يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 488|ئىنكاس: 2

خام خىيال ۋە رېئاللىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 10:55:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كىشى باشقىلارنىڭ ئات مىنىشىگە تولىمۇ ھەۋەس قىلىدىكەن ھەمدە ئات مىنىشنى ناھايىتى ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكتەك،پىيادە يول يۈرۈشنى ئاۋارىچىلىك ۋە زېرىكىشلىك ئىشتەك ھېس قىلىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرەيلەن بۇ كىشىگە ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى كېسىپ بەرسە ،ئۇنىڭغا بىر ئات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ كىشى ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا دەرھال ئىككى پۇتىغا بىر ئاتنى تېگىشىپتۇ. ئۇ ئاتقا ئېرىشەلىگەنلىكىدىن ۋە ئات مىنەلىگەنلىكىدىن ھەقىقەتەن ناھايىتى خۇشال بوپتۇ. ئاتنىڭ ئۇچقاندەك چېپىشلىرى ئۇنى خۇددى چۈشىدە پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپتۈ. ئەمما ئۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادەمنىڭ ھەمىشە ئاتنىڭ ئۈستىدىلا يۇرمەيدىغانلىقىنى ھېس قېپتۇ. ئۇ ئاتتىن چۈشمەكچى بولغىنىدىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايقاپتۇ.
ھېكمەت:ئاتنىڭ بولماسلىقى پەقەت كىچىككىنە ۋە ۋاقىتلىق ئەپسوسلىنىش،ئەمما ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىش ئادەم ئۈچۇن ئۆمۈرلۈك ئازاپتۇر. رېئاللىق بىلەن خام خىيال ھەمىشە پەرقلىق بۇلىدۇ.ئادەم خام خىيالغا پېتىپ يۈرمەي،رېئاللىققا يۈزلىنىپ ھاياتتىن ھەقىقىي بەھرىلىنىشى كېرەك.

مەنبە: نۇر تورى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:48:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىسى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ھىكايىكەن.
بىز شۇنچىلىك خۇش بولۇپ ئېرىشكىنىمىزدە، بىلىپ بىلمەي نىمىلەردىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. ھېس قىلىشىمىز كېرەك. ئەرزىمدۇ يوق؟ بەزىدە شۇكرى قانائەتچانلىق بەندىگە تۈگمەس كۆڭۈل ئارامچىلىقى ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش بېرەلەيدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى ئىنكاسنى قالدۇرۇپ 10 نەچچە سائەتتىن كېيىن، خام خىيال ۋە رىئاللىق توغرىسىدا يەنە بىر ئويغا كېلىپ قالدىم.
ئىنساندا خام خىيالنىڭ بولماسلىقى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىلگىرلەش ۋە تەرەققىياتنىڭ بولماسلىقىدىن دېرەك بېرەرمۇ؟
تەرەققىيات بىلەن خام خىيالنىڭ مۇناسىۋېتى نىمە؟
مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرىدە دىيىلگەندەك، شۇ دەۋرلەردىكى كىشلەر يول ئازابىدىن جاق تويۇپ، ئۆيلىرىدە گىلەمدە يېتىشىپ، شۇنداق بىر ئۇچار گىلەپ بولسا، قىرىق كۈنلۈك سەپەرنى بىرلا كۈندە بېسىپ بولسا. . .
شۇنداق بىر ئەينىكىم بولسا، جاھاندىكى ھەممە ئىشلارنى شۇ ئەينىكىمدىن كۆرۈپ تۇرسام، ئۇنىڭغا جاھاننامە دەپ نام بەرسەم. . .
باۋۇدۇن دەپ بىر بالا بولغانىكەن، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزى تۇتىۋېلىشىدىن قورقۇپ، بېلىقنىڭ قارنىغا كىرىپ سۇ ئاستىغا مۆكۈۋاپتۇ . . .
يەنە شۇنىڭدەك مىساللار بىزدە كۆپ .
بۇ رىۋايەتلەردىكىنىڭ ھەممىسى ئويدۇرما ئەلۋەتتە، بىر خام خىيال، شۇ دەۋرلەردە خەلق ئۇچراۋاتقان مەلۇم بىر قىيىنچىلىق دەل مۇشۇنداق شېرىن خىيال، چۆچەكلەر بىلەن ئۆز كۆڭۈللىرىنى خۇش قىلغان ۋە باشقىلارغىمۇ زوق ئاتا قىلغان.
ئەمدى ئەمىلىيىتىمىزگە قاراپ باقايلى.
ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەشۇ خام خىياللىرىنىڭ پىلتىسىدە، مانا ئاشۇ ئاجايىپلار بىزنىڭ تۇرمىشىمىزدا ئاللىبۇرۇن پەيدا بولدى ئەمەسمۇ.
ئۇچار گىلەم دىگىنى ئايروپىلان ئەمەسمۇ، جاھاننامە ئەينىكى ھەممە ئۆيگە ئومۇملاشقان تېلىۋىزور ئەمەسمۇ، بېلىققا سىموۋول قىلىنغىنى ھازىرقى پاراخوتلار ئەمەسمۇ.
ئەگەر ئۇشۇ خام خىياللار بولمىسىدى، بىز بەلكىم تولىمۇ شۈكرى قانائەتچانلىق بىلەن تەرەققىياتنى ئىستەك قىلماي، مانا بۈگۈنگىچە تاش قوراللار دەۋرىدىن ئازراقلا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەر ئىدۇق ھەقىچان.
خام خىيالنىمۇ ئانچە مۇنچە سۈرۈپ قويايلى. خام خىيال ئۇ بىر ئەمەلگە ئېشىش ئىمكانىيىتى ئۈچۈن بىزدە تىرىشچانلىق ھۈجەيرىلىرىنى ئويغىتالىسا نىمىشقا ئەمەلگە ئاشمىغۇدەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:00 , Processed in 0.051758 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش