يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 857|ئىنكاس: 10

يولدىشىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلاي دېسىڭىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:22:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولدىشىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلاي دېسىڭىز

قۇرۇق سەپسەتە قۇلاققا ياقمايدۇ ، پەقەت سەمىمىي سۆھبەتلا ئەر – خوتوننىڭ ئۆز ئارا ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ . ئاياللار ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلىشتا ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشى زۆرۈر .


   ئۇنىڭ دوستىغا ئايلىنىڭ ، ئەركىنلىكىنى بوغماڭ ، قىزىقىشىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ . ئېرىڭىزنى ئىلگىرىكى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىشكە قىستىماڭ ، ئۇنداق قىلسىڭىز ئۇ ئۆزىگە ئوخشىماي قالىدۇ .


   ئېرىڭىزنىڭ دەردىنى چۈشىنىڭ ، قارىغۇنى ياردا قىستىغاندەك ئىش قىلماڭ ، مۇھىمى ئۇنىڭ خوجايىنغا ئايلىنىپ قالماڭ . ئەرلەرنىڭ كەسپى ۋە شۇنىڭغا تۇشلۇق بېسىمى ، ئارزۇ – ئارمىنى بولىدۇ ، شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ بارلىقى دەپ ئويلىماڭ ، ئىچ سىرىنى سۆزلىمىگىنىدىن رەنجىپمۇ يۈرمەڭ .


   ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىگە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىڭ ، مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىنى توغرا تونۇڭ .


   ھەممە كىشىنىڭ ئۆتمۈشى بولىدۇ ، شۇڭا ئېرىڭىزنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن قالماڭ . ئۆتمۈشتىكى ئىسمىنىمۇ بىلمىگەن ئاتالمىش ‹‹نازىنىن ›› بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپمۇ يۈرمەڭ ، بولمىسا چارچاپ قالىسىز . ئۆزىڭىزنىڭمۇ ھېكايىسى بارلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ .



   ئەگەر ئۇ سىزنى سۆيسە ، ھەردائىم دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ، شۇڭا ئۇنى كۈندە نەچچە رەت ‹‹سېنى سۆيىمەن ›› دېيىشكە قىستىماڭ . ئاياللار تەسەللىگە مۇھتاج بولغاندەك ئەرلەرمۇ تەسەللى ئىستەيدۇ ، شۇڭا بۇنداق شەكىلۋازلىق بىلەن ئۇنىمۇ ، ئۆزىڭىزنىمۇ ھاردۇرۇۋالماڭ .


   مۇستەقىل بولۇڭ ، گەرچە ئاياللارنىڭ ئېرىگە بېقىنىپ ياشىشى بەرھەق بولسىمۇ ، ئېرىڭىزنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتىنى ھەر دائىم قولىڭىزدا قاماللىۋالماڭ . ئۆزىڭىزگە تۇشلۇق تەپەككۇر شەكلىڭىز ۋە كەسپىڭىز بولسۇن ، شۇندىلا ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى مۇھىم كىشىگە ئايلىنالايسىز .


   ئېرىڭىزنىڭ يات جىنىستىن دوست تۇتۇشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەڭ ، بۇ نورمال ئىجتىمائىي ئالاقە ، ئەگەر پەقەت خاتىرجەم بولالمىسىڭىز ، قارشى تەرەپ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قېلىڭ . قۇم سىقىمدىغاندەك ھالەتكە چۈشۈپ قالماڭ ، قانچە چىڭ سىقىمدىسىڭىز ، قۇم شۇنچە ئېقىپ كېتىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن مەسلەكداش بولۇڭ ، سىزدەك مەسلەكداش تۇرغان يەردە ، ئۇ سىرتتا ‹‹دەرد تۆكۈپ ›› يۈرمەيدۇ


يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 17:22:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل بەتلىرىمىزگە يېزىۋالغۇدەك  دۇردانىلەركەن ھارمىغايسىز قېرىندىشىم...........

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:14:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىپ ياتاق ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىپ كۈندە بىر رەت كۆرۈپ تۇرغىدەك تېما ئىكەن، كۆپ رەھمەت ئارمان تاشقىن قېرىندىشىم!

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلارنىڭ <<سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يۇق ،  ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يۇق  >> دىگىنى راسىتكەن .

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 02:17:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي قىلىشتىن بۇرۇن جىق ئۆگىنىپ تەييارلىق قىلىۋالىدىغان بولدۇم .....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:41:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇستەقىل بولۇڭ ، گەرچە ئاياللارنىڭ ئېرىگە بېقىنىپ ياشىشى بەرھەق بولسىمۇ ، ئېرىڭىزنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتىنى ھەر دائىم قولىڭىزدا قاماللىۋالماڭ . ئۆزىڭىزگە تۇشلۇق تەپەككۇر شەكلىڭىز ۋە كەسپىڭىز بولسۇن ، شۇندىلا ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى مۇھىم كىشىگە ئايلىنالايسىز .
----------------------------------------
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن ئاياللارغا بەكلا ماس كېلىدىكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:42:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hilal بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 02:17 دە يوللىغان
توي قىلىشتىن بۇرۇن جىق ئۆگىنىپ تەييارلىق قىلىۋالىدىغان بولدۇم .....

تەييارلىقنى بەك پۇختا قىلىۋالماڭ. قارشى تەرەپكىمۇ ئازراق يۇچۇق قالسۇن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:04:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر گەپلەر بارغۇ، قولىڭىزنىڭ ئالقىنغا بىر ئوچۇم قۇم ئېلىپ چىڭ سىقىمداپ تۇرۇپ بېقىڭ، شۇنداقلا بوشراق سىقىمداپ بېقىڭ.  تۇرمۇش دېگەن ھامان ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ، ئەمما تەقدىرىڭىز يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا.

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:33:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا  نىمانچە  ئامراقكىن  دىسەم   ئەسلىدە  مەن  رام  قىلىۋىلىپ  بولغانىكەنمەن دە بەك  تەماننا   قويماي  يەنە  تولۇقلاپ  تۇراي  جۇمۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:41:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن رام بولۇش باسقۇچىدا، ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرەي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:06 , Processed in 0.049719 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش