يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 527|ئىنكاس: 4

ئەمانىڭ قۇش تۇتۇشى( ن پولات) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:22:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىت ئۆيلەندى.ئۇنىڭ ئايالىنىڭ  ئاكىسى ئەما ئىدى. بىر كۈنى يىگىت بۇ قىينىئاكىسىنى چۈشۈنىشكە ئالدىراپ،ئۇنى بىللە ئوۋ ئوۋلاپ كىلىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ.
_ مەن كۆرەلمەيمەن ،_ دېدى ئەما_ ئەمما ئىككىمىز بىللە بارساق قىينىلىپ قالماسمەن دەيمەن.
يىگىت ئەما قىينى ئاكىسىنى باشلاپ بىر چاتقاللىقدىن ماڭدى،بۇ يەردىكى چىغىر يول ئەماغا تونۇشلۇق بولغاچقا،ھىچ قىينالمايلا يىگىتكە ئەگىشىپ ماڭدى.لىكىن بىر ئازدىن كىيىن ئۇلار بۈككىدە ئورمانلىققا كىردى.بۇيەردە دەرەخلەر قويۇق ،ھايۋانلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماكانى ئىدى.ئەمدىلىكتە ئەما سىڭلىسىنىڭ يولدىشىغا چېڭ يىپىشقىنىچە قۇلقىغا كىرگەنلە ئاۋازنى ئىيتىپ ماڭدى.گەرچە ئۇ ھىچنىمىنى كۆرەلمىسىمۇ،بىراق ئاۋازدىن ھايۋانلارنى پەرىقلەندۈرەلەيتتى.
ئۇ تۇرۇپلا:<< ماۋۇ يەردە بىر قۇچقاچ ئۇچماقچى بولىۋاتىدۇ>> دەيتتى. بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلار قاپقان قۇرۇشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان بىر يەرگە يىتېپ كەلدى.ئەما يىگىتنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن،ئۆزىنىڭ قاپقىنىنى قۇشلار كىلىپ سۇ ئىچىش ئىھتىماللىقى بولغان يەرگە قۇردى. يىگىتمۇ ئۆزىنىڭكىنى ئۇنىڭكىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەرگە قۇردى،ئاندىن قۇشلارنىڭ سىزىپ قالماسلىقى ئۈچۈن،قاپقاننىڭ ئۈستىنى شاخ-شۇمبىلار بىلەن چانمىغۇدەك قىلىپ يىپىپ قويدى. يىگىت كۈننىڭ ئوتتەك تەپتىگە چىدىماي،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئايالىنىڭ يىنىغا بىرىۋىلىشغا ئالدىرغانلىقتىن ،ئەمانىڭ قاپقىنىنىڭ ئۈستىنى يىپېىپ قويدىغانغا بوينىدىن سۆرىگەندەك باردىيۇ،ئەمما يىپىپ قويمىدى. ئەما بۇنى سەزمىدى،ئەمدىلىكتە قۇشلارنىڭ بۇ قاپقانى بايقاپ قىلىشى ئىھتىمالغا يىقىن ئىدى.
ئەتىسى ،ئۇلار  قاپقان قۇرغان يەرگە كەلدى.ئەما زور ئۈمۈتتە ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتاتتى ،يىگىت بولسا ئۇنى بىسىپ ئاۋارە ئىدى.تىخى قاپقان قۇرغان يەرگە بارماي تۇرۇپلا ،ئەما قاپقانغا چوقۇم ئولجا چۈشكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
_ قۇشنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ،قاپقانغا چۈشۈپتۇ ،_دېدى ئۇ. يىگىت ئۆزە قۇرغان قاپقانىڭ يىنىغا كەلدى،دەرۋەقە قاپقاندا بىر كىچىك قۇش تۇراتتى . ئۇ قۇشنى قاپقاندىن چىقىرىپ يىنىدىكى خالتىسىغا سالدى. ئارقىدىنلا ئىككەيلەن ئەمانىڭ قاپقىنىغا قاراپ ماڭدى.
_ قاپقاندا قۇش بار ئىكەن ،سىزمۇ بىر قۇش تۇتۇپسىز،_دىدى يىگىت ئەماغا. شۇ چاغدا يىگىت ئەماغا بىر ئاز ھەسەت قىلدى.چۈنكە ئەمانىڭ قاپقىنىغا چۈشكەن قۇشنىڭ رەڭگى بەك چىرايلىق ،خۇددى ھەسەن- ھۈسەندەك رەڭدار ئىدى. ئۇ بۇ قۇشنىڭ پەيلىرىنى ئايالىغا سوۋغا قىلسا ،قانچە خوشال بولار ئىدى _ ھە!!!بىراق ، ئەمانىڭمۇ  ئايالى بار- دە،ئەلۋەتتە ئۇمۇ بۇ پەيلەرنى  ئايالىغا سوۋغا قىلىشنى ئويلايدىغاندۇ؟  يىگىت  ئىڭىشىپ قاپقاندىن قۇشنى ئالدى_دە ،چاقماق تىزلىگىدە ئۆزىنىڭ قۇشى بىلەن ئالماشتۇرىۋالدى،كىچىك قۇشنى ئەماغا بىرىپ ،ھىلىقى رەڭلىك قۇشنى ئۆزى ئالدى.
_مانا بۇ سىزنىڭ قۇشىڭىز،_دىدى ئۇ قۇشنى ئەماغا بىرىپ.
ئەما قۇشنى ئىلىپ ئۇنىڭ پەيلىرىنى سىلاپ كەتتى،ئاندىن گەپمۇ قىلماستىن قۇشنى خالتىسىغا سالدى . ئۇلار ئۈيگە قايتىۋىتىپ يىرىم يولدا بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئالغاچ نۇرغۇن ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلاشتى .يىگىت ئەمانىڭ  تولىمۇ بىلىملىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. گەرچە ئۇ ھىچنىمىنى كۆرەلمىسىمۇ ،بىلىدىغانلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى.
_ ئادەملەر نىمىشقا بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالىدۇ؟_دەپ سورىدى يىگىت ئەمادىن .بۇ ئۇنى ئۇزۇندىن بۇيان قىيناپ كىلىۋاتقان مەسىلە ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە ئەمانىڭ ئۆزىگە قايىل قىلارلىق جاۋاپ بىرەلەيدىغان ياكى بىرەلمەيدىغانلىقىنى بۈلمەكچى ئىدى.
ئەما بىر پەس سۈكۈتكە چۆمدى.يىگىت ئۇنى ئويلىنىۋاتىدۇ،دوپ ئويلىدى. بىردەمدىن  كىيىن ئەما بىشىنى كۆتۈرۈپ يىگىتكە تىكىلىۋىدى،ئەمانىڭ كۆزلىرى گويا ئۇنىڭ روھىيىتىگە بىسىپ كىرگەندەك تۇيولدى.
_ئۇلار سىز بايام ماڭا قىلغاننى بىر-بىرىگە قىلغانلىقى ئۈچۈن دۈشمەنلىشىدۇ،_ دەپ جاۋاپ بەردى ئەما سالماقلىق بىلەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ يىگىت چۈچۈپ كەتتى  ھەم تولىمۇ خىجىللىقتا قالدى. ئۇ بىرەر مۇۋاپىق جاۋاپ تىپىشقا تىرىشتىيۇ،تاپالمىدى،ئاخىر خالتىسىدىن ھىلىقى رەڭدار قۇشنى ئىلىپ ئەماغا سۇندى.
ئەما قۇشنى ئىلىپ سىلاپ قويدى _دە،كۈلۈمسىرگىنىچە:
_يەنە باشقا سوئالىڭىز بارمۇ؟_دەپ سورىدى.
_ بار،_دىدى يىگىت_ئادەملار دۈشمەنلىشىپ قالغاندىن كىيىن قانداق قىلغاندا يەنە دوستلىشىپ قالالايدۇ؟  ئەما يەنە كۈلۈمسىرگىنىچە:
_ئۇلار  سىز ھازىر قىلغاندەك قىلالىسا يەنە دوستلىشىپ قالالايدۇ ،_دىدى.
      
          مەنبە:                 <<     دۇنيا ئەدەبىياتى >>

jyi.jpg

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
324
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:19:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستچىللىق ۋە سەمىمىيلىك ئادەمنىڭ زىنىتتى دەپ ناھايتى توغرا ئېيتقان دانالار!
كۆزى كۆرمىگەن بىلەن كۆڭۈل كۆزى ساق يىگىتتىنمۇ روشەن ئىكەن ئەمەسمۇ، قىسقا ئاددى بولغان بىر ۋەقەللىكتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالغىلى بولغىدەك، رەھمەت!

Rank: 2

توردا
109 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
267
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 02:14:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق تەسىرلىنىپ كەتتىم ........ئەجەپ ئەپۇجانكەن .....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1834

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:38:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەما كىشلەرنىڭ قەلبى بىرەر نەرسىنى سېزىشتە كۆزى ساق ئادەملەرنىڭكىدىن تېز بولىدۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم.
باشقىلارغا تېگىشلىك نەرسىنى ئۇلارنى كۆرمىدى دەپلا يۇشۇرىۋالغىنىڭ بىلەن بۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچى زات باردۇر. ھەر قانداق ئىشنىڭ سورىقى بار.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:54:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئەما قانداق بىلىپتۇ ئالماشتۇرىۋالغىنىنى؟ شۇنى يازماپسىزغۇ؟ داۋامى بارمۇ يە؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:51 , Processed in 0.049852 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش