يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 1126|ئىنكاس: 37
go

سىلەر نەدە؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
52 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 
نادىر
يازما
292 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 13:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، ھەممىڭىزلارنىڭ ھەپتە ئاخىردىكى دەم ئېلىش كۈنىلىڭلارغا شاتلىق ۋە بەركەت تىلەيمەن!
كەمىنە بۇ مېھرى ئىسسىق مۇنبەرگە قەدەم قويغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇنبەرگە بولغان مېھرىم ناھايتى چوڭقۇر، شۇڭا كۈندە بىرەر قېتىم يوقلىۋەتمىسەم كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ، ئەلۋەتتە مەنمۇ بىكارچى ئەمەس ، دۆلەتنىڭ چوڭ- چوڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلمىغان بىلەن، ئەمما ئۆزۈمگە تەۋە خىزمىتىمنى جايىدا ئېلىپ كېتىپ بارغان بىر مەزلۇممەن .
بىرەرسى مەندىن يەتتە قىزلىرىمغا نىمە ئۈچۈن ئەزا بولدۇڭ؟-، دەپ سوراپ قالسا مەن مۇنداق جاۋاپ بېرىمەن.
- يەتتە قىزلىرىم دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان، جۇشقۇنلۇققا چۆمگەن بىر مۇنبەر. مۇنبەردىكى چوڭ كىچىك ھەممەيلەن شۇنداق ئىناق، ئۇلاردا نە مەنمەنچىلىك، نە ھاكاۋۇرلۇق دېگەنلەردىن ئەسەر يوق، مۇنبەر مەسئۇلىدىن تارتىپ، مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزاغىچە شۇنداق قىزغىن، بۇ يەر بىلگەننى ئايىمايدىغان، بىلمىگەننى تارتىنماي سوراپ بىلىۋالىدىغان ھەقىقى بىر بىلىم سورۇنى، بۇ يەر خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي بىر سىرداش ماكانى، بۇ يەردە تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان چىۋەر، مېھرىبان، نازاكەتلىك خانىم- قىزلىرىمىز بىلەن مەسۇليەتچان، ۋىجدانلىق ئاتىلار يىغىلغان ماكان، شۇڭا مەنمۇ بۇ ماكاندىن بىر كىشلىك ئورۇن ئېلىپ، دوستلار بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىللىق ماكاننى تېخىمۇ گۈللەندۈرەي دەپ، ئەزا بولدۇم-، دەپ جاۋاپ بېرىمەن.

ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، مەيلى مەن بولاي، مەيلى كونا ئەزالار بولسۇن ۋە ياكى يېقىندىن بۇيان بەس- بەستە ئەزا بولىۋاتقان يېڭى ئەزالار بولسۇن، ھەممەيلەندە مانا مۇشۇنداق بىر ئوي بار، دەپ ئويلايمەن ھەم جەزىم قىلالايمەن.
ئەمدى بۈگۈن بۇ يەردە مۇشۇنداق بىر ئەرزىمەس تېمىنى يوللاشقا نىمە سەۋەپ بولغاندۇ؟
يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە مۇنبەر مەن كۆرگەن مۇنبەرگە زادىلا ئوخشىماي قالدى، كىرىمەن تېما يوللايمەن، ئىنكاس يازىمەن، بىراق مۇنبەر يەنىلا بىر خىل تىمتاس. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز تېمىلارنى كۆرۈپ قويۇپ چىقىپ كېتىمەن، قېنى ھېلىقى قىزغىن ئەزالار، قېنى مېنى ئۆزىگە تارتقان ھېلىقى جۇشقۇن مۇنبەر كەيپىياتى.
ھەممىمىزگە ئايان، ھازىرقى تۇرمۇش بېسىمى ۋە تۈرلۈك بېسىملار ھەقىقەتەن كىشىنى چارچىتىپ قويۋاتىدۇ، نۇرغۇنلىرىمىز ۋاقىتىمىزنى يېتىشتۈرەلمەي كېتىپ بارىمىز، مېنىڭ كىچىكلكىنە تەكلىبىم، ئاشۇ ئالدىراشچىلىقتىن ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ كۈندە بولمىسىمۇ، ئىككى كۈندە بىر بىزدەك دوستلىرىڭىزنى يوقلاپ قويسىڭىز سىزمۇ، بىزمۇ خۇش بولىمىز ئەلۋەتتە.
مۇنبەرگە يازغان ئەشۇ بىر تال ئىنكاسىڭىز ۋە بىر يازمىڭىزدىن سىزنى كۆرگەندەك بولىمىز، ئانچە- مۇنچە چاقچاقلىشىپ كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىپ، ھاردۇقىمىزنى چىقىرىمىز.بىلمىدىم  باشقىلار قانداق ئويلايدىكىن ئەمما مېنىڭ ئۈمۈدۈم مۇشۇ.

مەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە دوستلرىمىزنى ۋە ئۇلارنىڭ تېتىملىق يازما، ئىنكاسلىرىنى سېغىندىم، ئۇلارنى بار ئاۋازىم بىلەن سىلەر نەدە؟- دەپ توۋلىغۇم كەلدى.

14.jpg

ئاھۇ ھەدە:
-سىزنىڭ ئېسىل شېئىرلىرىڭىزنى ۋە بەزىدە تولىمۇ سالماق، بەزىدە تولىمۇ يۇمۇرۇستىك يېزىلىدىغان ئاشۇ تاتلىق ئىنكاسلىرىڭىزنى مۇنبەردە كۆرمىگىلى بەك، بەك ئۇزۇن بولدى، ئەجىبا مۇنبەردىن كۆڭلىڭىز قالغانمىدۇ؟

2.jpg


قىزىل گۈل ھەدە:
بىلىقىز خانىم مۇنبەرگە كىرىپتۇ دىگەندە، بىرىنچى بولۇپ مەن سىزنىڭ رادىئودىكى ئاشۇ ئېغىر- بېسىق ئاۋازىڭىزنى ، ۋە تولىمۇ ئەتتىراپلىق پىكىرلىرىڭىزنى ئويلىغان ئىدىم ۋە مۇنبەردە تۇرمۇشتا ئۇچرىغان مەسىلىلىرىمىز ھەل بولىدىغان بوپتۇ دەپ بەكمۇ خۇرسەن بولغان ئىدىم، ئەمما سىزنىمۇ ئۇزۇن بولدى كۆرمىدىم، مەرۋەرى خاپا قىلىپ قويدىمۇ يا، شۇنداق يېرى بولسا ئۆزۈم ئەدىۋىنى بېرىمەن .

3.jpg


قەھۋە:

قەھۋە، قېنىم قەھۋە ئەمدى مەن سىزنى بەك قاينىتىۋېتىمەن جۇمۇ ، مۇشۇنىڭ بىلەن سىزگە ئىككىنچى قېتىم ئېلان چىقىرىشىم، راست گەپ قىلسام مەن سىزنىڭ مەسىلىلەرگە، تۇرمۇشقا بولغان چوڭقۇر تەپەككۈرلىرىڭىزگە بەك قايىلمەن، ئىنكاسلىرىڭىز ئادەمنى ئويغا سالىدۇ، لېكىن بىلمىدىم يېقىندىن بۇيان مۇنبەردە بار، ئەمما ئىنكاس ياكى يازما يوق، ئەجىبا تېمىلار سىزگە يارىمىدىمۇ؟

5.jpg


ئايقىز ھەدە:
مەن ئايقىز ھەدەم بىلەن مۇنبەردە ئەسرالىشىپ باقىمىغان بولساممۇ، ئەمما بۇرۇنقى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ تۇردۇم، يېقىنقى ئىككى كۈندە ئايقىز ھەدەم كىرىپ بىر نەچچە تېمىنى تەستىقلاپ قويۇپلا يوق، بىلمىدىم ، كۇنۇپكا تاختىڭىز بۇزۇلۇپ قالدىمۇ يا شۇنداق بولسا قىسمەت ئەپەندىم سىز ئۈچۈن خىزمەتتە جۇمۇ . ھەدە مۇنبەرنىڭ پىشقەدەملىرى ئۇل سالغۇچىلىرى سىلەر، ئۆزۈڭلا رقۇرغان ماكاننى بۇنداق بىزدەك تەنتەكلەرگە تاشلاپ قويۇپ يوقاپ كەتمەڭلار ، مەن سىلەرنى بەك سېغىندىم .

6.jpg


ئايدارغا:
مەن مۇنبەرگە ئەزا بولماي تۇرۇپ ئوقۇغان تۇنجى تېمام<<يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە قىسسە>>،<< دادا مېنى باغرىڭغا باس>>، <<ئىپپەت ئاچىقۇچى>>،<< تۇغۇت جېڭى>> قاتارلىق ھېكايە، پوۋسېت ۋە چۆچەكلەر بولغان ئىدى، مۇشۇنداق قەلەمكەشلەر بىلەن مۇشۇنداق بىر ماكاندا تونۇشۇپ، پىكىرلىشەلەيدىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلغان ئىدىم، ئەپسۇس، ئايدار سىزنىڭ <<مەن ۋاقتىمنى ئىزدەۋاتىمەن>> دىگەن ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ سىزنىڭ شۇنچىلىك ئالدىراشلىقىڭىزنى ھېس قىلغان بولساممۇ، ئەمما يەنىلا سىزگە:
-قىممەتلىك ۋاقتىڭىزدىن يېرىم سائەتنى مۇنبەرگە بېرەلەمسىز؟-، دىگۈم كەلدى.

63_avatar_middle.jpg


سايىگە:

مۇنبەرگە كىرىپلا مۇشائىرىگە، يۇمۇرغا قېتىپ قويۇپ خاپا قىلىپ قويغاندىمەنمۇ بۇ بالىنى، دەپ شۇنداق ئازاپلىنىپ كېتىمەن بەزى كۈنلىرى، ھەتتا نەچچە كۈن ئۇيقىسىز ئۆتكۈزدۈم بۇ سوغۇق ئۇزۇن تۈنلەرنى ، ھەي سايە، ھەي سايە قايسى قىزلارنىڭ كەينىدە يۈرۈيدىغانسىز، ئانار، باغرىم، مەرىملەر بىرلىشىپ بېرىپ سۆرەپ ئەكىرمىگۈچە كىرمەمسىز يا، ئەگەر شۇنداق ئويىڭىز بولسا مەنمۇ قوشۇلۇپ باراي زادى . كىچىككىنە ئۆتۈنۈش، ئاۋۇ ئۆزگىچە دۇنيارىڭىز بەك بويۇن قىسىپ قاپتۇ، ئۇنداق قىلماڭ، ئۇ كىچىككىنە سىرلىق ماكان چۆلدەرەپ قالمىسۇن.

4.jpg


كەتمەنباي:
مەن مۇنبەرگە كىرىپلا ئۈستى تەرەپتىكى قىزىق خەتكۈچلەر دېگەن يەردىن مۇبارەك ئىسمىڭىزنى چېكىپ نۇرغۇنلىغان ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان ئىدىم شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ بۇ مۇنبەرگە كىرىپ خاتا قىلمىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغان ئىدىم، ئەپسۇس مەن ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان سىزنى مۇنبەردە زادىلا ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم، نىمە ۋەجىدىن شۇنداق بولغانلىقىنى بىلمىدىم، ئەمما يەنىلا چوقۇم تۇرمۇش، خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بوپ قالغان بولسا ھامان كىرىدۇ دەپ ئۆز- ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ كەلدىم، شۇنداقمۇ كەتمەنباي، مېنىڭ ئويۇم توغۇرمۇ؟-، سىز چوقۇم قايتىپ كېلىسىز شۇنداقمۇ ؟

8.jpg


دېلداش:

تىببىي مەسلەھەت سورىماقچى ياكى داۋالانماقچى بولسىڭىز  ، بۇ سىزغۇ دەيمەن، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن شېئىرلىرىڭىزمۇ بار، مەن سىزنىڭ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر بۇ تەرىپىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈنگەن ئىدىم، شېئىرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغاندىن باشقا، سىزدىن ھاجىتىم چۈشكەندە تىببىي مەسلىھەت سوراي دەپمۇ ئويلىغان، لېكىن سىزمۇ ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭىز، مۇنبەردە بۇ ئېلاننى كۆرۈپ مەسلىھەت سورايدىغانلار بەك جىق بولۇپ كېتىپ، كىرگۈڭىز كەلمەي قالدىمۇ يا .
چاقچانىمۇ قىلدىم، دېلداش سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز مۇنبەرگە ھۆسۈن قوشاتتى، يوقاپ كەتمەڭ!




Rank: 3Rank: 3

توردا
52 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 
نادىر
يازما
292 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 13:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
9.jpg


خۇشچىراي:

مەن سىزنىڭ ۋەدىڭىزدە تۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشنىمەن، قېنى خانىم- قىزلىرىمىز ئۈچۈن بىر خىزمەت قىلۋەتمەمسىز، سىزگە ئالدىنقى قېتىم ئىلان چىقارغاندا بېرىلگەن جازانىڭ ئېغىرلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، دەرھال مۇنبەرگە كىرىڭ .

12.jpg


قىپقىزىل ئانار:

ئانارنىڭ دورلىق قىممىتىنىڭ يۇقۇرلىقىنى، بولۇپمۇ مۇشۇ پەسىلدە يۈرىكى ئاجىزلارنىڭ بەس- بەستە ئىستىمال قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما مۇنبەردىكى سىزنىڭ قېرىنداش سۈپەت دوستلىرىڭىزنىڭمۇ يۈرىكىگە مەلھەم بولۇپ قويغىڭىز يوقمۇ ، مەرىم سىزنى كۈندە ياد ئېتىۋاتقان بولۇشى، يوقاپ كەتسىڭىز ئەنسىرىگەن بولۇشى مۆمكىن، بىزمۇ ھەم شۇنداق ئەنسىرىدۇق، شۇڭا يوقاپ كەتمەي كىرىپ تۇرۇڭ!

10.jpg


ئۇلۇغبىككە:

تېما، ئىنكاسلاردىن قارىسام يېقىن خوشنىلاردەك قىلىسىلەر، ئۇنداق تەڭ يوقاپ كەتمەي ، بىر-بىرىڭلارنىڭ دېرىكىنى ئېلىشىپ، مۇنبەردىكىلەرگە خەۋىرىڭلارنى بېرىپ تۇرۇڭلار، سىزنىڭ قانۇن بىلىملىرىدىن مۇنبەردىكىلەرنى پاتا-پات خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، دوستلىرىڭىزغا ئارلاپ- ئارالاپ قىزىق، قىزىق يۇمۇرلارنى ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنى شاتلاندۇرىشىڭىزنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن!

13.jpg


دىدار ئايلا:
ئۆتكەن كۈنلەرگە بومبا خارەكتىرلىك چاقچاقتىن بىرنى قىلۋېتىپلا ئاشۇنداق ئايلاپ يوقاپ كېتىدىغان گەپما؟ بىزلەرنىمۇ قېتىپ باقسىڭىزا شۇ چاقچاقلىرىڭىزغا ، بىزمۇ بىر ئېيتىشىپ باقىلى ، داپەنجىنىڭ لازىسى جىق بوپ كېتىپ مىجەزلىرى يوق بوپ قالدىمۇ يا ، ئۇنداق قىلماي كىرىپ تۇرۇڭ!

7.jpg


روھچىنغا:

ئىۋۋۋۇۇۇ بىلوگدىكى ئېسىل- ئېسىل ئەسەرلەرنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ بىزلەرگىمۇ كۆرسىتىپ قويۇڭ ئۇنداق قىلماي، بىر چىمەنىستان بىلەن جىممىدە يوقاپ كەتمەي .

1.jpg


جەۋلانىي:

مۇنبەرنىڭ قايتا ئېچىلغنالىقنى بىلمەي قاپتىمەن دەپ كىرمىەەنغىغۇ بوپتۇ دەيلى، ئەمدى ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا يوقاپ كېتىدىغاندۇ دەيمەن ، جەۋلانىي ئۇنداق قىلماي مۇنبەرداشلارنى يوقلاپ تۇرۇڭ!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1875 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 13:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەڭ ئاۋال مەن بارلىق دوستلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈپ سورايمەن! مۇشۇ نەچچە كۈن ئۆزۇممۇ تۈزەك كىرىپ بولالمىدىم، بۈگۈندىن باشلاپ چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرگە كىرىپ تۇرىمەن، دوستلارنىڭ مۇنبەرنى قوللاپ- قۇۋەتلىگىنىگە كۆپ رەھمەت!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
20 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
43 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 13:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت گۈلسەنەم سىڭلىم ۋە 7قىزلىرىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار،قىزىلگۈلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!
ھازىرقى جەمئىيەتتە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمنى سېغىنىپ ياد ئېتىشى،چىرايلىق ،يېقىملىق سۆزلەر بىلەن تەرىپلەپ كۆڭلىنى ياسىشىمۇ بىر سەنئەت،بىر بىلىم  ،بايلىق ۋە ئالىيجانابلىق ھېسابلىنىدۇ.گۈلسەنەم سىڭلىمىزنىڭ تورداشلار قاتارىدا مېنىمۇ ياد ئەتكەنلىكىدىن  تولىمۇ سۆيۈندۈم.
نەچچە كۈندىن بېرى سەل ئالدىراش ،يەنە ئازراق ساقسىز بولۇپ قېلىپ،7قىزلىرىمغا كىرەلمىدىم.لېكىن ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق.ۋاقىت چىقىرىپ سىلەر بىلەن يازما ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق دىدارلىشىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.

تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 3Rank: 3

توردا
95 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
310 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي  ۋۇي ، نىمانچە  ئېسىل  ئېلانلار  بۇ

بۇ  دوسلار  كۆرسە  يۈگۈرۈپ  دىگۈدەك كىرگۇدەكلا  ئېلانكەن    7 قىزنىڭ  مۇشۇنداق  يەرلىرى ئېسىل دە گەرچە  ماڭا  ئېلان  بېرىدىغانلار  بولمىسىمۇ  ئامراقتە مەن بۇ  مۇنبەرگە  

[ tiwix بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:08  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
52 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 
نادىر
يازما
292 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز كۈندە بار تىۋىش شۇڭا ئېلان يازمىدىم، سىزگە ئېلان ئەمەس كەلتۈرۈپ تۇرۇپ يۇمۇردىن بىرنى كەلتۈرىمەن ھېلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
249 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1644 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ماڭا ئېلان قاچان چىقار دەپ ماراپلا ئولتۇردۇم يەنىلا يوققۇ

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
249 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1644 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئېلاننىڭ رولى بولۇپ قىزىلگۈل ھەدىمىز بىرىنچى بولۇپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ.
ئالدى بىلەن سەنەمجانغا رەھمەت ئېيتىمەن.  يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنى شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆز كۆرۈپ نۇرغۇن ئەجىرلەرنى سىڭدۈردىڭىز.  مۇنبەرنىڭ نەچچە كۈندىكى ئەھۋالىنى كۈزىتىپ مۇنبەرداشلارغا چاقىرىق يوللغىنىڭىز ھەممەيلەننى خۇشال قىلىۋەتتى. يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى سىز ۋە باشقا قەدىناس دوستلار بولغاچقا تېخىمۇ گۈللەنگۈسى!
سەنەمجان ئۆتكەن كۈنلەر ئاكىمىزغىمۇ ئېلاندىن بىرنى
يەنە ئۇزاق ۋاقىت كىرمىگەنلەرمۇ بار داۋاملىق، بولمىسا مەن چ چ دا دەپ بەرگىلى تۇراي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
249 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1644 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنبەرگە مۇشۇ يېقىندا كىرمىگەنلەر تىزىملىكى:
ئېلان چىقىرىش سەنەمجانغا قالدى.
جىلۋە ھەدەم سەپەرگە چىقىپ كەتتى پات ئارىدا كىرىدۇ.
جىنەستە يەنى دىلبەر ناسىر ھەدىمىز
مېھراي مۇھەممەت ھەدىمىز
ئايچىۋەر ھەدىمىز
دىلەيسەم جۇشى
ۋاپادار
ئۆكسۈش
سەكىنە
توتېم
يۈرەك ئوغرىسى
قارشى قىرغاق
جاھاندار
جىدەلخور
باغرىم
زەپەر
ئەرۋاھ
خەندان
ئېسىل
كامىران
سەنسىز
مۇخلىسە
بابۇر
نازىل
مايماق
نازىنىن
تەسكىن
كىنوچى
سەلتەنەت
ئايگۈل
نەئىمە
جاھانگىر
ياپراق
ئىسىملىرى چىقماي قالغان مۇنبەرداشلار قەتئىي خاپا بولماڭلار. مەن بار دەپ ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىۋەتسەڭلار تېخى ياخشى گۇناھىڭلاردىن ئوڭايراق ئۆتىمىز. جازامۇ يېنىكلىتىلىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
254 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
726 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
    گۈلدەك سەنەم جانىم، تېمىڭىزنى كۆرۈپ ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئىشقا سەل قارىغىنىمنى ھېس قىلدىم. يېقىندىن بۇيان خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن مۇنبەرگە كۆپ كىرىپ بولالمىغىنىم راست، (كاماندىروپكىنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆيدىكىلەرمۇ چىدىماي قالدى ھازىر ). خىزمەت دەپلا باشچىلاپ يۈرۈپلا كېتىۋاتىمەن، يا دەرىجەم ئۆسۈپمۇ قالمىدى بولمىسا . ئەسلى ئېيتپ قويۇشنى ئويلىغان ئىدىم، ئەمما بەك...بەك...بەك...ئالدىراش بولۇپ قالدىم. ئەمما مەن مۇنبەرگە كىرىپلا سالام بەرگەنىدىم، كۆرمەي قاپسىز جانىم. ھە راست، مېنىڭ كومپيۇتېرىمنىىڭ باشبېتى ”يەتتە قىز“ نى ئاچسا، بىۋاستىلا coffee دەپ كۆرۈنىدۇ، شۇڭا مەن بولمىساممۇ باردەك كۆرۈنىمەن بەزىدە.

     يېقىندىن بۇيان مۇنبەر ئەزالىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، يىتىشىۋاتىدۇ، جانلىنىۋاتىدۇ. مۇنبەرگە بىرەر كۈن كىرەلمەي قالغان كۈنلەردە نېمە تېما يوللانغاندۇ، قانداق ئىنكاسلار چۈشكەندۇ، دەپ ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. گۈلسەنەمدەك ئىقتىدارلىق ئېلانچىلار ئادەمنى ئۆزىگە قىززىقتۇرۇپ يۈگىرەپ يۈرۈپ كىرگۈزىۋاتىدۇ. دېگەن بىلەن مېھرى ئىسسق مۇنبەر بۇ. ئاياللار توپلاشقان جاي دېگەن ھامان ئىللىق، مېھىرلىك، جەلپ قىلارلىق بولىدىكەن. بۇلارنىڭ ھەممسى مۇنبەرنىڭ كارامىتى.
  
    مۇشۇ گۈلسەنەمنىڭ ئەدەبىي ئىقتىدارىغا قول قويىمەن، مۇنبەردىكى خېلى مەن-مەن دېگەنلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئادەمنى ئويغا سالىدىغان، ھەقىقى نەرسىلەرنى يازىدۇ. قەلىمى ئۆتكۈر، تىلى راۋان، يەنە تېخى بۇ قىزنىڭ ئىملانى شۇنچىلىك توغرا يازىدىغان يېرى بەك يارايدۇ ماڭا.
    سىزنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىڭىزنى، يوقاپ كەتكەنلەرنى تېزراق قايتۇرۇپ ئەكىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن! مۇنبەر سىز ۋە سىزگە ئوخشاش تۇرمۇشنى، ئەدەبىياتنى سۆيىدىغانلارغا مۇھتاج!!!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:28 , Processed in 0.106869 second(s), 10 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.