يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 647|ئىنكاس: 3

كىم دىدى؟! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
843

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:05:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم دېدى؟
كىم دېدى؟
- <ماڭا ئەركىنلىك بەر، بولمىسا جېنىمنى ئال!> - دەپتۇ ئايال مۇئەللىم دەرس ئۆتۈۋېتىپ،- ئېيتىڭلارچۇ، بۇ مەشھۇر سۆز كىمنىڭ ئاغزىدىن چىققان؟ بىلىدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار!
  ئارىدىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچى ياماتو قول كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئاندىن راۋان ئىنگىلىز تىلدا جاۋاب بېرىپتۇ:
- پاترىك ھېنرىي بۇ سۆزنى 1775-يىلى قىلغان.
- ناھايىتى توغرا. ئۇنداقتا < خەلق ئىگىدارچىلىق قىلىشى، خەلق باشقۇرىشى، خەلق بەھرىلىنىشى كېرەك > دېگەن بۇ سۆزنى كىم قىلغان؟
- 1863-يىلى ئابراھام لىنكولىن شۇنداق دېگەن.
- تامامەن توغرا!-دەپتۇ مۇئەللىم،- بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچى بەردى، ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ، ئامىرىكىدا چوڭ بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن جاۋاب بېرىدىغانلار چىقمىدى، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشتە!
- بۇ ياپونىيەلىكنى كۆزدىن يوقىتايلى!- دەپتۇ كىمدۇر بىرى.
- كىم، بۇ گەپنى قىلغان زادى كىم؟- دەپ سوراپتۇ مۇئەللىم.
- 1945-يىلى زۇڭتۇڭ تىرومىن شۇنداق بىر سۆزنى قىلغان،-دەپتۇ ياماتو.
- بۇ ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئىش بولدى-دە،-دەپتۇ يەنە بىرى.
- بولىدۇ،ەمدى بۇ گەپنى كىم قىلدى؟- دەپ سوراپتۇ مۇئەللىم ئاچچىقلاپ.
- 1991-يىلى جورجى بوش ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، شۇنداق بىر ئېغىز گەپنى قىلغاندەك قىلغان،-دېدى ياماتو جاۋاب بېرىپ.
- پاھ، تازىمۇ بولىدىكەنسەن جۇمۇ!- دېدى يەنە بىر ئوقۇغۇچى ئۈستەلنى شاپىلاقلاپ.
- 1997-يىلى بىل كلىنتون لېۋىنىسكىغا شۇنداق دېگەنىدى،- دەپتۇ ياماتو.
  بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئايال ئوقۇتقۇچى غەزەپتىن ھوشىدىن كېتىپتۇ. ساۋاقداشلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپتۇ.
- ئۆلگۈر، بىز تۈگەشتۇق!-دەپتۇ يەنە بىر ئوقۇغۇچى.
- بۇ سۆزنى گېتلىر قىلغان،- دېدى ياماتو جاۋاب بېرىپ.

مەنبە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


[ Aydar بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:06  دە تەھرىرلىگەن. ]

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
54
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:21:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامانموتو ئامىرىكا پىرىزدىنتلىرىنىڭ گەپلىرىنى يامان يادلىۋىتىپتىمۇ قانداق ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:46:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى كىتابلارنى بەك جىق ئوقۇمىساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:16:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملار سان يادلايدىغان كىشلەردە روھىي نورمالسىزلىقنى بايقىغان.
ساۋاقداش ياماموتودا سان يادلاش كېسلىدىن باشقا يەنە مەنمەنچىلىك كېسىلى بار دەپ دىئاگنوز قويدۇم.
- بۇ گەپنى كىم دىدى؟
ياماموتو ئورنىدىن تۇرۇپ جاۋاب بەردى:" 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى يەتتە قىز مۇنبىرىدىكى سايە ئاكام دىگەن".

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:19 , Processed in 0.050429 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش