يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 695|ئىنكاس: 7

نەۋرىزە: كۇرستىكى ساخاۋەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:35:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزۈلمىسۇن قەلپ تارىمىز....
قۇرۇپ كەتكەن يەردىكى گىياھلار يامغۇرغا تەشنا بولىدۇ. چاڭقىغان دىللار مېھرى- مۇھەببەتكە تەشنا بولىدۇ. مانا بۈگۈن يامغۇر يامغۇر تامچىلىدى، قۇرۇپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان گىياھلار بىق ئۇرىدىغان. چاڭقىغان دىللارغا ئابى ھايات سۈيى بېرىلىدىغان بولدى. بۈگۈن مەن تولىمۇ خۇشال، چۈنكى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىشلار بىر- بىرلەپ چېچەكلەش ئارپىسىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە نۇرغۇن باغۋەنلەر ئۆز سېھرى كۈچىنى كۆرسەتمەكتە.
2010 يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە تىيانشاننىڭ جەنوبىي شىمالىدىن كەلگەن جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ مىنەۋۋەر مىللىي باشقۇرغۇچىلىرىغا، دېرىكتورلارنى دەرىجىگە كۆتۈرۈش تېمىسىدا بەش كۈنلىك داغ-دۇغۇلۇق كۇرس ئېچىلدى. بۇ كۇرس جەريانىدا پەخىرلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىگە
خاس مول بىلىملىرى بىلەن ئالاھىدە مىتۇتتا ئۆتۈلگەن ئەھمىيەتلىك دەرىسلىرىنى ئاڭلاش بىلەن ھەر قايسى شۆبە شېركەتلەردىن كەلگەن سۈيۈملۈك، جاپاكەش كەسىپداشلارنىڭ قەلپ سادالىرى بىلەن ئورتاقلاشتۇق، مەنمۇ شۇ قاتاردا نۇرغۇن كەسىپداشلارنىڭ قوللاپ- قۇۋەتلىشىگە ئېرىشتىم. كۈندىلىك دەرىس 10 سائەتتىن ئۆتۈلگىنى ئۈچۈن، ئۆيگىمۇ قايتالمىدىم. مانا مۇشۇ دەقىقىلەردە ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان نورۇزدا قىلىۋاتقان ھەر قېتىملىق مېھرى- مۇھببەتلىك پائالىيەتلىرىمىز مېنى بىردەممۇ خاتىرجەم قىلمىدى، چۈنكى ىىز 2009 يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 65- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باشلانغۇچ سىنىپىدا ئوقىۋاتقان، كىتاپ پۇلى تۆلىيەلمەيۋاتقان يىتىم-يىسىر ئىقتىسادىي ناچار ئوقۇشى سەردار بولغان 12 نەپەر ئوقىغۇچىغا كىتاپ پۇلىنى تۆلەپ بېرىپ ، سەبىيلەرنىڭ يارلانغان ئاجىز قەلبىگە مەلھەم بولغان ئىدۇق. شۇ سەبىيلەرنىڭ موڭغۇيۇپ تۇرغان نۇرسىز كۆزلىرىدە كىچىككىنە بولسىمۇ ئۈمىد يۇلتۇزلىرىنى چاقناتقان ئىدۇق، ۋە شۇنداقلا خانتەڭرى مۇنبىرى نامىدىن ۋە مېنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان، ساۋاقداشلىرىم (ساخاۋەتچى ئانىلار) بىلەن ئېسەنلىك ئىككىمىز شۇ پائالىيەتتە بولغان ئىدۇق ۋە شۇنداقلا كىرىش سۆزىدە شۇ سەبىيلەرنى ياخشى ئۆگۈنۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن ئۇلارنى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىنى ئاياقلاشتۇرغۇچە بولسىمۇ مۇشۇنداق ياردەم قىلىدىغانلىقىمىزنى تولىمۇ ئىشەنچ بىلەن بىلدۈرگەن ئىدۇق، ئۆتكەن يىلىمۇ نورۇز ئارپىسىدا بېرىپ يەنە بىر قېتىملىق مېھرىبانلىق پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن، بۇ قېتىمدا يەنە 20 ئوقۇغۇچىنىڭ كىتاپ مەسەلىسىنى ھەل قىلدۇق. شۇ چاغدىمۇ ئىقتىسات يېتىشمىگىنى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى 30 ئوغۇل مەشرىپىنىڭ ئاساسلىق مەشقاۋۇللىرىدىن ياردەم سوراپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ياردىمى بىلەن خانتەڭرى فوندى كارتىسىدىكى ئىقتىساتنى قوشۇپ ئارانلا ئۆتكۈزىۋالغان ئىدۇق. ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن خانتەڭرى مۇنبىرى ئېتىلىپ قېلىپ، خانتەڭرى مۇنبىرىنىڭ بىرەسمى فوندا كىرىملىرىدىمۇ ئۈزۈلۈش بولۇپ قالدى. كارتا ئاساسىي جەھەتتىن مىدىرلىمىدى، بىراق ئەتتراپىمىزدىكى يەنى قاتار چايدىكى ساۋاقداشلىرىم، ھەر ئايدا ئاز بولسىمۇ كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ، ئىزچىللىقنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق، ئىقتىساد يەنىلا يېتەرلىك بولمىغىنى ئۈچۈن، سەبىيلەر ئالدىدا بەرگەن ۋەدىمىز ئۈچۈن، ھەقىقەتەن باش قاتتۇرۇپ قالدىم، ئېسەنلىك بىلەنمۇ بۇ ھەقتە نەچچە قېتىم پىكىرلەشتىم. مانا بۈگۈن ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىشقا شارائىت ھازىرلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن تولىمۇ خۇشال بولىۋاتىمەن....
مەقسەتكە كەلسەم: پىلانىم بويىچە مۇشۇ قېتىملىق كۇرستا، ئازاراق بولسىمۇ ئقتىسات توپلاش نىيىتىدە باش شېركەت مەسئولىرىنىڭ بىرسىگە ئۆز تەلىۋىمنى دېگەن ئىدىم، ئەگەر قوشۇلغان بولسا سەھنىگە چىقىپ كانكىرت ئەھۋالنى ئېيتىپ، كۇرسانتلارنىڭ قولىشىغا ئېرىشىش مەقسىدىم بار ئىدى، ئەپسۇس!!! بۇنداق يىغىلىشلاردا ھەر قانداق باھانا- سەۋەپلەر بىلەن پۇل يىغىشقا بولمايدىكەن، شۇڭا بۇ توغرۇلۇق پىكىر تەلىۋىمنى توغرا كەلگەن بىر نەچچە كەسىپداشلىرىمغا دېگەن ئىدىم، ئاڭلىغان- بىلگەنلىرى، مۇشۇ قېتىنلىق نورۇزلۇق پائالىيىتىمىزنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىۋېلىشىمىز ئۈچۈن شۇنداقلا شۇ دىلى سۇنۇق سەبىيلەر ئۈچۈن ساخاۋەت قولىرىنى سۇندى.
ساخەۋەتچىلەر تۆۋەندىكىچە:
جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى قۇمۇل شۆبە شېركەت كولىكتىۋى( يەتتە نەپەر مىنەۋۋەر باشقۇرغۇچى) 155 سوم بەردى. بۇلاررنىڭ ئىسىملىكىنى يولاپ قويغۇم كەلدى.
تۇرسىئاي، سارەمگۈل، ئايشەمگۈل، ئاي سائادەت، تۇرسىنىئاي، ئىپارگۈل، مودەنگۈل قاتارلىق يەتتە نەپەر باشقۇرغۇچى.
ئاقسۇ شۆبە شېركەت بۇزۆھرە دېرىكتۇر باشلىق كولىكتىپ 295 سوم بەردى. بۇلار كونكېرت كىشىلەر تىزىملىكىنى بەرمىگىنى ئۈچۈن مۇشۇنداق يوللاشقا مەجبۇر بولدۇم.
جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى بۆرتالا شۆبە شېركەتتىكى پاتىگۈل ئابلىز خانىم، قۇلىقىغا ئانچە مۇنچە كىرىپ قالغان بۇ خەۋەر بىلەن ئۆزلىگىدىن يېنىمغا كېلىپ، تولىمۇ چىرايلىق سالاملار ۋە ھۆزرىلەر بىلەن 50 سوم بەردى.
كۈنەس شۆبە شىركەتتىكى رەيھانگۈل خانىم، بۇ ئىشتىن تولىمۇ كېچىكىپ خەۋەر تاپقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزى باشقۇرىۋاتقان كولىكتىپتىن ئىئانە توپلاپ بىزگە داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز نامىدا 30 سوم بەردى.
كورىس گۇرىپىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مەلۇم گورپىدىكى بىر نەچچە باشقۇرغۇچىمۇ 65 سوم بەردى.
زورىگۈل جىڭلى( ئۈرۈمچى شۆبە شېركەت)
ئامانگل خانىم( بۆرتالا شۆبە شېركەت)
جەمىلە خانىم كورلا( شۆبە شېركەت)
كۇرستا ئۆتىلىدىغان دەرس كۆپ، ئىمتىھان جىق، پائالىيەتلەر زىچ بولغىنى ئۈچۈن يوقىردىكىلەر پەقەت خەۋەر تاپالىغانلاردۇر. ئۈرۈمچى شۆبە شېركەت مىللى بۆلىمىدىكىلەر ئەمدى يىغماقچى، ھەقىقىي ساننى تېما ئاخىرىغا تولۇقلاپ يوللايمەن.
دېمەك يوقىرقى ساخاۋەتچىلەردىن جەمئىي: 595 سوم پۇل يىغىلدى.كارتىدىكى پۇل بىلەن جەملىسەك بۇ قېتىملىق مېھرى- مۇھەببەت يەتكۈزۈدىغان نورۇزلۇق پائالىيىتىمىزنىمۇ چوقۇم ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالايمىز!!!!
جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسىدىكى تىيانشاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يوقۇرقى كەسىپداشلىرىمغا
مۇنبەر يۈزىدە چىن دىلىمدىن چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، كۆڭلىڭلارنى شۇ سەبىھلەرگە يەتكۈزىمەن!!!
ئاخىرىدا سىلەرنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك، قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتىدىغان سۇغۇرتا كەسىپىڭلارغا زور ئۇتۇق، ئائىلەڭلەرگە بەخت، ۋە شۇنداقلا بارلىق ئىشلىرىڭلارغا ئاسايىشلىق تىللەيمەن!!!! ساخاۋەتلىك قوللىرىڭلار ھارمىغاي، ماڭغان ئىزلىرىڭلاردىن گۈللەر ئۈنگەي!!!!!
ئەسكەرتىش: جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ئۈرۈمچى شۆبە شېركەت مىللى بۆلۈمدىكى پەخىرلىك كەسىپداشلىرىم، بۇ قېتىملىق نورۇزلۇق مېھرى- مۇھەببەت يەتكۈزۈش پائائىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، خىزمىتىمنى قوللاپ نەق مەيداندا 640 سوم پۇلنى يىغىپ قولۇمغا بەردى، تولىمۇ ھاياجانلاندىم، كەسىپداشلىرىمدىن سۈيۈندۈم، بۇلاردىكى بۇ خىل روق ئۆز كەسىپى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى بىزنىڭ شۇئارىمىز: قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتۇپ، سۇغۇرتا ئېڭىنى ئېچىش، ھەر بىر ئائىلىگە مېھرى- مۇھەببەت يەتكۈزۈش!!!!يىتىم- ھىسىر سەبىھىي بالىلارغا ياردەم قىلىشمۇ مېھرى- مۇھەببەت جۈملىسىدىندۇر!!!!
بارلىق ساخەۋەتچى كەسىپداشلىرىمغا مۇنبەر يۈزىدە گۈل تەقتىم قىلاي!!!
گۈل دېگەن كۆڭۈل!!!!

[ nawriza بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:19  دە تەھرىرلىگەن. ]

[ nawriza بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:25  دە تەھرىرلىگەن. ]

sowgat gul.jpg
22222.gif
xerkat nami.jpg
xerkat nami.jpg

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1834

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:30:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيرلىك ئىشلارنى قىلىۋېتىپسىلەر. ماڭغان يولۇڭلاردىن قىزىل گۈللەر ئۈنسۇن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1288

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:08:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ....ساۋابلىق ئىشلىرىڭلار خەيرلىك بولسۇن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:24:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنىڭ مەخسىدىدىن ىەۋەر تاپقان، بىر مىنەۋۋەر ياش يىگىتمۇ، ئۆزى مېنى سۈرۈتۈرۈپ، كارتىغا 100 سوم سېپتۇ، مۇشۇنداق ياشلىرىمىز پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن!!!
بۇ يىگىتنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئاساھىشلىق تىللەيمەن!!!!
مۇنبەر يۈزىدە بولسىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2155

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمارىس ھەدەمنىڭ( بۇرۇنقى جىنەستە ھەدىمىز) بۇ تېمىسىغا مەن شۇ كۈنىلا ئىنكاس يېزىپ مەنمۇ ئۆز كۆڭلۈمنى ۋە مۇنبەردىكى مانا مۇشۇنداق ساخاۋەت ئىشلىرىغا پۈرسەت كۈتۈپ تۇرغان مېھرىبان ئانىلارغا بىلدۈرمەكچى ئىدىم، ئەمما يېقىندىن بېرى ئائىلىدە يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلار تۈپەيلى مۇنبەرگە تۈزەك كىرەلمىدىم، ئەپۇ قىلغايسىز ھەدە!
مەن ئۆز نىيتىمدە مۇنبەردىكى دوستلارغا تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق مۇنبەر نامىدىن مۇشۇ ئالدىمىزدىكى نەۋرۇز پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئويلاشقان ئىدىم، مەن بۈگۈن تۇمارىس ھەدەمگە شۇنى ئېيتماقچى مەن سىزنىڭ بۇ پائالىيىتىڭىزنى قوللايمەن، ھەمدە شۇ كۈنى ئازغىنە كۆڭلۈمنى بىلدۈرمەكچى، ئەگەر مۇنبەردە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ مەن بىلەن چ چ دا ئالاقىلىشىشنى سورايمەن.
ئىشىنىمەن، يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدە ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن قولى ئوچۇق مېھرىبان ئانىلىرىمىز چوقۇم بار!
مۇشۇ قېتىمقى پائالىيەت يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشى شۇڭا دوستلارنىڭ بۇ پائالىيەتنى يېقىندىن قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:19 دە يوللىغان
تۇمارىس ھەدەمنىڭ( بۇرۇنقى جىنەستە ھەدىمىز) بۇ تېمىسىغا مەن شۇ كۈنىلا ئىنكاس يېزىپ مەنمۇ ئۆز كۆڭلۈمنى ۋە مۇنبە ...


قىزلار قاتناشساقمۇ بولامدۇ ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2155

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:14:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغرىم بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:10 دە يوللىغان


قىزلار قاتناشساقمۇ بولامدۇ ؟


ئەلۋەتتە باغرىم، سىزدەك گۈزەل قىزلار قاتناشقان پائالىيەتتىن ئوت چىقىپ كېتىدۇ جۇمۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:16:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:14 دە يوللىغان


ئەلۋەتتە باغرىم، سىزدەك گۈزەل قىزلار قاتناشقان پائالىيەتتىن ئوت چىقىپ كېتىدۇ جۇمۇ


ئەمىسە سىزنىڭ پىكرىڭىزگە شەرتسىز ئاۋاز قوشتۇم ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:52 , Processed in 0.055672 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش