ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ئەي قەمەر ، قارىشڭدا مەن ھەيرەتتە قالدىم ئۇشبۇ تۈن ،
ماھى رۇخسارىڭ سېنىڭ ئون تۆت ئىكەن تولغان بۇ كۈن .
ئۇل قۇياش تارلىق قىلىپ ، چاچقانى راست ئوخشايدۇ ياغ ،
شۇل سەۋەبتىنمۇ يۈزۈڭدە بار ئەجەب يىتمەس بۇ داغ .
ئۇشبۇ داغدىن گۈل يۈزۈڭگە يەتمىدى ھېچبىر زەرەر ،
بۇ ئەسەر بىر مەڭ بولۇپ ، ھۆسنۈڭنى ئارتتۇردى مەگەر .
بىر قاراشتا گۈل يۈزۈڭگە ئاشىق بولدۇم بىقارار ،
ئوخشىغان نەركەس كۆزۈڭ خۇددى ئېلېكتىر يالتىرار .
لەۋلىرىڭنىڭ قېنى ئانار رەڭگىدىنمۇ ياخشراق ،
چىشلىرىڭ ئۈنچىدىن ، تىللىرىڭ مەھبۇبراق .
قاشلىرىڭدۇر يېڭى چىققان ئەينى شەۋۋالنىڭ ئېيى ،
سېنىڭ ئالدىڭدا باراۋەردۇر گادا ، شاھۇ بېيى .
سېھىرگەر گۈل ، كۆزگە ساقچى ، كىرىپكىڭ بىر نەيزىدۇر ،
ھەر قاراشىڭدا كېلىپ نەيزەڭ يۈرەكنى ئېزىدۇر .
ساچلىرىڭ رەقىبىڭ كۆڭلى كەبى بىر سىر قارا ،
ئەۋرىشىمدەك يەلپۈنۈپ سالدى كۆڭۈلگە جىق يارا .
قوللىرىڭنىڭ ئاقلىقى ، سۈزۈكلۈكىدىن نۇر چىقۇر ،
بۇ قوپال قولۇم بىلەن تۇتسام قولۇڭغا ھۈر چىقۇر .
تەنلىرىڭ ئالماسقا ئوخشاش ئاق سۈزۈك بىر شەئلىدۇر ،
خېنە ياققان تىرنىقىڭ مىسلى بەدەخشان لەئلىدۇر .
بويلىرىڭ زىلۋالىقى سەرۋىگە ئوخشار ئەي قەمەر ،
كۆرمىدىم ھېچبىر چىرايلىق ساڭا ئوخشاش بىر نەپەر .
تەۋرىنىپ كەتسەڭ ئەجەب يەلپۈنەدۇر بۇ ساچلىرىڭ ،
ئىلتىپاتىڭدىن ئۈمىد ئەيلەپ ئاقۇر قان - ياشلىرىم .
قاتتى ، قالدى قارىغان يەردە سېنىڭ بۇ شائىرىڭ ،
تىلسەڭ قىلغىل مۇسۇلمان ، تىلسەڭ مەن كاپىرىڭ .
ئىزاھات : بۇ شئىر تارىم ژۇرنىلىنىڭ 1979 - يىل 12 - سانىدا «ھەيرەتتە قالدىم» دېگەن ماۋزۇ بىلەن ئېلان قىلىنغان . شېئىرنىڭ مەزكۇر ۋارىيانتى 1946 - يىلى كۆچۈرۈپ خەلق قولىدا ساقلانغان يازما نۇسخا بويىچە ئېلىندى .
ھۈر - قاپارتقۇ ، ھۈررەك دېگەن مەنىدە
شەئلى - زىننەتلىك دېگەن مەنىدە
ئاپتورنىڭ «ئاچىل» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى