يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 685|ئىنكاس: 8

ئادەم بىلەن ئىتنىڭ پەرقى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:56:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بىلەن ئىتنىڭ پەرقى...

تۇرسۇن تۇردى

ئامېرىكا جەمئىيىتى ھەققىدە ئاڭلىغان شېرىن پاراڭلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەكچى بولغان ئەپەندىم ئامېرىكىغا بېرىپتۇ. بىر كۈنى تاللا بازىرىدا مال كۆرۈۋاتسا، بىر خانىم يېتىلىۋالغان ماكچاي يۈزلۈك كۈچۈك ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى يالاپ، چىشلەپ ئارام بەرمەپتۇ. كۈچۈكنىڭ قىلىقىدىن بىزار بولغان ئەپەندىم كۈچۈكنى پۇتى بىلەن نېرى ئىتتىرىپ قويغانىكەن، كۈچۈكنىڭ خوجايىنى بىشەملىك قىلىپ ‹‹كۈچۈكۈمگە ئازار بەردىڭ، روھىي تۆلەم تۆلەيسەن›› دەپ سوتقا ئەرز قىپتۇ. ئەپەندىمنىڭ تۆلىگىدەك پۇلى بولمىغاچقا، بۇ قىلمىشى ئۈچۈن نەق بىر يىل تۈرمىدە يېتىپتۇ.
بىر يىلدىن كېيىن ئەپەندىم تۈرمىدىن ئەمدىلا چىقىپ كوچىدا كېتىۋاتسا ئون ياشلاردىكى بىر قىزچاق ئاپىسىغا:
ــ ئاپا، ئاۋۇ تېررورچىغا قارا، چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ تېخىمۇ ياۋۇزلىشىپ كېتىپتۇ، ــ دەپتۇ قورققىنىدىن ئاپىسىنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈپ . بۇ گەپنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن ئەپەندىم:
ــ ھەي قىزچاق، ئەسلىدە مەن تولىمۇ مۇلايىم، تېنىچلىقپەرۋەر ئادەم ئىدىم... بىراق بۇلتۇر سىزچىلىك بىر كۈچۈككە ئازار بېرىپ قويۇپ نەق بىر يىل تۈرمىدە ياتتىم. شۇ ۋەجىدىن چاچ-ساقاللىرىم ئۆسۈپ كېتىپ مۇشۇ سىياققا كېپقالدىم، ــ دەپتىكەن، ئەپەندىم يەنە قاق بالاغا قاپتۇ. قىزچاقنىڭ ئاپىسى شۇئان ئۆڭۈپ:
ــ سەن نېمىدەپ قىزىمنى ئىتقا ئوخشىتىسەن؟! ــ دېگىنىچە ئەپەندىمنىڭ ياقىسىدىن ئاپتۇ ــ دە، سوتقا ئەرز قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەپەندىم ئىككىنچى قېتىم سوتقا تارتىلىپتۇ.
ــ ھە، نىمىشقا خەقنىڭ قىزىنى ئىتقا ئوخشاتتىڭ؟ ــ دەپ سوراقلاپتۇ سوتچى نەسىرىددىن ئەپەندىدىن.
ــ سوتچى جاناپلىرى! ــ دەپتۇ ئاچچىقتىن ئۆتى يېرىلغۇدەك بولغان ئەپەندىم، ــ بۇلتۇر بىر كۈچۈككە ئازار بېرىپ قويۇپ بىر يىل تۈرمىدە ياتتىم، مانا ئەمدى بىر قىزچاقنى كۈچۈككە ئوخشىتىپ قويۇپ يەنە سوتلىنىۋاتىمەن... شۇنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ، سىلەرنىڭ بۇ ئامېرىكىدا ئادەم بىلەن ئىتنى زادى قانداق پەرقلەندۈرىدۇ؟!


شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى.
2010-يىل 1-سان.

مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:02:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا قىلسا تامغا ئۈسۈپتۇدە، بىچارە ئەپەندىم.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
54
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:18:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنلەردە ھېلىغۇ ئىتكەن . سۈۋەرەك ، چىۋىن ، پاشا چۇسىلارنىڭمۇ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ھاشارەتپەرۋەرلىك قانۇنلىرىنى چىقمايدۇ دىيەلمەيمىز .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:04:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە ئىتىمنى ئامېرىكىغا ئاپىرىپ قويسام بوپتىكەن...

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:48:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن كەمتۈكسىز بولۇشقا شۇنچىلىك ئەھمىيەت بەردىكى، بۇ ئامىرىكىنىڭ بۇ قانۇنلىرى قانچە پۇختا بولغانسېرى كىشلەرنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا شۇنچە ئارىلاشتى. ئەركىن توۋلاشنىلا دىموكراتىيە دەپ تەشۋىق قىلدىيۇ، كىشلەر ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ ياستۇق بېشىغا قورال قويۇپ ياتىدىغان بوپ قالدى.
ئۇلار ئادەمنىڭ ئاساس بولىدىغانلىقىنى نىمىشقا ئەسكە ئالمايدىغاندۇ. ھايۋاناتلارنى قوغداش ئىلمىي جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە بىر دانە كۈچۈك  ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىنمۇ ئەزىزمىكىن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:22:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە نەرسىنىڭ ئەتىۋارى چېكىگە يېتىپ ، زادى نېمىنىڭ نېمىدىن ئەتىۋار ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرىمۇ بىلەلمەي قالغان گەپ ... دۆلىتىمىزدەك ھەممە نەرسە پاخال بولۇپ باقسۇنچۇ قېنى ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:04:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىنلىك بەك چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە، ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقىنى ئايرىيالماي قالىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:14:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىزنى ئېفىل تۈمۈر مۇنارى بىلەن توي قىلىپتۇ دىگەندە ھەيران قالغانىدىم، يەنە بىر مىليونىر ئايال ئۆزىنىڭ بارلىق مال مۈلىكىنى ئىتىغا مىراس قالدۇرۇپتۇ دىگەننى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قالغانىدىم.
ئەمدى ھەيران قالمىساممۇ بولغۇدەك، بۇنى ئادىمىيلىكتىن چەتنىگەن تەلۋىلىك دەپ چۈشىنىپ ئارام تاپتىم ، ھىم!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:21:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە بىر خەۋەردە ئوقۇسام كورىيەلىكمۇ بىر ئەر  ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ قونچاق قىز بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ. بەزىدە مۇشۇ چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ساراڭمىكىن دەپمۇ قالىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 08:06 , Processed in 0.051285 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش