ بېسىۋالدى ، نەپسىم يېتىشمىگەندەك بىر بىئارام ئىشقىلىپ
ئۇلۇغ ئاللاھ ، بەندىلىرىڭنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايسەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:32 , Processed in 0.051931 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش