يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 678|ئىنكاس: 4

تاڭ سىڭ سۈن ۋۇكۇڭغا نېمىشقا شۇنچە ئۆچ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 20:24:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپتورى: يى جىيەنمىڭ
فىليەتون


«غەربكە ساياھەت» تىلۋىزىيە تىياتىرىدا تاڭ سىڭ بىر نەچچە قېتىم سۈن ۋۇكۇڭنى قوغلىۋىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىك بولغان« پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىش»دا تاڭ سىڭ ئۈچ قېتىم چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇپ، مايمۇننى 3 قېتىم قوغلايدۇ.ئاخىرى قىلچىمۇ رەھىم قىلماي  سۈن ۋۇكۇڭنى چىمەنتاغقا قايتۇرىۋىتىدۇ.
تاڭ سىڭ نىمە ئۈچۈن چوڭ شاگىرتىغا بۇنچىلىك ئۆچلۈك قىلىدۇ؟ بۇ پەقەت تاڭ سىڭنىڭ سۈن ۋۇكۇڭنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدەك شۇنداق ئاددىيمۇ؟ئۇنداق ئەمەس! خاتا چۈشىنىپ قىلىش پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈش ھەم باھانە تېپىش. ئەمەلىيەتتە تاڭ سىڭ ئۇزۇندىن بېرى رەھبەرنى كۆزگە ئىلماي، ماھارىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرگەن سۇن ۋۇكۇڭدىن ئۆچ ئالماقچى.
نوم ئېلىش سەپىرىدە سۈن ۋۇكۇڭ يول بويى ماھارىتىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى. جىن -ئالۋاستىلار بىلەن تۇتۇشۇشماي تۇرۇپ،« پىقىر 500 يىلنىڭ ئالدىدا ئەرشنى مالىمان قىلغان سۈن ئەۋلىيا
ئەزەم بولىمەن» دەپ پو ئاتتى. ئالاھىدە ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە«72 خىل ئۆزگىرەلەيمەن»، «بىر موللاقتا 18 مىڭ ئالەمنى ئايلىنىپ چىقىمەن» دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىدى. بۇ گەپلەر بىر -ئىككى قېتىم بولسىغۇ بوپتۇ دېگۈلۈك. لېكىن ئۇ بۇ ئىشىنى توختاتمىدى. بۇقولىدىن ئىش كەلمەيدىغان رەھبەر بولغۇچى تاڭ سىڭغا نىسبەتەن نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ماھارىتىڭ بولسا بوپتۇ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلساڭ بولدى.مەغرىپتىن -مەشرىققىچە ھەممىلا يەردە ئۆزۈڭنى داڭلاپ يۈرۈشنىڭ نە ھاجىتى؟بۇ رەھبەر بىلەن ئابروي تالاشقانلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ «تەشكىلسىز»، «قائىدىسىز»،«رەھبەرسىز»ھالدا شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئىش بىجىرىش ئىستىلى.كىشىنىڭ ئەڭ زەردىسىنى قاينىتىدىغىنى پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنى تېپىش ئۈچۈن مىڭىشنىڭ ئالدىدا سۈن ۋۇكۇڭنىڭ يەرگە چەمبىرەك سىزىپ تاڭ سىڭنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقى. رەھبەرنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈۋۇكۇڭ تاڭسىڭنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەسلىكىنى بۇ ئۇسۇل بىلەن مەسخىرە قىلماسلىقى ئۇنى ئوڭايسىلاندۇرماسلىقى كېرەك ئىدى.
ئۈچ شاگىرت ئىچىدە،باجىي، شاسىڭلارنىڭ ماھارىتى ئۇستازىدىن ئۈستۈن. نىمە ئۈچۈن ئۇلار تاڭ سىڭنىڭ قوغلىشىغا ئۇچىرىمايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جىن-ئالۋاستىلار بىلەن ئېلىشقاندا ئۆزىنى داڭلىمايدۇ. باجىينىڭ قۇلىقى يۇمشاق، شاسىڭ يۇۋاش.باجىي ھەرقانداق ئىشتا تاڭسىڭدىن يوليورۇق سورايدۇ.قانداق ھەل قىلىش رەھبەرنىڭ ئىشى، ئۆز ھوقۇق دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئىشلارغا قول تىقماسلىق كېرەك. شاسىڭ تېخىمۇ شۇنداق.تاڭ سىڭ نىمە بۇيرۇسا شۇنى قىلىدۇ.پەقەت سۈن مايمۇنلا ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ،ماھارىتىنى كۆز -كۆز قىلىپ پۈتۈن ئالەمدە چۇقان -سۈرەن سېلىپ يۈرىدۇ. رەھبەر بىلەن ماسلاشمايدۇ.تاڭ سىڭ ئالتۇن بۇددا دىننىي مۇخلىسى تۇرۇپ نىمىشقا سۈن مايمۇنغا بۇنچىلىك ئاچچىقلانمىغۇدەك؟


كېلىش مەنبەس: ئىزدەش ماتورى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
289
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 04:45:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدايىم ، ھاھاھا ...  مەن ئىزچىل تاڭسىڭنى سۇن مايمۇنغا بەك ئامراق دەپ يۇرۇپتىمەن ، ئەسلىدە تاڭسىڭمۇ ئۈزىنىڭ بىخەتەر نوم ئەكىۋېلىشى ئۈچۈن چىدىغانكەندە ........

بىر گەپ ئىسىمگە كەلدى : ئاق ئات مىنگەنگەننىڭ ھەممىسى شاھزادە ئەمەس . بەلكىم ئۇ تاڭسىڭ .......

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:34:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇنۋۇكۇڭدەك ياشاشمۇ بۇلمىسا ، يا بىز دە تاڭسىڭدەك ئەپسۇن ئۇقۇيدىغان << قابىليەت >> بۇلمىسا ، ئۇنداقتا باجىدەك  قۇلىقى يۇمشاق ھەم بىر ۋاق تاماق ئۆچۇن ھەممىدىن كىچىدىغان ، خۇشامەتچى ، شاسىڭدەك ياۋاش ، يۇمشاق ، ھەممە ئىشتا رەھبەرنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان بۇلساق ئاندىن  تۇرمۇشىمىزدكى << خىزمەتلەرنى >> ياخشى قىلغان ، ھەم  ھازىرقى تۇرمۇش پەلسەپىسى بۇيچە ياشىغان بۇلىدىكەنمىز - دە .

[ arman-taxkin بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:18  دە تەھرىرلىگەن. ]

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:28:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇنۋۇكۇڭنىڭ كاللىسى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئېچىلىپ كېتىپتىكەنمۇ دەيمەن.
بىزلەر ھازىرقى دەۋىرگە كەلگەندە سۇنۋۇكۇڭدىن ئەقىللىق بوپ كەتمەي قۇلىقى يۇمشاق باجىي بىلەن شاسىڭنىڭ روھىدىن بارغانسېرى ئۈگۈنىۋاتىمىز.........

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
835

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:26:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوخشىتىش تولىمۇ ئوبرازلىق بوپتۇ.
شۇ ۋەقەلىكلەرنى ھازىرقىغا سېلىشتۇرساق، تاڭ سىڭدەك كەڭ قورساق باشلىقلار ئاز جۇمۇ. ئوبدان ئىشلىمىسە تېخى، بەك ئوبدان ئىشلىۋەتسە تېخى. نىمىلا قىلسا ئوڭغا تارتمايۋاتقاندەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 04:45 , Processed in 0.052777 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش