يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 765|ئىنكاس: 5

مۇكەممەل نىكاھ بىر خىل غايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:01:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتلىق بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بىر قىز ئاپىسىدىن سوراپتۇ:- ئاپا تويدىن كىيىن قانداق قىلسام مۇھەببەتنى تۇتۇپ تۇرالايمەن ؟-ئەخمەق قىز مۇھەببەتنى قانداقمۇ تۇتۇپ تۇرغىلى بۇلىدۇ؟ دەپتۇ ئاپىسى قاتتىق ھەيران بۇلۇپ . نىمىشقا تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدىكەن دەپتۇ قىز ؟ ئاپىسى قىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قۇيۇپتۇ، ۋە ئىڭىشىپ يەردىن بىر ئوچۇم قۇمنى ئېلىپ قىزنىڭ ئالدىغا ئەكەپتۇ . قىز قارىسا قۇم ئاپىسىنىڭ قۇلىدا يا ئېقىپ كەتمەي يا چېچىلماي شۇ پېتى تۇرغىدەك ئارقىدىن ئاپىسى قۇلىنى چىڭ يۇمۇپتىكەن ، قۇم بارماقلىرى ئارىسىدىن سىرغىپ چۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئاپىسى بارماقلىرىنى ئاچقاندا ، قۇلىدا قالغان قۇم ناھايتى ئاز،ئەسلىدىكى تۇلۇق ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ، قىز ئاپىسىنىڭ قولىدىكى قۇمغا قاراپ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك قىلىپ بىشىنى لىڭشىتىپتۇ .
ئەمەليەتتە ئاپىسىنىڭ قىزغا دىمەكچى بولغىنى: مۇھەببەتنى تۇتۇپ تۇرۇشقا باش قاتتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق . مۇھەببەتنى تۇتۇپ تۇرۇشقا قانچە ئۇرۇنغانسىرى ، ئادەم ئۆزلىكىنى شۇنچە تىز يوقۇتۇپ قۇيىدۇ ، پىرىنسىپتىن ئايرىلىپ قالىدۇ .ئوتتۇردىكى ساقلاشقا تىگىشلىك كەڭ قورساقلىق ۋە چۈشىنىشلەر يوقىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇھەببەتنىڭمۇ قىلچە گۈزەللىكى ۋە ئەھمىيتى قالمايدۇ . بەخىتلىك ، گۈزەل مۇھەببەتنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشنى ھەر بىر ئادەم ئارزۇ قىلىدۇ ، ئۇنداقتا ئۇنداقتا مۇھەببەتكە بىر ئوچۇم قۇمغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلساق ئۇرۇنسىز بولماس. مۇھەببەت ھەرگىزمۇ خىيالىي مەنزىرە ئەمەس ، مەسلە قەيەردە دىگەندە ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ پىشانىسى ئوڭ بولغاچقا ھەقىقىي مەنىدىكى مۇھەببەتكە ئىرىشەلەيدۇ .ئۇلار دائىم مۇھەببەت دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس دەيدۇ ، ئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ مۇھەببەتكە ئىرىشەلمىگىنلا يىرى بار ھەقىقىي مۇھەببەت ئادەمنى ئۆزىگە شۇنداق مەھلىيا قىلىۋالىدۇ ، سىز ئۇنىڭغا ئېرىشىپ ھەتتا ئەتىسى ئۆلۈپ كەتسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلىسىز گۈزەل مۇھەببەت مۇكەممەللىكنى رەت قىلىدۇ ، چۈنكى مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش توققۇزى تەل بۇلۇشتىن،  ئېلىشنى بىلىپ تەقدىم قىلىشنى بىلمەسلىكتىن دېرەك بىرىدۇ. مۇكەممەللىكنى بەك قوغلىشىپ كەتسە مۇھەببەت يوقىلىدۇ.
ئېۋان ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن، ئۇ ھەممە ئىشتا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىكەن . ئۇ ھۆسىن جامالدا كامالەتكە يەتكەن بىر قىزغا ئۇچىراپتۇ ، قىزنىڭ كۆڭلىمۇ ئۇنىڭغا مايىل ئىكەن ئىككىسى ئۇزۇن ئۆتمەيلا توي قىپتۇ ، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا  ئېۋان بىر نەرسىنى بايقاپتۇ ، قىز چىرايلىق بولسىمۇ لىكىن گەپنى ئوڭشاپ دىيەلمەيدىكەن ئىشنى ئوڭشاپ قىلالمايدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىنىڭ گىپى بىر يەردىن چىقماي ئاجىرىشىپ كىتىپتۇ . ئېۋاننىڭ ئىككىنچى قېتىم ئالغان خوتۇنى چىرايلىق بۇلۇش بىلەن بىرگە ناھايتى ئىشچان ھەم زىرەك ئىكەن . لىكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئېۋان ئۇنىڭ مىجەزى ئوسال ئۆزىنىڭكىنىلا راسىت دەيدىغان ئايال ئىكەنلىكىنى سىزىپتۇ . زىرەكلىك ئۇنىڭ ئېۋاننى مەسخىرە قىلىدىغان دەسمايىسىغا ئىشچانلىق ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان ۋاستىسىگە ئايلىنىپتۇ. ئېۋان ئۇنىڭ ئېرىدىن قارىغاندا ئات كالىسىغا قورالىغا بەكراق ئوخشاپ قاپتۇ .
ئېۋان بۇنداق ئازاپقا بەرداشلىق بىرەلمەپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئىككىنچى نىكاھسىىمۇ بۇزۇلۇپتۇ . ئېۋان ئۈچىنچى قېتىم ئۆيلەنگەندە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ‹‹مىجەزى ياخشى ››بىر ماددىمۇ قۇشۇلۇپتۇ، ئۇ ئىككىسى ئىناق ئىجىل بىر بىرىدىن رازى بۇلۇپ ئۆتىشىپتۇ، يېرىم يىللاردىن كىيىن ئايال قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ ، كېسەللىك ئۇنىڭ ياشلىق جىلۋىسىنى ۋە گۈزەللىكىنى تىزلا ئېلىپ كىتىپتۇ، بۇ چاغدا ئىشچانلىق سۇدىكى لاي ، گۈزەللىك كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپتۇ . قالغىنى پەقەت ئۆز سېھرىي كۈچىنى يوقاتقان ياخشى مىجەز بوپتۇ.
ئەلۋەتتە ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئيىتقاندا ئېۋان ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىىش كېرەك ، لىكىن تۇرمۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ ئېۋان ئۈچۈن چۇڭقۇر بەخىتسىزلىك . ئېۋان ئادەمىنىڭ ئۆمرى بىرلا قېتىم كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، يۈرىكىنى قاتتىق قىلىپ ئاخىرى ئايالىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ . مۇشۇنداق بىر نەچچە قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقلاردىن كىيىن ، ئېۋان خېلى پىشىپ قاپتۇ، ياش چىرايلىق ئىشچان ، زىرەك ئىتائەتمەن ‹‹ پەرىشتە››دەك بىر قىز بىلەن ئارلىشىشقا باشلاپتۇ .ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئىچىگە پاتماي ئاخىرى قىزغا توي قىلىش تەلىپىنى قۇيۇپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن قىز يىگىتنىڭ ئۈجمە كۆڭۈل ئەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ تەلىۋىنى رەت قىپتۇ، قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان ئېۋان كىشلىك ھايات يولىدا ئەلەم بىلەن كېتىۋېتىپ ، تۇيۇقسىز ئالدىدا تۇرغان يول تاختىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ . ئۇنىڭدا مۇنداق گەپلەر بار ئىكەن . مۇكەممەللىك بىر خىل غايە، ساڭا ئون قېتىم ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بەرگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئەپسۇسلىنارلىق تەرەپلىرى چىقىپ تۇرىدۇ .

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:50:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكەممەللىكنى قوغلۇشۇش يامان  ئىش  ئەمەس  مېنىڭچە ، ئۇ بىز ئۈچۈن ، كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ چوڭى  تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ  ياخشىلاشقىچە ....... ئۇ   ھەركەتلەندۈرگۈچ بولىشى مۇمكىن !!!

بۇنىڭدا  پەقەت قارغۇلارچە قوغلاشمىساقلا ، يەنى  كۆزىمىزنى روشەن  قىلىپ ، تېخىمۇ  چوڭ ئېچىپ   مۇكەممەللىككە يۈزلەنسەك بۇنىڭ  يامىنى يوق !!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2155

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:48:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىلا نەرسىدە مۇكەممەلىكنى قوغلىشىش ئادەمنى مۇۋاپىقىيەتكە ئەمەس، ئاخىرى بېرىپ مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ، يۇقۇردىكى ئېۋاندەك نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:36:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غايىنىڭ ۋە يۈكسەكلىكنىڭ مۇكەممەل بىر كۆرىنىشى يوق. گۈزەللىكمۇ ھەم شۇنداق. ھەر كىمنىڭ گۈزەللىككە بولغان قارىشى ھەقىقەتەن ئوخشىمايدۇ.
مۇھەببەتنىڭمۇ مۇئەييەن شەكلى بولمايدۇ، گەپ مۇھەببەتنى قانداق ئىپادىلەش ۋە قانداق قۇبۇل قىلىشتا.
مۇھەببەتلىك نەزىرىمىز بىلەن ئەتراپىمىزغا باقساق، مۇھەببەتنىڭ دەل يېنىمىزدا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
ئەگەر ھېس قىلغان بولسڭىز، ئۇنى قەدىرلەڭ!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1288

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 23:39:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە ئادەملەر شۇنداق بوپ قالىدۇ ، بىر ئىشلارغا ئارتۇقچە كۈچەپ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ دىگەندەك ....ئەمما ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ھىس قىلالمايدۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:13:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكەممەللىكنى مەن ماسلىشىچانلىق دەپ ئۆزگەرتىپ چۈشىنىۋاتىمەن.
مەلۇم بىرەيلەندە بىز ئىزدىگەن ياقتۇرىدىغان ئارتۇقچىلىقلار بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما يەنە بىرەيلەننى ياخشى كۆرگەندە ، كۆڭۈل بەرگەندەك شۇ كىشىنىڭ قىسمەن يىتەرسىزلىكلىرىنى بايقىشىمۇ مۇمكىن. نەدىمۇ بەش بارماق تەپمۇ تەڭ بولغان بار. يا ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىڭىز ۋە مۇھەببىتىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى تۈگىتىڭ ياكى بولمىسا ئۇنىڭغا ماسلىشىڭ. ھامان بىرەيلەن قىسمەن قۇربانلىق بەرمىسە بۇ نىكاھنى قانداقمۇ باشقا ئېلىپ چىققىلى بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى 00:13 , Processed in 0.050656 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش