يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 474|ئىنكاس: 5

ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:43:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش






يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى سەنشىخاڭزا مەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالتە يېشىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ دەۋىتى بىلەن مەھەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپكە كىرىپ دىنىي ساۋاتلارنى، جۈملىدىن ئەرەب-پارس تىل- يېزىقى، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەن ھەمدە نەۋائى قاتارلىق كلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. 1935-يىلى ئۈرۈمچىدە پەننىي مەكتەپلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى چوڭ مەسچىت ( ھازىرقى خانتەڭرى مەسچىت)يېنىدا قۇرۇلغان «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1938-يىلى كۈزدە ئۈرۈمچى 1- گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1941-يىلى 7-ئايدا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ئىمىن تۇرسۇن «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچى 2-گىمنازىيىگە قاتناپ يۈرۈپ يېرىم يىلدەك رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن. ئارقىدىن يەنە خەنزۇ 1- باشلانغۇچ مەكتەپتە ھەر كۈنى كەچلىك كۇرسقا قاتنىشىپ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن. 1- گىمنازىيىدە ئوقۇش جەريانىدىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىلمىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1941-يىلى 1-گىمنازىيىنى ئەلا نەتىجەبىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان ۋە 1945-يىلىغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى 6-مەكتەپ، 7-مەكتەپ، 4- مەركىزىيمەكتەپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. - 1944يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەركىزىي تەلىم ئۆمىكى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ 4- مەدەنىيەت-مائارىپ قارارىدا ئوقۇغان. تىرىشچان ئىمىن تۇرسۇن بۇ مەزگىللەردە بىرتەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش مەركىزىي ئۇيۇشمىسىنىڭ قارىمىقىدىكى سانائىي نەفىسىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۆمەكنىڭ بەدىئىي يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك سەنئەتبۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 1946-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىگە مۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ تەيىنلىنىپ، كېرىيىدە خىزمەت قىلغان. 1948-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ 1950-يىلى 1-ئايغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

    ئالىم ئىمىن تۇرسۇن 1950-يىلى
-1ئايدا سابىق ئۆلكىلىك مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەھرىر-تەرجىمە باشقارمىسىغا يۆتكەلدى. بۇ باشقارما 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بولۇپ قۇرۇلدى. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1983-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى، تەھرىربۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن نەشرىيات باشلىقى، قوشۇمچە لۇغەت تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقىۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ، جۈملىدىن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ ئارىدا
-1956يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق تىل-يېزىق تەتقىقات كومىتېتى (ھازىرقى ش ئۇ ئا رمىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى) غا ئالمىشىپ ، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدى. 1983-يىلى 5-ئايدىن 1991-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى ۋە 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن پېنسىيىگە چىقتى.
ئىلىم- مەرىپەتكە ئىشتىياق باغلىغان ھەم جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىزدەنگۈچىلەر نەتىجىگە ئېرىشمەي قالمايدۇ. كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ھەم ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئىزدىنىشنى ئۆزئادىتىگە ئايلاندۇرغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى مەيلى گۆدەك چاغلىرىدىكى دىنىي ساۋات چىقىرىش جەريانىدا بولسۇن ياكى دەسلەپكى پەننىي ساۋات چىقىرىش جەريانلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەم جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، بوشاشماي ئۆگەندى، ئىزدەندى. خەنزۇ تىلى، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، رۇس تىلى ۋە قېرىنداش تۈركىي تىللارنى، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر
تىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئەدەبىي ھەم ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىنى مەكتەپنىڭ تام گېزىتلىرىگە شېئىر يېزىش بىلەن باشلىغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى خىزمەت جەريانىدا قانداق مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن قەتئىينەزەر، باشتىن-ئاخىر ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى،يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمە- تەھرىرلىك ئىشلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئىشلەپ كەلدى ۋە بۇساھەلەردە ئىزدەندى.

-1940يىللاردىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان « ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئون يىلى» (، « ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەققىدە» ، « ئەدەبىي مىراس ھەم ۋەسىقىلىمىز» قاتارلىق دەسلەپكى تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن باشلانغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىقات پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىزداۋاملاشتۇردى ھەم قەتئىي بوشاشماي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ تۆھپىكارى، پىشقەدەم نەشرىياتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئالىم سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.
ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يېڭى-دەۋر ئۇيغۇر تىل ۋەتەرجىمە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئاز ئەمەس. ئالىم -1950يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1954-يىلى شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان. 1956-يىلى تىل-يېزىق تەتقىقات كومىتېتىغا يۆتكىلىپ، تەتقىقات بۆلۈمى (ھازىرقى تىل-يېزىق كومىتېتى تەتقىقات باشقارمىسى) نىڭ مۇدىرى بولغاندىن كېيىن، تىل-يېزىق ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1956-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى قېتىملىق تىل تەكشۈرۈش مەزگىلىدە سابىق سوۋېت تۈركولوگى تېنىشېف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىنى تەكشۈرۈش 6-ئەترىتىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 1962-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكەلگەندىن كېيىنمۇ تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى توختاتمىدى ھەمدە «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچەقىسقىچە لۇغەت» نى تولۇقلاپ ئىشلىدى. بۇ كىتاب 1962-يىلى ۋە 1978-يىلئىككى قېتىم نەشر قىلىندى .
ئالىم يەنە كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى جەھەتتىمۇ داۋاملىق ئىزدەندى ۋە مول نەتىجىلەرنى ياراتتى. 1957-يىلى كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن زەلىلى ھەققىدە «زەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، زەلىلىنى تۇنجى بولۇپ خەلقىمىزگە تونۇشتۇردى. 80-يىللاردىن كېيىن ئالەمشۇمۇل مەشھۇر ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك«نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى تەييارلاشتىكى تەشكىللەش ۋە تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشتى ھەمدە ئەسەرنىڭ «كىرىش سۆز»ىنى يېزىپ، بۇ ئەسەرگە ئەتراپلىق باھا بەردى. كلاسسىك ئەسەرلەردىن «زەلىلى دىۋانى»، «تارىخ تەبەرى»، «دىۋانى ھېكمەت»قاتارلىقلارنى نەشرگە تەييارلىدى. -1990يىلى 6-ئايدا ئالىمنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا دائىرتاللانغان تەتقىقات ماقالىلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن «تارىمدىن تامچە» ناملىق ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئالىم 80-يىللاردىن كېيىن يەنە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلدى، شۇنداقلا تۈرلۈك ئىلمىي يىغىنلاردا ماقالىلەرنى ئوقۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەسىپداش ئالىملارنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.
ئالىمنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك، نەشرىياتچىلىق ساھەلىرىدىكى ئەمگەكلىرىمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. «يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق»، «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى»، «جىڭگاڭشەندىكى كۈرەش »، «ھەۋەسكار يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت»، « جوڭيۈئەندىن چېگرا رايونغا»، «قىزىل بايراق شەجەرىسى» (ئۈچ قىسىملىق رومان)، «قىزىل قۇياش»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «غەربكە ساياھەت» ، «بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى»، «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 2-قىسىم 1-كىتابى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلدى ياكى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشتى. « جامىئۇل ھېكايەت»، « كەلىلە ۋە دەمىنە»، «مىڭ بىر كېچە »گە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى ۋە كۆپلىگەن كىرىش سۆز يازدى. نەشرىياتچىلىقتىكى ئىقتىدارى ۋە مول كەسپىي ئەمگەكلىرى بەدىلىگە ئالىي مۇھەررىر كەسپىي ئۇنۋانىغا ئەڭ دەسلەپمۇ يەسسەر بولغان بۇ ئالىم كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىكىنى تەشكىللەپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.
ئالىم تونۇلغان ئەدىب ۋە شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا مەكتەپ تام گېزىتىگە شېئىر يېزىشقا باشلىغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 30-يىللارنىڭ باشلىرىدىلاباشلانغان، 40-يىللاردا خېلى راۋاجلانغان ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ غوللۇق ۋەكىلى ۋە تۆھپىكارى ئىدى. ئازادلىقنىڭ ئالدىدا ئۇ «دەۋرانى» تەخەللۇسى بىلەن كۆپلىگەن شېئىرلارنى ئېلان قىلغان بولسا، ئازادلىقتىن كېيىن مەتبۇئاتچىلىق خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سابىق «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى»(ھازىرقى«تارىم») ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. ئالىمنىڭ ھازىرغا قەدەر«ھەۋەس»، «سەپەر سەزگۈلىرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «نەۋائى ھەققىدە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، «بۇلاقتىن بىر ئوتلام»، «نورۇزنامە» قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەرلىرى ۋە «ئون ئىككىمۇقامنىڭ مىللىي خاسلىقى»، «شېئىرىيىتىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرايلى»، «رىقابەت دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي مۇلاھىزە خاراكتېرىدىكى ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.يەنە «بالدۇرقىغا ئوخشىماس» (شېئىرلار توپلىمى)، « تىل- دىلنىڭ كىلىتى» (ماقالىلارتوپلىمى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەييارلاپ نەشرگە تاپشۇردى. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى ئېلىمىزدىكى خەنزۇ ۋە باشقا مىللەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن باشقا يەنە ئىنگىلىز، ياپون، نېمىس، رۇس، پارس، تۈرك ۋە ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى.
نام-مەنپەئەت قوغلاشماي، تىل-ئەدەبىيات، تەرجىمە، تارىخ ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەلىرىدە خالىسانە ئىشلىگەن بۇ ئالىم مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش بىلەن بىللە ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىق قىلىش-تونۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. 56-، 57-يىللىرىلا تەكلىپ بىلەن ياشلار ئارىسىدا تۇرمۇش، مۇھەببەت ۋە غايە ھەققىدە لېكسىيىلەرسۆزلەپ، ياشلارنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن ئالىم تا ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر تۈرلۈك سورۇنلاردا ئەخلاق، ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت تېمىلىرىدا سۆزلەپ،ياشلارنىڭ توغرا تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە بولۇشىغا بەلگىلىك تۈرتكە بولۇپ كەلدى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا خىزمەت جەريانىدا ياراملىق كەسىپ ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى ئالاھىدە مۇھىم دەپ بىلىپ كەلگەن بۇ ئالىم تا بۈگۈنگە قەدەر ياش- ئوتتۇرا ياش كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ياخشى ياردەم، مەسلىھەتلەرنى بېرىپ كەلدى. سالامەتلىكى يار بەرسىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ، تىل-يېزىق، مەدەنىي-مائارىپ، تارىخ ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بويىچە ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىپ ،كۆپ قېتىم مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە« ئون ئىككى مۇقام»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تونۇشتۇردى.
-1990، -1991يىللىرى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە بارغاندا، بۇ ئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن كۆپ قېتىم تۈرلۈك تېمىلاردىكى ئىلمىي مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقاردى. 80-يىللاردىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە تەكلىپ بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ كەلدى ھەم ئۇلارنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى. ئومۇمەن، ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئىلىم-مەدەنىيەت ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.
ئالىم 1978-،1983-يىللىرىسىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 1-ۋە 4- نۆۋەتلىك ئىجرائىي ھەيئەت ئەزاسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 1- ۋە 4-نۆۋەتلىك ئىجرائىي ھەيئەت ئەزاسى بولدى. 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ جەمئىيەتكە مۇئاۋىن باشلىق ھەم باش كاتىپ بولۇپ سايلاندى.  ئالىمنىڭ ھاياتى «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، « تارىم»، «بۇلاق»قاتارلىق  گېزىت-ژۇرناللار ۋە رادىئولاردا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.«جۇڭگو يازغۇچىلار قامۇسى»، «جۇڭگو تەرجىمانلار قامۇسى»، «جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەرقامۇسى »، «دۇنياۋى مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى قامۇسى» قاتارلىقلاردا ئالىمنىڭ نامى ۋە ئىش ئىزلىرى بېرىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەيازغۇچىلار جەمئىيىتى 1994-يىلى ئالىمنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقىنى قۇتلۇقلاپ مەخسۇس«ئىمىن تۇرسۇن ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، ئالىمنىڭ ئىلمىيپائالىيەتلىرىگە ۋە ئۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو مىللەتلەرتىللىرى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقاتى جەمئىيىتى، جۇڭگوئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى جەمئىيىتى، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقاتى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى، 12 مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي جەمئىيەتلەرگە قاتنىشىپ، كۆپلىرىدە مەسلىھەتچى،دائىمىي ھەيئەت ئەزا، مۇئاۋىن مۇدىر قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولۇپ كەلدى. تا بۈگۈنگە قەدەر قولىدىن قەلەم، قەلبىدىن ئىلىم ئىشتىياقى كەتمىگەن تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى2011 –يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى87 يىشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى  . قەلەم ۋە ئىلمنى تۇتقۇچىلار دەۋرنىڭ جىنى ۋە تۈۋرىكى. خەلق ئۆز دەۋرىدىكى بۇنداق تۈۋرۈكلەرنى ھامان ئەسلەيدۇ. ياش ئەۋلادلار بۇنداق ئاتا، ئۇستازلىرىنىڭ ئىلىم سۆيەر روھى ۋە يۈكسەك ئەخلاقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ.


مەنبە: http://www.nur.cn/html/news/17567.shtml

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىم بۇ مۇتەپپەككۇر ئالىممىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغايسەن........

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:10:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەنەتتە بولغاي!

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:23:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە  بولسۇن!  بەك ،،،،،،،،،،،،

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:56:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى ياخشى بولغاي!
ئەسلەپ تۇرىمىز..........

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 01:11:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنى ھەردائىما ئەسلەپ تۇرىمىز!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:14 , Processed in 0.052821 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش